yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 20:06:45

كەمتۈك ھېكايەت 4- خوشنام دەسلەپ قىلمىدى

بۇنى ئاڭلىغىنىمغا ئىككى يىلمۇ بولمىدى. خاتىرەمدە قالغىنى :
...
بىر ئادەم بىر دۇكاندىن ئۇن سېتىۋېلىپ چىقىپ « ئۆيدە گۈرۈچمۇ ئاز قالدى دەۋاتاتتى، گۈرۈچمۇ ئېلىۋالاي» دەپ دۇكانغا قايتا كىرىپتۇ.
دۇكاندار- ياندىكى دۇكاندىمۇ گۈرۈچ بار، بۇ خوشنام تېخى دەسلەپ قىلمىدى، شۇنىڭدىن سېتىۋالغان بولسىلا- دەپتۇ.
ئۇ كىشى ياندىكى دۇكانغا كىرىپ گۈرۈچ سېتىۋېلىپ دۇكاندىن چىقىپ « ھامىنى سودا قىپتىمەن، ياغمۇ سېتىۋالايچۇ»  دەپ دۇكانغا قايتا كىرىپتۇ.
بۇ دۇكاندار- ياندىكى دۇكاندىمۇ ياغ بار، بۇ خوشنام تېخى دەسلەپ قىلمىدى، شۇنىڭدىن سېتىۋالغان بولسىلا- دەپتۇ.
ئۇ كىشى ياندىكى دۇكانغا كىرىپ ياغ سېتىۋاپتۇ.
...
شۇ كۈنى، شۇ چاغدا، شۇ جايدىكى ئۈچىلا دۇكاندار دەسلەپ قىپتۇ. بۇ ئۈچ دۇكاندارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر ۋاقلىق تۇرمۇشى خاتىرجەم بولدى دېگەن گەپ.
ئادەمدىكى مېھرى- مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ئىناقلىقنى مۇشۇ ھېكايەتتىن تولۇق ھېس قىلغىلى بولۇدۇ دەپ قارىدىم.
تولۇقىنى بىلىدىغانلار ياكى مۇشۇنىڭدەك ھېكايەتلەرنى بىلگۈچىلەر يوللاپ تۇرۇڭلار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:34:20

لىكىن ھازىرقى قوشنا دۇكانچىلار ھەرگىز بۇنداق دىمەيدىغان بوپ كەتتى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:35:03

ھەممىسى مىنىڭ مىلىم، ئۇ دۇكاندىكى مال بىلەن ئوخشاش ئەمەس دەپ كاززاپلىق قىلىش ئادەت بوپ كىتىپتۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:40:01

ئىنكاسىم بىر تەرەپلىمە بوپ قالدىمۇ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:00:00

خېرىدار تالىشىپ جىدەللىشىدىغانلار كۆپ ھازر

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 13:57:03

كەڭ قۇرساقلىق، ئېشەنىچ، مېھىر_مۇھەببەت ئىنساندىكى ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلەردىن بىېرى.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 14:52:43

مۇنۇ بىزنىڭ مەھەلىدىكىلەر تاس قالىدۇ.يايمىلىرى بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ دۇكان ئالدىدىن ئېشىپ ،پىيادىلەر يولىدىن ئۈتۈپ، چوڭ يولغا چىققىلى :lol.ئايالىم بەزەن خاپا بۇلۇپ قۇيىدۇ، يولنىمۇ قۇشۇپ ئىجارىگە ئالغانلار دەپ .:lol.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 16:05:42

قوشنىنىڭ ھەققىنى بىلىدىغانلار نەدە قالدىكىن ھازىر.
لېكىن يازما يارىدى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 21:19:35

     دەسلەپكى بىر چاغلاردا مۇشۇ دەسلەپ قىلىش دىگەنگە ئوخشىغان ئىشلارنى خۇراپاتلىقتەك چۈشىنەتتىم ، دەسلەپ قىلىش  بىلەن سودىنىڭ باش ئاخىرىنى باغلىۋېلىشقا تازا قايىل بولمايتتىم ....
     بىر قېتىم ئىلىم ئەھلىدىن بولغان بىر تىجارەتچىدىن نەرسە سېتىۋالدىم ، شۇ چاغدا ئۇ دەسلەپ قىلغانتىم دەپ ئەرزانراق بەردى ، مەن ئۇنىڭغا : دىنىمىز دا دەسلەپ قىلىش دەپ بىرە گەپ يوقتۇ دىسەم ، دىندا بولمىغان بىلەن تىجارەتتە بار ، دىگەنتى ، ھەم ئاخىرىدا ئەتىگەن سەھەردە بىر ئادەم بىلەن تىجارەتنى چىرايلىق پۈتكۈزسەك كەچكىچە كۆڭلىمىز يۇرۇق ، مىجەزىمىز ياخشى بۇلىدۇ ، خېرىدارمۇ نارازى بۇلۇپ قالمايدۇ ، شۇڭا دەسلەپ قىلىشقا  دەسلەپكى تىجارىتىمىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىغا بەك ئەھمىيەت  بىرىمىز دىگەنتى ....
بەت: [1]
: كەمتۈك ھېكايەت 4- خوشنام دەسلەپ قىلمىدى