israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:59:54

[قانۇن]بۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كىمدە؟


دىلو مىسالى:
ئا  ب سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلماقچى بولۇپ،س دىن بىر رەسىم ئاپىراتى ئارىيەت ئالىدۇ،ئىشلىتىپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ تۇرسا،د  ئا نىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاپراتنى 3000يۇەنگە سېتىپ بىرىشنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئا قارىسا باھاسى  بازا باھاسىدىن يۇقۇرى تۇرغان،شۇنىڭ بىلەن ئاپاراتنىڭ كىلىش مەنبەسىنى يۇشۇرۇپ د گە سېتىپ بىرىدۇ. د  ئۇزۇن ئۆتمەي قولى قىسقا بولۇپ قېلىپ، ئاپاراتنى ب گە 2000يۇەنگە سېتىۋەتمەكچى بولىدۇ، ب قارىسا ئاپارات تونۇشتەك قىلىپ د دىن ئەھۋالنى سورىغاندا،د  ھەممىنى ب گە ئېيتىپ بىرىدۇ، ب ئاپاراتنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.
مەسىلە:ئاپاراتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كىمدە ؟

《مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى》نىڭ106-ماددىسىدا :“بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە،مۈلۈك ئىگسىنىڭ قايتۇرىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ؛قانۇندا باشقا بەلگۈلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا،تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ئۆتۈنۈپ بىرىلگۈچى مۈلۈكنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىرىشىدۇ:
1.        ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى يامان نىيەتلىك بولمىسا
2.        باھاسى مۇۋاپىق بولسا
3.        قانۇن بويىچە تىزىملاشقا تىگىشلىكلىرى قانۇن بويىچە تىزىملانغان بولسا،تىزىملانمىسىمۇ بولىدىغانلىرى سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان بولسا؛

بۇ تىمىدا ئاپارات سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان،گەرچە ئا نىڭ ئاپاراتنى سېتىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ،ئەمما د نىڭ ئاپاراتنى سېتىۋېلىش قىلمىشى قانۇندىكى يامان نىيەتتە بولماسلىق دىگەن شەرتكە ئۇيغۇن،شۇڭا بۇ ئاپاراتنىڭ مۈلۈك ئىگىسى د بولىدۇ. د نىڭ ئاپاراتنى ب گە سېتىپ بىرىش قىلمىشى مۈلۈك ئىگىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى دارئىسىدىكى ئىش بولۇپ، ب ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئىكككىسى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ قانۇنى كۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،شۇڭا ب ئاپاراتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىرىشكەن دەيمىز.

 

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 18:53:32

سوتسىيالىزىم جەمىيتى بولمىش جۇڭگوچىلىقتا ئادەتتە پۇقرالارنىڭ مۈلۈككە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بولمايدۇ . پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىلا بولىدۇ .
بىر كۈنى ۋېلىسپىت توختىتىش ئورنىنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان بىر ئادەمنىڭ ئېتىلىپ تۇرۇپ : بۇ يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەندە جۇما !
دىگىنىگە بەك قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم .

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:02:25

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:10:07

پاھ پاھ ئەجايىپ ئەجايىپ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:45:23

بىچارە ئا

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 14:37:53

ئاپرات   س  نىڭ تۇرسا  ئەجەب ...

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 15:21:39

  ئاپارات «س» نىڭ دەۋاتاتتىڭلار. ئۇنى باشقىلار ئارىيەت ئېلىپ سېتىپ خەجلىۋالسا ئىگىلىك ھوقۇقى باشقىلارنىڭ قىلىۋەتتىڭلارغا!؟ . بۇ تىمىدا ئاخىرىغا كەلگەندە  « س » نى ئۇنتۇپلا كەتتىڭلارمۇ نىمە؟
بەت: [1]
: [قانۇن]بۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كىمدە؟