irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 13:52:20

يورۇقلۇق يىلى دىگەن نىمە

   
ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا بىر يىلىدىكى تارقىلىش ئارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەخمىنەن 9.46 تىرىليون مېتىر.

يورۇقلۇق يىلى ئادەتتە ئاسترونومىيە ئىلمىدا ناھايىتى چوڭ ئارىلىقنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قۇياش سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارلىقى. يورۇقلۇق يىلى ۋاقىتنىڭ بىرلىكى ئەمەس. پارسېك ئاسترونومىيەدە دائىم ئىشلىتلىدىغان يەنە بىر بىرلىك بولۇپ، بىر پارسېك 3.26 يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ.

مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 11 مىڭ 260 كىلومېتىرغا يەتسە، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يورۇقلۇق يىلىنى 95 مىڭ 948 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئايروپىلان سائىتىگە تەخمىنەن 885 كىلومېتىر ئۇچسا، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بىر يورۇقلۇق يىلى مۇساپىنى بېسىپ تۈگىتىش ئۈچۈن بىر مىليون 220 مىڭ 330 يىل  ۋاقىت كېتىدۇ.

يورۇقلۇق يىلىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ بىر سان ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

مىساللار

1676-يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئاساسەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت زۆرۈر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى. 1676-يىلى، دانىيە پەن-تېخنىكا ئالىمى رومېر ئالدى بىلەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. 1671-يىلى، رومېر يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنى (ئىئو) كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ يۇپىتېرنىڭ توسۇلۇش ۋاقتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى بايقىدى. يۇپىتېر يەر شارىدىن يىراقراق ئورۇندىكى ۋاقىتتا ئايلىنىشقا كەتكەن ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن ئىدى. 1675-يىلى فرانسىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى كاسسىنى (Giovanni Domenico Cassini) بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىش مۇمكىنلىقىنى قىياس قىلدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بۇ قىياسىدىن ۋاز كەچتى.

ئەينى چاغدا كاسىنىنىڭ پەن-تېخنىكا ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رومېر ۋاز كەچمىگەنىدى. ئۇ نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇر تېزلىكى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ دىئامېتىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە 22 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 214 مىڭ كىلومېتىر دەپ قارالغان.

بىراق 18 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاندىن ئاساسىي ئېقىم پەن-تېخنىكا دۇنياسى نۇرنىڭ سۈرئىتى چەكلىك بولۇش قىياسىنى قوبۇل قىلدى. 1728-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى برادلېي جامېس (Bradley·James) نۇرنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا تەخمىنەن 301 مىڭ كىلومېتىر بولدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1838-يىلى، گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى فرىيېدرىچ ۋىلخېلم بېسسېل  (Friedrich Wilhelm Bessel) تۇنجى قېتىم نۇر يىلى دېگەن سۆزنى ئاسترونومىيەدە ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئاققۇ يۇلتۇز تۈركىمى 61 بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ 10.3 يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.

قۇياشنىڭ ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 تىرىليون كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى بۇ ساننىڭ 30 ھەسسىسىگە باراۋەر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يورۇقلۇق يىلى ئىشلىتىلسە قولايلىق بولىدۇ، قۇياشنىڭ سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.545 يورۇقلۇق يىلى، ئەڭ يورۇق تۇرغۇن يۇلتۇز سىرىئوس يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.6 يورۇقلۇق يىلى، پادىچى يىگىت يۇلتۇزى ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16.63 يورۇقلۇق يىلى ۋە 26.3 يورۇقلۇق يىلى، رىگېل يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850 يورۇقلۇق يىلى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئارىلىقى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەكشۈرەلىگەن ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 مىليارد يورۇقلۇق يىلى-ئەگەر بۇ يۇلتۇزنى 15 مىليارد يىل ئىلگىرى ئالەم پارتىلىغان چاغدا بارلىققا كەلدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت ئۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا تارقالغان نۇرى.

ئۇنىڭدىن باشقا، قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالىملار يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى «بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بىرلىك بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەش ئىنتايىن قولايلىق. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى، مېركۇرىي بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.4 ئاسترونومىيە بىرلىكى، ۋېنېرا بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.7 ئاسترونومىيە بىرلىكى، پلۇتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 ئاسترونومىيە بىرلىكى قاتارلىقلار.
(مەزكۇر تىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى - بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى )

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 17:47:50

نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا قانداق ھىسابلاپ چىققان بولغىيتى ، ھازىر تولۇق ئوتتىرا دەرسىدىمۇ فىزىكا ، ماتىماتىكا ھىسابلىرىغا ئىلىكتىرونلۇق ھىسابلىغۇچ ئىشلىتىدۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 09:08:20

نۇر يىلى يورۇقلۇق يىلى قايسىىى ئۆلچەملىك ئاتىلىشى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 11:10:17

ئىنسان نۇر دەستىسىنىڭ كاللىسىدا ئولتورۇپ، نۇر تىزلىكىدە ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسا، يەر شارىنىڭ ۋاقىت بىرلىكى بويىچە ھىساپلىغاندا، پەقەت 1 ئاي ئۇچتى دەپ ھىساپلىساق، ئىنسان يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بەدىنىدە ياشىرىش ياكى قىرىلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۆلەمدۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:53:47

ياشىرىدۇ
يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىم ئەسلى بىرمېتىر بولسا يېرىم مېتىر قىسقىرايدۇ،ۋاقىت ئاستىلايدۇت

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 22:12:25

مۇشۇ ساھەدە قەتئىيلا چۈشەنچەم بولمىغاچقا ماڭا ئەڭ قىزىقارلىق تۇيۇلغان يېرىنى سوراۋېرەي،
بىرسى، مۇشۇ مۇساپىپىنى بېكىتىش ئۇسۇلى ، تېخنىكىسى قانداق بولىدۇ؟ يەنى بۇ ئارىلىقنىڭ ئۇنچە مۇساپە ئىكەنلىكىنى قانداق ئېنىقلاپ چىقالايدۇ؟ قانداق ئۈسكۈنىلەر كېرەك بولىدۇ؟
ئىككىنچىسى، نەچچە يۈزمىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى جىسىمنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرۈش تىزلىكىگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ يەنى بۇنچە يىراقلىقتىكى نەرسىنى قانداق ئۇسۇلدا شۇنچە تىز كۆرۈپ مۇساپىسىنى بېكىتىدۇ؟  ھەمدە مۇساپىسى ئەمدى بېكىتىلگەن بۇ پىلانىتلارنىڭ ھالىتى قايسى چاغدىكى ھالەت بولىدۇ؟ يەنى شۇ نۇر يىللار ئىلگىرىكى ھالەتمۇ ياكى؟  ئۇنداق بولغاندا ئۇ جىسىمنىڭ ئالىملار كۆرگەن ھالىتى قايسى دەۋرگە تەۋە؟ ھازىرغىمۇ ياكى مۇساپە نۇر يىلى ئاۋالقى ھالىتىمۇ؟ ناۋادا شۇ نۇر يىلى ئاۋالقى ھالىتى بولسا كۆزنىڭ كۆرۈش تىزلىكىنى قانداق چۈشىنىمىز؟......

شۇنداق گادىرماچ سوئاللار ئۇزۇدىن كاللامدا ئەگىپ ئورۇن ئىگىلەپ كەلدى. كەسپ ئىگىلىرىنىڭ ئېغىر كۆرمەي تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:12:04

ئايغا بىر دەستە لازىر نۇرى قويۇپ بېرىپ ئايدىن قايتقاندىن كېيىن يەر يۈزىدە قوبۇللىغۇچى ئەسۋاپ بىلەن قايتقان نۇرنى قوبۇللاپ تارقىتىشتىن قوبۇل قىلىشقىچە كەتكەن ۋاقىتنى ئۆلچىسىلا يورۇقلۇق تېزلىكى مەلۇم بولىدۇ،باشقا ئۇسۇللاردىمۇ ئۆلچەشكە بولىدۇ.
150يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز كۆرۈۋاتقىنىڭىز شۇ يۇلتۇزنىڭ 150 يىل بۇرۇنقى ۋاقتى بولىدۇ.
كۆرۈش تېزلىكى دەپ گەپ يوق

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 07:29:51

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 11:10 static/image/common/back.gif
ئىنسان نۇر دەستىسىنىڭ كاللىسىدا ئولتورۇپ، نۇر تىزلىكى ...

پىيادە قايتىپ كېلەمسىز ياكى يەنە نۇر دەستىسىنىڭ كاللىسىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېلەمسىز؟
يەنە نۇر دەستىسىنىڭ كاللىسىغا ئولتۇرۇپ بىر ئايدا قايتىپ كەلسىڭىز، يەرشارىدىمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئاي ئۆتكەن بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:02:16

نۇر دەستىسىگە ئولتۇرۇپلا ماڭسىڭىز ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكى، ھاۋاسىز بوشلۇققا چىققاندا بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى قىسىمىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ بەدىنىنىڭ پارچە پارچە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، نۇر بەك تىز ماڭىدىغان نەرسە، چىڭ ئولتۇرمىسىڭىز يېقىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ياشىرىپ قېرىپ كېتىشنى ئويلاشنىڭ زۆرۆرىيىتىمۇ قالمايدۇ

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 10:22:59

نۇر دەستىسىنىڭ ئۆلچىمەكچى بولغان نىشانغا     بېرىپ قايتقان ۋاقتىنى ھىساپلاش ئارقىلىق  يورۇقلۇق يىلى ۋاقىت بىرلىكىگە ئېرىشدىكەنمىز،ئۇنداقتا نەچچە يۈزمىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان ئارىلىقنى ئۆلچەش ئۈچۈن نۇر دەستىسىنى قويۇپ بېرىپ نۇرنىڭ شۇ جىسىمدىن قايتىشى ئۈچۈن نەچچە يۈزمىڭ يىل ساقلاش كېرەكمۇ?نەچچە يۈزمىڭ يورۇقلۇق يىلى قانداق ھېساپلىنىدۇ?چۈشەنچە بەرسەڭلار!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 15:44:27

ئۆلچىمەكچى بولغان نىشانغا نۇر دەستىسى ئەۋەتىپ قايتقان نۇرغا كەتكەن ۋاقىتنى ئۆلچەيمىز دېسە ئاقماس پاراڭ بولۇپ قالىدۇ.
كۆرگىلى بولىدىغان مەلۇم جىسىمدىن كەلگەن نۇرنىڭ قانچىلىك ۋاقىت بۇرۇن يولغا چىققانلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولسا كېرەك.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 23:40:14

سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنىڭ كەم قالغان يېرىنى ئۈستىدىكى توردىشىمىز سوراپتۇ.  مېنىڭ يەنە چۈشەنمىگىنىم، لازىر نۇر دەستىسى قويۇپ بېرىپ ئۆلچىسە ، نەچچە يۈز نۇر يىلى يىراقلىقنى ئۆلچەش ئۈچۈن يەنە نەچچە يۈز نۇر يىلى ۋاقىت كېتەمدۇ ياكى؟

مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە يەنىمۇ كەڭرەك دائىرىدە ئىزاھاتلار بولسا كاللىمىزنى ئازراق ئېچىۋالغان بولاتتۇق{:90:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 00:22:47

گۇدلاك
ئاي بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى ئېنىققۇ، بېرىپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت مەلۇم بولسىلا تېزلىكنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ ئاسانلا ھېساپلاپ چىقىرالايدۇ
ئەمدى ئاۋۇ يىراق يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ھېساپلاشنى مەن يەنە ماتېرىيال كۆرۈپ ئاندىن بىر نەرسە دەي،بولسا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنى تەكلىپ قىلايلى بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشكە
بەت: [1]
: يورۇقلۇق يىلى دىگەن نىمە