israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 23:31:38

[قانۇن]1885 قېتىمدىن كىيىن


1885قېتىم رەت قىلىنغاندىن كىيىن

ئامىرىكا كىنو چولپىنىنى بىز كۆنۈپ قالغىنىمىز بويىچە 《رامبو》دەپ ئاتاۋىرەيلى،ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ گاڭسا-مۇسا بولۇپ كوچىدا قالغان ئىكەن.يېنىدا ئارانلا  100دوللار قالغان بولۇپ، ئوي ئىجارىمۇ ئالالماي كەچلىرى  ماشىنا ئىچىدە ئۇخلايدىكەن.ئەمما شۇنداق ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، ئۇ ئارتىس بولۇش ئارزۇ-غايىسىنى يوقاتماپتۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ،نىيۇ-يۇركتا 500كىنو شىركىتى بار بولۇپ،ھەممىسى دىگىدەك ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى جەلىپكار ئەمەسكەن 、سۆز تەلەپپۇزى ئېنىق چىقمايدىكەن دىگەن سەۋەپ بىلەن ئۇنى رەت قىلىۋىرىپتۇ.كىيىن ئۇ 《روكىي》ناملىق كىنو سىنارىيىسىنى يېزىپ چىقىپ،ھەممىلا يەردە تەشۋىق قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ داۋاملىق مەسخىرە ۋە مازاق قىلىش ئوبىكىتى بولۇپ قالىدۇ.مۇشۇنداق قىلىپ،ئۇ جەمئى 1885 قېتىم رەت قىلىنغان ئىدى.
ئاخىرى،بىر كىنو شىركىتى ئۇنىڭ  سىنارىيىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلەشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىنودا رول ئېلىشىغا يۇقۇرقىدەك سەۋەپ بىلەن قوشۇلمايدۇ. ئۇ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن ،ئامالسىز قالغان شىركەت خوجايىنى بىر قېتىم  رولغا چىقىپ سىناپ بېقىشقا ئاخىرى قوشۇلغان ئىكەن.
سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىز1885 قېتىم رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنە داۋاملاشتۇرالامسىز؟
رامبو باشقىلار قىلالمىغاننى قىلغان بولغاچقا،مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ دۇنياۋى كىنو چولپىنى بولالىغان.
يەنە ئىدېسونمۇ لامپۇچكىنى ئىجات قىلىشتا 2000قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاخىرى مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ دۇنيانى يۇرۇتقان ئىكەن!

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 05:49:34

شەخسەن مەن 1885 قېتىم ئەمەس 18 قېتىم رەت قىلىنىشنىمۇ قوبۇل قىلالماسلىقىم مۇمكىن،

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:18:40

بۇنى ئىلمى ئۇسۇلدا دىگەندە بەل قويۇۋەتمىگەنلىك ، يەرلىك ئۇسۇلدا دىگەندە ‹ يۈزى قىلىن ، بىزاڭ ›

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:47:14

گاڭسا-مۇسا  
بۇ نىمە مەنادىكى گەپ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:51:15

ئامرىكىدىمۇ  مەسخىرە ۋە مازاق قىلدىغان ئىشلار بارمىكەن

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 08:09:02

كىچىكىدە ئۈگەي ئانىسى تۇلا ئوردىكەندۇق بۇ يىتىمنى. شۇڭىمۇ بىر خىل قەيسەرلىك بار چېغى.ئېۋۇ تۇنجى قېتىم ئالغان رولىمۇ ئاساسلىق رول ئەمەس .لەپلا قىلىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان رول دەپ كۆرگەندەك قىلغان مەن ،ئەمما شۇ رول بىلەن رىجىسور ئۇنىڭدىكى تالاتنى بايقايدىكەن.

گاڭسا-مۇسا دىگەن گەپ،ئىسىىق جىنىدىن باشقا ھېچنىمى يوق دىگەن گەپ.ئاڭلاشلارغا قارغاندا قىمارۋازلار ئاخىرى گاڭسا -مۇسا بۇلۇپ كىتىدىكەن.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 08:41:14

ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇ ياكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا مۇ ؟

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:12:20

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 08:41 static/image/common/back.gif
ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇ ياكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئالد ...

نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:38:33

ما ئوغا بالىنىڭ ئاۋازى بىر خىل غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىدۇ.ئۇقماق تەسرەك...«روكى»دىگەن كىنوسى ھەقىقەتەن ياخشى چىققان كىنو.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:52:39

بىزنىڭ يۇرتتا گاڭسا-جىسا دەيتتۇق{:87:}

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:25:17

بۇنى ئىزچىللىق،بەل قويۋەتمەسلىك دەيمىز.ئۆز تىلىدىكى كىنولىرىنى كۆرۈپ قويىمەن بەزىدە.ئاۋازى بىر خىل غاراڭ-غۇرۇڭ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 12:27:26

مەن بىر ئاز توغۇرلاپ قوياي ،
سىيلۋېستار ستاللون – 1946- يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۇنى ئامىرىكىنىڭ نىيۋيۇرك شەھرىدە تۇغۇلغان، داڭلىق كىنو چولپىنى، سىنارىسىت ۋە فىلىم رجىسسورى . مانا ھازىر ھەممەيلەن ئۇنى رامبو دەپ ئاتايمىز، ئەمما ئۇ دۇنيادىكى كىنو ھەۋەسكارلىرىغا روككى دىگەن نام بىلەنمۇ تونۇش .  مۇشۇ ئىككى فىلىم ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان.  ئەمدى بىزلە رامبۇنى تونىيمىز ،ئەمما روككى بىلەن ئانچە تونۇشلىقىمىز يوق، « روككى » بولسا دولەتلىك كەسپى فىلىملەر مۇزىخانىسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، فىلادىلفىيە ئىشتاتلىق سەنئەت مۇزىينىڭ ئىشىك ئالدىدىكى پەشتاقنى روككى پەشتىقى ، دەپ ئاتايدۇ چۇنكى مۇزىيېنىڭ ئالدىغا ستاللون رول ئالغان روككىنىڭ ھەيكىلى قاتۇرلغان . مۇشۇ فىلىم بىلەن كىنوچىلىقنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئىككى مۇكاپاتى بولغان « ئەڭ ياخشى ئۆزى رول ئالغۇچى» ۋە « قالتىس ئارتىس » دىگەن مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن  . بۇ مۇكاپاتلارغا چارلىز چاپلىندىن كىيىنكى ئۇچىنچى ساھىبى بولۇپ قالغان .
دىمەك بۇ فىلىم ستاللوننىڭ نامىنى چىقارغاچقا ، بۇ فىلىم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر توختىمايدۇ، يۇقىردىكى تورداشنىڭ رىۋايتى شۇ رىۋايەتلەر ئىچىدىكى بىرسى .
ئەمەلىيەتتە ستاللوننىڭ دادىسى فىرانىك ستاللون بولسا ئىتالىيە نەسلىدىن بولغان ئامىرىكىلىق ھوسۇن تۇزەش دوختۇرى، ئاپىسى جەككى ستاللون ئوكىرائىنالق يەھۇدى نەسلىدىن بولغان ئامىركىلىق بەدەن گۇزەللەشتۇرۇش گىمناستىكىچى، ئۇسسۇلچى ۋە ئاياللار چىلىشش تۇرىنى قوللىغۇچى . 50-يىللاردا  ئاتا ئانىسى نىيويۇرۇكتىن ۋاشىنگىتونغا كۆچۇپ بىرىپ بىر ھۆسۇن تۇزەش مەكتىۋى ۋە بىر بەدەن گۇزەللەشتۇرۇش  ئورنى ئاچقان . 55 –يىلى ئاتا ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ستاللوننى ئانىسى بىقىپ چوڭ قىلغان ، ئانىسى بەدەن گۇزەللەشتۇرۇش ئورنىنى ئىزچىل ئىچىپ كەلگەن . سىتاللون نورمال بالىلاردەك لىنكولىن ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇپ، ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، مىئامى دادە ئىنىستىتوتى ۋە مىئامى ئۇنۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرگەن.
70-يىللاردا ھوللىۋۇدقا بىرىپ كىنولاردا رول ئىلىشقا باشلىغان، روككىنى ئىشلەشتىن بۇرۇن نۇرغۇن فىلىمدە رول ئالغان ئەمما نامى چىقمىغان خالاس .
مۇشۇ جەرياندا ئامىركىنىڭ بوكىس شاھى مۇھەممەد ئىلىنىڭ بىر قىتىملىق مۇسابىقىسىنى كۆرۇپ  زور ئىلھامغا كىلىپ ئۇچ كىچە كۇندۇزدە « روككى» فىلىمىنىڭ سىينارىسىنى يىزىپ پۇتتۇرگەن . بۇ سىنارىيەگە شۇ ۋاقىتتا ئىككى فىلىم ئىشلىگۇچى ناھايىتى قىزققان بولۇپ، 350000 دوللارگە سىنارىيەنى سىتىۋىلىشنى رولىغا باشقا ئارتىسنى چىقىرىش ئويىنى ئىيتقاندا، ستاللون رەت قىلىپ ، سىيارىيەنىڭ باھاسىننى چۇشۇرۇپ رولنى ئۆزى ئىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان، ئۇلار كىلىشىپ سىنارىيەنى ئىشلىتىپ رولىغا ستاللون چىققان .
بۇ فىلىم ئامىرىكا تارىخدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن فىلىم بولۇپ قالغان .  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 13:55:29

ئاشۇ روككى پىلىمىنى ئەۋەتمەمسىلە كۆرۈپ باقىلى...

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 14:53:16

ھاياتتا بىز نۇرغۇن ىشلاردا مۇشۇنداق بەل قويۇۋەتمىگەندىلا نەتىجىگە ېرىشەلەيمىز.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:03:16

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 13:55 static/image/common/back.gif
ئاشۇ روككى پىلىمىنى ئەۋەتمەمسىلە كۆرۈپ باقىلى...

جەمى 6 قىسىمغۇ دەيمەن بۇ ، ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم .
http://www.piaohua.com/html/dongzuo/2009/1031/17009.html

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:17:18

كۈلۈشنى ياقتۇرمايدىغان ئارتىس دەپ نەچچىمە يىلنىڭ ئالدىدا رادىيودا غىل-پال ئاڭلاپقالغانتىم، مۇشۇ يىتىمنى تونۇشتۇرىۋېتىپتىكەن .  ياش ۋاقتىدا تەقى تۇرقى خېلى يامان ئەمەستى بوممىسا ، (بىر تامچە قان) غا تازا چۈپتىكەن چىرايى. رېجىسسور مۇ ھەجەپ خەقكەن .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:32:19

مۇشۇ يۈتۈمنىڭ يارام كىنولىرىنى بىر تىزىۋەتمەمسىلە، بىكاچىلىقتا كۆمىگەنلىرى بولسا تاللاپ كۆرىۋىتەيلى مۇشۇ باھانىدا.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 18:30:27

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-2314-1-1.html
كىشىلەر قەلبىدىكى رامبو-ستەيلون
بۇنىڭدا تەپسىلاتى با.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 18:51:40

1885قېتىم رەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن،ئەمما نامرات بولۇشى ناتايىن.
ئەينى ۋاقىتتا رامبودا بار  قامەت خېلى چېنققان ئادەملەردە يوقتى.

toghurchin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 20:09:08

مەن بىر توربەتتە كۆرۈشۈمچە بۇ چولپاننىڭ ئـۆتمۈشلىرى كۆپـتۈرۈلمە قىلىۋىتىلگەن ئىكەن.ئامىرىكىدا بۇنداق چولپانلارنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدىغان ئىش كۆپ ئىكەن.ئېيتىلىشىچە بۇ چولپاننى نامرات،دادىسىنى  ھاراقكەش دەپ  تەسۋىرلىگەن بولۇپ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى خېلى ياخشىكەن ۋە دادىسىنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.ئامىرىكىدا بۇنداق كۆپتۈرۈلمە ئارقىلىق ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بەت: [1] 2
: [قانۇن]1885 قېتىمدىن كىيىن