Aldostceo يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 10:08:10

ئەلدوسىت شىركىتىدىن ئىقتىساسلىقلارغا خوش-خەۋەر

ئەلدوسىت شىركىتىدىن ئىقتىساسلىقلارغا خوش-خەۋەر
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى2008-يلى1-ئايداقۇرۇلغان،تەتقىقات،ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋەداۋالاش مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدە قىلغان،رايونىمىز تەۋەسىدە ئوزۇقلۇق ئارقىلىقكېسەل داۋالاشنى ھەقىقى ئىشقائاشۇرغان بىردىنبىر كارخانا.
   شىركەت قۇرغۇچىسى ياسنجان كېرەم 1996- يىلىدىن باشلاپ تەتقىقاتقا كىرىشىپ 10 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق 2006- يىلىغا كەلگەندە ئوزۇقلۇق ۋە باشقا بىرنەچچە تۈرلۈك تەتقىقاتىدا تەڭلا نەتىنجە كۆرۈلدى ، ھەمدە ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ۋە ئۇنى ياساش ، ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە كىر يۇيۇش بۇيۇملىرىۋەئۇنى ياساش قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك كەشپىيات پاتىنتىغا ئېرىشتى.
شىركىتىمىز 6 يىللىق تەرەققىيات ئاساسىنى قۇرۇش جەريانىدا توپلىغان تەجىربىللىرىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش تەرەققىياتپىلان سىتراتېگىيەسىنى تۈزۈپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان ئىدى،يېقىندا تۇنجى قەدىمىنىئوڭۇشلۇق بېسىپ 3- قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.
    1. خىرىدار ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بەش نەپەر خادىم قۇبۇل قىلىنىدۇ
شەرتى :يۇمشاق دىتال ،تور باشقۇرۇش ،رەقەم بىر تەرەپ قىلىش كەسىپلىرىگە ماھىر كارخانا ئېڭى تۇلۇق يىتىلگەن ،جاپاغا چىدامىلق ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرۇس كەسپلىرنى پۇتۇرگەن ئىقتىساسلىقلار قۇبۇل قىلىنىدۇ .بۇ ئورۇنغا يەنە بىر نەپەر باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ .شەرتى يۇقۇرقىلار بىلەن ئوخشاش بولغاندىنسىرىت مۇئەييەن دەرىجىدە پىلانلاش ۋە كارخانا ئىستراتىگىيسىگە ماھىر بۇلۇشى كىرەك.مۇئاشى يۈز تۇرانە دىيىشىلىدۇ.
2.دۆڭكۆۋرۈك سودا سارىيى يېنىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا ئېچىلماقچى بولغان ئەلدوسىت ئوزۇقلۇقتىن مەسلىھەت بىرىشۋە داۋالاش ئورنىغا 10 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ . شەرتى تىبابەت ۋە ياكى بىئولوگىيە كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بولۇش كېرەك، تەجىربىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ .
3. مەخسۇس ئالىي دەرىجىلىك كىيىملەرنى ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان پاتېنىتقا ئېرىشكەن ئالاھىدە سۇيۇقلۇق بىلەن يۇيۇش مۇلازىمەت ئورنى «كىيىم دوختۇرى» ساغلام يۇيۇش مەركىزىگە 10 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ.ئورنى دۆڭكۆۋرۈك سودا سارىيى يېنىدىكىپىيادىلەر كوچىسىدا،ئىككى ئورۇن يانداش تىجارەت قىلىدۇ.
شەرتى : ساغلاملىق خىزمىتىگەقىزىقىدىغان ئالىي مەكتەپ تولۇقكۇرۇسنى پۈتتۈرگەنھەر قانداق كەسىپتىكىلەر بولسا بولىدۇ، بىئولوگىيە ۋە تىبابەت كەسپىدىكىلەر ۋە خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
4. قىزىل بايراق كومپىيوتېر شەھەرچىسىنىڭ جەنۇبى ئىشىك سول تەرىپىگە جايلاشقان شىڭيا سارىيىنىڭ 9- قەۋىتىدە ئېچىلىدىغان 1000 كۇۋادرات مېتىرلىق ئالىي دەرىجىلىك خانىم- قىزلار ساغلاملىق مەركىزىگە 40 نەپەر قىز خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ.
5.ئۈرۈمچى شەھەر يەنئەن يولى 918-نومۇر يەنى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان 1000كۇۋادرات مېتىرلىق ئالىي دەرىجىلىك ئەرلەر ساغلاملىق مەركىزىگە 40 نەپەر ئوغۇل خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ.
شەرتى : يۇقۇرقى ئىككى ئورۇنغا قۇبۇل قىلىنىدىغانلار تىبابەت ياكى بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك ، تەجىربىسى بارلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
6.يۇقۇرقى ئورۇنغا تۆت نەپەر باشقۇرغۇچى خادىم قۇبۇل قىلىنىدۇ ،شەرتى:ئۈچ يىلدىن ئارتۇق باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.
ئىش ھەققى: ئادەتتىكى خادىملارنىڭ سىناق مەزگىلىدىكى ئىش ھەققى،ئىشىغا قاراپ 2000-3000 مىڭ(ئىككى مىڭدىن ئۈچ مىڭ) يۈەنگىچە بولىدۇ، 3 ئاي سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن رەسمىيلىشىپ يىللىق ئىش ھەققى بېكىتىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن كاپالەت ئىش ھەققى 60 مىڭ (ئاتمىش مىڭ) دىن تۆۋەن بولمايدۇ ۋە توختامغا ئېىنىق يېزىلىدۇ .توختام ۋاقتى 3 يىلدىن كەم بولمايدۇ . باشقۇرغۇچىلارنىڭسىناق مەزگىلدىكى ئىش ھەققى 4000 (تۆت مىڭ) يۈەن . 3 ئايسىناقتىن كېيىن ئاز بولغاندا 5 يىللىق توختام تۈزۈلىدۇيىللىقئەڭتۆۋەن كاپالەت ئىش ھەققى 100000 (يۈز مىڭ)يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ .
يۇقۇرقى بارلىق خادىملار كەسپى جەھەتتىن مۇنتىزىمتەربىيلىنىپ ئاندىنئىشقا چۈشىدۇ ، ياراتقان ئۈنۈمىڭىز يۇقۇرى بولسا ئەڭ تۆۋەن كاپالەت ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقۇرى ئالالايسىز .
تەپسىلاتىنى توربېتىمىزدىن چۈشىنىۋېلىڭ ، توربەت ئادېرسىمىز : www.aldost.com
تېزىملاتقىلى كەلگندە قىسقىچە تارىخىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ.
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى :
ئابلىمىت :18699190014

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:45:39

   تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۆزنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلسدى . ئاپام ، كىچىك ئاپاملار« ئەلدوست » ئوزۇقلۇقلىرىدىن ئىچىپ خېلىلا مەنپەئەت قىلدى .كەلسە كەلمەس ئوزۇقلۇقلارنى يەپ يۈرگەنگە قارىغاندا ئۆز يېرىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ، ساپ بولغاچقىمۇھەقىقەتەن بولىدىكەن .ئاپام ھىلىھەم ئىچىۋاتىدۇ . تالقىنىڭلار بولىدىكەن ، ئەمما بوتۇلكىلىق ساغلاملىك ئىچىملىكىڭلار بەك سېسىق پۇرايدىكەن ، مەن ئاپامنىڭ قانداق ئىچىۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم ، ئەمما پۇرىقى مېنىڭ بۇرنۇمغا كىرىپ قالسىلا ئىچىم ئىلەشكەندەك بولىدۇ. ئاشۇ غەيرى پۇراقنى يوق قىلىش ، ئەڭ بولمىغاندا سېسىقلىق دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرسەڭلار بولىكەن .

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 13:37:49

ئەلدوست شىركىتىنىڭ تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ رايونىمىزدىكى باشلامچى كارىانىلاردىن بولۇپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن. مىللى كارخانىلىرىمىزغا ياخشى تىلەكلەر.

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:28:11

ھەممە خىزمەتلەرگە دېگۈدەك تۆۋەن ئۆلچەمتولۇق كۇرس مەلۇمات سەۋىيىسى ئىكەن. ئاشۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى (كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلاردىن باشقىسى) راستىنلا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرگە ئېھتىياجلىقمىدۇ؟ تولۇق كۇرس ئادەملەردە قانچىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغاندۇ؟

Aldostceo يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 08:47:10

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى2014-6-21 11:45 static/image/common/back.gif
تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۆزنى قىستۇرۇپ ق ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
         شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي دانلىق زىرائەت، ھۆل-قۇرۇق مىۋە، سەي-كۆكتات ۋە گۆش تۈردىكەرنىئوكسىگىنلىق مۇھىتتا تەبئىي ئېچىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقارغان،ھىچقانداق خىمىيىۋى تەركىب ئارلاشتۇرۇلمىغان ،شەك-شۈبھىدىن خاليى، ئادەم بەدىنىگە ھىچقانداق ئەكىس تەسىرى بولمىغان مەھسۇلات بولغاچقا پۇرقى سەل كۈچلۈك، بىزمۇ بۇنىڭ ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمىز، لىكىن ھازىرچە خىميىلىك ماددا قوشماي تەبئى ئۇسۇلدا بۇ پۇراقنى يوقۇتۇشقا مۇۋاپپىق ئاماق تېپىپ بولالمىدۇق. پۈتۈنلەي تەبئى نەرسىگە پۇرقى تۈپەيلىخىميىلىك مادداقوشۇشنى لايىق كۆرمىدۇق .
بەت: [1]
: ئەلدوسىت شىركىتىدىن ئىقتىساسلىقلارغا خوش-خەۋەر