يانفون زەرەتلەش ھەققىدىكى بەش چوڭ خاتا قاراش
«زەرەتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا يانفون ئىشلەتمەڭ!»، «يانفوننى بىر كېچە ئۇدا زەرەتلىمەڭ!»، «چوقۇم توكنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندە ئاندىن زەرەتلەڭ!» ..يانفوننى زەرەتلەش ھەققىدىكى يۇقارقى بىر قاتار «ئاگاھلاندۇرۇش» لار ئارىمىزدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان، ئىشىنىمىزكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى چوقۇم ئاڭلاپ باققان، ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ زادى ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ-يوق؟يانفوننى زەرەتلەش ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-پىرىنسىپلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاز، يەنى ئادەتتە خالىغانچە زەرەتلىسىڭىز بولىدۇ. چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار بار بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي خاتا قاراشلاردۇر. كۆپ يىللاردىن بۇيان تېخنىكا ساھەسىدە غايەت زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى، ھازىرقى يانفون باتارىيىسى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە «دۆت» ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىللىق، شۇنداقلا باشقۇرۇش قولايلىق. ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە نۇرغۇنلىغان داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئادەتتە سىز پەقەت مۇۋاپىق ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭدىكى لىتىي ئىئونىي تىپىدىكى باتارىيە گەپ-سۆزسىز 3-5 يىلغىچە ئىشلىتىشىڭىزگە يېتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى يانفون زەرەتلەش ھەققىدىكى بەش خىل خاتا قاراش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى.
بىرىنچى خىل خاتا قاراش: ئەسلى ماركىدىكى زەرەتلىگۈچتىن باشقا زەرەتلىگۈچلەر يانفون باتارىيىسىنى بۇزۇۋىتىدۇ.
ھەقىقىي ماھىيەت: ئەسلى ماركىدىكىدىن باشقا زەرەتلىگۈچلەرنى تەۋسىيە قىلمىساقمۇ، بىراق، ئۇنى ئىشلەتكەندە ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. سىز پەقەت ساختا مال سېتىۋالمىسىڭىزلا بولدى.
ئەرزان باھالىق ساختا زەرەتلىگۈچلەرنى ھەرگىز سېتىۋالماسلىق كېرەك، ئەگەر سىز يانفونىڭىزنىڭ ئەسلى ماركىسىدىكى زەرەتلىگۈچىسىنى قىممەت كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا باھاسى مۇۋاپىق بولغان باشقا ماركىلىق زەرەتلىگۈچ (ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتى ۋە ماركىسى بار) نى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ماركىلىق زەرەتلىگۈچلەر ئادەتتە ئەسلى زەرەتلىگۈچكە يەتمىسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. بىراق، تەقلىدىي ۋە ساختا زەرەتلىگۈچلەرنى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك كېرەك ئىكەن.
ئىككىنچى خىل خاتا قاراش: زەرەتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا يانفوننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ھەقىقىي ماھىيەت: قانداق قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ، پەقەت سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز ساختا ۋە ئىشەنچسىز ئۈچىنچى تەرەپ كارخانىلارنىڭ قولىدىن چىققان زەرەتلىگۈچ بولمىسىلا.
بۇ ھەقتىكى مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. بەزىلەر زەرەتلىنىۋاتقان يانفوننى ئىشلەتكەندە ئاسانلا پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن دەيدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ئادەمنى توك سوقوۋىتىدۇ دەيدۇ. بىزمۇ ھەم بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن، مەسىلەن، بۇلتۇر 7-ئايدا جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلان كۈتكۈچىسى ئايفون 4 نى زەرەتلەۋاتقاندا، كىلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن قازا قىلغان. بىراق، كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزنىڭ ئىشلەتكىنى ئالما ماركىسىدىكى ئەمەس، بەلكى ساختا ماركىدىكى زەرەتلىگۈچ ئىكەن، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز ھەقىقىي زاۋۇت ئادرىسى بولغان، شۇنداقلا سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن مەھسۇلات بولسا، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: بىر كېچە زەرەتلىگەندە باتارىيە ئاسان بۇزۇلىدۇ.
ھەقىقىي ماھىيەت: ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يانفونىڭىز سىزدىنمۇ ئەقىللىق. يانفوننىڭ باتارىيەسى تولۇق زەرەتلىنىپ بولغاندا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا توك قاچىلاشنى توختىتىدۇ. يەنى بۇ چاغدا باتارىيەگە توك ئۆتۈشمەيدۇ.
بىراق، شۇنداق دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، سىز يانفوننى تولۇق بىر كېچە زەرەتلىمەسلىكىڭىز كېرەك، يانفوننى %100 زەرەتلىۋالغانغا قارىغاندا، %40-%80 گىچە توك مىقدارى ساقلانسا، باتارىيەنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
تۆتىنچى خىل خاتا قاراش: يانفوننى تاقاشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.
ھەقىقىي ماھىيەت: قولىڭىزدىكى يانفون بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇمۇ مۇۋاپىق مىقداردا دەم ئېلىشقا مۇھتاج. مەلۇم بىر مۇتەخەسىسنىڭ دىيىشىچە، يانفوننىڭ توك ساقلاش ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاش ئۈچۈن، يانفوننى چوقۇم پات-پات تاقاپ ئارام ئالدۇرۇش زۆرۈر ئىكەن، بولۇپمۇ كېچىسى ئۇخلىغاندا.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مۇمكىن بولسا يانفوننى چوقۇم ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تاقاش كېرەك ئىكەن. يانفوننى تاقاش ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە نىسبەتەنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، پەقەت قايتىدىن قوزغىتىپ قويۇشمۇ يانفوننىڭ توك مىقدارىنىڭ ئەسلىگە ياردەم بىرەلەيدىكەن.
بەشىنچى خىل خاتا قاراش: توك پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاندىن زەرەتلەش كېرەك.
ھەقىقىي ماھىيەت: يانفوننى ھەر كۈنى زەرەتلىگەنگە قارىغاندا، پات-پات دىگۈدەك ئۇنى «راۋۇرۇس زەرەتلەش» تېخىمۇ مۇھىم.
لىتىي باتارىيىسىنىڭ زەرەتلىنىپ بولغاندىن كىيىنكى ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى، دائىم دىگۈدەك يانفوننىڭ توكىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ، ئاندىن ئۇنى زەرەتلەش يانفوننىڭ باتارىيىسىگە زىيانلىق. يانفون باتارىيىسىنىڭ زەرەتلىنىش ئۆمرى چەكلىك بولۇپ، باتارىيەنىڭ توكى بىراقلا تۈگىگەندە، ئاندىن زەرەتلەش ئۇنىڭ بىر قېتىملىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا باراۋەر.
ھە باللا ماۋۇ تىمىنى ئەلا باھالاپ مۇكاپاتلاپ قويىلە ھەممىڭلا شۇندا قىڭلا بەك جاپا تارتىپ يوللاپتۇ بىزگە ياخشى بوسۇن دەپ زەرەتلىگۈچ تاللىغاندا باتارىيەگە ماس كىلىدىغان توك بىسىم ، توك كۈچى چىقىردىغان زەرەتلىگۈچنى تاللاش كىرەك *#3370# ماۋۇ سانلارنى باسسا باتارىيەنىڭ زاپاس توكى پەيدا بولىدۇ دىگەن قىپقىزىل يالغان گەپ ، 7-8 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ مۇشۇنداق گەپ بار ئىدى ، بۇ گەپ ھىلىمۇ تارقىلىپ يۈرۈپتۇ يۇلتۇز كاتەك نۆل ئالتە كاتەكنى باسسا چىققىنى نېمە سانلار ئۇ ؟
تېلفۇننىڭ ئارخىپ نومۇرىما ؟:lol 手机在待机状态下输入*#06#就会显示手机的串号,即 IMEI 码。 Huqush يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 14:47 static/image/common/back.gif
يۇلتۇز كاتەك نۆل ئالتە كاتەكنى باسسا چىققىنى نېمە سانل ...
تىلفۇننىڭ كىملىك نۇمۇرى ئاسانلىقچە ئۆزگەرىتكىلى بولمايدۇ .. سىزنى ئىز قوغلىغاندا مۇشۇ نۇمۇرلار لازىم بۇلىدۇ بەزىلەرگە ياخشىكەن
يىقىندا ئامىرىكىنىڭ بىر شىركىتىنى بىر باتارىيىنى كەشىپ قىماقچى بولۇۋاتىدۇ ، ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك لىكىن بىر مىنۇت توك قاچىلىغاندا كىچىك ئاپتومولبىلدا 1000 كىلومىتىر مۇساپىنى باسقىلى بولىدىكە دىگەن بىر پاراڭنى ئاڭلاپ قالدىم ، مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا ئىنىقراق دەپ باققان بولساڭلار . يادرۇ باتارىيەمىكەن ئۇ ، ئەجەپ كۈچى چوڭ ئىكەن ، ئاتۇم بومبىسىدەك بالىلار خەۋەرلىرى ئوخشايدۇ ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 23:47 static/image/common/back.gif
يادرۇ باتارىيەمىكەن ئۇ ، ئەجەپ كۈچى چوڭ ئىكەن ، ئاتۇم ب ...
{:112:} :lol
بەت:
[1]