irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:05:42

iOS


ەسلى نامى: iPhone OS

سىستېما تىلى: C، C++،  Objective-C

مەشغۇلات سىستېمىسى تەۋە تۈر: OS X،  Unix

ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى: 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

قوللايدىغان تىلى: 34 خىل تۈر

قوللايدىغان سۇپىسى: Apple تۈزگەن ARM (Samsung)

Apple A4

Apple A5 Apple A5X

Apple A6 Apple A6X

Apple A7

ئىچكى يادروسىنىڭ تۈرى: Hybrid(XNU)

ئالما شىركىتى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن چىقارغان مەشغۇلات سىستېمىسى، قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone، iPod touch، iPad، Apple TV لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Android ۋە Windows Phone بىلەن ئوخشىمايدۇ، iOS ئالما بولمىغان ئۈسكىنىلەرنى قوللىمايدۇ. سىستېما مەشغۇلاتى (iOS 7) تەخمىنەن MB700~900 ئەتراپىدىكى سىغىم بوشلىقىنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، iOS نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 7.1.1 .

تارىخى

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالما Macworld يىغىنىدا iOS نى ئېلان قىلدى ھەمدە شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرىنچى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە iOS 7 نىمۇ ئېلان قىلىپ بولدى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈرۈشكە يول قويدى. iOSiTunes ئارقىلىق ئۈسكىنىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، iOS 5.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان نۇسخىلار OTA ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى يېڭىلىيالايدۇ. ئەڭ يېڭى iOS تەخمىنەن GB1 ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى ئىلگەللەيدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئالما شىركىتى iPhone غا ئەگىشىپ تارقاتقان iOS غا نام بەرمىگەنىدى، 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا iPhone OS دەپ نام بەردى ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا نامىنى iOS غا ئۆزگەرتتى.

ئىشلىتىش دائىرىسى

لايىھەلىنىش ئالاھىدىلىكى: iOS ئابونتلىرى كونۇپكا، كۆپ نۇقتىلىق چەكمىلەر ئارقىلىق ئۈسكىنىنى كونترول قىلالايدۇ.

ئەمىلىي كونۇپكىلىرى: ئېكراننىڭ ئاستىدىكى Homeكونۇپكىسى، چوققىسىدىكى Power كونۇپكىسى، يان تەرىپىدىكى ئاۋازنى كونترول قىلىش كونۇپكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپ نۇقتىلىق چەكمە: سېرىلما ھەرىكەت، يىنىك بېسىش، قىسىش، تەتۈر يۆلىنىشتە قىسىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىستېما بىلەن ئۆز-ئارا قوزغاتقىلى بولىدۇ.

ئەپ پروگراممىسى

ئەپ دۇكىنى: App Store ئالما شىركىتى iOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن قۇرغان رەقەملەشكەن ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسى، ئابونىتنىڭ iTunes Store دىن بىر قىسىم iOS SDK ياكى Mac SDKچىقارغان ئەپ پروگراممىلىرىنى چۈشۈرىشىگە يول قويىدۇ.ئەپنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئابونىت ھەقلىق ياكى ھەقسىز چۈشۈرسە بولىدۇ. ئەپ پروگراممىسىنى بىۋاسىتە iOS قۇرۇلمىسىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Mac OS X ياكى Windowsسۇپىسىدىكى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېر مەركىزىگە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ئويۇن، كۈنتەرتىپ باشقۇرۇش، لۇغەت، رەسىم ئامبىرى ۋە كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان پروگراممىلار: iOS ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى ئەپ: تېلېفون، Mail، Safari، مۇزىكا ۋىدىئو، SpringBoard، قىسقا ئۇچۇر، كالېندار، سۈرەت، فوتوكامېرا، FaceTime،Photo Booth، پاي بازىرى، خەرىتە، كىلىمات، خاتىرە، ژۇرنال، ئەسكەرتىش تۈرى، ۋاقىت، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ، كومپاس، ئاۋازلىق خاتىرە، App Store، Game Center، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاقە خاتىرىسى، iTunes، Nike+iPod، Voice Control، Siri، Passbook؛ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىن چىقىرىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللار YouTube، iPod، خەرىتە.

Web قوللىنىشچان پروگراممىسى: 2007-يىلىدىكى ئالما شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار يىغىنىدا، ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPod Touch نىڭ Safari ئارقىلىق تور كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ بەزى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ ئەپ پروگراممىلىرىنىڭ Web ئەپ پروگراممىسى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار AJAX تور تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈزۈلگەن.

ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى: iOS پەقەت App Store نى قۇرغۇچى تەرەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى قوللايدۇ.

ئەسلىگە قايتۇرۇش ئەندىزىسى

DFU ئەندىزىسى iOS قۇرۇلمىسىنىڭ قۇيما ماتېرىيال يۇقىرى كۆتۈرۈش شەكلى، بۇ شەكىل قۇرۇلمىنىڭ ھەر قانداق ھالەتتىن ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويىدۇ.

DFU ئەندىزىسىگە كىرىش

بىرىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. قۇرۇلمىنى ئېتىش؛

3. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 3 سېكۇنت بېسىپ تۇرۇش؛

4. Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 10 سېكۇنتقىچە قويىۋەتمەسلىك؛

5. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ، Home كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرۇش؛

6. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. ھەر قانداق ئەھۋالدا، Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىش؛

3. يانفونىڭ ئېكرانى قارا بولغاندىن كېيىن 3~5 سېكۇنتقىچە ئۆتكۈزۈپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز، Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز؛

4. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.DFU ئەندىزىسىدىن چېكىنىپ چىقىش

Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى ئالما بەلگىسى چىققۇچە بېسىپ تۇرۇش.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى
توردىكى مەنبەسى : ئوكيان تورى ئوكيان قامۇسى

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:16:22

قايسى كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ قارىسام تېلفۇنۇم ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغاراق كىرىپ قالدىمۇ شۇنداق بەك قىززىپ كېتىپتۇ، توكىمۇ تۈگەيلا دەپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن توكىنى لىق قاچىلاپ ئىشلەتسەم 2 سائەت ئارانلا يېتىدىغان بوپقالدى، ناخشا قويۇپ باشقا مەشخۇلات قىلسامغۇ بولدى 1 سائەتمۇ پايلىماسمىكى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردەمدىلا دەششەت قىززىپ كېتىدۇ، ئۆچۈك ھالەتتىمۇ توك قاچىلاپ باقتىم، ئوخشاشلا قىززىيدىكەن. ئېمتىھان مەزگىلى بولغاچقا بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ كۆرسىتىپ باققىلى بېرىپ بۇلالمايۋاتىمەن،  باتارىيەسى ئۆلگەنمىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم. مۇشتا قىززىتمىسى ئۆرلەگلىك يۈرىۋەسە باشقا كېسەل تېپىۋالماس ھە ؟
iPhone 5 تى.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:36:59

‏ئالمىنىڭ بۇ سېستىمىسىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، لىكىن مۇشۇ iCloud ھەم siri  قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە چۈشەنچەم بەكمۇ يۈزەكى، مۇشۇ توغرىسىدا  ئورتاقلىشىپ باقساق  رەھمەت.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 14:26:48

ios8 دىن چوڭ ئۈمدلەرنى كۈتىمىز.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 18:01:21

ios8نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىپتۇ، قاچىلاپ باقاي دەپراق يالتىيىپ قالدىم....

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 22:56:18

يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىمۇ ياكى كۆچمە ئۈسكىنىمۇ؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:13:11

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:36 static/image/common/back.gif
‏ئالمىنىڭ بۇ سېستىمىسىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، لىكىن م ...

icolud  بۇلۇت سۇپىسى دەپ قويامدۇق شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،سىزنىڭ سىزنىڭساقلاشقا بۇيرىغان بارىلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى(رەسىم،ئالاقىداش،پاراڭ خاتىرسى،ئەسكەرىتمە)قاتارلىقلارنى ساقلايدۇ.siriنى ياقتۇرمايمە،شۇڭا ئىشلەتمەيمەن.يانچۇقتا بىسىلىپ قىلىپ باشقىلارغا تېلفۇن ئۇرىۋىتىدىغان گالۋاڭ نەرسە دەپ قارايمە:lol
بەت: [1]
: iOS