israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 20:58:49

[قانۇن]سەنئەت مەكتەپنىڭ بوسۇغىسى


سەنئەت مەكتەپكە كىرىش قانچىلىك تەس؟

نەسىردىن ئەپەندىمدىن بىرى سوراپتۇ:ئەپەندىم ،نىمىشقا كىشىلەر بىرى ئۇياققا، يەنە بىرى بۇايقا ماڭىدۇ؟ئەپەندىم تۇرۇپ كىتىپ:دۇنيا سۇ ئۈستىدىكى تەڭنىگە ئوخشايدۇ،ھەممىسى بىر تەرەپكە ماڭسا
تەڭنە ئۆرۈلۈپ سۇغا چۆكۈپ كىتىدۇ.
   
ئىككى كۈندىن بىرى تورغا چىقىغان ۋاختىم بولماي قالدى،سەۋەبى بىر يېقىنىمىزنىڭ خىزمەت ئىشى توغرىلىق كاللام ئارامىدا ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە تورمۇ بۇرۇنقىدەك جانلىق ئەمەستەك،تىما يازىدىغانلار بىلەن ئىنكاسچى كۆرۈرمەنلەر ئازلاپ قالغاندەك تۇيۇلدى.ھازىر دىمىسىمۇ ۋەزىيەت سەل جىددى بولۇۋاتىدۇ،بولۇپمۇ توردا قىلغان گەپ-سۆزلەرگە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.باباھى بۈزرۈك ئەجداتلىرىمىز بىزگە تۈگىمەس بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن،ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇ بايلىقلاردىن بىرى بولسا كىرەك.تىلىمىز ئۆزىنىڭ مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىم يۇمشاقلىغى、 ئازسۆز بىلەن چۇڭقۇر مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىغى、ماقال-تەمسىل ئىستىلىستىكا ۋاستىلەر بايلىغى بىلەن دۇنيادا يەككە-يىگانە گۆھەردۇر.ئۇستا يازغۇچى- شائىرلار ئادەتتىكى “ئانا、 مۇھەببەت”دىگەندەك، مەڭگۈلۈق تىمىلار بىلەن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىۋىتەلەيدىغۇ؟يىتىلگەن ئالىم ئاز-ساز سۆزلەيدىغانلاردىندۇر،ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر جۇملە سۆزى كىيىنكىلەرنىڭ بىر كىتاپ يېزىشىغا يىتىپ ئاشىدۇ.ھەممە ئادەم ئالىم بولۇپ كىتەلمىسىمۇ،شۇ نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلىگەننىڭ پايدىسى بار زىيىنى يوق!
ماگنىت مەيدانىدا زەرەتلەنگەن ئاتۇم زەرىچىللىرى، ئوخشاش بىر يۈلىنىشتە ئېقىشتىن توك (ئىلىكتىر)پەيدا بولىدىكەن. بۇ قانۇنىيەتنى ئادەمگە تەدبىقلىساق،ئەگەر ھەممە ئادەم بىرنىيەت بىرمەقسەتتە بولۇپ كەتسە،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاتۇم زەرىچىللىرى غايەت زور ئىنىرگىيە ھاسىل قىلغاندەك،ئېرىقلار قوشۇلۇپ دەيا بولۇپ شىددەت بىلەن دولقۇنلاپ ئاققاندەك ،ناھايىتى كىشنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرە شەكىللەندۈرىدىغانغا ئىشەنمەي بولمايدۇ.شۇڭا “ئىتىپاقلىق كۈچ!”دەپ ھەردائىم جار سالىمىز! بۆرە قوي قوتىنىغا كىرسە ئاۋال ئاجىز –مېيىپلىرىدىن باشلاپ يىيىشكە باشلىسا،كۈندىن-كۈنگە بىر-بىرلەپ ھەممىنى جايلاپ تاشلايدىكەن.قوچقار بولغان ئەركەكلىرى ئاجىز-مېيىپلىرىنىڭ گېپىنى قىلمىسا ،ئاخىرى بىركۈن ئۇمۇ شۇ قاتارغا كىتىدۇ ئەلۋەتتە.ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتىمىن ئەپەندى(ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!)ھەسرەت بىلەن :“بىلىق كۆزلەر مىنى كۆرەلمەيدۇ،گۆھەر كۆزلەرنى مەن تاپالمايمەن”دەپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.رەھمەتلىك ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىشىلەر :“50يىلغىچە ئۇيغۇر ئۇيغۇر بولۇپ تۇرالىسا ،ئۇنىڭ قەدرىگە شۇ جاغدا يىتىدۇ”دىيىشكەن ئىدى.بۇ 50نىڭ  يېرىمى تۈگە –تۈگىمەي  بولۇۋاتقان ئىشلار، بىزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇنى سېغىنىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.خەيرىيەت كەتكەنلەر كىتىدىكەن ،ياشىغانلار يەنىلا ياشىمىسا بولمايدىكەن.ئۇزۇن گەپنىڭ قىسىقىسى، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك !
بىر تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى سەنئەت مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولۇپ، خىزمەت ئىشى ھەممىمىزنىڭ بېشنى قاتۇرغىلى تۇردى.بىزمۇ قىزىق خەقتە،مىڭتەستە بىر بالىنى قاتارغا قوشۇپ بولۇپ،يەنە ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىغا كۆڭۈل بولمىسەك بولمىغان،تېخى ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرمىسەك بولمايدۇ،توينىڭ چىقىملىرىمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۆزىمىزدىن قىلچە ئېشىنالماي قىلىۋاتىمىز،جەمىيەت–دۆلەت ئىشلىرى بىرياندا تۇرۇپ تۇرسۇن،خۇلۇم-خوشنا、 دوست-بۇرادەر 、ئۇرۇق تۇققان دىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلگىدەك ئارامىمىز يوق، ئادەملىرىمىزنىڭ ئۆمرى بالىسىنىڭ دەردى-پىراقىدا مۇشۇنداق ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىپ كىتىۋىرەرمۇ-ئەمدى؟ كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىز بىزدە ۋاقىت ئىسراپچىلىغى ئېغىر دىدى،يەنە بەزىللىرى يەنە بىرمۇنچە ئىسراپچىلىقنىڭ گېپىنى قىلىپ ئۆتتى.مەن دەيمەن، بۇ زىھنىن ئىسراپچىلىغى、 بىلىم ئىسراپچىلىغى 、قابىلىيەت ئىسراپچىلىغى!
بىز ئادەتتە چەتئەلدىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئامراق،ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۈگەنمىسە ئارقىدا قېلىۋىرىدىغان گەپكەن.ئامىرىكىدا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىددىيىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن ،كىچىگىدىن گېزىت、 سۈت ساتقىلى سالىدىكەن.ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلار ھەرگىز بىلىمسىز قالماپتۇ،ئەكسىچە بالىلار ئۆزى پۇل تېپىپ بىلىمنى ئۆز ئەمگىدىن كەلگەن ئىقتىسات بىلەن ئالىدىكەن،شۇڭلاشقىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامىرىكىدا دىگۈدەكلا ئىكەن.ياپۇنىيەدە يەسلى باللىرىنىڭ سومكىسىنىمۇ ئاتا-ئانىسى كۆتۈرىۋالماي،كىچىك باللىرىنىڭ  ئۆزىگە كۆتەرگىلى سالىدىكەن،يېقىلىپ چۈشسە بالىسىنىڭ ئۆرنىدىن تۇرۇشىغا مەدەت بىرىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرىدىكەن ھەرگىز يۆلەپ قويمايدىكەن.گىرمانىيە شۇنچە تەرەققى قىلغان ئەل تۇرۇپ،تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈشەك رىمۇنىتچىلىق ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىۋالىدىكەن،ئۇلار بۇنى ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىديىسىنى تاۋلايدىغان ئامىل دەپ قارايدىكەن.ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى 《ئويغانغان زىمىن》رومانىدا،خۇجانىياز ھاجىنىڭ بالىلىق ۋاختىدىكى مۇنداق بىر سۆزى دائىم قۇلاق تۈۋۈمدا جاراڭلايدۇ:“ئوغۇل بالا ساقال-بۇرۇت خەت تارتىپ، بالاغەتكە قەدەم قويغاندا ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالغىنى ياخشى.”بۇ گەپتىن ئويلاپ قالدىم، ئۆتكۈر ئەپەندى ئامىرىكىلىقمىدۇ ياكى خۇجانىياز پەلگان ئامىرىكىلىقمۇ؟خۇجانىياز پەلگان شۇچاغدا شۇنداق دىگەننى كىم ئاڭلىغان بولغىتى،ياكى بۇ قەلەم ئىگىسىنىڭ توقۇلمىسىمىدۇ؟ بۇنى بىلگىلى بولمىدى.ئەپسۇس ئۆتكۈر ئەپەندى ھايات بولغان بولسا ،ئۆزىدىن سورىۋالغان بولارئىدىم. مۇشۇ بىر جۇملە سۆزنىڭ ۋەزنى ھازىرقى كۈنىمىزدە، بارلىق ھايات كارۋىنىمىزنىڭ ئېغىز تۇرۇقىنى يىتىلەپ ماڭىدىغان چۇلۋۇر بولغان ئىدى.
بۇ ھەمشىرە تۇققۇنىمىز بىرتاللا يەككە-يىگانە ئوغلىنى ھەم دادىسى-ھەم ئانىسىدىن چارە كۆرۈپ،ھەم دادا -ھەم ئانا بولۇپ قاتارغا قوشقان ئىكەن.ئوغلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن پاكىز-كىلىشكەن يىگىت بولۇپ ھەممىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرۈپ قاتارغا قوشۇلغاندا،ئەمدى ئۇنىڭ خىزمەت ئىشى نۆۋەتتە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش بولۇپ قالغان.ئوغلى ناھايىتى ئەقىللىق بالا بولغان ئىكەن،ئۇ ئانىسىغا جاپا سالماسلىق ئۈچۈن تىجارەت قىلاي دىسە ،ئانىسى ئۇنى مۇقىم –جاپا تارتمايدىغان بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپ ئارام تاپماقچى بولغان ئىدى.مەن:“شۇنداق ،بالىنىڭ ئارزۇسىغا يول قويۇڭ”دىسەم ،بىرمۇنچە ئورۇنلۇق رەت قىلغىلى بولمايدىغان سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ مىنى قايىل قىلغان بولدى.(بۇ يەردە شەخسى مەخپىيەتلىككە تاقىلىدىغان گەپلەر بولغاچقا،ھەممىنى ئاشكارىلاشقا مۇمكىن بولمىدى).شۇنداق قىلىپ ئوغۇل چوقۇم سەنئەت مەكتەپنىڭ توك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان،نىسپەتەن تىنچ- غەۋغادىن خالى ئارقا سەپ بۆلىمىگە كىرمىسە بولمايدىغان بولدى.بۇ ئورۇن ئادەتتىكى ئورۇن بولۇپ،كۆپىنچە كىشىلەر بۇنداق ئورۇننى تالاشمايدۇ،شۇڭىمۇ ئۇزۇندىن بىرى بۇ ئورۇن بوش تۇرۇۋاتاتتى.لىكىن ھەرقانداق ئورۇنلۇق تەلەپمۇ،بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق پۈتىدىغان ئىش بولسىلا،ئاسان  ئىشمۇ تەسلىشىپ كىتىدىكەن.
مانا بۇ ئىشقا بىر يىلدىن ئاشتى ،تېخىچە ھىچقانداق شەپە يوق ئىدى.شۇنچە ئىسىل مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مارجاندەك بالىلار، شۇ ئىككى-توكتوك مۇئاشلىق خىزمەتكە تەلمۈرۈپ، ھەممىنى بىكار قىلىۋاتقان ئىدى.بۇرۇن بىرنەرسىنى بىلسەم ،ئۆيلىرىمىزنى ئۆزىمىز سېلىۋالىدىغان،ھەرخىل ھۈنەرۋەن-كاسىپلىرىمىز بولىدىغان،ئۇلار ئىشنىڭ كۆپلىگىدە بېشىنى كۆتەرمەي ئىشلەيدىغان.سەل ئىلگىرى ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاق بېشى كۆچىسىدا، مىسكەر、 قەلەيچى 、تۆمۈرچىلەر قاتار ئۆلتۇرۇشۇپ ھۆنەر قىلىدىغان.ھازىر ھۈنەرۋەنلەر نەگىدۇر يوقاپ كىتىپ،ئورنىنى ئۈششاق تىجارەتچىلەر ئىگەللەپتۇ.ئەتراپىمىزدىكىلەر ئۆيلىرىنى بىزەپ-زىننەتلەپ ھارمىدى،بۇ جەرياندىكى ئىشلارمۇ قۇلاققا كىرىپ تۇراتتى.قارىسام كۆپىنچىسى باشقىلارغا بىزەكچىلىك قىلغىلى بىرىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن نىمىشقا ئۆز ئادەملىرىمىزگە قىلدۇرمايسىلەر دىسەم،ھەي ئۇلارنى پۇلنى ئېلىۋىلىپ ئىشتىك قىلىپ بەرمەيدۇ دەپ  بىرمۇنچە بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ بىرىشتى.خەيرىيەت، بۇنىڭغىمۇ بولدى دىمەي بولمىدى!بۇنى ئازدەپ چوڭ-كىچىك ھۆكۈمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلانىمۇ خەن مىللىتىدىن ئادەم ئىزلەيدىغان بولدۇق،سەۋەبى مۇناسىۋىتى بار 、ئالدىمايدۇ、 ئىشتىك چىقىرىپ بىرىدۇ دىگەندەك بولدى.شۇنداق قىلىپ بۇ ئوغۇلنىڭ خىزمەت ئىشىنىمۇ بىر خەن كىشىسى يول مېڭىپ بىرىۋاتاتتى،مانا-ئەينا دەپ بىر يىلدىن ئاشتى.قارىسا گەپ سۆزلىرى ئورۇنلۇق ،قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟ بۇنىڭغىمۇ سەۋرى-تاقەت قىلىپ تۇرماي بولمايتى.
سەنئەت مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسى شۇنچىلىك ئىگىزمىدۇ؟بىلىدىغانلار ئۇچۇر قىلىۋەتساڭلار بوپتىكەن!

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:58:44

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 21:09:21

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:09:17

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:24:00

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 04:55:18

ayalman77 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:24 static/image/common/back.gif
.ەمدى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ 5مى ...

ھۆرمەتلىك خانىم: ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
سىزگە ئوخشاش مۇستەقىل كۆزقاراشقا ئىگە ئانىلار كۆپرەك بولغان بولسا ،بىز نىڭ شەكىلگە ئىنتىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولاتتى.سىزگە كۆپ تەشەككۈر بولسۇنكى، بىز ئەسلى مۇشۇنداق خەق ئىدۇق!يەنى نىمە ئۇ كۆككۆز پەرەڭ دىگەن ،نىمە ئۇ ياپۇن پاكارلىرى دىگەن ،بىز ئەسلى ھىچكىمنى چوڭ بىلگەن ئەمەس!بىز ئەسلى شۇنداق خەق ئىدۇق ، چۇنكى بىز ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىدۇق !خەق بىزدىن ئۆرنەك ئېلىشى كىرەك دىدى ! لىكىن ھازىر بىزدە سىزدەك ئانىلار كەم !سىزدەك مۇستەقىل كۆز قاراشتىكى ئانىلار كۆپراق بولغان بولسا، ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ باشقىلارنى چوڭ بىلىدىغان قۇلچىلىق ئىددىيىسى يامراپ كەتمىسە ياخشى بولاتتى !  سىزدەك ئاق قارىنى پەرق قىلالايدىغان ئانىلار بار يەردە،ئەلۋەتتە بالىلارنى قانداق تەربىلىسەك بولىۋىرىدۇ،چۇنكى  ئانىنىڭ قېنى ،سۈتى،ئېغىز شۆلگىيى ئارقىلىق ئانىنىڭ ھەممە نەرسىسى بالىغا سېڭىپ بولغان بولىدۇ.ئۇنىڭ قايتا بىر نەرسە ئۈگۈتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ!
ئانىلار -ئاياللار دا مۇستەقىللىق ئىددىيىسى بولغاندا  ،ئاندىن  دۇنيانىڭ تۈۋرىگى بولغان ئەرلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆز قارشى تىكلىنىدىكەن.
كەچۈرۈڭ ھۆرمەتلىك خانىم،گىپىڭىزگە تازا قايىل بولمىساممۇ ،لىكىن كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا ئۆتۈپ كەتمەي،مۇستەقىل  كۆز قارشىڭىزنى دادىل بايان قىلغانلىغىڭىزدىن سۆيۈندۈم! سىزگە رەھمەت!

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:23:23

ayalman77 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 20:58 static/image/common/back.gif
مۇشۇ چەتئەللەردە بالىسى يىقىلىپ چۈشسە يۆلەپ قويماي ...

بەك ئىسل گەپ قىلىپلا، مەن تولىمۇ قايىل بولدۇم،  مەن ئەزەلدىن يەھۇدىلارنىڭ بالا تەربىيسى، ياپۇنلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسى، ... يەنە بىرنىمىنىڭ بالا تەربىيسى دىگەندەك كىتابلاردىن بەكلا بىزار ئىدىم، ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى» دىگەن كىتاب بىزگە تولىمۇ يىتەرلىك.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:18:05

قەشقەردە يامغۇر ياغسا قەشقەرنىڭ كۆز يېشى دىدۇق . ئالتىنجى ئايدا قەشقەردە قار ياغسا ئۇ چاغدا نىمىلەرنى دەرمىزكىن تاڭ ؟
قايسى سۇلالە دەۋرىكىن ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ چۈجۇ دىگەن يېرىدە ئالتىنجى ئايدا قار ياققان ئىكەن . چۈنكى شۇ كۈنى چىڭقى چۈشتە بىر بىگۇناھ قىزنىڭ كاللىسى كېسىلگەن بولۇپ ، ھەۋۋا ئانا شۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي ئالتىنجى ئايدا قار ياغدۇرغان ئىكەن .
بۇ ئەلۋەتتە رىۋايەت خالاس .
شۇ تاپتا بىرەر بىر دېرىزەمنىڭ سىرتىغا قارايمەن . يامغۇر توختاي دىمەيدۇ . ياش ۋاقىتلىرىم بولسا ھە ؟ دەپ قويىمەن ئۆز ئۆزۈمگە ...ياش ۋاقتىم بولغان بولسا بۇ چاققىچە شۇنداق قايناق ھىسياتقا چۆمكەلگەن شېئىردىن بىرنى يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ بولغان بولاتتىم .
قېنىكىن شۇ ھىسياتلار ؟
قېنىكىن شۇ ئىلھامجانلار ؟
بۈگۈن نوپۇس تەكشۈرۈدىغانلار ئازراق دېمىنى ئېلىۋالىدىغان بولدى دىدىم .
ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ . ئۇلارمۇ ئادەمغۇ ئاخىر .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:24:48

بېگىر ئەپەندى ئەسما خانىم ئوبدان ئۇچۇرۇشۇپ قالدىڭلار ، قېنى داۋاملىق ... كۆز تەگمىسۇن

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:43:01

http://m.v.qq.com/page/l/f/0/l00121u4of0.html

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 16:40:49

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 10:24 static/image/common/back.gif
بېگىر ئەپەندى ئەسما خانىم ئوبدان ئۇچۇرۇشۇپ قالدىڭلار  ...

تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زات دەپ ئويلىسام ، تەقسىرنىڭ دەللاللىقتىنمۇ خەۋىرى باركەن ھە ؟ ئاپىرىن ! ئاپىرىن !

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 16:42:00

ayalman77 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:24 static/image/common/back.gif
.ەمدى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ 5مى ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

پارچە پۇل بولمىغان بولسا پۈتۈن پۇل بار بولغىيتى ، بىر ۋاراق بىرىپ تۇرغان بولسىڭىز ئۆزى قايتۇرالمىسىمۇ  دېھقان دېگەن ئۇرۇق - تۇققانلىرغا ۋەسىيەت قىلىپ قايتۇراتتى پۇلىڭىزنى ، دۇئا ئالدىغان ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈۋىتىپسىز خانىم ............

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 16:45:38

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 16:40 static/image/common/back.gif
تەرجىمە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زات دەپ ئويلىسام ، تە ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەر كىلۋاتىدۇ ، مۇشۇ مۇبارەك ئاي- كۈنلەرنىڭ خاسىيتىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بولسىمۇ يامان سۆز قىلمىسىڭىز ئەزىز قېرىندىشىم .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 16:47:42

ئوبدان سالا قىلدىڭىز قېرىندىشىم . مۇمكىن بولسا ئۇشبۇ ئىنكاسىمنىڭ كۆز ئېچىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىۋۇ قېرىندىشىمىزغىمۇ نەسىھەت قىپ قويغان بولسىڭىز .
ئاللاھ ئەجرىڭىزگە چۇشلۇق نىمەت بەرگەي .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 20:27:58

ئەسلى ئەخلەتلەر بىر يەرگە يىغىلىپتۇ دىمەكچىتىم ، نىمە دىمەكچى بولغىنمنى چۈشۈنۇپىسز بولمىسا .  ھەممە مۇنبەردە ئۇچۇپ يۈرۈشىڭلار ئادەمنى سەل بىئارام قىلىدىكەن  . باشقا ئىش يوق .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:08:46

ياش ۋاقتى بولغان بولسا نەشپۇت دەرىخىنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرۇپ ئىككى ئابزاس  مەسنەۋى يىزىۋىتەتتى دە

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 07:37:02

abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 09:23 static/image/common/back.gif
بەك ئىسل گەپ قىلىپلا، مەن تولىمۇ قايىل بولدۇم،  مەن ئە ...

ئۇيغۇردا ئىككى قۇتۇپلىشىش بەكمۇ ئېغىركەن،بىر بولسا ئۇياققا ،بىرى بۇياققا مېڭىپ ،گېپى بىر يەردىن چىقمىغى نىمانداق تەس،شۇڭا ماڭگۇ قۇل بولۇشقا لايىقلا ماتىرياللار دىن تۈزۈلگەن بولسا كىرەك!
مەن سىزدىن سورا باقاي ئۆيىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى پەقەتلا ئاچمامسىز؟

israpil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 07:38:20

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 23:08 static/image/common/back.gif
ياش ۋاقتى بولغان بولسا نەشپۇت دەرىخىنىڭ ئۇچىدا ئولتۇر ...

ئىزدىنىش تورى ھەقىقەتەن جەۋھەرلەر بىلەن توشقان  ئىكەن!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 08:47:19

terjime يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 20:27 static/image/common/back.gif
ئەسلى ئەخلەتلەر بىر يەرگە يىغىلىپتۇ دىمەكچىتىم ، نىمە  ...

ھەممە مۇنبەردە دەپ ئىسپاتلىق گەپ قىلىڭ دەلللال قېرىندىشىم . مەسىلەن قايسى قايسى مۇنبەرلەردە ئۇچۇپ يۈرۈپتىمەن ؟
ئەگەر سىز ئاشۇ ھەممە مۇنبەرلەردە ئۇچۇپ يۈرمىگەن بولسىڭىز ھەممە مۇنبەرلەردە ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟
سىز چىۋىنمۇ يا ؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 08:57:06

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 23:08 static/image/common/back.gif
ياش ۋاقتى بولغان بولسا نەشپۇت دەرىخىنىڭ ئۇچىدا ئولتۇر ...

ئېنىق بىلىشىمچە مەسنەۋىنى كاۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يازغان تارىختىكىلەر .
بەت: [1] 2
: [قانۇن]سەنئەت مەكتەپنىڭ بوسۇغىسى