ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:00:13

قان تومۇر ئىچىش شەربىتى چىقتى،بۇ ھەقتە ئازراق كۆڭۉل سۆزلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 11:01  

ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مانا بۉگۉن تىحىمۇ ئۆلچەملىك ئالما ئاچچىقسۇلۇق
قان تومۇر ئىچىش شەربىتى چىقتى .رىتسىپنىڭ ئۉنۉمدارلىقىنى تىحىمۇ ئاشۇرۇش ئۉچۉن ،
كىلىش مەنبەسى ئىشەنچلىك ساپ يانتاق ھەسىلى ئىشلەتتۇق .شۇڭا دىئابىت بولعانلار
ئەنسىرمەي ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .ئىلى ۋىلايىتى رايونىدىكىلەرگە ئاسانلىق
تۇعدۇرۇش ئۉچۉن ،ئۆزىگە بۇ شەربەت بەك پايدا قىلعان بىر قىرىندىشىمىز ،ئىلى
رايونىعا بۇ شەربەتنى يەتكۉزۉش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئىلىنىڭ بارلىق
ناھىسىدىكى قىرىنداشلار بۇ تىلىفۇن بىلەن ئالاقىلاشقايسىزلەر .18040999733
ئۉندىدارىدا عۇلجىلىق قىرىنداشلار بولسا بۇ ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىزلار
ئۇلار عۇلجا رايونىعا ھەمبەھىرلەپ قويعان بولسا .بىز داۋاملىق بەك پايدىنى كۆزلىمەسلىك
ماشىنلاشتۇرۋالماي قولدا تۉجۉپىلەپ ئىشلەش،ماتىرياللارعا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
ئوسولىمىزدا چىڭ تۇرىمىز ھەم تەجىربىلىرىمىزنى ئىلاج بار يوشۇرماي ئاشكارە تارقىتىمىز
ئەگەر ياساش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچىرىعان قىرىنداشلار تارتىنماي تىلىفۇن قىلسىڭىز
بىز سىزگە يىتەكلىچىك قىلىمىز .بۇ رىتسىپ ئادەم ئالدايدىعان رىتسىپ ئەمەس بەلكى
ھەقىقەتەن ياحشى رىتسىپ بولعاچقا ،ئۇيعۇر قىرىنداشلار ئارىسىدا كەڭ تارقالسىكەن
دەيمىز .بۇنداق بولعاندا بىھۇدە ئوپراتسىيە چىقىملىرىنى تىجەپ ،ئارتۇق ئاۋارىچىلىقلار
قىسقىرايدۇ بۇ شەربەتنى ئىستىمال قىلىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى سىز چوقۇم
ھارام ،شۇبھىلىك ئىستىماللارنى تاشلىشىڭىز ياكى ئازلىتىشقا تىرىشىشىڭىز كىرەك .
مەسىلەن :ھاراق تاماكا ،كىلىش مەنبەسى ئىشەنچلىك ئەمەس ھىلىقى ئىسمى دەبدەبىلىك
توحۇ گۆشى ،ئىسى دەبدەبىلىك لىكىن شەك بار تەييار چۆپ ......قاتارلىق .بولمىسا
دۇئايىڭىز ئىجابەت بولماي قىلىشىڭىز مۇمكىن .ھەر قايسى تور بىكەتلىرى ۋە ئۉندىدار
سۇپىلىرى بىزنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتىدۇ .بىز شەربەتنى قولدا ئىشلەۋاتقان ھەمدە
پايدىنى بەك كۆزلىمىگەن ھالدا تارقىتىۋاتقان بولعاچقا ،چوڭ تور بىكەتلەرگە ياكى
ئۉندىدار سۇپىلىرىعا ئىلان بەرگۉدەك ھالدا ئەمەسمىز لىكىن ئىزدىنىشتىكى بىر سوم
پىلانىعا ئازراق كۆڭلىمىز بار .بولسا مۇشۇ تىما ئاستىعا ياكى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ
بىر سوم پىلانىنىڭ كارت نومىرىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز.ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى
ئىپادىلىۋالساق .بۇ ئۇچۇرلىرىمىزنى ئۆز سۇپىلىرىدا حالىس تارقاتقان ئۇندىدار
سۇپىلىرىنى بىز قومۇل سەرۋەڭ تورى مۇنبىرىنىڭ باش بىتىگە رەسىملىك ئۇلىنىش
قىلىپ ،شۇ ئۉندىدار سۇپىسىنىڭ قومۇلدا تارقىلىشىعا ياردەمدە بولىمىز .مۇشۇ ھەمكەرلىق
نى حالايدىعانلار 18999036938بىلەن ئالاقىلاشقايسىزلەر .تىحىمۇ كۆپ قىرىنداشلار
بۇ ياحشى رىتسىپتىن پايدىلىنىۋالسۇن .
ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىن بىردىن ۋاكالىتەن مال تەمىنلىگۉچى قوبۇل قىلىمىز .شەرتى
چوقۇم ئۆزى ئىستىمال قىلىپ پايدا قىلعان بولىشى كىرەك .قالدى ئىشلارنى تىلىفۇندا
سۆزلىشىمىز .
ئەسكەرتىش :دۇراك ئەپەندىم يوللىغان بۇ رېتسىپ توغرىسىدىكى سەلبى گەپلەرنى بۇ
يازمىدا چۈشەندۈرۈش بەرمىدىم .شۇ تېمىغا كىرىپ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ قالسىڭىزلار.
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58853#lastpost

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:57:34

« دۇراك ئەپەندىم يوللىغان بۇ رېتسىپ توغرىسىدىكى سەلبى گەپلەرنى » ...

بۇ يەردە يەنە مېنى تىلغا ئەپسىز ، سەلبى نىمىنى كۆزدە تۇتىدۇ ؟ سودىڭىزغا نىسبەتەن سەلبىيمۇ ياكى كىشىلەرگە دوختۇرلارنىڭمۇ پىكرىنى يەتكۈزۈپ بىر سېلىشتۇرۇش پۇرسىتى بەرگەنلىگىمدىنمۇ ؟

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:02:14

ئەسلى « ئوخشىمىغان گەپلەرنى » دىسىڭىز ئاندىن تورداشلارغا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ، ئۇ تېمىدىمۇ دىدىم ، مېنىڭ تەرجىمەمنىڭ سىزنىڭ سودىڭىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ، رەھمەت !

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:10:53

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:02 static/image/common/back.gif
ئەسلى « ئوخشىمىغان گەپلەرنى » دىسىڭىز ئاندىن تورداشلا ...

بۇ شەربەت يۈرەككە كۆۋرۇك سالىسەن دەپ چىققان بىمارلارنىڭ كىسىلىنى يىنىكلىتىش رولى بار .بەك پايدا قىلىپ كەتكەندە ئېچىۋېتىپ كۆۋرۈك سېلىش ئاسارىتىدىن قۇتقۇزدۇ .مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار
http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html
يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى
http://bbs.izdinix.com/thread-57934-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58496-1-1.html
8-تۈركۈمدىكى ئالما سىركىلىك قان تومۇر ئېچىش شەربىتى پىشتى
http://bbs.izdinix.com/thread-58680-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:14:58

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:02 static/image/common/back.gif
ئەسلى « ئوخشىمىغان گەپلەرنى » دىسىڭىز ئاندىن تورداشلا ...

لېكىن تەرجىمىڭىزدىن بىر خىل قۇتراتقۇ ھىسيات چىقىپ تۇرۇدۇ .تەرجىمىڭىزنى ئوقىسا مەن مۇناسىۋەتسىز دەپ دەپ بىلمەيدۇ .كۆرۈڭ ئىنكاسلارنى ....مەن بۇ رېتسىپنى ماختا دىمەيمەن .لېكىن سىز تەكشۈرۈپ باقماي تۇرۇپ ما ئاتالمىش تەرجىمىنى يوللاپ يۈرگىنىڭىزنى نىمە دەي .ئەمدى .نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىپ باققانلاردىن سوراپ بىلىپ ئاندىن تەرجىمە قىلمايسىز؟ئا غۇلجىدىكى قېرىنداشنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى قالدۇرۇپ قويدۇم .تېلىفۇن قىلىپ بېقىڭ ..

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:21:47

ئۈندىدار نومىراممۇ تېلىفۇنغا ئۇلاغلىق،پىكىرلىشىدىغانلار ماڭا قوشۇلۇپ پىكىرلىشەسىلەر .18999036938

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:26:53

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:14 static/image/common/back.gif
لېكىن تەرجىمىڭىزدىن بىر خىل قۇتراتقۇ ھىسيات چىقىپ تۇ ...

قۇتراتقۇ ھىسيات ؟ بۇ نىمە گەپ ؟ مەن ئۇ تېمىدا سىزنى « ئەھۋالدىن بىخەۋەر  ساددا بىمارلارنى  ئاتالمىش ئاچچىقسۇرىڭىز بىلەن ئالدىدىڭىز »  دىدىممۇ ؟ سىز ۋە تېمىڭىز ، سودىڭىز توغۇرلۇق ئۇ تېمامدا تىلغا ئالدىممۇ ؟

  لېكىن مەنمۇ بۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىشنى توختۇتۇپ قويمايمەن ، قوشۇمچە › مۇنبىرىمىزدىكى بىلىمخۇمار ئەپەندىنى   ئامېرىكىدىكى كولومبىيا ئۇنىۋېرسىتېتى (Colombia University)  دا تېببىي ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىندىشىمىز دوكتۇر مەمەت ئېمىنگە بۇ خۇسۇستا ئاچچىقسۇنىڭ دورىلىق رولى ھەققىدە ھاۋالە قىلىپ بېقىشىنى    ، مۇشۇ مۇنبەردىكى تىببى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداشلارنى بۇ خۇسۇستا پىكىر قاتناشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

ئەسكەرتىش ، مېنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم ئاتالمىش  « يۈرەككە كۆرۈك سېلىش دوختۇرلىرى ئىشسىز قالىدىغان بولدى ، قانتومۇر  قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغان مەخپى رېتسىپ » دىگەن ئۇچۇرنىڭ راست- يالغانلىقى ، لېكىن يىمەكلىكنىڭ قوشۇمچە رولى توغۇرلۇق ماڭا گەپ ساتمىغايسىز ، مېنىڭمۇ چۈشىنىش ئىقتىدارىم بار .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:33:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 12:38  

  يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسىنىڭ ھازىر رېئاللىقتا غەيرى نورمال تەرەققى قىلىۋاتقىنى ، ئىقتىسادى پايدىمۇ كۆزلىنىۋاتقانلىغىنى چۈشىنىمەن ، لېكىن بىر ئاچچىسۇنىڭ رولىنى  « قان نوكچىسىنى ئېرىتىدۇ » دەپ كۆپتۈرگەن ئۇ ئۇچۇر توغرۇلۇق ئىزدىنىمەن ، دىمەكچى ئەزۋەيلەپ يۈرمەسلىگىڭىز ئۈچۈن تەپسىلى چۈشەندۈرۈۋەتتىم مانا ... :)

بۇ مەن تەرجىمە قىلىپ يوللىغان تېما ئادرىسى  :

http://bbs.izdinix.com/thread-58853-1-1.html

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 13:59:38

ماۋۇ 4 كۈن بۇرۇن شىنخۇا تورىغا بېسىلغان ماقالىكەن ،
http://news.xinhuanet.com/travel/2014-06/20/c_126647611.htm

ئىزدىنىشقا ئىلان بېرىدىغانلار، ئىلان قانۇنىغا بوي سۇنۇپ قويسا:lol :
مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئىلان  قانۇندا ئېنىق بېكىتىلگەن ، {:90:}
===========\
يەنە بىر سۇئال: ، سىلەنىڭ بۇ ئىشلىگەن « دۇرا»ڭلارنى  ئىشەنچىلىك  دەيدىغانغا ، بىرەر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش كېنىشكىسى بارمۇ يا ؟  ئىشلەۋاتقان  « ئىشچى» لارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىدۇ؟  سېخىڭلار پاكىزدۇ ؟ .... {:136:}
بۇ يەيدىغان نەرسە، چاخچاق قىلمىغايسىلەر .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:54:24

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 13:59 static/image/common/back.gif
ماۋۇ 4 كۈن بۇرۇن شىنخۇا تورىغا بېسىلغان ماقالىكەن ،
http: ...

شىنخۇا تورى راس ئېيتىدۇ ..بەك راس گەپ قىلىدىغان ئورگانچۇ ئۇ ..بۇ شەربەتنىڭ رەسمىيىتىنى بىجىرۋاتىمىز .ئاز قالدى .بۇ شەربەتنى ئىشلەيدىغان سېخنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەرگۈم بار .مۇسۇلماندەك پاكىز تۇتتۇق .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:58:41

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 12:33 static/image/common/back.gif
يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسىنىڭ ھازىر رېئاللى ...

بىز ئاچچۇقسۇنى قان نوكچىسىنى ئېرىتىدۇ دىمىدۇق .بەلكى لىمون،زەنجىۋىل،سامساق ،ئالما ئاچچىقسۈيى ۋە ساپ ھەسەلدىن ياسالغان ھېلىقى رېتسىپ قان تومۇر توسالغان بىمارلارغا مەنپەئەت قىلىپ ،سۈمىرىش تىزراق كەلگەنلەرنى بىر داۋالاش باسقۇچىدا ئاللاھ خالىسا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن دىدۇق .ئۇنداق چوقۇم دەپ ۋەدە بەرمىدۇق .بۇ خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىش .بۇنىڭغا شىلتىڭ ئېتىشقا بولمايدۇ .
مەن سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىزنى توسىغىنىم يوق .لېكىن سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئەمەلىيەت قانداق بولاۋاتىدۇ دەپ تەكشۈرۈپ ئاندىن گەپ قىلغايسىز .ئۆيدىن تالاغا چىقايلى .

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 16:25:10

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ياسىغان رىتسىپىڭىزنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگەنلەر بارمۇ ؟ ئىشلىتىپ شىپا تاپقانلار ياكى ساقايغانلار بارمۇ ؟ تورداشلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە پىكىردە بولىشى يوللۇق ، چۈنكى كېسەل چاخچاق قىلدىغان ئىش ئەمەس ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، كېسەلگە نىسبەتەن داۋالنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋىتىش ئەڭ خەتەرلىك ، ناۋادا رىتسىپىڭىزنىڭ ئۈنىمى بولمىسا ، سىزنىڭ شەربىتىڭىزنى ئىچىپ پۇرسەتنى كەتكۈزۋەتتى ،ئۆتكۈزۋەتتى دېگەن گەپ ، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ئورۇنلىرنىڭ ئىتراپنامىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن شەربىتىڭىزنى تەشۋىقى قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:15:36

بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ،بىمارلارنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش…
بىمارلارنىڭ دورا ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى بولىدۇ،دورىنى كىلىنكىلىق سىناق قىلدىڭلارمۇ؟سىناق ئەھۋالى قانداق؟مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ۋە سان سىفىرلارنى كەڭ بىمارلارنىڭ كۆرۈشىگە يوللىغايسىز،دورىڭىزغا كۆڭلىمىزدە شەك بوپ قالمىغاي

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:23:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 18:29  

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 15:58 static/image/common/back.gif
بىز ئاچچۇقسۇنى قان نوكچىسىنى ئېرىتىدۇ دىمىدۇق .بەلكى  ...

  ئەمىلىيەتتە قانداق بولىۋاتقانلىغىنى تەكشۈرۈپ باقىدىغان مەجبۇرىيىتىم يوق بىلسىڭىز ، لېكىن ئەقەللىسى ئۆزەم ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى باشقا بىمارلارغا يەتكۈزۈپ قويىدىغان ئىمكانىيىتىم بار مانا بۇ مۇنبەردە بۇ ئىمكانىيەت بارغۇ ، شۇڭا بۇنى يازدىم ، مەھسۇلاتىڭىزغا ئىشەنسىڭىز خۇدىگىڭىز بولمىسا سېتىۋەرمەمسىز ؟  

  قانۇنلۇق ئىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز  خۈدۈكسىرىمەي دادىل بولۇڭ ،! ھالال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئەزەلدىن قايىل ۋە قوللايمەن ، بولۇپمۇ مۇشۇ مىللەتداشلاردىن بولغانلارغا ...

  

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 17:30:40

ساقلىقىنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرى بىلەن كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورا ئوخشىمايدۇ ، مىللىي تىبابەت دورىلىرىغا قانداق ئۆلچەم قويىلىدۇ بىلمەيمەن ،غەرب دورىلىرىدا ياسىلىپ چىقىلىغاندىن كېين ھايۋانات سىنىقى ، ئىختىاريى تاللاىغان پىدائىيلار تېنىدىكى سىناق  ،كىلىنكىدا ئىشلىتىلگەندىن كېينكى كۆزىتىش قاتارلىق بىر قاتار جەريانلار كېتىدۇ ، بۇ جەرياندىكى تەجرىبە نەتىجىسى سانلىق ، سۈرەتلىك ، يېزىقچە ماتىرىياللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يوللىنىدۇ .شۇڭا سىلەر ياساپ چىققان مەھسۇلاتقا گۇمانلارنىڭ پەيدا بولىشىغا ئۇنچە كايىپ كەتمەڭلار نۆۋەتتە نورمال ئەھۋال بۇ  .

izchi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 19:24:32

تىمىدا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىنى ئۆزىمىز توغرا ئىشلىتەيلى. ھازىر تىخى بىر تالاي ئىملا توغۇرلۇغۇچ بار. بەك بولمىسا شۇنىڭدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ .

تىمىنىڭ ماۋزۇسىدىكى « ئىچىش » ئەمەس « ئېچىش »، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى سۆزنىڭ ناھايىتى چوڭ پەرقى بار .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 10:02:37

قوللايمىز ، بولسا تەپسىلى كىسەللەرنىڭ ئارخىۋىنى ئىشلەپ سىتاستىكا قىلىپ باققايسىزلەر ، بۇ ئىچىمىلىك ئادەتتىكى ئىستىمال قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ياسالغان ،ئەمدى بۇنىمۇ سىناق قىلىپ بازارغا سېلىش كەتمەس، بۇنى شەخسىي ئۆزىمۇ ياسىغىلى بولىدىكەن، بۇنى ئشلىگەنلەر توردا ياساش ئۇسۇلىدىكى تەجرىبىسىنىمۇ ئورتاقلىشىپتۇ، ياكى بۇ بىر جۇڭيى دورىسى بولمىسا ، قايناتما ياساشقا ئېرىنگەنلەرگە مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېتىپتۇ، ياسىغانغا تويغۇزۇۋەتمەڭلا خەخنى، نەدىكى دوختۇرلۇق ئەخلاقى يوق نېمىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئىنكار قىلماي

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:25:37

ئوپىراتىسيە پىچىقى بىلەن كونكىرىت رول- پىرىنسىپلىرى ئېنىق بولغان دورىغا ئىشىنىدىغان غەرب تىبابىتى يەرلىك رېتىسىپلارغىلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭيى تىبابتىگىمۇ گۇمان نەزىرىيىسى بىلەن قارايىدۇ ، جۇڭيى تىبابىتىدە نۇرغۇن دىئاگنوز پىرىنسىپلىرى مەۋھۈم ھالەتتە ،كىلىنكىدا گۇمان بولسىمۇ جۇڭيى ( ئۇيغۇر،زاڭزۇ ، موڭغۇل،مىياۋزۇ.....) دورىلىرىنىڭ شىالىق رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ ،ئاساسىي رول ئوينىغۇچى تەركىب  ، پىرىنسىپ دېگەندەك جەريانلار ئېنىق بولمىسىمۇ لېكىن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە يەنى كېسەل داۋالاش رولىىنىڭ بارلىقى كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت ، يېتەرسىزلىك شۇكى جۇڭيى دورىگەرلىكىدىكى ئۆلچەمنىڭ غەرب تىبابتىدەك قاتتىق بولماسلىقى ، داۋالاش رولىنىڭ مەلۇم جەريان تەلەپ قىلىشىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر بىر قىسىم قىزىل كۆزلەرگىمۇ بازار ھازىرلاپ بەرگەن ، غەرب دورىگەرلىكىدە ساختىپەزلىك قىلىش بىر قەدەر تەس توختايدۇ ( دۆلىتىمىزنى ھېسابقا ئالماي تۇرايلى :lol )،چۈنكى دورىگەرلىك ئۆگەنگەن ئادەم بىلىدۇ ، غەرب دورىگەرلىكى دورىنىڭ ئىش ئىشلەش پىرىنىسپىنى ئادەم تېنىدە چوڭى رەئىس ئەزالاردىن تارتىپ كىچىكى ئېنىزىم ، قوشۇلغۇچى تەنچە ، ھۈجەيرە تۆشۈكچىلىرى، ئادەم تېنىدىكى مېكر ئېلىمنتىلارغىچە تەتقىق قىلىدۇ ، دورىنىڭ باكتىرىيە ،ۋىرۇس،زەمبۇرۇغ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەرگە بولغان تەتقىقاتىمۇ دىئوكسى رىبۇ نۇكلىئۇدىت،رىبۇ نۇكلىئۇدىت سەۋىيىسگە بارىدۇ ، رول ئويناش پىرىنسپلىرى چۈشەندۈرۈش پەقەت بىرىنچى باسقۇچ، كېيىن مەن يۇقارقى ئىنكاسىمدا ئېتىلغاندەك  ھايۋانات سىنقى دېگەندەك يەنە بىر قاتار جەريانلارنى تەلەپ قىلىدۇ ، دېمەك غەرب دورىگەرلىكى ئوبىكتىپنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئىلىم ، غەرب دورىگەرلىكىدە ھەممىگە مەلۇملۇق يېتەرسىزلىكمۇ بار ، يەنى كۆپچىلىك دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بار،قىسىمەن ھاللاردا كېسەللىكنىڭ نېگىزىنى ھەل قىلالماي ، كېسەللىك ئالامىتىنى يوق قىلىدىغان ئىشلارمۇيوق ئەمەس....دېمەككى ھەر ئىككى ساھەنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتەرسىزلىكى ھەم ئارتۇقچىلىقى بار، بەزى ئۆلچەملەرنى بىر ساھەگە قويغان تەلەپ بويىچە بېكىتىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئىككىسىنىڭ بىر بىرىنى ئىنكار قىلىش بىر بىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىمۇ ھەم يوق ئەمەس، ئۆز چۈشەنچە مەيدانىغا ئاساسەن  پىكىرلىرىنى بايان قىلىش ھوقۇقىمۇ شۇ . قالغان تاللاش ھوقۇقى شۇ كېسەل بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە شەخسەن مەن جىددىي ، جان ئالغۇچى كېسەللەرگە جۇڭيى دورىلىرىغا مۇراجەت قىلىپ ئولتۇرمايمەن

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:53:02

گىزىت تەشۋىقاتىغا ئانچە خۇشۇم يوقتى .ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى مانداق نەرسە بېسىپ بېقىپتۇ كۆرۈپ باقاسىلەر ..بەك يېڭى گەپمۇ يوق .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 12:56:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 13:09  

takrar
بەت: [1] 2
: قان تومۇر ئىچىش شەربىتى چىقتى،بۇ ھەقتە ئازراق كۆڭۉل سۆزلەر