排行榜 توغرىسىدا ياردەم سورايمەن
يېقىندا يۇقىرىدىن مۇشۇ 排行榜 دېگەن سۆزگە 3 بوغۇمدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان جانلىق سۆزدىن بىرنى تاپ دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن، داڭلىق تەرجىمانلاردىن سورىساممۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ چىقمىدى....كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ تۇرسام، بىر ئاغىنەم مۇشۇ ئىزدىنىشتا پىرېزدىنقا ئەقىل ئامبىرى بولغىدەك بالىلار بار دىۋىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر قايسى مۇنبەردىشىمىزنىڭ تاپقان سۆزىنى ئىشلىتىپ قالسام تېلىفۇنىغا 10 يۈەن ئۇرۇپ بېرىپ مۇكاپاتلايمەن. ئەلۋەتتە 10 يۈەن ئاز، لېكىن مېنىڭ باش قېتىقچىلىقىم ئۈچۈن باش قاتۇرغان مۇنبەرداشلارغا بولغان رەھمىتىم چەكسىزدۇر. رەتتەرتىپ نەق شۇ ئۈچ بۇغۇمكەنغۇ ؟ ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 17:24 static/image/common/back.gifرەتتەرتىپ نەق شۇ ئۈچ بۇغۇمكەنغۇ ؟
تىزىلما، قارىسامغۇ تىزىلمىدىن رەتتەرتىپ ياخشىراقتەك رەتنامە تەقسىمات دىگەنگە ماس قىلىپ تىزىمات دىسەكمۇ بولغۇدەك بولمىسا ؟
بۇنداق بولغاندا تىزىملىك بىلەن پەرىقلنىپ تۇردىكەن ...
ياكى بولمىسا دەرىجە دىگەن سۆز بەكرەك يىقىن كىلدىكەن مۇشۇنىڭدىن پايدىلنىپ باقساقمۇ بۇلدۇ ...
ھە تاپتىم ...
دەرىجەتۇغ دىسەك قاملىشارمۇ ؟ !
مەن ئەمدى بولدى قىلاي جۇما .... تىما قالايماقان بوپ كەتمىسۇن يەنە :loveliness:
بىدار قۇتلان ئەپەندى نەگە كەتكەندۇ :dizzy:
ئۇرۇن رەت تەرتىپى دەپ تەرجىمە قىلنىدىغاۇ دەيمەن دەرجەن، بۇ سۆزنى بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىزغۇ. قاتارى دەپ ئالساق بولىدۇ مېنىڭچە.热度排行榜نى ئاۋاتلىق قاتارى دەپ ئالغاندەكچۇ. قاتارى قاتارى تۈركى تىللار دىۋانىدا ئاق دىگەن پىئلغا ن قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىقىن دىگەن ئىسىمنىڭ ياسىلىدىغانلىغى كۆرسىتىلگەن . شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا دەرىجە دىگەەن پىئلغا ن قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان بۇ دەرىجەن دىگەن ئىسىم چوڭلاردا قوللۇنۇپ كەلگەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 19:44
تەھرىرلەندى يۇلغۇن لۇغىتىدە شەرەپ تاختىسى دەپ تەرجىمە قىلىنىىپتۇ. رەت تەرتىپى دېسەك چۈشىنىشلىك بولىدىكەنتۇق، باشلىققىمۇ دەڭ نىمىدەپ ئۈچ بۇغۇملا سۆز دەيسەن، تۆت بۇغۇم بولسىمۇ بولسۇن دەپ.زورمۇزور قىستاپ سۆز ياساشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ تىلشۇناسلاردىن كەلسۇن قالغىنى خەنزۇچىدا ئاۋۇ 排行 دېگەننى مەلۇم تەرتىپ بويىچە رەتكە تىزىش دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇڭا، 排行榜 دېگەننى رېتى دەپ ئالساق ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك بولغۇدەك. ماڭىغۇ دەرىجە دىگەن سۆز ئەڭ مۇۋاپىقتەك بىلىندۇ ‹‹ رەتلىمەك ›› ‹‹ تىزماق ›› ‹‹ رەت- تەرتىپ ›› ‹‹ باش رىتى ›› ‹‹ تىزىملىك ›› ‹‹ تەرتىپلىمەك ›› مۇشۇنىڭغا يىقىن سۆزلەرنى ئالسا مۇئاپىق بولىدۇ. muztag يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 19:33 static/image/common/back.gif
تۈركى تىللار دىۋانىدا ئاق دىگەن پىئلغا ن قوشۇمچىسىنى ق ...
ئاق دىگەنغۇ پىئىل، دەرىجە دىگەن پىئىل ئەمەس. لىكىن دەرىجەن دەپ ۋارىيانت بولسا بۇنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتىغۇ نىنجىغا تىزغاندا دەپمۇ قوياتتۇق. نىنجىسى دىسەك قاملاشماس ھە ،
رەت تەرتىپ، قاتارى، دەرىجىسى، تىزغاندا دىگەندەك گەپلەرنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك. رەتتەرتىپ ، شانتەرتىپ ، شانتەرتىپ خېلى بوپ قالىدىغاندەك.
بەت:
[1]
2