Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:08:47

[Android] قولاي ھېساباتچى 4.3 قۇتيار ئۇيغۇرچە نەشرى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
قولاي ھېساباتچى ئەپچىسى ئاندرويىد يانفونلاردا ئىشلەيدىغان كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان مالىيە ئەپچىسىدۇر. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ئۇچۇرلاردىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپكۆرسىڭىز بولىدۇ.
بۈگۈن يەنە يېڭى نەشرى چىقتى. خەنزۇچە نەشرى چۈشتىن كېيىن تارقىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە نەشرىنى مانا ھازىر تارقىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
بۇرۇنقى نەشرلىرىدە سانداننى ماس قەدەملەش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىدى يەنى بەيدۇ ۋە گۇگېل ھېساباتلىرىغا ماس قەدەملەيتتى. ئاپتور بۇ قېتىم ئۆزى ئايرىم ئېغىز ئېچىپ مۇشۇ ئەپنىڭ ئۆزىنىڭ ماس قەدەملەش ئىقتىدارىنى ئېچىپتۇ. بولدى جىق گەپنى قويۇپ ئەپنى چۈشۈرۈپ كۆرۈلگەن تەرجىمە خاتالىقى، ئىملا خاتالىقى ۋە ياكى باشقا ئەپتىكى خاتارلىقلار بولسا مەلۇم قىلساڭلار كېيىنكى نەشرىدە تۈزەپ چىقىرىمىز.
ئەپ كۆرۈنۈشلىرى:







بۇ يەردە بىر ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قاپتۇ. بۇنى كېيىنكى نەشرىدە ئوڭشايدىغان بولدۇم ئەمدى. بولسا مۇشۇنداق يەرلەر بولسا قالدۇرساڭلار.

ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈش
www.qutyar.net/qh

ئەسلى مەنبە: قۇتيار مۇنبىرى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:11:58

4.2دىن 4.4لىق ئاندىروئىد تىلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچ خوڭمىي تىلگىراف نۇسخىسىغا ئىشلىمىدى دىسە:(:(:(:(

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:57:00

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 12:11 static/image/common/back.gif
4.2دىن 4.4لىق ئاندىروئىد تىلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچ خ ...

قانداق ئىشلىمىدى؟

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:58:36

يانفۇننى روتلىغانمۇ؟ مەنمۇ خوڭمى ئىشلىتىمەن . مېنىڭكىگە نورمال ئىشلىدى. ئاۋۋال روت ئېلىڭ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:23:03

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 12:57 static/image/common/back.gif
قانداق ئىشلىمىدى؟

خەت نۇسخسى ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن 爱字体دەيدىغان ئوقەتتە بىرتال فونتنى قاچىلىسام تىلاۇننىڭ خېتى ئۆزگەردى،تور يۇزىدە يەنىلا ئۆزگەرمىدى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:57:01

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 14:23 static/image/common/back.gif
خەت نۇسخسى ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن 爱字体دەيدىغان ئوقەت ...

بۇ دېتالنىڭ خەت نۇسخىسى بىلەن ئالاقسى يوقتىغۇ. خەت نۇسخىسى يوق بولسا يوق ھالەتتە كۆرۈنىدۇ ئۇيغۇرچە. بار بولسا چىرايلىق چىقىدۇ. ئۇنىڭغا قاراپ بۇ دېتال ئىشلىمىدى دېسىڭىز قانداق بولىدۇ. ئىككىسى ئىككى ئىش تۇرسا. خەت نۇسخىسى تونۇماسلىق بىلەن دېتالنىڭ قوزغالماسلىقى ياكى ئېچىلماسلىقى باشقا باشقا گەپ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:04:30

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 14:57 static/image/common/back.gif
بۇ دېتالنىڭ خەت نۇسخىسى بىلەن ئالاقسى يوقتىغۇ. خەت نۇ ...

4.3لىك سىستىمىدا ئۇيغۇرچە ئاساسەنلا نورمال تونۇيدىكەن شۇنداققۇ؟؟؟لىكىن شۇ خەت بىر خىل سەت،بۇندىن بۇرۇنقى فۇنىت قاچىلىغۇچلاردا فونت قاچىلىۋەتسەك ھەرىپ ئۇلانماسلىق بىلەن خەتنىڭ سەتلىكىنىمۇ،قوشۇپلا ھەل قىلىۋىتەتتى،خەتنى چىرايلىقراق قىلىش مەقسەتتە قاچىلىسام ئۆزگەرمىدى دىمەكچىتتىم:L

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:27:00

يانفۇنىڭ ئىكىرانى كىچىك بولغاندىن كىيىن كۆزنەكتە چىقىدىغان زۆرۈرىيىتى يوق ئۇچۇرلارنى چىقارماي ئېكران بوشلۇقىنى تىجىگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن مەسىلەن :
چىقىم :  چۈشلۈك تاماق :  30 : 14\6\21  
ئاندىن قايسۇ قۇرنى چەكسە تەپسىلى ئۇچۇرلار كۆرەنسۇن

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 16:05:00

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 15:04 static/image/common/back.gif
4.3لىك سىستىمىدا ئۇيغۇرچە ئاساسەنلا نورمال تونۇيدىكەن ...

ھە ئەمدى چۈشەندىم. بايا تازا ئاڭقىرالماي قاپتىمەن. بىز تۈزگەن قۇتيارنىڭ فونت قاچىلىغۇچىسىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ. خوڭمىي تېلېفونلارغا قاچىلاپ سىناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر بار.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 16:05:58

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 15:27 static/image/common/back.gif
يانفۇنىڭ ئىكىرانى كىچىك بولغاندىن كىيىن كۆزنەكتە چىقى ...

ماۋۇ يولداش ئۇنداق كىچىك ئېكرانلىق تېلېفونلارنى ئويلاشماپتۇ ئەمەسمۇ:lol

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 20:05:54

سالام كۈلكە ئەپەندى، بۇ نەرسىنى دەسلەپ تونۇشتۇرغان ۋاقىتتىلا ئىشلەتكەن ھەم ياقتۇرغان ئىدىم، سانداننى كارتىغا ھەم بەيدۇ ھېساباتىمغا زاپاسلىغان. سىستېمامنىڭ نەشرىنى 4.4 كە كۆتۈرۈپ ئاندىن بۇ ھېساباتچىنى قاچىلاپ، سانداننى ئەسلىگە كەلتۈر دېسەم قاراپ تۇرۇپلا بەردى، ئىككى ئايلىق كىرىم چىقىم ھېساباتىم يوق بولدى. لېكىن ئېكسېلدا ئېچىلىدۇ. ئېكسېلدا ئېچىلسا نېمە پايدىسى؟ شۇنىڭ بىلەن بىراقلا ئۆچۈرۈپ تاشلاپ غەمسىز ئولتادىم.
بۇ ئىشقا ئىككى ئۈچ قېتىم يولۇقتۇم.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 21:24:16

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 20:05 static/image/common/back.gif
سالام كۈلكە ئەپەندى، بۇ نەرسىنى دەسلەپ تونۇشتۇرغان ۋا ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەن ئۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىدىم. ئاشۇ ئەپتە دېيىلگەن بويىچە ماس بولغان ئورۇنغا قويسىڭىزلا بولاتتى. قايسى بىر نەشرىدە چىقارغان ساندان نامى ئۇيغۇرچە بولۇپ قالسا ئەكىرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتىكەن. ئۇنى مەن دەپ ئوڭشاتقان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ساندان چىقىرىش ۋە ئەكىرىشلار ئوڭشالغان ئىدى.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 21:52:13

قۇتيار فونىت قاچىلىغۇچىسىنى 4.1 دە ئىشلەتسە، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئۈستى تەرەپ كۆرۈنمەيدىكەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-6-22 09:32:47

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 21:52 static/image/common/back.gif
قۇتيار فونىت قاچىلىغۇچىسىنى 4.1 دە ئىشلەتسە، خەنزۇچە خە ...

ئۇنىڭ ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى CM نىڭ rom لىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان خەت نۇسخىسىكەن. شۇڭا باشقا rom لارغا قاچىلىسا بولۇپمۇ سەنشىڭنىڭ ئورگان rom لىرىغا قاچىلىسا شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن. بۇ قېتىم ئاشۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئاشۇ قۇر ئارىلىقىنى تەڭشەشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
بەت: [1]
: [Android] قولاي ھېساباتچى 4.3 قۇتيار ئۇيغۇرچە نەشرى