قەشقەردە قاتتىق يامغۇر ياغدى
2014- يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەردە مۆلدۈر ئارىلاش يامغۇر ياغدى. تۆۋەندىكىسى يامغۇردىكى «يىڭى بازار (ئوتتۇرا غەربى ئاسىيا سودا بازىرى»رەسىم مەنبەسى: 1 مىسقال تورى قەشقەرنىڭ كۆزيېشى ما يامغۇر كۇلىيچىلاپ ياغدىمۇ نىمە.ئاقسۇدىغۇ ئازراق يېغىپ توخــتاپ قالدى ئاڭلىشىمچە يېڭى بازار دەمدۇ ئىشقىلىپ بىريەر مۇشۇنداق ئويكەن (ئوي بازارمىدۇ يە ؟!) شۇڭا ئەتراپتىكى سۇلار ھەمىسى مۇشۇ يەرگە يىغلىپ ئاندىن دوسلار چەمبىرىكىدە كۆپتۈرۈپ تارقىلىپ قەشقەر دېڭىزغا ئايلاندى دەپ .... ئىشقىلىپ پۈتۈن قەشقەر ئۇنداق ئەمەس ئىكەن ، قەشقەردە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلار بارلار بەك چۈچۈپ كەتمەڭلا ... قەشقەرنىڭ كۆز يېشى ... بۇ خىلى داڭلىق بازار، توپ تارقىتىش بازىرى قەشقەردىكى، ئالدىدا بىر دەريا بولىدىغان بولمىسا، قانداقسىگە بۇنداق بولدىكىنە؟ زىيانمۇ كۆپ ھەقىچان... مەنمۇ قەشقەرگە بارغاندا كۆرگەن بۇ بازارنى. تۈمەن دەرياسىغا كەلكۈن كەپتۇ رەسىمدىن قارىغاندا ئېغىركەن تۈمەن دەرياسىغا كەلگەن كەلكۈن تېشىپ چىققان چېغىۋا خىلى قاتتىق ياغقان ئوخشايدۇ، بۇ يامغۇر. خوتەندىمۇ يېغىۋاتقىلى 2كۈن بولدى، توختىماي يېغىۋاتىدۇ. خەقلەر ئويناۋاتقان ئويۇن بۇ ........... يېڭى بازار يېنىدىكى دەرياغا ئېقىپ كەتمەي بازارغا يىغىلىپ قاپتۇدە، :funk: تىجارەتچىلەرگە زىيان بوپ كېتەرمۇ... ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 14:41 static/image/common/back.gif
ئاڭلىشىمچە يېڭى بازار دەمدۇ ئىشقىلىپ بىريەر مۇشۇنداق ...
راس دەيسىز ، توردىكى ۋە دوسلار چەمبىرىكىدىكى رەسىملەرنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق ھەممىسى مۇشۇ يىڭى بازارنىڭ ئويمان يېرىنىڭ رەسىمى ، مەن بۇرۇن مۇشۇ بازاردا دۇكان ئاچقان ، كىچىككىنە يامغۇر يېغىپ بولغۇچە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ، بۇ قېتىم سەل كۆپرەك ياغقان ئوخشايدۇ ، لېكىن باشقا يەردە بۇنداق سۇ يىغىلىپ كىتىشى ناتايىن . ئاغامدىن ئۇقىشىمچە بۇ قېتىمقى يامغۇر خېلە قاتتىق يېغىپتۇ، ئومومەن ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغىنى ئېنىق. ھازىر ئىنكاس يىزىۋاتقان پەيىتتە قەشقەر كىرەمباغ تەرەپتە يامغۇر يەنە قاتتىق يىغىۋاتىدۇ، قەشقەردە يىقىنقى زامان مەزەگىلىدىكى قاتتىق يامغۇر يىغىۋاتىدۇ، بۇگۇن ئۇچىنجى كۇنىگە قەدەم قويدى. ئەستاغفىرۇللا،،ئەجەپ بىر يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان مەنزىرىنى كۆردۈمغۇ؟
ھۆكۈمەتمۇ شۇ ئويمان،چوڭقۇر جايلارغا يەر ئاستى ئۆتۈشمە سۇ يوللىرىنى ياساپ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسىچۇ؟
بىچارە كىشىلەر نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قاپتۇ،ئەستا،،،،،،، يامغۇرنىڭ قاتتىق ياغقىنى راست، يېڭى بازارنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇشۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشىنى لاياقەتسىز دېسە بولۇدۇ.
10 يىلدىن ئاشتى، قاتتىقراق يامغۇر ياغسا
1.)يېڭى بازارنىڭ دەريا بويى تەرىپىدىكى دۇكانلارغا سۇ كىرىپ كېتىدۇ.
2.)يېڭى بازار بىلەن ئۈتۈك بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى يول كۆلگە ئايلىنىدۇ.
3.) سابىق چاسا كىنوخانا ئالدىدىكى يول كۆلگە ئايلىنىدۇ.
satuk يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 18:01 static/image/common/back.gif
ھازىر ئىنكاس يىزىۋاتقان پەيىتتە قەشقەر كىرەمباغ تەرەپ ...
شۇنداق بولدى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئازلاپ قالدى. بولمىسا يىڭى بازارنىڭ يىنىدا تۈمەن دەرياسى بار ، يولنى ياسىغاندا يامغۇر سۈيىنى دەرياغا كىرىپ كىتىدىغان قىلماقلىق . دەريادا سۇ ئاز ،يامغۇر سۈيى دەريانىڭ يىنىدىكى يولدا ئاقىدۇ .