sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 09:04:58

ماۋۇ فوتۇئاپارات قانداقراق DSC-H400 sony

ماۋۇ فوتۇئاپارات قانداقراق DSC-H400 sony
ئەسسالام تورداشلار!. كەسىپ ئېھتىياجى ۋە شارائت تۈپەيلىدىن يېزا –قىشلاقلارغا كۆپ بارىدىغان، ھەرخىل جامائەت سورۇنىلرى، دېھقانلار ۋە كەسىپكارلار، تەبىئى مەنزىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم كۆپىيىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بەزى مەنزىرە، پەيىتلىك ھادىسە، پورتىرت، شەيئىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇش ۋە ئىشتىن سىرىتقى ھەۋەس يىتىلدۈرۈش ئىستىكىدە بىرتال فوتوئاپارات ھەمراھ قىلىشنى ئويلاپ قالدىم. ئەزەلدىن بۇساھەگە كىرىپ باقمىغاچقا فوتوگىرافىيىدىن قىلچە خەۋىرىم يوق. (ئۆمۈچۈك پالۋاندەك ) تورغا يامىشىپ يۈرۈپ ئاز-تولا سېلىشتۇرۇپ تاللاپمۇ باقتىم، بىراق يەنىلا كۆپچىلىكتىن مەسلىھەت ئالغۇم كەلدى.
تاللاشتا: بىرىنچى.ئالاھىدە يوقۇرى تەلەپ قويىلىدىغان ئىشلارغا ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشقا ئىشلەتمىگەچكە، شۇنداقلا ئىقتىسادى ئەھۋالىمغا لايىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەك يوقۇرى تېخنىكىلىق ۋە ئالى دىرىجىلىك ئاپاراتلارنى تاللىمىدىم.
ئىككنچى. سۈپىتى، ماركىسى، ئىناۋىتى ۋە باھا ئەۋزەللىكىنى ، ئورگان تەرەپنىڭ توربېتىدىن بىۋاستە سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى كۆزدە تۇتتۇم.
سونىينىڭ ئورگان تەرەپ خەنچە باشبېتى :
http://www.sony.com.cn
مەن تاللىغان ئاپاراتنىڭ ئورگان تورىدىكى تەپسىلاتى:
http://www.sonystyle.com.cn/products/cyber-shot/dsc_h400.htm
ئەمدى ياردەمگە كەلسەك: بىرىنچى.بۇ مىنىڭ يۇقارقى ئېھتىياجىمغا ماس كىلەرمۇ؟
ئىككنچى.سۈپەت ۋە چىداملىقى قاتارلىق تەرەپلىرى قانداقراقتۇ؟
ئۈچىنچى.ئورگان تورىدىن سېتىۋېلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟
تۆتىنچى.بۇ ئادەتتە 单反机گە تەۋە مۇ ئەمەسمۇ؟ قانداق پەرقى بار؟
ياردىمىڭلارغا ئالدىن تەشەككۈر!.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 10:52:26

ئەگەر فوتوگرافىيە ھەۋەسكارى بولسىڭىز يەنىلا كەسپىي ئاپرات ئېلىڭ. بۇ تاللىغىنىڭىز شەكلى كەسپىي ئاپراتقا ئوخشايدىغان ئادەتتىكى ئاپراتكەن. سونىينىڭ ئەرزان كەسپىي ئاپراتىنى ئالىمەن دىسىڭىز SLT-A58 بولىدۇ.
كانوننىڭ تېخىمۇ كۆپ تاللاپ ئالالايسىز. نايكوننىڭمۇ ئەرزانلىرى بار. ئەلۋەتتە سىز تاللىغان بۇ ئاپراتتىن قىممەت.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 12:54:54

كانون ،نىكونلاردىن تاللاڭ ئاپاراتنى

President يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 13:04:53

سىزنىڭ تاللىغىنىڭىز كەسپىي ئاپارات ئەمەس، ئائىلىدە قوللىنىدىغان نورمال ئاپارات.
كەسپىي ئاپارات(يەنى 单反)نىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى كۆزى(لەنزە ياكى 镜头)نى ئايرىم قوراشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يەنى ئاپاراتنىڭ ئۆزى ئايرىم، كۆزى ئايرىم بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان پارامىتىرلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان ئىقتىداردىكى كۆزلەرنى سەپلەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا، ئىشتىن سىرتقى فوتوگرافچىلىق ھەۋىسىڭىز بولسا يەنىلا كەسپىي ئاپارات ئېلىڭ، كەسپىي ئاپاراتتا رەسىم تارتىپ ئويناش، ئۈنۈم بىرىش دېگەندەك ئىشلىرى نورمال ئاپارات بىلەن قىلغاندىن كۆڭۈللۈك بولىدۇ(بەلكىم بۇ كۆڭۈللۈك بولىشى ئاپاراتتىن ئەمەس، مېڭىڭىزدىن كېلىشى مۇمكىن:lol) پېقىرمۇ باشتا نورمال ئاپاراتتىن كەسپىي ئاپاراتقا ئالمىشىپ بىر مەزگىل ھەۋەسكارلىق قىلىپ يۈرگەن، نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى ئەسەرلەرنى دوراپ، خېلى بىر نىمىلەرنى ئۆگۈنۈۋالغان، كىيىن ھەۋىسىمنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزەمنىڭ ئىشىغا قايتىپ كەلدىم.

نورمالدا مەندىن  كەسپىي ئاپارات تەۋسىيە قىلىشىمنى سورىغانلارغا ھەۋەسكار تىپلىرىدىن Nikon D5100, D3100لارنى ياكى Canon 60D, 600Dلارنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 14:02:20

Nikon  ئاخسا

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 14:41:25

http://item.jd.com/974762.html
مەن ئالدىنقى يىلى ماۋۇنى ئېپتىكەنمەن 1500 سومغا، ئەمما بۇ 长焦相机 كەن، رەسىملەر تازا سۈزۈك ئەمەستەك تۇيغۇ بەردى. خەپ دەپ قالدىم،
http://item.jd.com/1133830.html
http://item.jd.com/1133836.html
ماۋۇ ئېسىلكەن مانا ، ئۇيغۇربەگ بۇرادەر ما كەينىدىكى ئىككىسى سىلە دېگىنىڭلاردىن شۇما؟ سىلىدىن سورايدىغان ئىشكەنتۇق ئەسلى ئاپپارات ئېلىشتا، ئەمدى ئالسام سىلىدىن سورايمەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 17:56:31

مۇشۇ ئاپرات توغرىسىدا ياخشىراق چۈشەنچە بىرىدىغانلىقىنى تېنىدىن بىرىنى يازساڭلار بولاتتى.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 18:18:16

ئاۋۇ سونينىڭ ئورگان تورىدىن كومپىيوتىر ياكى ئاپرات دىگەندەك نەرسىلەرنى ئالساق، پۇلنى سالغاندا ئىشەنچىلىك ئەۋەتىپ بىرەرما ؟! ئېلىپ باققانلار تەجرىبەڭلەرنى قالدۇرۇپ قويساڭلار .

President يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:36:36

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 14:41 static/image/common/back.gif
http://item.jd.com/974762.html
مەن ئالدىنقى يىلى ماۋۇنى ئېپتىكەنمەن  ...

سىز دېگەنلىرى مېنىڭ دېگەنلىرىم ئىچىدە يوقكەن، ئەمما ئوخشىشىپ قالىدۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 11:37:05

@nijat نىجات بولغان بولسا ياخشى مەسلىھەت بېرەتتى ...

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 11:53:25

نىكوننىڭ قايسى تىپى ياخشى چىقا

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 12:58:03

Antonio،  YELKEN ئەپەندىلەر ئوبدان چۈشەنچە بەرسۇن

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 15:16:22

PashshaXan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 18:18 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ سونينىڭ ئورگان تورىدىن كومپىيوتىر ياكى ئاپرات دى ...

ئاۋۇ سونينىڭ ئورگان تورىدىن كومپىيوتىر ياكى ئاپرات دىگەندەك نەرسىلەرنى ئالساق، پۇلنى سالغاندا ئىشەنچىلىك ئەۋەتىپ بىرەرما ؟! ئېلىپ باققانلار تەجرىبەڭلەرنى قالدۇرۇپ قويساڭلار .
سونىينىڭ ئورگان تور بىكىتىدىن مەن بىر قانچە قېتىم بىر نەرسە ئەپ باققان. كومپيۇتېر، كۆكنۇر دىسكا قويغۇچ... دېگەندەك. ئۇنىڭدا مەسىلە يوق. سونىي شىركىتىنىڭ ئۆزى بىكىتى تۇرسا.
بىر قېتىم كومپيۇتېر ئېلىپ ئۇچۇر تولدۇرغاندا پۇلنى بانكا ئارقىلىق تۆلەيمەن دەپتىمەن. زاكازنى تاپشۇرغاندا قارىسام ئۇلارنىڭ ھىساپ ئاچقان بانكىسى citi  بانكىسى(花旗) دېگەن بانكىكەن. ئۇ بانكا ئۈرۈمچىدە يوق ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلېفون قىلسام. «ئەمىسە مالنى تاپشۇرۋالغاندا پۇل تۆلە مەن ئۆزگەرتىپ قوياي»دىدى. ئۆگۈنى ئەتتىگەن fedex نىڭ بىر خىزمەتچىسى مال بىلەن POS ئاپراتىنى كۆتۈرۈپلا كەپتۇ. كارتا سۈركەپ بەرگەن ئىدىم.
بەت: [1]
: ماۋۇ فوتۇئاپارات قانداقراق DSC-H400 sony