durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 18:03:32

ئالما ئاچچىقسۇ لىمون رېتسىپى راستمۇ ؟

  ئالما ئاچچىقسۇ ، لىمون ، سامساق ، زەنجىۋىل رېتسىپى راست قان نوكچىسىنى ئېرىتەلەمدۇ ؟

يېقىندا  « يۈرەككە كۆرۈك سېلىش دوختۇرلىرى ئىشسىز قالىدىغان بولدى ، قانتومۇر  قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغان مەخپى رېتسىپ » ماۋزۇسىدا  يېزىلغان ئۇچۇر ۋىتچاتلاردا ئەسەبىيلەرچە تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ، مەنمۇ ئوغلۇمنىڭ دەپ بېرىشىدىن  رېتسىپنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم ، قىزىقىپ باشقا خەنزۇچە  بىكەتلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇچۇر ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ تارقالغان ئىكەن .

« بۇ پۈتۈنلەي بىر ئاساسسىز گەپ » ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى ساندىكى  چوڭچىڭ كەچلىك گېزىتى زىيارەت قىلغان چوڭچىڭ تىببى  ئۇنۋېرسىتېتى  2- تارماق دوختۇرخانىسى ئاتاقلىق يۈرەك- قان تومۇر مۇتەخخەسسىسى پىروففىسور  دىڭ يۆ خۇي بۇ سۇئالغا مۇشۇنداق جاۋاپ بەرگەن ، بۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە ، كېلىنىكىدا يۈرەك مىڭە قان نوكچىسى قان تومۇرنىڭ قېتىشىدىن تومۇر بوشلۇقى تارىيىپ  قان ئېقىش ئاستىلاپ قويۇقلىشىش ۋە قان پلاستىنكىلىرى  يىغىلىۋېلىش قاتارلىق سەۋەپلەرنىڭ تەسىرىدىن  ، قان قېتىش فاكتورى  تومۇر بوشلۇغىدا يىغىلىپ قېتىپ دانىچىغا ئايلىنىپ قان نوكچىسى شەكىللىنىدىكەن ، قان  نوكچىسىنى تامامەن يىمەكلىككە تايىنىپ ئېرىتىش مۈمكىنچىلىگى يوق بىر ئىش ئىكەن .

  « بۇنداق خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ; غەيرىي رەسمىي رېتسىپلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ » بۇ شەھەردىكى كۆپ قىسىم تىببى ساھەدىكى پىراففىسور مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە بولۇپمۇ ئەگەر  قان نوكچىسى شەكىللەنگەنلىك دىئاگنوزى ئېنىق بولسا چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى  كېرەك ئىكەن ، بولمىسا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن .

يۇقۇرىدىكى رېتسىپتىكى ماددىلارنىڭ ھەقىقەتەن قوشۇمچە قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش رولى بولسىمۇ لېكىن نوكچە ئېرىتەلمەيدىكەن ، ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى قۇرۇق ئىسسىق (燥熱)ۋە ئاچچىق بولغاچقا ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلىدە ئاشقازىنىدا مەسىلە بار كىشىلەرنىڭ  ئاشقازىنىنى غىدىقلاپ مەسىلىنى سەل ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدىكەن ، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى تارىخى بار بىمارلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى  كېرەك ئىكەن .

  پەقەت تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىندى ، تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ :

http://www.cqwb.com.cn/cqwb/html/2013-12/13/content_375076.htm

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 20:47:53

ئېلان دۆلىتىدە ئېلانغا زىيادە ئىشىنىش ئەھۋالى ئېغىر.
نونى شەربىتىنىمۇ شۇنداق بەك داڭلىغان، بىر كۈنى بىرەيلەننىڭ شۇنى ئىچىپ يۈرىكى سېلىپ كېتىپ تاس قالغىنىنى ئاڭلىغانتىم.  ھەر ئىش لايىقىدا بولغان تۈزۈك ئەسلى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 21:05:53

مەن تۇنجى ئاڭلاپلا گۇمان قىلغان بۇ رېتسىپتىن
نونى شەربىتىنىغۇ مۇت بەرسە مېنىرال سۇ ئورنىدا بىر يۇتۇپ قويارمەن…
بۇنىڭدىن كۆرە دېڭىز بېلىقلىرى مېيى يەپ بەرسىڭىز يۈرىكىڭىز ساق تۇرىدۇ
Epa يەپ بېرىڭ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 21:06:45

كۈندە بىر تال ئاسپىرىن يەپ قويۇڭ ساق بولسىڭىزمۇ

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:17:40

بىر كۈنى قارىسام پارىژدىكى بىر دورىخانىنىڭ ئىشىكىگە مۇشۇ ئالما ئاچچىقسۇنىڭ ئېلانىنى چاپلاپ قويۇپتۇ. نەچچە تال كۆك ئالمىنىڭ رەسىمى ، يېنىغا خولىستىرولنى يېڭىش ئۈچۈ دىگەندەك گەپلەر...ئەگەر پەقەت پايدىسى يوق ئىشەنگىلى بولمايدىغان نەسە بولسا بۇلارمۇ دورىخانىدا ساتمايتتىدە. بۇ يەردىكى دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوبدان سىناق قىلىپ ئاندىن بازارغا سالىدىغان تۇرسا. بىر چۇڭچىڭلىق ئاتاقلىق پىرافىسور مۇتەخەسىسىنىڭ گېپى بىلەنلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك قاملاشماس.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:19:46

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 21:06 static/image/common/back.gif
كۈندە بىر تال ئاسپىرىن يەپ قويۇڭ ساق بولسىڭىزمۇ

ساق بولساڭلارمۇ ئاسپىرىن يەپ تېزراق كىسەل بولۇڭلار دىمەكچىما :D

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:25:05

دوختۇرخانىلاردا شىپا تاپالمىغان بەزى كىسەللەرنىڭ يەرلىك رېتسىپلار بىلەن ساقايغىنىنى كۆرگەنلەر ئاڭلىغانلار بار. ھەتتا بەزى ئۆلۈپ كىتىدۇ دىگەن كىسەللەرمۇ يەرلىك رېتسىپلار بىلەن ساقايغانلار يوق ئەمەس.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 23:30:18

نۇسرەتخان
ئانداق دەپ كەتمىسىلا،قارىسىغا گەپ قىلمايۋاتىمەن
ما يانفوندا خەت يېزىشنىڭ قولايسىزلىقىنى دىمىسەم ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قوياتتىم سىلىگە
ساق ئادەممۇ كۈندە بىر تال ئاسپىرىن يەپ بەرسە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى،كېسەللەردەقوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما ئاسپىرىننى ئۇزاق مۇددەت ئېستىمال قىلغاندا ئاشقازان قاناش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن،مەن يەۋاتقىلى ئون يىل بولدى، لېكىن ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى
ئا پ س ئەمەس جۇمۇ ئاغرىق توختىتىدىغان، كۈندە بىر تابلىت 25 مىللىگىرام يەيمەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 23:36:56

ئالمىنىڭمۇ يۈرەكنى قوغداش رولى بارمىش،لېكىن ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ،ئاسپىرىنمۇ شۇ،شۇڭا ئاسپىرىن ئۈچەيدە ئېرىيدىغان ياسالدى ھازىر
ئالمىنى شۇنداق دىيىشىدىكەن،ئاساسى بارمۇ يوق  بىلمەيمەن
بولسا ASPIRIN ۋە EPA توغرىلىق  بىرەر ماتېرىيال تېپىپ ئىزدىنىپ ۋە كۆرۈپ باقارسىز،ئاندىن دىيىشەرمىز

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 01:03:00

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 23:36 static/image/common/back.gif
ئالمىنىڭمۇ يۈرەكنى قوغداش رولى بارمىش،لېكىن ئاشقازان ...

دىيىشىدىغان گەپ يوق ،ئۆزلە كومپىيۇتۇردا تورغا چىققاندا ماڭا ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويسىلا.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:49:27

nusrat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:17 static/image/common/back.gif
بىر كۈنى قارىسام پارىژدىكى بىر دورىخانىنىڭ ئىشىكىگە م ...

ئۇكام بىرنەرسە چۈشەنسىڭىز ياكى يۇقۇرىدىكى ماقالىنى قايتىدىن بىر ئوقۇپ چىقىڭ ياكى بولسا لۇغەتتىن بىرنى كۆتۈگەچ پارىژدىكى ھېلىقى دۇكانغا يەنە بىر يولۇقىۋېتىڭ ...

ماقالىدا ئاچچىقسۇنىڭ ئورۇقلىتىدىغان ، خولېتسىرېن چۈشۈرىدىغان ، قان تومۇر يۇمشىتىدىغان قوشۇمچە ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئىنكار قىلماپتۇ ، گەپ ئۇ  « قان نوكچىسى » دىگەن نەرسنى ئېرىتەلمەيدۇ دەپتۇ . ئەگەر تومۇرۇڭلاردا « قان نوكچىسى » بارلىغى دىئاگنوز قويۇلسا ئاچچىقسۇ ئىچىپ ساقايتىمەن دەپ ھاياتىڭلار بىلەن ئويناشماي ئالدى بىلەن مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىڭلار دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 08:00:33

قاندىكى ماينى  يوقاتسىلا بولمىدىمۇ، قايتا قان نوكچىسى پەيدا بولۇشىىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،  ئالما ئاچچىقسۈيى ئىچىملىكى زىيانلىق بولمىغاندىن ئىچىپ بەرسە زىيىنى يوق ، ئىچىدىغان مىقدارىمۇ كۆپ ئەمەسكەن، ئەتتىگەندە كەچتە بىر قېتىم، ئەمما خولېتسىرېن چۈشۈرىدىغان دورا يەۋاتقانلار دورىنى توختاتماسلىق ئاساسىدا ئىچىشى كېرەك، جۇگگودا نىمە تولا ، پوقنى ئوتتۇرىدىن بۆلەلمەيدىغان مۇتەخخەسسلەر تولا

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 08:13:01

  گەپ ماۋۇنىڭ ئۈستىدە .... « يۈرەككە كۆرۈك سېلىش دوختۇرلىرى ئىشسىز قالىدىغان بولدى ، قانتومۇر  قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغان مەخپى رېتسىپ »  دىگەن گەپنىڭ راست يالغانلىقى ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ  ئەقىل بۇلىغىدىن سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان  ۋە مىڭە دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنى دولىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن يىگىتلەر ... :)

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 09:48:07

قېنى ما ئىزدىنىشنىڭ ھەكىملىرى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:49:10

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 08:13 static/image/common/back.gif
گەپ ماۋۇنىڭ ئۈستىدە .... « يۈرەككە كۆرۈك سېلىش دوختۇرلى ...

تەكشۈرۈپ باقماي قارا قۇرساق يازغان يازمىكەن .مەسئولىيەتچان بولغايسىز .بىز ئۇنداق تەشۋىق قىلمىدۇق .بىزنىڭ شۇنداق تەشۋىق قىلغانلىمىز ئىسپاتى قېنى ؟باشقىلار بەلكىم ئۈندىدار سۇپىلىرىدا شۇنداق تەشۋىق قىلغان بولىشى مۇمكىن .بۇ بىز بىلەن مۇناسىۋى يوق .ئىزدىنىشتىن بىزنىڭ دىرىكىمىزنى ئېلىپ دورا ئېلىپ پايدا قىلغانلار بۇ يەرگە ئىنكاس يېزىپ قويغايسىزلەر .
قۇرسا ئاغرىمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما .داۋاملىق مال يەتكۈزۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈش نومىرى 18999036938

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:52:16

تورلارغا قارىساڭلار ئەۋرەز مېيىنى ساتقانلارنى ئاقلايدىغانلارمۇ بار ...ئالمىنى راك پەيدا قىلىدۇ دەيدىغانلارمۇ بار ..سىز تەكشۈرۈپ باقماي ..مۇشۇ رېتسىپنى ئىشلەتكەنلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ باقماي مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن بۇ يازمىنى نىمە ئۈچۈن يازىسىز؟مېنىڭ يازمىرىمىغا قاراپ بېقىڭ كۆپىزىپ تەشۋىق قىلغان يەر يوق .مۇھەببەتلىك بولغايسىز .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:55:44

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 07:49 static/image/common/back.gif
ئۇكام بىرنەرسە چۈشەنسىڭىز ياكى يۇقۇرىدىكى ماقالىنى  ...

بىر داۋالاش مۇددىتى ئىچىپ پايدا قىلغان قېرىنداشلارنىڭ نۇمۇر تىزىملىكىنى ئىزدىنىشتا ئېلان قىلايمۇ .لېكىن بۇنداق قىلسام شەخسىيىتىگە چېتىلىدىكەن ھەمدە چوقۇم پايدا قىلىدۇ دىگەن شەك قاراش پەيدا بولىدىكەن .سىزنىڭ قارىشىڭىزنىڭ ئاسىسى يوقمۇ ئەمەس .بىزمۇ جىددى خارەكتىرلىك يۈرەك كىسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ دىمىدۇققۇ ؟بىز بۇ شەربەتنى بىرىشتىن ئىلگىرى كىسەلنىڭ ئەھۋالىنى سورايمىز .جىددى ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان كىسەللەرگە تەۋسىيە قىلمىدۇق .لېكىن بەزىلەر شۇنداق بولسىمۇ ئىشلىتىپ باقايلى دىگەنلەرنى توسىمىدۇق .مەسىلەن كۇچارلىق بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئانىسى كىلاپان خارەكتىرلىك يۈرەك ئاغرىغىكەن .ئۇلار تېلىفۇن قىلىۋىدى بىز بۇ شەربەت سىزگە ماس كەلمەيدۇ دىۋىدۇق ئۇلار يىغلاپ كەتتى ۋە شۇنداق بولسىمۇ ئىچىپ باقسۇن دەپ چىڭ تۇرۋىدى بىز ئەۋەتىپ بەردۇق .ئاقىۋەت بۇ شەربەت بۇ ئانىجانغا مەنپەئەت قىلىپ قالدى .ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئەنە ئاشۇنداق ھەرگىز دەرھال پايدا قىلمايدۇ .دەرھال پايدا قىلىشقا ئالدىراش بۇ ياخشى پىسخىك ھالەت ئەمەس.چۈنكى كىسەلمۇ ئاستا ئاستا بولىدۇ .شۇڭا كىسەلنى ئاستا ئاستا داۋالاش ئاقىلانىلىك ئۇسول .سىزنىڭ ئوزۇقلىنىش توغرىلىق ئەسكەرتىشىڭىز ئىنتايىن توغرا .كىشىلەر ئۆزىدە ئىككىلەمچە ساقسىزلىق بايقالغاندا چوقۇم تۇرمۇش ئادىتىنى ئىسلاھ قىلىشى كىرەك .بۇ شەربەتنى ئىستىمال قىلغانلارنى ئىستاستىكىلاپ باقساق يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەمەلدار ياكى ھۆكمەت خىزمەتچىسى ،باي سودىگەر بولۇپ چىقتى .بۇنىڭدىن بىر نەرسە ھىس قىلالايسىز بەلكىم .بەزى بىمارلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى سوراپ باقساق گۆش ياغقا بەك ئۆزىنى ئۇرىدىغان بولۇپ چىقتى .
بولسا بۇ رېتسىپنى ئۇنداق پاسىقلاشتۇرۋەتمىسڭىز .ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلىتىپ باقققانلارنى تەكشۇرۇپ باقسىڭىزمىكىن دەيمەن .بىزغۇ ئامال بار توخو ئەت قىلىپ قويىدىغان ئېلان سۆزلىرىدىن ئۆزىمىزنى قېچىپ كېلىۋاتىمىز .يازمىلىرمىزدا كەتكەن جايلار بولسا دەپ قويسىڭىز بىز دىققەت قىلساق .
قۇرساق ئاغرىمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما يېڭى بىر قېتىملىق تېخىمۇ ئۆلچەملىك شەربەت چىقتى .شەربەتنى ياساشقا يىتەكچىلىك قىلىش ،ياساشتا قىينالغانلارغا مال يەتكۈزۈپ بىرىش تېىلفۇن نومىرى 18999036938

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:56:15

بۇ رېتسىپ ئۇيغۇر تىبابەتتە ئەلمىساقتىن بار رېتسىپ .قومۇلدا ھاسار ئۇيغۇر تىبابىتى دەپ بىر داۋاخانا با ئۇلارنىڭ رېتسىپىدا ئالما ئاچچىقسۇنىڭ ئورنىغا ئالما سۈيى ئىشلىتىدۇ .قالغانلىرى ئوخشاش .ئالما ئاچچىقسۇيى رېتسىپنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ .بۇ رېتسىپ غەرىپتىكى سېرىق تۈكلەرگە ئۇيغۇر ۋە پاكىستان تەرەپلەردىن تارالغان .ھازىر غەرىپتە بۇ رېتسىپنى كەڭ تۈردە  ئىشلىتىۋېتىپتۇ .مېنىڭ چوڭ ئاكامنىڭ بىر ئاغىنىسىنىڭ دادىسىمۇ يۈرەك توسۇلۇش بولۇپ قاپتىكەن ئامىرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر تۇققىنى بۇ رېتسىپنى دەپ بىرىپتىكەن بىر ئايدىن كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ ساقىيىپ كەتكەن .ئەگەرقومۇلدا بولسىڭىز مەن سىزنى باشلاپ باراي .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:57:06

بۇ يازمىنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن .ئەمدى خەۋەر تاپتىم ..

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 11:02:51

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 10:52 static/image/common/back.gif
تورلارغا قارىساڭلار ئەۋرەز مېيىنى ساتقانلارنى ئاقلاي ...

  ئۇكام ، بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟  مەن سىزنىڭ ھېلىقى سېتىشتىن باشقا  تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆرگىنىم يوق ، سىزنىڭ قايسى تىپتا نىمە مەقسەتتە قانداق ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەردىن ئىكەنلىگىڭىزنى مەن تەكشۈرۈپ كۆرگىنىم يوق ، توردا نىمە ساتسىڭىز كىملەرنى داۋالىسىڭىز بۇ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق .

لېكىن ئۇيغۇرچە چۈشىنىسىز ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، يۇقۇرىدىكى يازما ئىچكىرلىرىدىمۇ ئۈندىدارلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن  « يۈرەككە كۆرۈك سېلىش دوختۇرلىرى ئىشسىز قالىدىغان بولدى ، قانتومۇر  قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغان مەخپى رېتسىپ » دىگەن ئۇچۇر ھەققىدە دوختۇرلار  ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ، يىمەكلىك دورىنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ ، ئاچچىقسۇ قان نوكچىسىنى ئېرىتەلمەيدۇ دەپتۇ ، شۇڭا پايدىلىپ سېلىشتۇرا دەپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ، شەخسەن مەن ، يىمەكلىكنىڭ قوشۇمچە ساقسىقنى ساقلاش رولى بىلەن دورىنى پەرقلەندۈرۈپ ئىستىمال قىلىش تەرەپدارى . لېكىن بۇ ساھەدىكى كىشى ئەمەس ، ئايرىۋالغايسىز  .
بەت: [1] 2
: ئالما ئاچچىقسۇ لىمون رېتسىپى راستمۇ ؟