murad يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:53:31

رامىزان ۋاقتىنى ھېسابلاش ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامىزان ھارپىسىدا رامىزانلىق روزا تۇتۇش ۋاقىت جەدۋەللىرى تارقىلىدۇ. شۇ جەدۋەللەر ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېرىپلا ئاستىغا «ئالتاي مانچە مىنۇت بۇرۇن، قەشقەر مانچە مىنۇت كېيىن...» دەپ ئەسكەرتىلمە بېرىلگەن جەدۋەلمۇ بار. تۆۋەندە مەرھۇم كالىندارچى ئۇستاز ئەھمەد مەخسۇم خاقانىنىڭ مۇشۇ توغرىلىق كۆرسەتمىلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن:
بىر كەڭلىك (پاراللېل) دا بولغان جايلارنىڭ كۈن چىقىش- پېتىش ۋاقتى ئۇزۇنلۇق (مېردىئان) پەرقىگە ئاساسەن مۇقىم بولىدۇ. لېكىن بىر كەڭلىكتە بولمىغان جايلارنىڭ ئۇنداق بولمايدۇ. مەسىلەن: 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچىدە 4:27 دە كۈن چىقىدۇ. شۇ كۈنى قەشقەردە 5:29 دا كۈن چىقىدۇ. پەرقى: قەشقەردە 1 سائەت 2 مىنۇت كېيىن كۈن چىقىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە 7:55 دە كۈن پاتىدۇ. قەشقەردە 8:26 دە كۈن پاتىدۇ. پەرقى قەشقەردە 31 مىنۇت كېيىن كۈن پاتىدۇ.
        12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچىدە 7:40 دا كۈن چىقىدۇ. شۇ كۈنى قەشقەردە 8:13 دە كۈن چىقىدۇ. پەرقى: قەشقەردە 33 مىنۇت كېيىن كۈن چىقىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە 4:35 تە كۈن پاتىدۇ. قەشقەردە 5:35 تە كۈن پاتىدۇ. پەرقى 1 سائەت بولىدۇ.
        6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالتايدا ئۈرۈمچىدىن 19 مىنۇت بۇرۇن كۈن چىقىدۇ. ئاخشىمى ئۈرۈمچىدىن 15 مىنۇت كېيىن كۈن پاتىدۇ. 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالتايدا ئۈرۈمچىدىن 14 مىنۇت كېيىن كۈن چىقىدۇ. ئاخشىمى ئۈرۈمچىدىن 17 مىنۇت بۇرۇن كۈن پاتىدۇ.
        شۇڭا نوقۇل ھالدا مېردىئان پەرقىگە ئاساسلىنىپ بىر كەڭلىك (پاراللېل) دا بولمىغان جايلارنىڭ كۈن چىقىش- كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئۇزۇنلۇق (مېردىئان) پەرقىگە ئاساسلىنىپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ.
        شۇڭا بەزى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىشلىگەن كالېنداردىكى ئۈرۈمچى بىلەن باشقا ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ پەرقى مانچە مىنۇت ئىلگىرى ياكى كېيىن دېگەندەك ۋاقىت پەرقى ئەمىلىيەتكە پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىڭ پەرقى جەھەتتە: قەشقەر ئۈرۈمچىدىن 46 مىنۇت كېيىن. بۇ پەقەت چۈش ۋاقتىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەرقنى نوقۇل ھالدا ئەتىگەن ۋە ئاخشامغا تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.
        سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچىدە 7:55 تە كۈن پاتىدۇ. قەشقەردە 8:26 دە كۈن پاتىدۇ. ئەگەر قەشقەر ئۈرۈمچىدىن 58 مىنۇت كېيىن دېگۈچىلەرنىڭ دېگىنى بويىچە ھېسابلىساق، قەشقەردە 8:53 تە كۈن پاتقان بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە قەشقەردە 8:26 دە كۈن پاتقانلىقتىن 27 مىنۇت خاتالىق پەرقى كۆرىلىدۇ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:30:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvzyapriqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-23 17:38

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
www.xsada.comدىكى ۋاقىت توغرىمۇ شۇنداق بولغاندا؟
شۇ ۋاقىتنىڭ سۈزۈك jpg رەسىم ھالىتى بولسا تەمىنلەشكە بولارمۇ؟ چوڭراق باستۇرۇپ چىقىرىۋالاي دېگەنتىم.شۇ مەزمۇننى كۆچۈرۈپ چاپلاپ فوتوشوپتا ئەپلەي دېسەم ئەپلەشمەي قېلىۋاتىدۇ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:50:34

مانا ماۋۇ خەلقارادىكى نوپۇزلۇق تور بەتنىڭ ئۈرۈمچى رايونىنىڭ رامىزانلىق ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئايلارنىڭ ناماز ۋاقىت جەدۋىلى، تىلى ئېنگىلىزچە. بۇ ۋاقىت توغرا ھېسابلانغان بولۇپ دۇنيادا كەڭ ئاساس قىلىنىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇھىم نۇقتا ۋاقىت توغرىسىدا قەتئى ئىختىلاپ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:56:46

مانا ماۋۇ قەشقەر رايونىنىڭ 2014-يىللىق رامزانلىق ناماز ۋاقىت جەدۋىلى

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 17:57:59

ماۋۇ ئۈرۈمچى رايونىنىڭ

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 19:18:26

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:09:11

alnoor024 يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 19:18 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
بۇ سۇلەيمانىيە ۋەقفى ...

http://www.suleymaniyetakvimi.com/ نى ئىشلىتىشنى بىلمىدىم.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 02:03:15

تۈركىيە دىيانەتنىڭ جەدۋىلى
http://ramazan.diyanet.gov.tr/Imsakiye.aspx

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 02:09:58

قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچىنىڭكى...



مەنبە: http://ramazan.diyanet.gov.tr/Imsakiye.aspx

dilara يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 02:12:26




http://ramazan.diyanet.gov.tr/Imsakiye.aspx

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:59:42

KASHI دەپ كىرگۈزسە تونۇيدىكەندە ...

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:22:01

بۇنى يوللاپ ياخشى قىپسىلەر.بولسا غۇلجىنىڭكىنىمۇ يوللاپ قويغان بولساڭلار!!

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 02:34:29

مانا غۇلجىنىڭ رامزانلىق ناماز ۋاقىت جەدۋىلى

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 02:37:35

ماۋۇ ئاقسۇنىڭ

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 08:15:31

مۇشۇ بانادا مەنمۇ گەپ قىستۇرۇپ قوياي، زادى ھەر يىلى با بۇ گەپ، ھەتتا ساۋاب تاپىمىز دەپ كالىندار بېسىپمۇ تارقىتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى خاتا دېمەيمەن، لېكىن پارتىزانلارنىڭ كالىندار ئۇچۇرىنى خالىغانچە تارقىتىشى بىلەن ھەتتا ئارىلىقى 500 مىتىر كەلمەيدىغان ئىككى مەسچىتنىڭ ناماز، ئىفتار ۋاقىتلىرى يېرىم سائەتچە پەرقلىنىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ غەلىتە يېرى بىر داستىخاندا ئولتۇرغان 10 نەچچە ئادەم ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنەلەيدۇ. ما بىزدەكلە شۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ توغرىدۇ دەپ تەڭلىكتە قالىدىكەنمىز. شۇنداق بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىز باركىن، ھەرەمدە مانداق قىپتۇ، ھەرەمدىكى پالانىدىن خەۋەر كەلدى ... مۇشۇنداق ئىگىسى يوق خەۋەرنى ئازراق قىلىشساق.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 09:02:34

بۇ جەدۋاللەردىكى زادى نەنىڭ ۋاقتىنى ئاساس قىلىپ تۈزگەن ؟ ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ ياكى باشقا يەرنىڭ ۋاقتىمۇ ؟ ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ؟ بىر چۈشەنچە بېرىۋېتىڭلار

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 09:04:03

ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەمەسما بۇ جەدىۋەللەر ؟ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ؟؟چۈشەنچە بېرىۋەتسەڭلار .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 10:23:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئادەتتە 实用万年历 دەيدىغان كىچىك دېتال ئىشلىتەتتىم ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ تاڭ سۈزۈلۈش ، كۈن چىقىش ، كۈن پېتىش ۋاقىتلىرى شەھەرلەر بويىچە بىلگىلى بولىدۇ ، ۋە بۇ دېتالغا يەنە ئىسلام كالىندارىمۇ قوشۇلغان ، مۇشۇنىڭدا رامزان ئېيى (9-ئاينىڭ 1-كۈنى ) مىلادى 6-ئاينىڭ 29 -كۈنى بولىدىكەن ، لېكىن يۇقۇرىدىكى جەدۋەلدە 6- ئاينىڭ 28- كۈنى باشلىنىدىغاندەك قىلامدۇ قانداق ؟ مۇبارەك رامزان بۇ يىل قايسى كۈنى باشلىنىدۇ ؟

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 19:08:07

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 23:09:54

تۈركىيە دىيانەتنىڭ جەدۋىلىدىكى ۋاقت بېي جىڭ ۋاقتىمۇ نېمە؟
28 دىكى ۋاقتنى 05:25 دەپتۇ، قەشقەر غەنىمەت تاللا بازىرىنىڭ تەشۋىقات قەغىزىدە 3:55 دەپتۇ.
بەت: [1]
: رامىزان ۋاقتىنى ھېسابلاش ھەققىدە