bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 04:55:23

NASA: كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆلچەيدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ بېرىلىدۇ

كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆلچەيدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ بېرىلىدۇ

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى


ناسا 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئوربىتلاپ كاربون تەكشۈرگۈچى» (Orbiting Carbon Observatory 2, OCO-2) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى يەر شارى ئوربىتىسىغا چىقىرىدۇ.  ئۇنى ئىنگلىزچە قىسقارتىپ «OCO-2» دەپ ئاتايدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ۋەزىپىسى يەر شارىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت جەريانىدا يەر شارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئىبارەت.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرىنى ناسا مەركىزى ج پ ل لاھىيىلەپ ياسىغان بولۇپ، ئۇنى ناسا ئۈچۈن يەنە ج پ ل باشقۇرۇپ بېرىدۇ.  بۇ ناسا نىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر شارى ئوربىتىسىغا مەخسۇس كاربون تۆت ئوكسىدنى تەكشۈرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىنى چىقىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ناسا 2009-يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالەم ئۇچقۇرىدىن بىرىنى ياساپ، ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى بولغاندا، ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغان راكېتانىڭ باش قىسمى ئاجرىماي، ئالەم ئۇچقۇرى ئاسماندا پارتىلاپ كېتىپ، ناسا غا 275 مىليون دوللار زىيان بولغان ئىدى.  بۇ قېتىم ياسالغان ئالەم ئۇچقۇرى ئالدىنقى قېتىمقىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئالدىنقى قېتىمدا ئىشلەتكەن راكېتادىن جىق ئىلغار بولغان بىر راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلماقچى.  بۇ قېتىمقى راكېتا ئاسمانغا ئېتىلىدىغان  ۋاندېنبېرگ (Vandenberg) ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىزنىڭ ئۆيدىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتا.

ناسا بۇ يىل يەر شارى ئىلمى ئۈچۈن جەمى 5 ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، «ئوكو-2» ئۇلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  بۇ 5 ئالەم ئۇچقۇرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنى ج پ ل باشقۇرىدۇ.  


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

NASA sets July launch for mission studying global carbon dioxide levels
http://www.pasadenastarnews.com/science/20140612/nasa-sets-july-launch-for-mission-studying-global-carbon-dioxide-levels

رەسىمنىڭ مەنبەسى:
https://www.google.com/webhp?source=search_app&gws_rd=ssl#q=Photo+of+OCO-2

facebook يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 07:16:50

2009-يىلى پارتىلاپ كەتكەن سۈنئى ھەمرانىمۇ ج پ ل قۇيۇپ بەرگەنمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 09:58:55

2009-يىلىدىكى پارتىلاپ كەتكەن سۇنئى ھەمىرادا زىيان بولغان 275مىليۇن دوللار قايسى چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
ناسانىڭ خىزمەتچىلىرىنى مىھمان قىلغان خىراجىتى، يۇقۇردىن كەلگەن باشلىقلارنى كۇتىۋىلىش خىراجىتى، خىزمەتچىلەرنىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ ئۇگۇنۇش خىراجىتى، باشلىقلارنىڭ ماشىنا توختۇتۇش ھەققى دىگەندەك خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 11:58:28

facebook يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 07:16 static/image/common/back.gif
2009-يىلى پارتىلاپ كەتكەن سۈنئى ھەمرانىمۇ ج پ ل قۇيۇپ بەر ...


شۇنداق. ئالەم ئۇچقۇرىنى ج پ ل لاھىيىلەپ ياسىغان.  لېكىن، پارتىلاپ كەتكىنى راكېتا بولۇپ، ئۇ ئالەم ئۇچقۇرى «قۇربان بولۇپ كەتتى».  

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:03:12

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 09:58 static/image/common/back.gif
2009-يىلىدىكى پارتىلاپ كەتكەن سۇنئى ھەمىرادا زىيان بولغ ...


ناسا سىز تىلغا ئالغان ئۇ ئىشلار ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بىر دوللار پۇلىنى ئىشلىتىشكىمۇ يول قويمايدۇ.  مېنىڭ ئىشخانام بار بىنانىڭ مېنىڭ ئىخشانام بار قەۋىتىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇنى بىز بىرىمىز 15 دوللاردىن پۇل يىغىش قىلىپ ئالغان.  بىزنىڭ قەۋەتتىكى چاي ۋە قەھۋەلەرنىمۇ خىزمەتچىلەردىن بىرى ھازىرلايدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا ھەر ھەپتىدە مەلۇم مىقتاردا پۇل تۆلەيمىز.  مۇشۇنداق ئىشلارغا ناسا نىڭ پۇلىنى خەجلەشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.  

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:08:12

facebook يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 07:16 static/image/common/back.gif
2009-يىلى پارتىلاپ كەتكەن سۈنئى ھەمرانىمۇ ج پ ل قۇيۇپ بەر ...


ئالەم ئۇچقۇرىنى ج پ ل لاھىيىلەپ ياسىغان، ئەمما ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغان راكېتانى باشقا شىركەت ئىشلىگەن.  ئاشۇ راكېتا پارتلاپ كېتىپ، ئالەم ئۇچقۇرىمۇ «قۇربان بولۇپ كەتتى.»

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 13:48:01

مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ئوقۇسام بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىمەن جۇمۇ بىلىمخۇمار ئاكا. ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى ئاشۇنداق يۇقىرى تېخنولوگىيلىك ئورۇندا سىزنىڭ بولۇپ قالغىنىڭىز، بولمىسا يەنە 30 يىلدىن كېيىن بىلەتتۇقمىكى بۇ خەۋەرنى، پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشمۇ ئادەمنى بەك ئىلھاملاندۇرىدىكەن. مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز داۋاملىق ئۈزۈلمىگەي، ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلغاي، ئامىن!
بەت: [1]
: NASA: كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆلچەيدىغان ئالەم ئۇچقۇرى قويۇپ بېرىلىدۇ