joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 20:31:11

paypal ھېساباتى ھەققىدە جىددىي ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
دوللارچى ئەپەندىم، ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە دوستلار، سىلەرنى بىر ئاۋارە قىلسام:

ماڭا مۇشۇ پەيپال ھېساباتىنىڭ بىر قىسىم فۇنكىسىيە ھەم قائىدىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار جىددىي لازىم بولۇپ قالدى، ئۆگۈنگىچە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار، ناھايىتى خۇرسەم بولغان بولاتتىم.

مەن بىر مىسال ئالاي:
مەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىغا باغلاپ بىر پەيپال ھېساۋاتى ئاچتىم، بۇنىڭدىن ئاۋسترالىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بىرسىنىڭ پەيپال ھېساۋاتىغا 1000 دوللار سالماقچى( مېنىڭكى باغلىغان كارتام چەتئەلدە ئىشلەيدىغان ۋىسا، مەستىركارد قاتارلىقلار بولماستىن بەلكى جۇڭگو ئۆزىنىڭ چىقارغان يۇنىيون پەي 银联 ، قارشى تەرەپنىڭ بولسا ئىناۋەت كارتىسى ئەمەس، شۇ جايدىكى يەرلىك بىر بانكىنىڭ دېبىت كارتىسى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا پۇل سالسا بىرەر چاتاق چىقامدۇ؟). ھازىر پەيپال شىركىتى بۇ قېتىملىق money transferring ئۈچۈن %3 رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ، قارشى تەرەپ پۇل ئالغىلى بارغان چاغدا پەيپالغا 35 دوللار، بانكىغا ھەر 150 دوللار ئۈچۈن 15 دوللار تۆلىشى كېرەك (مەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىغا دوللار ئايرىۋاشلاشتىن تاپقان پايدىسىدىن باشقا ھەق تۆلىمىسەممۇ بولار؟) جەمئىي قارشى تەرەپنىڭ قولىغا تېگىدىغىنى 830 دوللار بولىدۇ، مۇشۇ ھېساۋات توغرىمۇ؟ بۇندىن باشقا پۇل ئايرىۋاشلاش نىسبىتى (خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا، دوللارنىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرىغا) مەن پۇلنى سالغان ۋاقىت بويىچە ھېسابلىنامدۇ ياكى قارشى تەرەپ پۇلنى ئالغان ۋاقىت بىلەنمۇ؟

يەنە بىر مەسىلە: پەيپال ھېساۋاتىغا باغلاپ قويغان كارتا ئىناۋەت كارتىسى بولماي، ئامانەت كارتىسى بولسا Debit card، پەيپالدىكى پۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئامانەت كارتىسى ئاچقان بانكىغا بارسا، پۇلنى بىۋاستە چىقىرىۋالغىلى بولامدۇ؟
ئاۋسترالىيەدىمۇ شۇنداقمىدۇ؟

ئاخىرىدا يەنە بىر كىچىككىنە چۈشەنچە بەرسەڭلار: مېنىڭ ھېسابات ئاچقىنىمغا بىر ھەپتە بولمىدى، قارشى تەرەپ بولسا ئەمدى ئاچماقچى، ئىنشائاللاھ! پەيپالنىڭ ھېسابات ئېچىلىپ مانچە كۈنگىچە پۇل ئالسا-سالسا بولمايدۇ دېگەندەك چەكلىمىلىرى بارمۇ؟

مۇشۇ توغرىلىق بىر چۈشەنچە بەرسەڭلار، قالغان ئىشلار ئېسىمگە كەلسە يەنە سورارمەن... تەشەككۈرلەر!

President يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 21:13:20

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
يېڭى ھېساۋات ئاچقاندىن كېيىن، پۇل سېلىش ۋە ئېلىش ئۈچۈن دەلىللەشتىن ئۈتۈشى كېرەك، دەلىللەشدىن ئۆتمەي تۇرۇپ پۇل سالالمايسىز، پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز، ئەمما نەقلەشتۈرەلمەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن پايپالنىڭ دەلىللەش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا كرېدىت كارتىڭىز بولسا شۇ ھامانلا دەلىللەشدىن ئۆتكۈزەلەيسىز، نورمال كارتا بولسا دەلىللەش ئۈچۈن 3 كۈن، بەلكى 7 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
تىما سىرتىدىكى سۇئال:
1000 دوللارغا 170 دوللار تۇتسا سەل قىممەت ئىكەن، نېمىشقا يېزا ئىگىلىك بانكىسى ياكى پوچتا بانكىسىغا بېرىپ «غەرب بىرلەشمىسى»(Western Union ياكى 西联) مۇلازىمىتى ئارقىلىق پۇل سالمايسىز؟ مەن «غەرب بىرلەشمىسى» ئارقىلىق جۇڭگۇدىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن جۇڭگۇغا ۋە گېرمانىيەگە پۇل سېلىپ باققان، ئادەتتە 1000 دوللار ئۈچۈن 50 دوللار ئەتراپىدا پۇل تۇتاتتى...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 21:46:39

President يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 21:13 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
يېڭى ھېساۋات ئاچقاندىن كېيىن، پۇ ...

كۆپ رەھمەت! نەق مۇشۇنى بىلمەكچى ئىدىم.

مۇشۇ «غەرب بىرلەشمىسى» دېگەننى ئاتا-ئانام بەك قىممەتكەن، دېگەنتى، ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ پەيپال تېخىمۇ قىممەت ئوخشىمامدا؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 21:49:05

يەنە بىر ئۇسۇل، باشقىلاردىن ئىشلىنىۋاتقان دېبىت كارتىسى بولسا، جۇڭگو بانكىسىدىن ئۇدۇل سالغىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھەققى 2000 دوللارغا 200 دوللار ئەتراپىدا بولسا كېرەك، لېكىن ئاۋۋال دوللارغا ئاندىن ئاندىن ئاۋسترالىيە دوللىرىغا ئالماشتۇرىدىغان بولغاچقا، بانكا ئايرىۋاشلاش نىسبىتىدىنمۇ يەنە پايدا ئالسا كېرەك.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 23:59:26

دەلىللەشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كارتىغا ناھايتى ئاز مىقداردا ئىككى قېتىم پۇل ئۇرىدۇ، 0.02، 0.01 دېگەندەك. ئاندىن مۇشۇنى دەلىللەش جەريانىدا كىرگۈزىمىز. پايپالنى ۋىسا ياكى مەستېر كارتىسىغا ئۇلاپ بىرنەرسە سېتىۋالسىڭىز بەك قولايكەن، ئەمما ئادەتتىكى جۇڭگو بانكىسىىنىڭ ئامانەت كارتىسىغا ئۇلىسىڭىز سەل ئاۋارىچىلىقكەنتۇق، بىر نەرسە سېتىۋالغىلىمۇ بولمايدىكەن بۇ خىل ئەھۋالدا.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 07:23:31

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،غەرىپ بىرلەشمىسىنىڭ (Western Union)نىڭ ئىككىنجى كۇنى پۇل ئالىدىغان بىر ئىشى بار،شۇنىڭغا سالسىڭىز ئەرزان توختايدۇ،سىز سالغان ھامان قارشى تەرەپ ئالالايدىغان مۇلازىمىتى قىممەت.لىكىن ئىككىنجى كۇن مۇلازىمىتىدە ئۇستىدىكى بىرەيلەن دىگەندەك 50 دوللار ئەتراپىدا ئالىدۇ،لىكىن مىنىڭچە بولسا غەرىپ بىرلەشمىسىگە بىرىپ سىلەرگە قانچىلىكئامرىكادوللىرى بەرسەم قانچىلىكئاۋىستىرالىيە دوللىرى بولىدۇ دەپ شۇنى سوراش كىرەك، بولمىسا سەل ئاۋارچىلىق،

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 08:47:10

ۋەئەلەيكۇم سالام ،
چوقۇم paypal ئىشلىتىش كىرەكمۇ ؟ مىڭ دوللار ئۈچۈن 170 دوللارنى بىرىۋەتسەك نىمىدىگەن ئىسراپچىلىق.

moneygram يەنى 速汇金 بەك قولايلىققۇ ، نەچچە مىنۇتتىلا تىگىدۇ ھەم رەسمىيەت ھەققىنى بىرلا تەرەپتىن تۇتىدۇ.
wrstern unionنىڭ رەسمىيەت ھەققى 2000 دوللارغا 30 دوللار ئەتراپىدا، moneygram نىڭ بولسا 15 دوللار .

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 08:47:15

ۋەئەلەيكۇم سالام ،
چوقۇم paypal ئىشلىتىش كىرەكمۇ ؟ مىڭ دوللار ئۈچۈن 170 دوللارنى بىرىۋەتسەك نىمىدىگەن ئىسراپچىلىق.

moneygram يەنى 速汇金 بەك قولايلىققۇ ، نەچچە مىنۇتتىلا تىگىدۇ ھەم رەسمىيەت ھەققىنى بىرلا تەرەپتىن تۇتىدۇ.
wrstern unionنىڭ رەسمىيەت ھەققى 2000 دوللارغا 30 دوللار ئەتراپىدا، moneygram نىڭ بولسا 15 دوللار .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 10:25:23

nusrat يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 08:47 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم سالام ،
چوقۇم paypal ئىشلىتىش كىرەكمۇ ؟ مىڭ دو ...

moneygram نى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن، بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي، لېكىن بىر سوئال: ئىشلىتىش قولايلىقمۇ؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 14:16:19

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
پايپالغا ئىناۋەتلىك كارتامنى تونۇتۇپ بولالماي تاشلاپ قويدۇم. مۇشۇ moneygram نى تەۋسىيە قىلغاننى كۆپ ئاڭلىدىم. سىلە تەرەپتىمۇ ئىش بېجىرىش ئورنى باركەن، سىلە بىر سىناپ بېقىڭلار قېنى، قولايلىق بولسا مەنمۇ بىلىۋالاي.

https://www.suhuijin.cn/?province_id=1

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 15:51:00

moneygram نى ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ھېس قىلدىم. نۇرغۇن قېتىم پۇل قوبۇل قىلدىم ھەم ئەۋەتىپ باقتىم. پۇلنى ئېلىۋېلىشقا نورمالدا بىر قانچە مىنۇتلا ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ ياقتىن پۇلنى ئالغۇچىلىك پۇل ئەۋەتكۇچى تەمىنلەپ بەرگەن سەككىز خانىلىق مەخپى نومۇرنى تەمىنلەپ پاسپورتنى كۆرسىتىمەن ، 15 ياۋرو ئەتراپىدا رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قاپ قالغىنىنى بىرىدۇ ياكى رەسمىيەت ھەققىنى قارشى تەرەپ تۆلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ۋەتەنگە پۇل ئەۋەتكەندە بولسا پۇل تاپشۇرىۋالغۇچى مەخپى نومۇرنى تەمىنلەپ كىملىكنى كۆرسىتىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. moneygram دىن ئەڭ رازى بولدۇم چۈنكى بەك تېز، ساقلاش كەتمەيدۇ. جۇڭگو داجۇڭگو بانكىلىرىدا moneygram نۇقتىلىرى بار ئىكەن. ئەگەر چوڭلار چەتئەلگە پۇل سەپ قالسا بانكىدىن بانكىغا يۆتكىگەندە تولدۇرىدىغان مەزمۇنلار كۆپ بولىدىكەن ھەم خاتا تولدۇرۇپ قالسا پۇل ئۇزۇنغىچە تەگمەيدىكەن. moneygram نى ئىشلەتكەندە كىملىك ياكى پاسپورتتىكى ئىسىم فامىلىنىلا توغرا يېزىش تەلەپ قىلىنغاچقا ئاساسەن خاتالىق كۆرۈلمەيدىكەن ۋە پۇل تەگمەي قايتىپ كىتىدىغان ئىشلار بولمايدىكەن.
moneygram نىڭ يىللىق پۇل تاپشۇرىۋېلىش چېكى بولىدىكەن، تەخمىنەن 10 مىڭ ياۋرو يەنى ئاز كەم 90 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. بۇ چەكتىن ئاشقاندىن كىيىن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن بىراق بۇ مەسلىنىمۇ ھەل قىلىش ئاسان، بىرەر يېقىنىمىزنىڭ نامىغا ئەۋەتىپ شۇ ئارقىلىق پۇلنى ئېلىۋالساقلا بولىدۇ.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 15:53:20

مىنىڭ بىلىدىغىنىم Western Union دىگىنى بۇرۇن google دىن كىرگەن ئېلان كېرىمىنى جۇڭگۇ بانكىسىدىن ئالماشتۇرغىنىم ئېسىمدە.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 16:24:31

joshua يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 21:46 static/image/common/back.gif
كۆپ رەھمەت! نەق مۇشۇنى بىلمەكچى ئىدىم.

مۇشۇ «غەرب بىر ...

پايپالدىن ئاتچوت قىلغانغا نىسبەتەن قولاي كۆردۈم...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:37:29

速汇金توغرىلىق ئىنىق چۈشەنچە بىرىدىغانلار بارمۇ؟

بۇ مۇلازىمەتنى قايسى بانكىدىن بىجىرگىلى بولىدۇ؟

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:38:55

udun007 يوللىغان ۋاقتى2014-6-24 10:37 static/image/common/back.gif
速汇金توغرىلىق ئىنىق چۈشەنچە بىرىدىغانلار بارمۇ؟

بۇ مۇ ...

10-قەۋەتتىكى مۇزدالانىڭ ئىنكاسىغا قاراڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:00:35

muzdala يوللىغان ۋاقتى2014-6-23 16:16 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
پايپالغا ئىناۋەتلىك كارتامنى تو ...

ئىنكاسىڭىزنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇلىنىش ئادرىسىدىكى تاللاش مەزمۇنلىرىغا قارىغاندا، سىز دىگەن كارتىنى جۇڭگۇ بانكىسىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر تارماق بانكىلىرىدا بىۋاستە بىجىرگىلىبولامدۇ؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:39:06

@muzdala
@udun007 سۇخۇيجىن دېگەن نەرسىنى مۇزدالا ئەۋەتكەن تور بېكەتكە چىقىپ قارىسام بۇ يەردە بار دەپتۇ، لېكىن ئادرېستىكى بانكىغا بېرىپ مۇنداق-مۇنداق ئىشتى دېسەم، كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ قاراپ تۇرىدۇ...:@
بۇ نېمە ئىش بولاپ كەتتى ئەمدى؟
ئۇدۇن 007 سىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنۇڭلار نەدە؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 20:50:11

مەن خوتەندە، بەلكىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەرگە بىجىرىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 22:59:47

joshua يوللىغان ۋاقتى2014-6-25 14:39 static/image/common/back.gif
@muzdala
@udun007 سۇخۇيجىن دېگەن نەرسىنى مۇزدالا ئەۋەتكەن تور...

سىلە بارغان بانكىدا چەتكە دوللار سالغىلى بولىدىغاندۇ؟ ئاشۇ بولىدىغان سېلىشنىڭ ئىسمىنىڭ 速汇金 ئىكەنلىكىنى بانكىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى بىلمەسىلىكى مۇمكىن، رەسمىيەت ھەققىنى، رەسمىيەت ھەققىنى قانچە تەرەپ تاپشۇرىدىغانلىقىنى سوراپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار، مەستۇرە دېگىنى بىلەن بىردەك چىقسا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەم قىلالايدىغىنىمۇ مۇشۇ 速汇金 بولىدۇ.
ئېسىمدە قېلىشىچەچەتكە دوللار سالغىلى بولىدىغان جۇڭگو بانكىسى ۋە كۆپىنچە سودا سانائەت بانكىسى دىگەنلەردەwestern union يوق، ئۇلاردا بارى دەل مۇشۇ moneygram شۇدەك قىلىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 23:06:54

سۇخۇيجىننىڭ ئىسمىنى چىقارماي، «چەتكە دوللار سالىمەن» دەپلا كىرىڭلار.
يەنە بىر ئىش، دوللارنى سىرتتىن ئالماي بانكىنىڭ ئۆزىدىن ئېلىڭلار، بولمىسا «بۇ دوللار قەيەردىن كەلگەن، ئىسپاتىڭ قېنى» دەپ سوراپ ئاۋارە قىلىدۇ، باشقا بانكىدىن ئالغان بولساڭلار ئالماشتۇرغان تالوننى بەرسەڭلار بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: paypal ھېساباتى ھەققىدە جىددىي ياردەم سورايمەن