ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 16:32:58

«سۇدىن كەلگەن خەت» كە جاۋاپ: سۇ ھەممىنى بىلەمدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 04:54  

خېلى بۇرۇن توردا سۇ ھەممىنى بىلىدۇ نامدىكى سىننىڭ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئانچە ئېرەن قىلماپتىكەنمەن.يېقىندا يەنە شۇ سىننى تارقىتىپ ھەمبەھىر قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇ توغۇرلۇق تېما ئېچىپ قويۇشنى لايىق تاپقان.توردىن ئىزدەپ باقسام ئوساكا ئونۋىرسىتى تور مىدىيە مەركىزىدىن كىكۇچى ماكودو پىروفىسورنىڭ بۇ توغۇرلۇق يازغان ماقالىسى ئۇچراپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن شۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

«سۇدىن كەلگەن خەت»نى چۆرىدەپ
ئوساكا ئونۋىرسىتى تور مىدىيە مەركىزىدىن كىكۇچى ماكودو

1.سۇدىن كەلگەن خەت
ئالبوم «سۇدىن كەلگەن خەت»IHM تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئېموتو ماسارۇ ئەپەندىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ياساپ چىققان سۇ كىرىستالىنىڭ رەسىملەر توپلىمى بولۇپ كىتاپنى ۋاراقلىغىنىمىزدا چىرايلىق سۇ كىرىستاللىرى كەينى كەينىدىن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.ئالبوم ئۆز ھىسابىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ ياخشى سېتىلىپ ھازىرغىچە vol.3غىچە نەشىردىن چىقىرىلغان.باشقا نەشىرياتلارمۇ ئېموتو ئەپەندىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىتاپلىرىنى كۆپلەپ نەشىر قىلىپ،مۇشۇ خىلدىكى كىتاپلارنى نەشىر قىلىدىغان سانمارك نەشىرياتى ۋە توكۇما كىتاپخانىسىدىن باشقا داڭلىق كوداڭشىيا نەشىرياتىنىڭمۇ ۋ س د قىستۇرمىسى بار كىتاپنى نەشىر قىلىشى دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

بۇ ئەلبومدىكى رەسىملەر چىرايلىق بولسا مەيلى ئىدى،ئەمما ئاجايىپ ھەيراق قالارلىق ئىبارىلەر يېزىلغان.مەسلەن سۇغا «رەھمەت» دىگەن سۆزنى كۆرسەتكەندە(سۇ قاچىلىغان بوتولكىغا خەت بېسىلغان قەغەزنى چاپلاپ كۆرسەتكەن) .شۇ سۇدا چىققان سۇ كىرىستالى ئىنتايىن چىرايلىق چىققاننىڭ ئەكسىچە «ئۈلۈم» دىگەندەك خەتنى كۆرسەتكەن سۇدىن چىرايلىق كىرىستال چىقمىغان دىگەندەك.ئەلۋەتتە،«تېنىچلىق» سۆزىدىن چىرايلىق كىرىستال چىققان بولسا،«ئۇرۇش» سۆزىدىن چىقمىغان قاتارلىق سۆز بىلەن كىرىستالنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلۇم باغلىنىشى بار بولغان.
بۇنىڭ ساختا پەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.سۆزنىڭ مەنىسى ياكى مەزمونى سۇنىڭ ڧىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە تەسىر قىلىدۇ دىگەندەك ئاجايىپ كۆز قاراش بولۇپ،ئىلىم پەن بۇنداق قاراشنى ئېنىق رەت قىلىدۇ.پەن تېخنىكىلىق مەسلە دەپ قاراش بەلكىم «ئىشىك ئالدىدىلا رەت قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ» دىسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا بىر قىسىم «ساختا پەن كۆزىتىش» قىزىقىشى بار ئالىملاردىن باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتمىغان.ئۇنداقلا ئەمەس،«جانلىقمۇ بولمىغان سۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ گىپىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دىگەن گەپ ئالىملارنىڭلا ئەمەس،ئازراقلا ساۋادى بار ئادەملەر ئۈچۈن ئاڭلىغان نەق مەيداندىلا ئەخمەق قىلىنىشىغا ئۇچرىشى كېرەك بولغان دەرىجىدىكى گەپلەر بولىشى كېرەك ئىدى.شۇ مەنىدىن ئالغاندا بۇنى ساختا پەن دىگەندىن كۆرە بىدئەت دىنغا يېقىنراق.ئەمما بۇ «تەجرىبە نەتىجىسى» دىيىلىپ كىتاپقا بېسىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «پەن تېخنىكا ھەقىقىتى» ئويلاپ قالغان بولىشى مومكىن.
بىزنىڭ بۇ مەسلىگە دېققەت قىلىشىمىز ئاز بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ مەزمونلارنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەخلاق دەرىسلىكىنىڭ مەزمونى قىلىپ ئۈتىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر.«سۆز سۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تەسىر قىلىدۇ،ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇ ئىگەللەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سۆز ئادەم بەدىنىگىمۇ تەسىر قىلىدۇ.چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتەيلى » دىگەنلەردىن ئىبارەت.بۇ دەرسلىك ئالدى بىلەنTOSS (مۇئارىپ تېخنىكىسىنى قانۇنىيەتلەشتۈرۈش ھەركىتى) دەپ ئاتىلىدىغان ھەركەتكە قاتناشقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا تارقالغان.مۇئارىپ ئىشلىرىغا قىزغىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىمىشقا بۇ قاراشنى قۇبۇل قىلغانلىقىنىڭ بىر قانچە  سەۋەبى كاللامغا كەلسىمۇ بۇندىن كىيىن دەلىلىشىمگە توغرا كىلىدۇ.TOSS نىڭ باش بىتىدىن بۇ دەرس تتوغرىسدىكى مەزمونلار ھازىر پۈتۈنلەي ئۈچۈرۋېتىلگەن بولۇپ،TOSSنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى ئەمىلىيىتىدىن ئۆتكۈزمىگەن دەپ قارىساقمۇ،ئاللا بۇرۇن TOSS دىن باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسدىمۇ تارقىلىپ كەتكەن.
قانچلىك تارقىلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئوساكاMBS تىلىۋىزىيە ئىستانسى خەۋەرلەر پىروگىرامىسىنىڭ نىشىمىيا شەھرىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ چىقساق بولىدۇ.شۇ نەتىجىگە ئاساسلانغاندا پەقەت نىيىشمىيا شەھرىدە ئاز دىگەندەك 14 مەكتەپتە بۇ مەزمونلار دەرىسلىك مەزمونىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈتۈلىۋاتقانلىقىنى  توردىن ئىزدەپ باقساق بىلەلەيمىز.
يەنە بىر تەرەپتىن،داڭلىق ناخشىچى كودا كۇمى يېقىندا چىققان تىلىۋىزىيە پىروگىرامىسىدا «سۇدىن كەلگەن خەت» نى قوللاپ تۇنۇشتۇرغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

2.دولقۇن
«سۇدىن كەلگەن خەت» دولقۇن توغۇرلۇق بايانلار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ،بىزمۇ بۇ توغۇرلۇق پاراڭلىرىمىزنى دولقۇندىن باشلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.ئالدى بىلەن دەپ قويىدىغىنىمىز بۇلارنىڭ داۋاتقان دولقۇننى تىپىك ساختا پەندىن ئىبارەت.راستىنى ئېيىتقاندا «سۇندىن كەلگەن خەت» بىلەن دولقۇن ئارىسىدا ھېچقانداق نەزىرىيەلىك ئۇلىنىش يوق.پەقەت ئېموتو ئەپەندىم سۇدىن كەلگەن خەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇندىن بۇرۇن دولقۇن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تارتىپ چىقارغانلا بولسىمۇ،ئارقا كۆرىنىشىنى بىلىش ئۈچۈن دولقۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۈتىمەن.
ساختا پەن دۇنياسىدا دىيىلىدىغان دولقۇن فىزىكىلىق ئۇقۇم ئەمەس.كىۋانىت مىخانىكىسىدا بولىدىغان دولقۇندىن پۈتۈنلەي پەرىقلىنىدىغان نەرسە.ئۇلار بارلىق ماددىلار ئۆزىگە خاس بولغان دولقۇنى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئىنسانلارمۇ ئۈزىگە خاس دولقىنى بار،ھەمدە بارلىق ئىچكى ئەزالارنىڭمۇ،ئۈسۈملۈك،يىمەكلىكلەرنىڭمۇ ئۈزىگە خاس دولقۇنى بار.بولقۇن بولغاچقا چاستوتىسى يېقىنلىشىدىغان دولقۇنلار ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا رىزونانىس(تەڭ تەۋرىنىش) يۈز بېرىدۇ.زىرونانىستىن پايدىلىنىپ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلىمۇ،تېخىمۇ ئاكتىپ دولقۇنغا تەڭشەش ئارقىلىق كىسەل داۋالىغىلىمۇ بولىدۇ.يەنە دولقۇننى باشقا نەرسىگە كۈچۈرۈپ يازغىلى بولىدۇ.سالامەتلىككە پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ دولقۇنىنى سۇغا كۈچۈرۈپ يازسا،شۇ سۇنى ئىچىش ئارقىلىق شۇ ماددىنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ......ئەلۋەتتە بولار ھەممىسى ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان ساختا پەندۇر.ئەڭ ئاخىرىدىكى كۈچۈرۈپ يېزىش ۋە سۇنىڭ ئەستە ساقلىشى دىگەن مەنىلەردىن،ۋەكىل خارەكتىرلىق ساختا پەن«ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش» (Homeopathy) بىلەنمۇ ئۇلىشىدۇ.
دولقۇننىڭ مەنبە ئېقىمى توغۇرلۇق بىر قانچە قاراش بولۇپ ھازىر ياپۇنىيەدە غول ئېقىم بولىۋاتقىنى ئېموتو ماسارۇ ئەپەندىنى مەزكەز قىلغان توپ تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئېىقمدىن ئىبارەت. ئېموتو ئەپەندى بۇ قارىشىنى رونالد ۋېئىنستوك تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان رىزونالىس ماگىنىت مەيدانى ئانالىز ئەسۋابى (MRA(Magnetic Resonance Analyzer)) نىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ ئۇچۇق ئېيىتقان.بۇMRA ئەسۋابىمۇ دولقۇن ئۆلچەش ئەسۋابى بولۇپ ئىسمى MRIغا (Magnetic resonance imaging) ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇرۇس ئەسۋاپتەك خاتا تەسىر قالدۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.مۇنداقچە  ئېيىتقىنىمىزدا بۇ ئەسۋاپ ماگىنىت ۋە رىزونانىس بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەسۋاپتۇر.
ئەمەلىيەتتە بۇ دولقۇن ئۆلچىگۈچ ئەسۋاپنىڭ تۈزىلىشى پۈتۈنلەي دىگۈدەك يىشىلىۋېتىلگەن بولۇپ،قارىماققا ئۆلچەنگۈچىنىڭ روك قارشىلىقىنى ئۆلچەيدىغان بولۇپ،يىغىنچاقلىغاندا «يالغاننى بايقاش ئەسۋابى» مىش.ئەمەلىيەتتە دولقۇن ئۆلچەش ئەسۋابىغا پىشىق بولمىغانلار بولسا توغرا بولغان نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بولۇپ،ئۆلچىنىش ئوبىكتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئوبىكتىپ ھالەتتە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ كەتكەن.ئەمما بۇ دولقۇن ئۆلچەش ئەسۋابى دىيىلىدىغان قاراش بىزنىڭ ئالاھىدەتىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.مەسلەن،ئادەتتىكى تەكشۈرۈش تارماقلىرىدىن يىمەكلىكنىڭ تەركىبى قىسمىنى تەكشۈرۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان بولايلى،نەتىجىسى چوقۇم بىر گىرام ئىچىدە پالانى مۇنچە مىللىگىرام،پۈكۈنى مۇنچە مىللىگىرام دىگەندەك سانلىق قىممەتلەر تىزلىغان بولىشى چوقۇم.بۇنى چۈشەنمەك سەل تەس بولۇپ،يىغىپ كەلگەندەك ئادەم بەدىنىگە پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ دەپ سورالغاندا،ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق زەھەر ماددىلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ياكى پايدىلىق دىگەندەك بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مۈجىمەل جاۋاپتىن باشقىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
ئەمما دولقۇن ئۆلچىگۈچ ئوخشىمايدۇ.دولقۇن ئۆلچىگۈچ ھەرقانداق نەرسىگە بىر قىممەت چىقىرىپ بېرىدۇ.پىلوس 21 ئەڭ ياخشى،مىنوس 21 ئەڭ ناچار دىيىلسە،پىلوس 10 ئەتراپىدا چىقسا «خېلى بوپ قالىدۇ» دىگەندەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.دولقۇن ئۆلچىگۈچ نەتىجىسى پىلوس 21 بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىمەكلىك مۇنداق مۇنداق يەرلەرگە پايدىلىق دىگەندەك نەتىجىنى چىقارغىلى بولىدۇ.قارىماققا سانلىق قىممەت بولغانلىقىغا قاراپ كۆزەتكۈچىلەر پەن نۇقتىسىدىن ئوبىكتىپ چۈشەنچە بېرەلەيدۇ.دولقۇن دىگەن سۆزنىڭ «ئىلىم پەنلىكى»سانلىق قىممەتتە ئىپادىلەش دەيدىغان قاراش تەرىپىدىن ئىلىم پەنلىكى تېخىمۇ تەكىتلىنىپ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئاسانلا قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن بولىشى مومكىن.ئەلۋەتتە مۇرەككەپ مەسلىلەرگە قارىتا سانلىق قىممەتتىن بىرنىلا چىقىرىپ بېرىدىغان ئەسۋاپ بولسا راستىنلا غەلىتە نەرسە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

3.سۇ كىرىستالى

ئېموتو ماسارۇ ئەپەندىنىڭ «سۇدىن كەلگەن خەت» تە تەكىتلىگەن مەزمونلارنى ئاددى قىلىپ يىغىنچاپلاپ باقايلى.
●كىرىستالنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى
(1)سۇ قاچىلانغان قاچىنىڭ تىگىگە ئۇرۇپ سۇنى ئاكتىپلاندۇرىدۇ.
(2)50 ئۆستۈرۈش قاچىسىغا سۇنى نەچچە تېمىم تېمىتىدۇ.(ئەسكەرتىش: سۇنى ئۆستۈرگۈچى قاچىنىڭ ھەممە يېرىگە تەكشى يېيىتىپ ئەمەس،سېرىتقى يۈزنىڭ كېرىلىش كۈچ تەسىرىدىن قاچىنىڭ ئوتتۇرىدا كۈپۈپ چىققان ھالەتتە)
(3)ئۆستۈرگۈچى قاچىنى نەچچىنى بىر قاتلاپ مىنوس 25 گىرادوسلۇق توڭلاتقۇدا ئىككى سائەت توڭلىتىدۇ
(4)ئىچى مىنوس 5 گىرادوسلۇق تەجرىبىخانىدا ئۆستۈرگۈچى قاچىنىنى توڭلاتقۇدىن چىقىرىپ چىراق نۇرى ئاستىدا مىكروسكوپ بىلەن كۆزىتىدۇ.
(5)سۇ ئۆستۈرگۈچ قاچىنىڭ تىگىدىن باشلاپ توڭلايدىغان بولغاچ كېڭىيىش تەسىرىدە ئوتتۇرا قىسمى كۈپۈپ چىقىدۇ.كۈپۈپ چىققان قىسمىنىڭ ئالدى قىسمىدا قار شەكىللىك كىرىستال يىتىشىپ چىققان بولىدۇ.ئەمما كىرىستال بايقىغىلى بولىدىغىنى 50 قاچىنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر نەچچىلا.
(6)كىرىستال نەچچە ئون سىكونتتىلا ئېرىپ كىتىدۇ.

●ئاساسلىق تەكىتلىگەن كۆز قارىشى
(1)كىرىستالنىڭ شەكلى سۇ سۈپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.(توربا سۈيىدىن چىرايلىق كىرىستال يىتىشتۈرگىلى بولمايدۇ )
(2)ياخشى مۇزىكا ئاڭلاتقان سۇدىن چىرايلىق كىرىستال يىتىشىپ چىقىدۇ.(دېققەت:مۇزىكا ئاڭلاتقىنى سۇ قاچىلانغان بوتولكا بولۇپ،مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئالدىغا بوتولكىنى قويۇپ مۇزىكا ئاڭلىتىدۇ.مۇزىكىنى ئاڭلاتقاچ كىرىستالنى يىتىشتۈرگەن ئەمەس.ئالدىن ئالا مۇزىكىنى ئاڭلاتقان سۇدىن باشلاپ توڭلاتقان)
(3)چىرايلىق سۆزلەرنى كۆرسەتكەن سۇدىن چىرايلىق كىرىستال يىتىشىپ چىققان بولسا،سەت گەپلەرنى كۆرسەتكەن سۇدىن كىرىستال يىتىشىپ چىقمىغان(دېققەت:خەتنى كۆرسەتتۇق دىگىنى پىرىنتىردا بېسىپ چىققان خەتنى بوتولىغا چاپلاش دىگەنلىك بولۇپ،كىرىستال يىتىش جەريانىدا كۆرسەتكەن ئەمەس)
(4)ئاۋازلىق گەپ قىلسىمۇ ئۈنۈمى بولىدىكەن.

ئەمدىكىسى بىز بىلىدىغان پەن تېخنىكا بىلىملىرى
●كىرىستالنىڭ يىتىلىشى ھەققىدە
قار شەكىللىك كىرىستالنىڭ يىتىلىشى ئۆي ئىچىدىكى سۇ ھورى مۇزنىڭ سىرىتقى يۈزىنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا چاپلىشىشى ئارقىلىق يىتىلىدىغان بولۇپ،قار بىلەن ئوخشاش گاز قاتلامنىڭ يىتىلىشى ئارقىلىق بولىدۇ.ئاددى دىگەندە،توڭلىغان سۇدىن يىتىلىپ چىقىدىغان نەرسە ئەمەس.سۇ ھورىدىن يىتىلىپ چىقىشىنى كىرىستالنىڭ يان تەرىپىگە چىرايلىق تەكشىلىك بولغانلىقىدىن بىلگىلى بولىدۇ.
●كىرىستالنىڭ شەكلى ۋە ئۇنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار
گاز قاتلامدىن قارنىڭ كىرىستال شەكلى توغۇرلۇق ناكايا ئۇكىچىرو (ياپۇنىيەلىك فىزىك)  تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ،شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا كىرىستالنىڭ شەكلى ئاساسەن  تىمپىراتورا ۋە سۇ ھورىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.ناكايا بۇ شەرلەرنى ھەر خىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سەنئى قار شەكىللەندۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ بۇنى بىر رەسىمگە يىغىنچاقلىغان.بۇ رەسىم ناكايا دىئاگىرامىسى بولۇپ دۇنيادىمۇ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.
«سۇدىن كەلگەن خەت» تىكى كىرىستالمۇ ئاساسى جەھەتتىن ناكايا دىئاگىرامىسىغا چۈشىدۇ.ئەلۋەتتە قانداق مۇزىكا ئاڭلىتىپ قانداق خەتنى كۆرسەتكەن بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوق.ئەمما ئېموتو ئەپەندىنىڭ تەجرىبىسىدە سۇ ھورىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى بىلەن تىمپىراتورىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايلا قالماستىن،كىرىستال يىتىشىپ چىقىدىغان مۇزنىڭ ئالدىنقى شەكلىمۇ تەساددىبىيلىققا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن،قانداق كىرىستالنىڭ يىتىشىپ چىقىشى تەساددىبىيلىق ئىلمىنىتى چوڭ بولغان بولىدۇ.يىغىنچاقلىغاندا قايتىلنىشى بەكلا ناچار تەجرىبە بولغالىقى ئۈچۈن قار شەكىلدىكى كىرىستالنى كۆرەلىدى دىگەن تەقدىردىمۇ 50 قاچىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچىسىنىڭلا بولىشى ئامالسىزلىقتىن. ئەمما ئۇلار تەكرارلىنىشچانلىقى يوقلۇقنىڭ ئەكسىنچە ئىش قىلغان.شەرتلەر مۇتلەق كونتىرول قىلىنغىنىدا قانداق كىرىستال چىقىدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا،مۇزىكا چەپ بېرەمسىز يۇمۇرمۇ(ما گەپنى) قىلچىمۇ ئالاقىسى قالمايدۇ.قار كىرىستالى ئارىلاپ يىتىشىپ چىققاننىڭ ئۈستىگە قىسقا ۋاقىتلا تۇرالىشىنىڭ ئۈزى ياخشى گەپ ياكى چىرايلىق مۇزىكا بار ئەھۋال ئاستىدىلا قار كىرىستالى يىتىشىپ چىققنى بولىدۇ.كىرىستال« يىتىلىدۇ» ئەمەس،«كۆرگىلى بولىدۇ» دەيدىغان نۇقتىدىن ئۇلار ئېيىتقان ياخشى گەپ قىلغان سۇدىن تىرىشىپ چىرايلىق كىرىستال ئىزدەپ تاپقىنى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە كىرىستالنى ئۆز مەيلىچە تاللىغانلىقىمۇ كىتابىدا ئۇچۇق دىيىلگەن.

4.تەكشۈرۈش مەسلىسى
بىلوگدا «سۇنىڭ كىرىستالى توغرىسىدىكى پاراڭلار خاتا» دەپ يازسام «تەجرىبىمۇ قىلماي تەنقىت قىلىش ئىلىم پەنگە زىت» دىيىشىپ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىپ ئەكسىنچە تەنقىتلەندىم.بۇلارنىڭ ھەممىسى «سۇدىن كەلگەن خەت» نىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بولماستىن،بۇ قاراشقا ئەسلىدىنلا تەنقىت نەزىرى بىلەن قاراپ كىلىۋاتقانلار تەرىىپىدىنممۇ دىيىلىدىغان گەپلەر.غەلىتە دەپ ئويلىسىمۇ ئەكسىنچە تەجرىبە ئىشلەپ نەتىجىسى چىققىچە ئۆز قارىشىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئىلىم پەنلىك پوزىتسىيە بولىدۇ.بىر قاراشقا شۇنداقتەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقتىمۇ؟
بىرىنچىدىن ئەكسىنچە تەجرىبە ئىشلەش ئويلىغىنىمىزدىن سەل تەسرەك.رەھمەت ياكى ساراڭ دىگەن خەتنى چاپلاپ توڭلىتىپ باقساڭلا راستمۇ يالغانمۇ بىلگىلى بولىدۇغۇ دەيدىغان پاراڭلار خېلى كۆپ چىقىدۇ.ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېچنىمىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.ياماگاتا ئونۋىرسىتىدىكى ئامو يۇكو خانىم بۇ تەجرىبىنىڭ مەسلىسى توغرىسىدا توختىلىپ تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۈلۈنىدۇ دىگەن بولسىمۇ، مەسلىنىڭ ئۈزى ھەقىقەتەن شۇ يەردە.قىپ باق دىيىلگىنى ئەمەلىيەت بولۇپ ئۇنىڭلىق بىلەن ھېچنىمىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.مەكتەپتىكى تەبىئى پەن دەرىسلىكىدە قىلىنىدىغان تەجرىبە شۇ مەنىدىن ئالغاندا ئەمەلىيەت بولىدۇ.
بىر نىمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەجرىبە قولمۇ ۋاقىتمۇ تۇتۇشتىن باشقا يەنە چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئىنچىلىك بىلەن دېققەت قىلىشقا توغرا كىلىدىغان بولۇپ ئىشتىن سىرت قىلىپ باق دىيىش بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ.ئەمما شۇنچە قىلىپ ئەكچسىنچە ئىسپاتلىمىسا بولمايدىغان نەرسە نىمە؟ئەسلىدىكى ئېموتو ئەپەندىلەرنىڭ تەجرىبىسى ئىلىم پەن نۇقتىسىدىن ئالغاندا تەجرىبە بولماستىن بەلكى ئاشۇرۇپ دىسەك ئەمەلىيەت دەرىجىسىگە توشىدۇ.پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ مەسلىدە ئەكسىنچە ئىسپاتلىمىسا بولمايدىغان ئوبىكتلار مەۋجۇت ئەمەس.يېرىم ياتا قىلىنغان ئەمەلىيەت نى تەتۈر ئىسپاتلاش ئەكسىنچە ئۇنچە ياخشىمۇ ئەمەس.
ئالدى بىلەن سۇغا سۆزنىڭ مەزمونى ياكى مەنىسىگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقى تەجرىبە ئىشلىمەي تۇرۇپمۇكىسىپ ئېيىتقىلى بولىدۇ.پەن تېخنىكىلىق ئۇسۇللار نىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىن بىرى ئەمەلىيەتتە سىناپ باقماي تۇرۇپمۇ ئىلىم پەن بىلىملىرىگە ئاساسلىنىپ ھۈكۈم قىلغىلى بولۇشتۇر.سۇ نۆل گىرادوستا توڭلايدۇ دىيىلسە،تەجرىبىدە ئىشلەتكەن سۇ نۆل گىرادوستا توڭلىغان دىگەن ئەمەلىيەتنى دىيىش بىلەنلا ئەمەس يەنە كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان ئىستاكاندىكى سۇمۇ نۆل گىراسوستا توڭلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسلەن،ئىنىگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا قارشى بولۇنغان قاراشقا قارىتا ئاڭلاپلا ئىنكار قىلىۋېتىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.يوقلۇقتىن ئىنىرگىيە ئالغىلى بولىدىغان بىرىنچى شەكىلدىكى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەسۋاپ كۆرسىتىلگەندە،ئىچكى قۇرۇلمىسىنى قىلچە چۈشەنمىگەن تەقدىردىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتتىمۇ مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ئىكەن دىگەن سەۋەپ بىلەنلا پاتنىت ئىلتىماس قىلىشنى رەت قىلغىلى بولىدۇ.ئەكسىنچە شۇ ماشىنىدا خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەجرىبە قىلىش توغرا كەلسە خېلى باش ئاغرىقى بولىدىغان مەشغۇلات بولىشى ئېنىق.

5.نىمىشقا ئىشىنىمىز
ئەمەلىيەتتە «سۇدىن كەلگەن خەت » كە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ھەر قايسى تەبىقىلەردىن بولغان.مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر پەن تېىنىكا ھەقىقىتى بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ ئىشەنگەن بولىشى مومكىن.ئەمما شۇ كىشىلەرلا ئەمەس،يىڭى دەۋىر (New Age)توپىدىكى كىشىلەرمۇ بار.يىڭى دەۋر توپىدىكىلەر ئىلىم پەن سۇدىن كەلگەن خەنتنى ئىنكار قىلسا ئىككىلەنمەستىن پەننى تاشلىۋېتىشى مومكىن.ئەمما نىمىلا دىمەيلى نەتىجىسى قارىماققا ئەخلەقى جەھەتتىن ئىكەنلىكى مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.
ھەقىقەتەن ئەخلاقى نەتىجە چىقىرىدىغان ساختا پەن ئاسان قۇبۇل قىلىشقا ئېرىشىدىغاندەك قىلىدۇ.مۇئارىپقا مۇناسىۋەتلىك يەنە «ئۇيۇن كاللىسىنىڭ ۋەھىمىسى(؟مەندىن)» مۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مائارىپىغا سىڭىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.ئەمما بۇمۇ ئاساسى بولمىغان ساختا پەندۇر.ئۇيۇن كاللا نەزىرىيىسى توغرىسىدا تۈزۈكرەك ماتىريالدىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىتا چىقىرىلغان يىڭى كىتاپلاردىن باشقىلار يوق دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمما رەھمەت دىگەن سۇ چىرايلىق خىرىستال ياساپ،ساراڭ دىگەن مۇزنىڭ خىرىستال ياسىماسلىقى پەقەت ئەخلاقى مەسلىلىمۇ؟بۇ بىزنىڭ قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

6.بىز نىمە قىلالايمىز
بۇنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئويلاش بۈگۈنكى ئاساسلىق مەقسىتىم بولغاچ بۇ يەردە جاۋابى يوق.
ئۈزەمنىڭ بىلوگىمدا ساختا پەن توغۇرلۇق ھەر خىل مۇنازىرىلەرنى قىلىۋاتىمەن.كۆرۈپ باقاسىلەر.


تۈۋەندىكىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە ئۇلارغا تارقاتقان ماتىريالىم

●ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ساختا پەن
رەسىمدىكى كىرىستاللار راسىت.ئەمما كىرىستالنىڭ شەكلى سۆزنىڭ ياكى مۇزىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دىگىنى يالغان. ئېموتو ئەپەندىلەر «پەن تېخنىكا تەرىپىدىن تېخى ئىسپاتلانمىدى» داۋاتقان بولسىمۇ،پەن تىخنىكا جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىپ بولۇندى.كىرىستالنىڭ شەكلى تىمپىراتورا بىلەن تويۇنۇش دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى ناكايا ئۇكىچىرو  ئەپەندىنىڭ سۈنئى قار تەجرىبىسىدە كۆرسىتىلگەن.بۇ دۇنيا تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغان ئىلغار نەتىجە.يەنە سۇ ھېسى ئەزالىرىمۇ كاللىسىمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن سۆزگە ئىنكاس قايتۇرىشى مومكىن ئەمەس.
ساختا پەننى ھەقىقەتتە سۆزلەپ دەرس قىلىپ ئۈتۈش تەبىئى پەن مۇئارىپىغا پۈتۈنلەي زىت.تەبىئى پەندىن ئايرىلىش ئېغىر دەپ جا سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساختا پەننى مەكتەپلەرگە ئەپ كىرىش ھەققىدە ئېھتىياتچان بولىشنى ئۈمىد قىلىمەن.يىغىپ ئېيىتقاندا «سۇدىن كەلگەن خەت» ئاخىرى ئېموتو گۇرۇپىسىنىڭ يايغان «دولقۇن سودىسى» نىڭ بىر قىسمى.
●ئەخلاققا ئەكىرىشتىكى مەسلە
(1)كىرىستال سۆزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دىگەندىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئەخلاقنىڭ نىمە ئالاقىسى بار؟
(2)كىرىستالنىڭ ياخشى يامانلىقىنى سۆزنىڭ ياخشى يامانلىقى بىلەن باغلاش «ئادەمنى تۇرقىغا قاراپ باھا بەرمەسلىك» دىگەن ئەخلاققا زىت دەپ قارايمەن.
(3)ياخشى يامانلىقىنى كىرىستالنىڭ شەكلىگە تاپشۇرۋېتىش ئەقىلنى توختىتىۋەتكەنلىككە بارەۋەر ئەمەسمۇ؟ياخشى ياماننى ئۆز كاللىمىزدە ئويلىشىمىز كېرەك.چىكىگە يەتكۈزۈپ ئەشەددىي پاراڭ قىلغاندا خالىغاندا كىرىستالنى ياسىغىلى بولسا كىشىلەرنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ئۈزىنىڭ ھۈكۈم قىلىشىنىڭ زۆرۆرىيىتى قالمايدۇ.بۇ بەكلا ماز ئىش ئەمەسمۇ؟
(4)ئەسلىدىنلا ئەخلاققا(بۇنىڭدىغۇ ساختا پەن،ئەمەلىيەتتە ھەقىقەت بولسىمۇ) ئىلىم پەن ئارقا كۆرىنىشى قوشۇشتىمۇ مەسلە باردەك قىلىدۇ.ئەخلاق كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى مەسلە بولۇپ ئىلىم پەنگە ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس.
(5)ئەدەم بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى سۇدىن تەشكىللەنگىنى ھەقىقەت بولسىمۇ ئادەمنىڭ قانداق گەپكە قانداق  ئىنكاس قايتۇرىشى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بولماستىن ھېس قىلىدىغان يۈرەك بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىنى سۇغا ئارتىش ئىنسانلارنىڭ غورورىغا تىگىدۇ دەپ قارايمەن.
(6)رەھمەت ياخشى بولسا،ساراڭنى يامان دىيىش بەكلا ئاددى بولۇپ قالامدۇ قانداق؟سەمىمى بولمىغان رەھمەتكە قارىغاندا مۇھەببەت بولغان ساراڭ نىڭ ياخشى بولىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ.سۆزلەر شۇنىڭ بىلەنلا كىسىۋېتىش ئەمەس بەلكى ئالدى بىلەن ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
(7)يۇقىرى يىللىققا چىققاندىن كىيىن كىرىستالنىڭ سۆزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغانلارمۇ چىقىشى مومكىن.
(8)نەق شۇ ۋاقىتتا قايىل بولسىمۇ كىيىن ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا ئۈزىنىڭ ئاسيلىق قىلىنغانلىقىنى ببىلگەندەك تۇيغىدا بولماسمۇ؟
(9)بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بۇ يالغان دەپ ئېيىتقان بولسا بالا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا ئانىسى ئوتتۇرسىدا قېلىشى مومكىن.

دەرىسلىككە توقۇلمىنى ئارلاشتۇرسا بولمايدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن.دەرىسلىكلەردىكى ھىكايىلەرنىڭ رولىنى چوڭلىقىنى بىلىمەن.ئەمما «سۇدىن كەلگەن خەت» نى «ھەقىقەت» دەپ ئۆگىتىش مەسلە ھىساپلىنىدۇ.

پايدىلىنىشىڭىزلار ئۈچۈن دەرسلىكلەرگە كىرىپ قېلىش مومكىنچىلىكى بولغان ساختا پەنلەر
(1)ئۇيۇن مىڭىدىكى ۋەھىمە
(2)مىڭىدىكى ئىنقىلاپ
(3)100 مايمۇن
(4)EMباكتىرىيىسى (ئۈنۈمى پۈتۈنلەي يوقمۇ ئەمەس بولىشى بۇ مەسلىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ)
(5)ئەقىل يەتمەيدىغان شائىر

ساختا پەنمۇ ئەمەسمۇ ھۈكۈم قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن.ھازىر ئىنتىرنىتتىن ھەرخىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولسىمۇ مەجىمەل ئۇچۇرلارمۇ كۆپ،راست يالغانلىقىغا ھۈكۈم قىلماقمۇ تەس.ھەممىدىن ياخشىسى شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىدىن سوراش بولسىمۇ بۇنى قىلىپ بولماقمۇ تەس بولىشى مومكىن.ئەگەر ئەخلاق بىلەنلا چەكلەنسە،«مەن ئەخلاققا ئىلىم پەنلىك ئارقا كۆرىنىش قوشمايمەن» دىگەن گەپ ھەممىدىن ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن

سۇئالىڭلار بولسا جاۋاپ قايتۇرىمەن.
kikuchi@cmc.osaka-u.ac.jp
بىلوگ ئادىرىسنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن(بۇنى مەن دىدىم)
http://www.cp.cmc.osaka-u.ac.jp/~kikuchi/weblog

تۈگىدى
خالىغانچە كۈچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ئەمما سۇئاللار بولسا ئىزدىنىشتىن باشقا يەردە ئورتاقلىشىپ بولالماسلىقىم مومكىن.
   

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 16:33:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 05:46  

ئېموتو ئەپەندى نەشىر قىلدۇرغان سۇدىن كەلگەن ئۇچۇر نامدىكى رەسىملەر توپلىمى 1999-يىلى ئېلان قىلىغان بولۇپ،ئۈستىدىكى تېمىدىمۇ دىيىلگەندەك ئازراقلا ئەقلى بار كىشىلەرنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان دەيمىزمۇ ياكى تاينى يوقلىقىدىن ئىنكار قىلىشىغا ئۇچراش ئەمەس  دېققەت قىلىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز چىققان.
2006-يىلى تىلىۋىزىيە پىروگىرامىسىدا ناخشىچىنىڭ بۇ قاراشنى تىلغا ئېلىشى،تەبىئى پەن دوكتۇرىنىڭ ياپۇنىيە ئىچىدىكى ئاكادىمىك يىغىندا بۇ خىل قاراشنى «ئىسپاتلىشى» بىلەن ئىلىم پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان.ياپۇنىيەدىكى داڭلىق ئاكادىمىك يىغىنلىرىدىن ياپۇنىيە فىزىكا ئاكادىمىك يىغىنى ۋە ياپۇنىيە خىمىيە ئاكادىمىك يىغىنىلىرىدا بۇ تېما توغرىسىدا توختىلىپ بۇ قاراشلارنى ساختا پەنلا ئەمەس بەلكى بىدئەت دىنغا يېقىنلىشىدۇ دەپ ئىنكار قىپتۇ.
ئۈستىدىكى ماقالە بەلكىم 2006-يىلى يېزىلغان بولسا كېرەك.
ھازىر بۇ مەزمونلار دەرسلىكلەردىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلانغاندەك قىلىدۇ.

arman312 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 16:41:21

زەمزەم سۈيى ھەققىدە يېڭى بايقاشتىنمۇ،زەمزەم سۈيىنىڭ ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭ مولىكۇلا باغلنىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى،بىر تېمىم زەمزەم سۈينىڭ بىر چىلەك ئادەتتىكى سۇنى زەمزەم سۈيىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى كۆرگەنتىم.بۇلسا مۇشۇ ھەقىتمۇ داۋامىغا قۇشۇپ يوللارسىز ئەمسە.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:15:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 17:19  

تەكلىپ:  «سۇندىن كەلگەن ئۇچرۇر» دىسەك بۇلامدۇ قانداق؟


شۇ ياپۇننىڭ يازىمىسىدىكى مەزمۇنلارنى  شېركەتتىمۇ سۆزلەپ يۈرىدۇ. ئىدىيە ئەدەپ-يۇسۇن تەربىيە قىلىمىز دەپ. ئەسلىدە ئۇ نەرسىسى  يالغانكەندە.
سۇ ھەممە مىللەتنىڭ تىلىدىكى ياخشى-يامان سۆزلەرنى بىلەرمۇ دەيمەن!
ئېتىقادىدىن ئەخلاق نامايەن بولمايدىغانلار ھەر قىسما نەرسىلەرنى ھەقىقەت دەپ ئىشىنىپ باشقىلارغا تەربىيە بەرمەكچى بولىدىكەندە.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:23:27

پەن- تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، پەن- تېخنىكىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك. پەرەزگە تايىنىپلا ئىنكار قىلسا بۇنىڭدىن گۇمانلىنىش كېرەك. يەنە كىلىپ مەن ئۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۇنى ئولتۇرۇپ ئىچىش، سۇغا تۈكۈرمەسلىك، سۇغا تاھارەت قىلماسلىق، سۇنى ئىسراپ قىلماسلىق، پۈۋلىماسلىك، بىسمىللاھنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئىچىش توغرىسىدىكى ئۈگۈتلىرى ئىسىمگە كەلگەن ئىدى. مىنىڭچە بەزى ئىشلارنى بۇنداق پەرەزگە تايىنىپلا ئىنكار قىلىنغان ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئۆزى پوقنى بىلىدۇ.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:25:58

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قۇرئانى كەرىمدىكى ئايەتنى ئوقۇپ سۇغا ھۇرىسە سۇنىڭ مالۇكۇللاسىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىنى ئالىملار بايقاپ ناھايتى ھەيران قالغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:26:10

زىتەيلاڭ پوقنى بىلىدىغان بولدىما:lol:lol:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:27:33

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 17:23 static/image/common/back.gif
پەن- تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، پەن- ت ...

سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدسلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى بىلدىڭىز؟
سىزمۇ پەرەز قىلىدىڭىز ھەقىچان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:29:05

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 17:25 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

قۇرئانى كەرىمدىكى ئايەتنى ئوقۇپ س ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
باش ئاخىرى يوق مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمىسەڭلارا.
قايسى تەجىربىخانا تەتقىق قىلغان؟ قانداق تەتقىق قىلغان؟ كىم قىلغان؟ ماقالە نەدە ئېلان قىلىنغان؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:29:43

تېما ئەتىگىچە پۈتىدۇ.
تېما تۇلۇق يوللىنىپ بولمىغىچە بۇ تېما توغۇرلۇق پاراڭ قىلىشتىن ۋاز كىچىمەن:lol

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:35:50

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 17:29 static/image/common/back.gif
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
باش ئاخىرى يوق مۇشۇنداق نەرسىلە ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

تەپسىلى بىلگەن بولسام ، سىز دىمسىڭىزمۇ تولۇق شەرھىلىگەن بولاتتىم . تىما سۇغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچ ئاڭلىغىنىمنى دەپ ساپتىمەن . بىئارام قىپ قويغان بولسام ئۆزرە.......

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:39:57

زەمزەم سۈيىمۇ ئوخشاش سۇ ، ئىككى ھىدروگىن بىر ئوكسىگىن ئاتۇمىدىن تۈزۈلگەن ، ئۇمۇ سۇ تۇرسا باشقا سۇغا ئارلاشتۇرسا قانداق پەرق ئەتكىلى بولاتتى ، بەلكىم زەمزەم سۇيىدە مىنرال ماددىلار كۆپتۇ ، ئەمما ساپ سۇغا بىر تىمىم زەمزەم ئارلاشتۇرسا  بۇ سۇلارنىڭ ھەممىسى مىنرال ماددىلار كۆپ زەمزەم سۇغا ئايلىنىپ كىتىشى مومكىن ئەمەس ، چۈنكى يوق نەرسە بار بوپقالمايدۇ ، بار نەرسىمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ ،   زەمزەم ھەممىنى  ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بولسا  دىڭىزنى سۈيىنى تۈزسىزلاندۇرۇش  بەك ئوڭاي ئىش بوپقالمامدۇ

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:53:39

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 17:39 static/image/common/back.gif
زەمزەم سۈيىمۇ ئوخشاش سۇ ، ئىككى ھىدروگىن بىر ئوكسىگىن  ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

سىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندەك مۇتلەقلەشتۈرۈپ پىكىر بايان قىپسىزغۇ ؟ بىر چىلەك سۇغا بىر قاچا تۇزنى تۆكىڭە قىنى ؟  بىر داس سۇغا بىر قوشۇق زەھەرنى قويىڭە قىنى ؟

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:01:00

پوقنى بىلىدۇ دەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى ئەسلى. ئاشۇ سىندىكى مەزمۇنلارغا ئىشەنسەك نېمە بوپتۇ؟ بۇنىڭ ھېچبىر زىيانلىق تەرىپى يوققۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:12:55

ياپوننىڭ «تەقدىر»دېگەن فىلىمىنى تېپىپ بەرسىڭىز بولاتتى زىيالىيكا. شىمازاكى،نوبىتو دەپ ئارتىسلار بار.
宇津井健،高仓健،山口百惠لار رول ئالغان. تاپقىلى بولارمۇ؟بىر ئۇچۇرىنى بەرسىڭىز.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:13:10

تېلىۋېزىيە تىياتىرى

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:16:58

ما تىما قىززىيدىغاندەك قىپ تۇرىدۇ، مەنمۇ «جاۋابىنى سۇ بىلىدۇ» دىگەن مەزمۇندىكى سىننى كۆرگەن، ئۇنى كۆرۈپ راستلا ھەيران قالغانىكەنمەن، دىمىسمۇ سۇغا ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ ئىچسە كىسەلگە شىپا بولىدىغىنىنى پەيغەمبەر تىبابىتى دىگەن كىتابتىمۇ تىلغا ئالغان ئەمەسمۇ، شۇڭا مۇشۇ نۇقتىلاردىن ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىشەنگەنتىم، ئەمدى بۇ يالغان بولۇپ چىقتىما؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:36:04

RE: «سۇدىن كەلگەن خەت» كە جاۋاپ: سۇ پوقنى بىلىدۇ.

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 17:53 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

سىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندەك مۇ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام   ، سىز زەمزەم بىلەن سۇنى قانداق ئايرىيسىز ؟ ئەگەر زەمزەم نىڭ
تەركىبىدىكى مىنرال ماددىلارنىڭ قويۇقلىقى بىلەن  پەرىقلەندۈرسىڭىز  ، زەمزەمنى بىر چىلەك ساپ سۇغا قۇيسىڭىز مىنرال ماددىلار قويۇقلىقى تۆۋەنلەيدۇ ،  بۇ زەمزەم سۈيىدىكى مىنرال ماددىنىڭ قويۇقلىقى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ، شۇڭا بۇنى زەمزەم دىيىشكە بولمايدۇ ، بۇنى  تەجىربە ئىشلىمەيدۇ تولۇق ئوتتۇرانىڭ خىمىيە ، فىزىكا بىلىملىرى بىلەنلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ـ          مەيلى سىزنىڭ قائىدىڭىز بويىچە قىلساقمۇ  سۇغا تۇز ئارلاشتۇرساق ھاسىل بولغىنى تۇز سۈيى  ھەرگىزمۇ تۇز ئەمەس ، سىز بۇ لوگىكىنى چۈشىنەلەيدىغانسىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:52:06

مېنىڭمۇ ئەڭ ھەيران قالغىنىم سۇ ھەممە مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقى ئىدى. ئۆيدىكى گۈللەرگە يېقىندىن بىرى بەك قارايدىغان، ئىنتايىن كۆڭۈل بولىۋاتقاندەك، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ قارايدىغان، قولۇمنى يەڭگىل يەلپۈتۈپ تۇرۇپ باش-كۆزلىرىنى سىلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى خوتۇن كۆرۈپ قىلىپ نېمە قىلىۋاتىلا دەيدۇ، يېقىندا بىر سىننى كۆرسەم سۇمۇ ئىنسانلارنىڭ مۇئامىلىسىگە يارىشا جاۋاب قايتۇرامىش، شۇنىڭغا گۈللەرمۇ تىزراق چىرايلىق بولۇپ، تېز ئۆسەرمىكىن دەپ شۇنداق قىلىۋاتىمەن دېسەم، ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى سۇ بولغاندىكىن، تولا سۇ، گۈللەر بىلەن ھەپىلەشمەي بىزلەرگىمۇ شۇنداق مىھىرلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ باقسىلا، قېنى قانداق نەتىجىگە ئىرىشىلىكى دەيدۇ.:lol:lol:lol
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: «سۇدىن كەلگەن خەت» كە جاۋاپ: سۇ ھەممىنى بىلەمدۇ؟