uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 10:14:54

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:54:05

تۆمۈر خەلپە قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرنىڭ ئالى رەبىرى ھەقىقەتەن ماختىغىچىلىقى بار باتۇر شەخىس ‹‹قانلىق ئىز ›› رومانىدىكى باش پىرسۇناج ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان باتۇرلۇق لىرىنى ئۇقۇغان ۋە چوڭلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم.

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:54:45

ياخشى تىما

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:07:35

0903Galaxy يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 14:54 static/image/common/back.gif
تۆمۈر خەلپە قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرنىڭ ئالى رەبىرى ھەقىقە ...

«ئىز»رومانىدۇ؟

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:09:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 15:34  

تۆمۈر خەلىپىنى 1891-يىلى تۇغۇلغان دېگەن توغرا ئەمەس. خوجىنىياز ھاجى 1889- يىلى تۇغۇلغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ ھالدا خوجىنىياز ھاجى ئۆزى «ئاكا» دەپ ئاتايدىغان پاسىبانى تۆمۈر خەلىپىدىن چوڭ بولۇپ چىقىدۇ.
تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى 1912-يىلى 3-ئايلاردا پارتىلىغان. ئاۋۇ يىلنامە بويىچە بۇ يىللاردا تۆمۈر خەلىپە 21 ياش بولىدۇ. بىز بىلىدىغان «جاپالارغا پىشقان، سوك-سوك ئاق ئاتقا مىنگەن، قاتاڭغۇ چىراي تۆمۈر مۇجاڭ (ياغاچچى)» 21 ياشلىق بالا قوماندان ئەمەس ئىدى.

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:18:20

ئاچچىق قىسمەت،ئوخشاش تىراگىدىيە.
ئېھ ئاللاھىم شۇ ئەزىزلەرنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلغايسەن،ئامىن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:21:23

قىسمەتكام توغرا دەيدۇ، ئېسىمدە قېلىشىچە تۆمۈر خەلىپەم 1871-يىلى تۇغۇلغان.

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 16:47:03

SIRLIK يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 17:00:19

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 17:39:00

تۆمۈر خەلىپنىڭ ئوغلى باستىنى ھەربى گېنىرال دەپ ئاڭلىغان ئىدىم...ھازىرمۇ ھاياتمىدۇ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 19:39:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   esir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 19:49  

ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن شىنخەي ئىنقىلابى؟ ئالە شەرىڭنى…

جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى دېگەننىغۇ ھەممە بىلەتتى، ما گەپنى باشتىلا دېمەي يوشۇرۇپ يۈرۈپتىكەندە بۇلار…

شاتۇتىدەك ئۆگەتكەننى بىلجىرلىماي گەپ دېگەننى قىسىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقمۇ بىر ھۈنەر.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 20:08:42

ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن شىنخەي ئىنقىلابى دېگەندە. ئىلىغا چىققان يېڭى ئارمىيەنىڭ 1912-يىلى كۈرەدە (ھازىرقى سۈيدۈڭ ناھىيەسىنىڭ كۈرە يېزىسى) قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى جياڭجۈنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ جۇڭخۇا مىنگوغا ئاۋاز قوشقانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ياڭ زەنشۈ، فېڭ تېمىن، لى فۇخۇاڭ....... قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى (تۇڭمېڭخۇي) ئەزالىرى. ئۇلار يېڭى ئارمىيەدىكى (خەنزۇلار) ئەسكەرلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەنچىڭ ئارمىيەسىنىڭ كونا ئارمىيەسىگە (مانجۇ، شىبەلەر) ھۇجۇم قىلىپ بىر كېچە ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلىپ قالغاندا، ئامالسىزلىقتىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئىلى جياڭجۈنى گۇاڭفۇنى ئىشقا سېلىپ قارشى تەرەپكە داۋلى سۆزلەش ئارقىلىق تەسلىم قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان.
قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار يەرلىك خەلق ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىن چىققان ھەربىيلەر.
ئادەتتە پالانچى يەرنىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى......... دېگەندەك ئاتالغۇلاردا ئەسكەرتمىسىمۇ شۇ يەرلىك خەلقنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئېلىنىش مۇۋاپىق دەپ قارالغان.
خەنچە 辛亥革命在伊犁
ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقىسىغا جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى دېگەن نامنى بەرمىدىغۇ دەيمەن.
بەت: [1]
: زىمىن تۇغقان ئەزىزلەر-تۆمۈر خەلىپە