تىللىۋەتتىم باشلىقنى
تىللىۋەتتىم باشلىقنىكۆپكۆك تۇرسا بۇغدايلار يىغىڭ دېسە ئاشلىقنى،
كۆڭلۈم ئەمدى كۆتۈرمەس ئىزا، خورلۇق، غەشلىكنى،
يۈرىۋەرسەم مۆرىمەي قىلامدىكەن شاشلىقنى،
قايرىپ قويۇپ ھۆرمەتنى، قىلدىم مەنمۇ پەسلىكنى،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
مەقسىتىمىش باي قىلىش لېكىن قەرزىم ئۈزەلمەي،
كىملەر بېيىپ كەتتىن قالدىممۇيە بىلەلمەي.
ئون يىل كەتمەن چېپىپمۇ ياخشىراق كۈن كۆرەلمەي،
پەرۋىش قىلىپ كۆچەتنى مېۋىسىنى يېيەلمەي،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
مەجبۇرلىدى ھەر يىلى يەرگە سال دەپ كۆچەتنى،
ئۆرۈك، ياڭاق ئالماشتى، توختاتمىدى ئۆچىرەتنى.
«بىر ئىشتا قوش ئۈنۈم»مىش سەۋەبىنى بىلمەكنى،
«نادان دېھقان» بىلمەسمىش بۇنداق ياخشى «ھېكمەتنى»،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
بۇلتۇر سالغان ئېغىلنى بۇ يىل قايتا سال دېگەن،
پۇل يوق دېسەم ناۋادا خەقتىن قەرز ئال دېگەن.
چېقىپ – سېلىپ يۈرۈشكە توشامدىكەن جان دېگەن،
تېتىمامدۇ ئەمەندەك كۈندە يېسە بال دېگەن،
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
ھەممە يەردە ماختايدۇ، دېھقان راسلا بايمىكىن،
چىققان ياخشى سىياسەت ئاسماندىكى ئايمىكىن؟
سۆزلەي دېسەم توسقاننىڭ ئاغزى – بۇرنى مايمىكىن؟!
باشلىق ئاققان ئېقىننىڭ يا بېشىدىن لايمىكىن؟!
نېمە بولسام مەيلى دەپ تىللىۋەتتىم باشلىقنى.
ئۆز قەلىمىم
ئوقۇتۇشتىن چىڭ تۇتتى، گېزىت - ھۆججەت ئوقۇشنى،
تەكشۈرۈشكە كېچىچە جەدۋەل، دوكلاد توقۇشنى.
ئادەت قىلدى ۋارقىراپ، پوپوزا قىپ دوقۇشنى،
سىڭدۈرمەكچى ئوخشايدۇ قاراپ قويسا قورقۇشنى.
ئۇنتۇپ قالدى مائارىپ ئالغا قاراپ ئۇچۇشنى،
تەكلىپ بەرسەك ھۈرپەيدى، تىللايمىكىن باشلىقنى.
ئېسىل شېئىر بوپتۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-زارى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى كۆپلىت بەك ياخشىكەن yolyar يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 21:41 static/image/common/back.gif
ئوقۇتۇشتىن چىڭ تۇتتى، گېزىت - ھۆججەت ئوقۇشنى،
تەكشۈرۈ ...
«ھۇ-...» دەپ تىللايدىغان يەرگە يەتتى_جىما!. تىللاۋېرىڭلا، مەنمۇ بىر كىشىلىك تىللىشىپ بېرەي. ھەممە يەردە «قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئوخشىمامدۇ؟ پەيمانى تولغاندا ئۆز بوينىغا تاشىدىغۇ بۇ «قازان»!!
بەت:
[1]