tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 15:06:34

«تالىشىڭلار» بىلەن «تالاشماڭلار»

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەر ، بۇ ئىككى شائىرمىزنىڭ قارمۇ - قارشى ماۋزۇ قويۇلغان شېئىرىكەن . ئىككى شېئىردا ،ئىككى شائىرىمىزنىڭ نېمىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا ،شۇ دائىرىدە چۈشەنسەك بولدىكەن . ھېچقانداق بىر قارمۇ - قارشى مەزمۇنىدا زىتلىق يوقكەن .

ئابلەت ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ «  رىقابەتلىك بۇ دۇنيا» دېگەن شېئىرىغا قارايلى :

تالىشىڭلار ، تالايغا رىقابەتلىك بۇ دۇنيا ،
تالاشمىغان ئادەمگە نادامەتلىك بۇ دۇنيا .
ھېچ قىزىقى بولمايدۇ تالاشمىغان ئويۇننىڭ ،
پومزەك توپقا ئوخشايدۇ كارامەتلىك بۇ دۇنيا .

تالاشسۇن دەپ دۇنيانى ئادىمىزات يارالغان ،
ھابىل بىلەن قابىلدىن بۇ تالىشىش تارالغان .
خىرس قىلىپ كۈچۈكمۇ تالىشىدۇ سۆڭەكنى ،
ئاي بىلەن كۈن قاراڭلار بۇ پەلەكنى تالاشقان .

مۇتالىئە قىلساڭلار ئىلىم - ھېكمەت سىرىنى ،
پەقەت بىرلا يەكۈنى تالاش يەنە چىڭ تالاش .
شەيئىلەرنىڭ قىرىققا يارساڭ ئەگەر قىلىنى ،
زەررىلىرى تالىشىپ پەيدا بولۇر ئويۇلتاش .


مۇھەممەدجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ  « بۇ دۇنيا » دېگەن شېئىرىغا قارايلى :

تالاشماڭلار ، تالايدىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
بىلىپ بولماس نەگىدۇر بارار ئىكەن بۇ دۇنيا .
مەيلى گاداي ، مەيلى شاھ ، بىر قىيامەت بىر جانغا ،
بىر ئىنساندىن بىر جەسەت ئالار ئىكەن بۇ دۇنيا .

ۋاپاسىز دەپ كايىيدۇ شۇڭا ئۇنى ئادەملەر ،
ئاغرىنغاننى قامچا بوپ ئۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا .
يۇلتۇز كۆزلۈك ئاسمانغا تۈندە باقسام ئۈنچىقماس،
پايانى يوق تىلسىمدەك تۇرار ئىكەن بۇ دۇنيا .

كېلىپ كېتەر مېھمانسەن ، ياخشى قونۇپ ياخشى كەت ،
سېخىي ئۈچۈن بىر قالام چاۋار ئىكەن بۇ دۇنيا .
رەقىپلىشۇر ئىككى جان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ،
توۋا دەڭلار ئۇلارغا تۇمار ئىكەن بۇ دۇنيا .

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 18:40:21

مېنىڭچە بولغاندا بۇ دۇنيا تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا، تېمىدا ئېيتىلغاندەك ئىككىلا شائىرنىڭ تەشەببۇسىنىڭ تېگىشلىك ئاساسلىرى باردەك. قالغىنى شۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىپ، ئىشلارغا شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىپ ئۆتۈش ياخشىراقمىكى، تالىشىشقا  تېگىشلىكلىرىمۇ بار، تېگىشلىك بولمىغانلىرىمۇ بار دېگەندەك دېگەندەك ... {:92:}

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 21:57:25

تالىشىمەن يىشىل چىملىق مەيداندا،
تالاشقاندەك ئاشۇ يۇملاق پوتبولنى.
ئىزدىنىمەن ئاشۇ لاردەك راۋرۇس،
تېپىش ئۇچۇن مھنىتىمدىن رىسقىمنى.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:34:39

   مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تالاشماڭلار ناملىق شېئىرى ئۇرۇق تۇققانلار ئارىسىدىكى نىزا ئاداۋاتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان مىراس تالىشىش قاتارلىق ئىجدىمائى تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا قارىتىلغان ، ئابلەت ئابدۇللانىڭ تالىشىڭلار ناملىق شېئىرى بولسا ھاياتلىق دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنىيەتكە يىغىنچاقلانغان ئىكەن . شۇڭا ھەر ئىككى شېئىرنىڭ بەلگىلىك مەۋقەسى بار .

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:34:01

ئىلى دىيارىدىكى ئىككى ئەزىمەت شائىر ، ھەرئىككى شېئىرنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بار.
بەت: [1]
: «تالىشىڭلار» بىلەن «تالاشماڭلار»