ئۇيۇنچۇقخاناشىنجاڭ بۇيۇنچە ئاقسۇدا ئەڭ كوپمىكىن ،ئۇي ...
بىزنىڭ خوتەندە ئۇ يەردىكىدىن جىقمىكى دەيمەن مەن 30 دىن جىقنى كۆردۈم
كۆرمىگىنىم قانچىلىك تېخى خوتەندە راسلا جىق.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ياتاقدىشىم بولىدىغان،ئايلىق تورمۇش پۇلىنى ئاشۇ نىمىنى ئويناپ ئۇتتۇرۋىتىپ،مەندىنلا پۇل سورايتى.ھەي!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 05:44
بىزنىڭ ناھىيگە سىرىتتىن ئىشلىگىلى چىقىدىغانلار خېلى جىق، ھەتتا سىرىتتىن ئىشلەپ پۇل تاپقىلى چىققان بالىلارمۇ كۈندۈزى كەتمەننى ئېغىر چېپىپ، جاپادا تاپقان 60-70سوم پۇللىرنى قىمارخانىغا كىرىپ ئۇتتۇرۋىتىپ، ئىككى سومغا بىرنانغا ئىككى دۇپۇ(ماش ئۇيۇتمىسى)نى قاتلاپ، مايلىتىپلا يەپ، ياتاقتا ياتىدىغانغا پۇل يوق بەش سوملۇق ياتاقتا نىسى ياتىدىغانلىنى كۆرگەنمەن.. ئەگەر بىز بۇ نادانلىقتىن ئويغانمىساق، تىرىشىپ ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللىمىسەك بىزنىڭ ماۋۇ ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت كۈتكۈلى بولمىغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
بۇنى ئوينايقانلارنىڭ 99.99% تى بىزنىڭ قارا كۆزلىگى ئېنىق... بۇنى چەكلەشنىڭ ھازىرچە ئامالى يوقمۇ؟ ئاشۇ نەرسىگە نەچچە مىليۇن سېپ بەرگەن تۇنۇشلىرىم بار مىنىڭ بۇنداق يەرلەر ج خ ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى قۇيۇق بۇلدىكەن، بۇلار تاقاپ نىمە قىلدۇ ئۇيۇنچۇقخانىنى خەختىكى پۇلنى مۇشۇ ئۇسۇلدا يۇقاتمىسا قانداق يۇقىتىدۇ پۇلىڭىز جىق بوپ كەتسە جىم يۈرگىڭىز كەلمەي قالا ھەقاچان ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
18 - ياشتىن تۆۋەنلەر كېرىشكە قەتتى بولمايدۇ ! دېگەن شۇئارنى ئاشۇنداق يەرلەرگىمۇ چاپلاش كىرەك ...... بىزنىڭ قۇمۇل تارانچىدىكى (哈密三道岭) ئويۇنچۇق خانىنى تېخىچە تاقىمايۋاتىدۇ. تېخى بۇ ئويۇنچۇقخانا ساقچىخانا بىلەن بىر تام خوشنا!
تۆنۈگۈن قارىسام تاقاق ئىكەن。 نېمىشقا تاقايدۇ دېسەڭلار، بەزى ئۇيغۇر بالىلار ئۇتتۇرۋەتسە ئەسكىلىك قىلىدۇ، ئۇتتۇرغان پۇلىدىن ئازراق قايتۇرۇپ بەرمىسە، ئويۇنچۇقلارنى چاقىدۇ، جىدەل چىقىرىدۇ، بەلكىم جىدەلدىن قورقۇپ، نەچچە كۈن مۇشۇنداق تاقاپ قويىدۇ. يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئېچىپ قالار.
تارانچىنىڭ نوپۇسى 40 مىڭ ئەتراپىدا، ئۇيغۇرلار 5-6 مىڭ، ئومومىي نوپۇسنىڭ ئاران %15نى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئويۇنچۇقخانىغا كىرسىڭىز، ئۇيغۇر ياشلىرى %90 ئىگىلەپ، يولداشلار ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر ياشلىرى نىمانداق ئامراقتۇ بۇ ھارام ئويۇنغا!؟ kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 20:20 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ خوتەندە ئۇ يەردىكىدىن جىقمىكى دەيمەن مەن 30 دىن ...
مەن تېخى خوتەندە بۇنداق يەر چۇرت يوقمىكىن دىسەم بۇ سىياسەت ئۇ يەردىمۇ بار دەڭە~ ئاللا ئاللا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 09:43
ئاقسۇدا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىش ھەققىنى بانكىغا گۆرۆگە تۇتۇپ بېرىپ قەرز ئېلىپ ئوينايدۇ ئۇ قىمانى.
بىر ئىككىسى قېشىمغا كىرىپتۇ، كومپىيۇتېرنى بىلىسىز ئاۋۇ ئويۇنچۇقلارمۇ كومپىيۇتېرغا ئوخشايدىكەن، يېڭىشنىڭ بىرەر ياخشىراق چارىسى بارمۇ دەپ. مەن دېدىم، سانتانا بىلەن يۈگرۈپ بەسلىشىپ بېقىڭ، تەرەكتۇر بىلەن ئارغامچا تارتىشىپ بېقىڭ، سانتانا، تەرەكتۇرنى يېڭەلىسىڭىز ئۇ ئويۇنچۇقلارنىمۇ يېڭلەيسىز دەپ.
ئەللىك مىڭ سومنى ئۇتتۇرۋېتىپ قان يۇتۇپ ئۆلۈپ قالغانلارمۇ بار. ھەي نادانلىق ...............
بەت:
[1]