ئوغلانى : ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 07:12ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىن
(ھېكايە)
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
دۆڭكۆرۈكنىڭ ئاۋات كوچىللىرى ئىدى ، بۇ كوچىنىڭ ئۇ قېتىدىن بۇ قېتىغىچە قايناق بولۇپ كەتكەچكە ،كىشى يانتۇ بولمىسا بەزى دۇكانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتەلمەيتتى . مۇشۇنداق ئاۋات كوچىدا مەن ئاچ قېلىۋاتاتتىم ، بايا ئانام مېنى يولغا سالغاندا :« ئاشخانىدا تاماق يىمە ، گۆشكە ئىشەنگىنى بولمايدۇ ،توخۇ يىمە ،توخۇ گۆشى گۇمانلىق ، پولۇ يىمە ، يېغى ئادەمنى راك قىلىدۇ ... » دىگەن سۆزلەر بىلەن «تەربىيە » قىلىپ يولغا سالغان ئىدى . مەن قانداق قىلىمەن ؟ ئانامنىڭ تامىقىنى دولامغا يۈدۈپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگىنى بولمايدۇ -دە . ئىچىم سىقىلدى ، پۇت -قولۇم مىنى تىللىغاندك : «خوپ بولدىمۇ ؟ ئۆيگە كەتمەي بازار چۆگىلەپ بىزنى ھاردۇرغاندىكىن ئاچ قېلىپ ئۆل» دىگەندەك قىلىۋاتاتتى . باشلىرىم بەكمۇ ئېغىر ، بىر نەچچە باش ئۈنۈپ چىقمىغاندۇ ؟ دەپ تۇتۇپ باقتىم ، بىر بېشىم باركەن . بۇرۇنلىرىمغا مىزلىك تاماقلارنىڭ ھىدى كىرىپ بېشىمنى قايدۇراتتى ، لېكىن پۇت قولۇم مىنى توساتتى . يولنىڭ بىر ئادەم ئاز يېرىنى تېپىپ ئولتۇرىۋالدىم .
ــ ھەي لاۋزا ، سېنىڭ قانچىلىك كۈچۈڭ بار ؟ بۇ بولكىنى ئۆزەم يەيمەن ،كۆزۈمگە سەت كۆرۈمەي نېرى ئولتۇرە ماڭ .
چۆچۈپ كەتتىم ،« كىمدۇ ؟ » دىگەن گۇمان بىلەن ئەتراپقا قارىدىم ، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن . مۇشۇ كۈنلەردە ئاۋات كوچىدا ، كۈپكۈندۈزدە جىن كۆرۈش سەل قىززىق ئىشتەك تۇيۇلدى .
ــ ئىششىڭنى قىلە ، بۇنى مەن يەيمەن دېدىم مەن يەيمەن ، يوقال كۆزەمدىن ،ھېلى بىكار جېنىڭنى ئالىمەن .
«توۋا» دېدىم ئىچىمدە ، ئەتراپنى كۈزىتىپ ئاخىرى بىر كىچىك بولكا پارچسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى چىۋىننى كۆرۈپ قالدىم ، مەن قاراپ چۆچۈپ كەتتىم . كىنو كۆرمىگەندىمەن ؟
ئۆزۈمنى چىمدىسام چۈشۈم ئەمەسكەن ،
ــ سىلەر گەپ قىلىۋاتامسىلەر ؟ ــ سورىدىم چىۋىنلەردىن .
چىۋىنلەر ئۇچۇپ كەتتى ، لېكىن يەنە ئۇچۇپ كۆزۈمنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئىككىسى ماڭا قاراشتى .
ــ سەن كىم ؟ ــ سورىدى بىر چىۋىن .
ــ مىنىڭ ئسمىم ئادەم .
ــ ۋاي بىلدۇق ،سېنى ئىشەك دىمىدۇق ، بىز ئەجدادلار تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى ، دۆت .
ــ ۋوي ئاناڭنى ...(ئەدەبسىز سۆزلەر قىسقارتىلدى) ، ئېغزىڭنى يۇمە ، سەن دىگەن مىنىڭ ئوغلۇم ، قىسىپ جىم تۇر ؟ ــ دەپ ئاچچىقلىدى يەنە بىر چىۋىن .
ــ ساراڭ بىرنىمىكەنسەن ، ھۇ ئەقىلسىز ئاناڭنى .... (ئېغىزنى بۇزۇشقا باشلىدى )
ئۇلار قاراپ تۇرسام شۇنچىلىك سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىشقا باشلىدى .
ــ بەس ،ــ دېدىم مەن سەل ئاچچىقىم كېلىپ .
ــ بۈگۈن ئەجەپ غەلىتە ئىش بولدى ، بىر ئادەم بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشىنىپتۇ . ــ دېدى كىچىك چىۋىن ھەيرانلىق بىلەن .
ــ توغرا ، مەنمۇ ھەيران قالدىم .
ــ سىلەر بۇ يەردە ياشىغىلى نەچچە يىل بولدى ؟ ـ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
ــ ھەي دۆت ، بىز يىللاپ ياشىمايمىز ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100كۈن ياشايمىز ، كاللاڭ يوغان بولغان بىلەن ئەقلىڭ يوق نىمىكەنسەن . ــ دېدى چوڭ چىۋىن .
ئاچچىقىم يۈز گەز ئۆرلىدى ، پېشىمنى قېقىپ كىتەي دېدىم -يۇ، بۇ پۇرسەتتە ئارام ئالغاچ چىۋىنلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشاي دىگەن مەقسەتتە ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ قىزارغان ھالدا جىم تۇردۇم .
ــ سىلەر يەنە نىمىلەرنى بىلىسىلەر ؟ ــ دېدىم قىزىقىپ .
ــ ئاتا بوۋىمىزدىن بۇ يۇرتتا بولغاچ تۇرمۇشنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەردىكى خەلقتىن ئەنئەنىۋى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنگەنمىز ، مۇقام توۋلاش ، راۋاپ ،داپنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش ، قۇربان ھېيتلىق كاتتا تاماقلارنى يىيىش ... قاتارلىق .
ــ نىمە ؟ سىلەرمۇ تاماق ئىتەمسىلەر ؟ ــ سورىدىم سۆزىنى بۆلۈپ .
ــ ياق ، سىلەر يىگەن تاماقنى تۆككەن يەردىن يەيمىز ، يەنە....
ــ ھاجەتخانىدا جىق ، ــ دىدى كىچىك چىۋىن ھاياجانلىنىپ.
كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىزنى تۈكۈرۋەتتىم ،
ــ بىزنىڭ چالغۇمىزدىن بۆلەك يەنە نىمىنى بىلسىلەر ؟ ــ دېدىم تېخىمۇ قىزىقىپ .
ــ ساما ، ئۇسۇل ، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلار قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنگنمىز ، بىزنى بىكار يۈرىدۇ دىمە ، بىز بۇرۇندىن چىۋىنلەرنىڭ مەشرىپىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ خۇشال ئۆتكەنمىز . ــ دېدى چوڭ چىۋىن .
ــ ھە ؟؟؟ ــ مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.
كىممۇ ئىشىنەر بۇنىڭغا ، چىۋىن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپتىكەن دىسە خەقلەر ئېغزىنى قويۇپ كەينىدە كۈلەر .
ــ مەشرەپ ؟ ساما ؟ ــ سورىدى كىچىك چىۋىن .
ــ توغرا ، ــ گەپ باشلىدى چوڭ چىۋىن ، ــ بۇرۇندىن بىزمۇ ئەدەبلىك چىۋىنلەر ئىدۇق ، سەت گەپلەر بىلەنمۇ تىللاشمايتتۇق ، تاماقنى يەپ كۈنىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزەتتۇق ، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى نۇرۇغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە سەت گەپ بىلەن تىللاشقىنىنى ئاڭلىدۇق ، بىزمۇ ئۇنى ئۈگەندۇق ، ھازىر ئۇيغۇرلار بېقىۋاتقان ھايۋانلاردىن تارتىپ سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىدۇ ، لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ ، يەنە مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇلارمۇ بىركۈنى چوڭ چىۋىن بولىدۇ جۇمۇ ــ دېدى چوڭ چىۋىن ۋىژىلداپ كۈلۈپ .
ــ بۇنى بىلىمەن ، ــ دېدىم مەن .
ــ سۇ !!!! ــ ۋارقىرىدى چوڭ چىۋىن .
مەن بىر قۇتا ساپ سۇ سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تۆكۈپ بەردىم . ئۇ سۇنى ئىچىپ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن يەنە سۆزلەشكە باشلىدى .
ـــ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادىمىزدىن ئىسىل كىشىلەرنى دورايتتۇق ، لېكىن ئاڭلىشىمچە ، يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇزۇلۇش كۆپ بولۇپ ، مەشرەپلەر تۈگەپتۇ ، ساما سېلىشنى ، ئۇسۇل ئويناشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپتۇ ،مەخسۇس ئۇسۇل ئوينايدىغان سەنئەتچىلەردىن بۆلەكلەر بۇنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىزگىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئۈگەتمەپتۇ ، سامانىڭ ، ئۇسۇلنىڭ ئىگىسى نۇمۇس قىلىۋاتقان ،باللىرىغا نۇمۇستىن ئۈگەتمەيۋاتقان يەردە ،بىز چىۋىنلەر يەنە ساما سېلىپ نىمە قىلىمىز ؟ ساراڭ ئەمەس بىز . بىز پەقەت مومىلىرىمىز دىگەن چۆچەكلەردىن مۇشۇنداق ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەلۋەتتە ، بىزمۇ چەتئەلنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئويناپ كۆڭۈل ئاچىمىز شۇ . يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن نۇمۇس قىلىمىش ، دوپپا ، كىيىم ... دىگەندەك ، بىلمىدىم ، بۇ ساراڭ كىشىلەر نۇمۇس قىلىپ نەگە باراركىن ! نۇمۇس قىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغاندا ، چىۋىنلەر كۈلۈپ « ئادەم چىۋىن » لەرنى زاڭلىق قىلىپ كوچىنى بىر ئالىمىز تازا .
ــ توختا ، بىزمۇ ناخشا ئۇسۇل بىلەن بىر ئۆمۈرنى ئويناپ ئۆتكۈزسەك بولمايدۇ -دە . ـ دېدىم تىزلىكتە .
ــ ھەي دۆت !!! مەن شۇنداق دېدىممۇ ؟ خىزمەتتىن چارچىساڭ ، قېرىغاندا ھەركەت قىلماقچى بولساڭ ،ئىشتىن چارچىساڭ روھى ئوزۇق لازىم بولار ؟ !بۇنىڭغا باشقا يەردىن ئېلىپ كەلمەي ئۆزۈڭدە بار سەنئەتتىن ھوزۇرلانساڭ بولىدۇغۇ ؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ بىركۈن ئۇچۇپ ھارغاندا ھاردۇقىنى شۇنداق چىقىرىدىكەنتۇق .
ــ ھەجەپ كۆپ نەرسىنى بىلىدىكەنسەن ؟؟؟ ــ دېدىم ھەيرانلىقتا .
ــ مەن كۆپ ئىشنى كۆردۈم ، مىنى چىۋىن سەپ كۆزگە ئىلمىغىنىڭ بىلەن ، نۇرغۇن ئىشنى بىلىمەن .
ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ يەنە سۇ ئىچىشكە يەرگە چۈشىتى .
يەنە پاراڭلىشاي دىدىم - يۇ ، ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى ، يەنە نىمە دەي ؟ ئۇلارغا كىچىككىنە بولكا ئەكىلىپ بېرىپ ، خوشلاشتىم .ئۇدۇل بىر ئاشخانىغا كىردىم -دە ، «لەغمەن !» دېدىم .
« گۇمان كۆڭۈلنى تىنىچ قويمايدۇ ،شۇ ئاشپەزلەرمۇ مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئالدىسا ئۆزىنى ئالدايدۇ ، گۇماننىڭ ئورنىغا ئىشەنچنى قوياي ، ئىشەنمەسلىك ھامان ياتچىلىقنى ، ياتچىلىق يەنە نۇرغۇن ئالدامچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇنىڭدىن بىر -بىرىمىزگە ئشەنگەن تۈزۈك ئەمەسمۇ . » دىگەنلەرنى ئويلاپ كۆڭلۈمنى قايىل قىلدىم .
كۆڭلۈمدە ھېلىقى ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىننى ئويلاۋاتاتتىم ، يەنە نەچچىمىزنىڭ ساما سەكرەش قاتارلىق بىرقىسىم گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزدە شۇ چىۋىندىن پەرقىمىز باردۇر ؟ شۇ چىۋىندەك ساۋاتىمىز بارمىدۇ ؟
بىلمەيمەن .....
2014-05-31
تىيەنجىن قانداق باھالاشنى بىلەلمىدىم...تەسىر قىلدى. ماز چىۋىن. ئۇيغۇرنىڭ قايسى ئەجدادى ئادەم تىللىماپتىكەن؟
يۇرتىمىزدا خەستە تەخەللۇسلۇق بىر شائىر مۇنداق شېئىر يازغان ئىكەن:
زەرنى زەرگەر ئىختىيار ئەتكەي نىجاسەتنى چىبىن. بېشى بىرئاز تەبىئىي ،ئاخىرى مەجبۇرى سۆزلىتىلگەن چىۋىن ، بىرتەرەپلىمە پەندى نەسىھەت ۋە كىنايە...
ئاپتورغا تېخىمۇ ئۆزگىچە ئەدەبىي دىت تىلەيمەن.
بەت:
[1]