يىڭى باسقان كونا كىتاپ
[align=center]يىڭى باسقان كونا كىتاپشىنخۇا كىتاپخانىسىنى ئارلاۋىتىپ توۋەندىكى كىتاپلارغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى، بۇ بىر يۇرۇش 16 كىتاپ بۇ يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن ئوسمۇر بالىلار ئۇچۇن 2014- يىل 1- ئايدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 19 ئەسىردە ياشاپ ئوتكەن چەتئەل كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ چاقنىغان ئەسەرلىرىدىن ئىكەن ، ھەقىقەتەن ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قاراغاچقا كىتاپخۇمار دوستلار ئەگەر كۆرمىگەن بولساڭلار سىللەرگە تەۋسىيە قىلىمەن .
توۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ گەرچە ۋاختى ئۆتكەن بولسىمۇ ، 19 – ئەسىردىكى ياۋرۇپا گىگانىت يازغۇچىلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەسىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن، غەرىپ دۇنياسى بۇ ئەسەرلەر بىلەن ئايرىلماس بىر توققان بولۇپ كەتكەن دىسەكمۇ بولىدۇ .
ھەرقانداق بىر غەرىپلىك چوقۇم ئوقۇپ چىقىدۇ، ئالدى كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ بولغان .
ئەمدى مىنىڭ تەۋسىيە قىلىشىمدىكى مەخسىدىم بولسا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياۋرۇپا جەمىيتى بىلەن ھازىرقى ئوتتۇرا شەرىق ۋە دىيارىمىز دىكى جەمىيەتنىڭ ئىدىلوگىيە تەرەققىياتى ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ، كىتاپتىن ھەر ھالدا ھەركىم ئۆزىگە يارشا زوق ئالالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن .
ھىيوگۇ نىڭ « خارلانغانلار » دىگەن رۇمانىدا جەمىيەتنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك تاشلىۋىتىشىگە ئۇچىرىغان ژان ۋالژاننىڭ شەكىللەنگەن جەمىيەت بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ، مىھرىبان پوپقا ئۇچىرىغاندىن كىيىنكى ھاياتىدا بۇرلۇش ياساپ داڭلىق ساخاۋەتچى بولۇپ ، يۇقىرى پەزىلەتلىك ، ئالىجاناپ ئىنسانغا ئايلانغانلىغى تەسۋىرلىنىدۇ .
مۇپاسساننىڭ « دونداق » دىگەن ھىكايىسىدە بولسا ئەينى ۋاقىتىكى فىرانسىيە – پىروسىيە ئۇرشىدىن كىيىن پىروسىيەنىڭ ھامىللىقىغا چۇشۇپ قالغان فىرانسىيە جەمىيتىنىڭ ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ھىكايىدىكى دونداق بىر مىللى غۇرۇرى كۇچلۇك بىر پاھىشە ، ئۇ بىر پىروسىيە ئوفىستىرىنىڭ تەلىۋىنىڭ رەت قىلغان ۋاقىتتا، فىرانسىيە ھەر قايسى تەبىقىسىگە تەۋە بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرنىڭ ھايات ماماتى ئۇچۇن ، دۇنداققا نەسىھەت قىلىپ ئوفىستىرنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلماسلىققا خىزمەت ئىشلەپ قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ .
قالغان كىتاپلارنى ئوقۇپ بولغانلارنىڭ مۇنازىرسىگە سۇندۇم .
ھەر قايسى كىتاپخانىلاردا مۇشۇ باھا بويىچە سىتىلىدۇ، ئەگەر كىتاپخانىغا بىرىشقا ئىمكانىيتى يوقلارغا ، ھەقىقەتەن بۇ كىتاپلارنى ئوقۇش ئىستىگى بولسا مەن مۇ شۇ كىتاپخانا باھاسى بويىچە ئەۋەتىپ بىرىشكە تەييارمەن .
كىتاپ ئىسمى : خارلانغانلار
ئەسلىي ئاپتورى : ۋىكتور ھىيوگو (فىرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 10، 310 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 28.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : دونداق
ئەسلىي ئاپتورى : مۇپاسسان (فىرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 11 ، 340 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 30.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : دون كىخوت
ئەسلىي ئاپتورى : سىرۋانتىس (ئىسپانىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 9 ، 281 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 25.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : گورىيو بوۋاي
ئەسلىي ئاپتورى :بالزاك (فىرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 10 ، 310 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 28.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : قىزىل خەت
ئەسلىي ئاپتورى : ناسانىېل ھاۋسورن (ئامىرىكا )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 7.5 ، 243 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 23.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : ھايات
ئەسلىي ئاپتورى : مۇپاسسان (فىرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 6 ،190 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 18.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : تىرلىش
ئەسلىي ئاپتورى : لىۋ تولىستوي (روسسيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 6.5،200 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 20.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : چىرايلىق دوست
ئەسلىي ئاپتورى : مۇپاسسان (فىرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 11، 340 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 30.00 يۇەن .
مۇشۇنداق رومان كىتابلارنى قانداقمۇ قىسقارتىپ يازغىلى بولىدۇ؟!!! ئەدەبىي تەسۋىرلەر قىسقارتىلىپ قىسقىچە مەزمۇنى يىزىلامدۇ ياكى؟ Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 17:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق رومان كىتابلارنى قانداقمۇ قىسقارتىپ يازغىلى ...
ئۆسمۇر بالىلارغا ماس قىلىپ بەزى تەسۋىرلەرنى ئىلىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ . . . . . . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا udun0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-24 18:17
سىرۋانتىسنىڭ دونكىخوت دىگەن كىتاۋىنى، تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ۋاختىمدا بىر ئوقۇپ چىققان،
بۇ كىتاپنى بىر ئوقۇسا، ئادەم خىيالىنى كونتىرول قىلىشنى ئۈگىنىدىكەن. udun0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 17:44 static/image/common/back.gif
دونكىخوتنىڭ سىرۋانتىس دىگەن كىتاۋىنى، تولۇقسىز ئوتتۇ ...
دونكىخوتنىڭ سىرۋانتىس ھا ھا ھا ، راسىت ئوقۇپتىكەنسىز . . .. . . :dizzy: :dizzy: :dizzy: muztag يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 17:46 static/image/common/back.gif
دونكىخوتنىڭ سىرۋانتىس ھا ھا ھا ، راسىت ئوقۇپتىكەنسى ...
خاتالىق باما:lol :lol :loveliness: قايسى كۈنى قارىسام، تىنچ دون ، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، ئاننا كارىننا قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاب قايتا چىقىپتۇ، شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم، شۇ ئارىدا سىز تىلغا ئالغان كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغانىدىم، ئۆسمۈرلەر نۇسخىسىدا قانداق قىسقارتىدىغاندۇ دەپ.
چوغلۇق قىزمۇ باركەن ئارىسىدا سۇ بۇيىدانىڭ قىسقارتىلمىسى بارغۇ يەنە بىر ئىشكونا كىنولارغا قايتا ئاۋاز بېرىش 16 كىتابنىڭ ئىچىدە 4ى مۇپاسساننىڭمىكەن؟ تۆمۈر باشلىق جىن دىگەن توپلام كىتابتا ياخشى دىراممالار بار ئىدى ، رىۋوزۇرنىڭ تولۇق نۇسخىسى بار ـ
، مەن دونكىخوتنىڭ يۈز بەتلىك قىسقارتىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇغان ، چوغلۇق قىزنىڭ قىسقارتىلغان ئۆسمۈرلەر نۇسخىسى بىزنىڭ ئۆيدە بار ، مەن چۈشىنەلمىدىممۇ يە زادىلا قىزىقىپ ئوقۇيالمىدىم ، ئەللىك بەت ئوقۇپ تاشلاپ قويدۇم joshua يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 14:42 static/image/common/back.gif
16 كىتابنىڭ ئىچىدە 4ى مۇپاسساننىڭمىكەن؟
ئون ئالتە كىتاپنىڭ ئىچىدە سەككىزى فىرانسىيە يازغۇچىلىرنىڭ ( مۇپسساننىڭ ئۇچ كىتاۋى بار )، ئىككىسى روسسيەنىڭ، ئىككسى ئامىرىكىنىڭ، ئاندىن ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە،ئېتالىيە، ۋە يۇناننىڭ بىردىن كىتاۋى بار ئىكەن . ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-6-25 15:10 static/image/common/back.gif
تۆمۈر باشلىق جىن دىگەن توپلام كىتابتا ياخشى دىراممال ...
بىسىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا ۋاختىڭىز چىقماپتۇدە . . . . مەن بۇرۇن داڭلىق رومانلارنىڭ قىسقارتىلغان ئۆسمۈرلەر نۇسخىسىنى ئوقۇپ باققان ، بۇنداق قىسقارتىلما نۇسخىسى ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان نۇسخا بولغانلىغى ئۈچۈن ، يەنىلا ئۆسمۈرلەر ئوقىغىنى تۈزۈككەن ئۇنى .
قورامىغا يەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى ئەسلى ئەسەرنى ئوقىغىنى ياخشى ، پوشكىننىڭ « كاپېتان قىزى » دىگەن رومانى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مېنى نەچچە كۈنلەرگىچە ھاياجانغا سالغان ئىدى ، مۇشۇ روماننىڭ يۇقارقىدەك قىسقارتىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇپ كۆرۈپ بىئارام بولۇپ كەتكەنتىم ، ئەسلى ئەسەردىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل تەسۋىرلەر پوقلا بوپتىكەن ، كىتابتا نىمە ۋەقەلىك چىقىدىغانلىغىنىلا ئۇقماقچى بولغانلار ئوقۇسا بولامدىكىنتاڭ ، مەنچە بولسا ئۆسمۈرلەرگىمۇ لايىق كۆرمىدىم ،
قىسقارتىلغان رومانلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇمىغانلىغىم ئۈچۈن ھەممىسىنىلا شۇنداق دىيەلمەيمەن ،
ئۆزەم ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇپ باققان بىر نەچچە مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسىنى كۆرگەندىن كىيىن شۇنداق ئويلىدىم ...
كىتاپ ئىسمى : ھالاكەت
ئەسلىي ئاپتورى : ۋىسلى (ئەنگلىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 9، 291 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 25.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : ئامىرىكا پاجىئەسى
ئەسلىي ئاپتورى : تىئودۇر ھىرمان ئالبىرت درىسېر (ئامىرىكا )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 9، 291 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 25.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : غىلاپ بەندىسى
ئەسلىي ئاپتورى : چىخوپ (روسسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 6، 186 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 19.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : سىرلىق ئارال
ئەسلىي ئاپتورى : جۇلىياس گابىرىل ۋېرىن (فېرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 7.5، 275 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 20.00 يۇەن .
بۇ كىتاپلار داۋامى
كىتاپ ئىسمى : ئەڭ ئاخىرقى دەرس
ئەسلىي ئاپتورى : ئالفونىس داودېت (فېرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 6، 186 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 18.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : ئون كۇنلۇك سۆھبەت
ئەسلىي ئاپتورى : بۇككاچىيۇ (ئېتالىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 6، 186 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 17.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : يۇنان ئەپسانىسى
ئەسلىي ئاپتورى : خەلىق (گرتسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 10، 320 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 30.00 يۇەن .
كىتاپ ئىسمى : چوغلۇق قىز
ئەسلىي ئاپتورى :بالا دىيۇما (فېرانسىيە )
ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى
نەشىرىيات : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
تىلىفۇن نۇمىرى : 0998-2653927
فورماتى : 880*1230 32\1
باسما تاۋاق : 9، 285 بەت
نەشىرى : 2014 يىلى 1- ئاي1 –نەشىرى .
باھاسى : 26.00 يۇەن .
« ياش ئوسمۇرلەر نۇسخىسى» دەيدىغان گەپ جوڭگۇدىلا بارمۇ، باشقا دۆلەتتىمۇ بارمۇ؟ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ... باسما تاۋاق : 9، 285 بەت
…… باسما تاۋاقنىڭ مەنىسى نىمە ؟ ئاۋۇ بەت سانىنىڭ ئالدىدىكى 6، 8، 9 دىگەندەكلىرى
ھازىر كىتابلارنىڭ تىراژىنى يازمامدۇ ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 08:28 static/image/common/back.gif
باسما تاۋاق : 9، 285 بەت
…… باسما تاۋاقنىڭ مەنىسى نىمە ...
تىراژىنىمۇ يازىدىكەن، ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ يازماپتىمەن ،
ئاۋۇ باسما تاۋاق دىگەن گەپ - نەشىرياتتا كىتاپ بىسىش ئۇچۇن باسما زاۋۇتىدا ئىشلىتىلدىغان سۆز بولۇپ، بىر تاۋاقتا ئوتتۇز بەت بىسىپ چىقارسا ، تۇپلەپ بىر كىتاپچە قىلىپ، مۇشۇنداق بەش ياكى ئون كىتاپچىنى ئۇستى ئۇستىلەپ قويۇپ، خۇددى بەش ئون دەپتەرنى ئۇستى ئۇستىلەپ قويغاندەك، ئاندىن شىلىم بىلەن چاپلاپ،ئۇستىنى مۇقامىسى بىلەن ئورىسا بىر كىتاپ پۇتىدۇ .
بۇ يەردىكى 9 تاۋاق دىگەن گەپ ، 9 كىتاپچە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇ كىتاپنىڭ قانچىلىك توملىقتا ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ .
بەت:
[1]
2