CHaghritekin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-19 15:11:33

(يەتتىنجى ھىجران)


(يەتتىنجى ھىجران)
ئاخىرقى يامغۇر

بىر جۇدالىق باشلىدى،پەلەك بۈگۈن رەپتى بۇزۇق.
يالمىدى ياپراقلىرىم،كۆز ياشلىرىم بولدى ئۇزۇق.

بەردى يامغۇردىن خەۋەر مەشرىق تامان قار بۇلۇت،
چۈشتى ئاسماننىڭ يېشى ياغقۇسىى ھەر يان بۇلۇق.

تۈنۈگۈنكى ئاسمان قەيەرگە كەتتى،
شىۋىرغاندا ياپراقلار ھالىدىن كەتتى.
سىمۇنىت رەڭلىك ئاسمان گۈمبىزى،
جۇدالىقنىڭ يېشىنى سەپتى.

مەن يالغۇز كۇچىدا،
قېچىپ كەتكەن بەختىمنى ئىزدەپ،
ئادەملەرنىڭ ئاياغ ئىزلىرىغا قارايمەن.
يۈرىگىمگە دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكەن خورلۇقتەك،
ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئىزى،
مىنى سۆرەپ بارار ئازاپقا.

يامغۇر ياغماقتا ماڭا،
مەن ياغماقتىمەن تۇنۇش كۇچىغا.
ئايىغىم ئاستىدىكى پاتقاق،
ئەجەپ ئوخشايسەن تۇنۇش ئازاپقا.

تەبىئەت قىزىق نەرسە سەن،
تۇرمۇشۇمغا بەكمۇ ئوخشايسەن.
ئاخىرقى يامغۇر تۇنجى قار،
بىر كۈن ئەزىز بىر كۈن خار.

يامغۇر قارغا ئالماشتى،
ناتۇنۇش ئەمدى يارغا ئالماشتى.
سۆيگۈنۈمنىڭ سۈزۈك كۈلكىللىرى،
بۈگۈن قان ياش،زارغا ئالماشتى.

ئۆيۈمنى ئىزدەيمەن،
ياق ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن.

مەن، يول بۇيىدىكى دەرەخلەر،
تەبىئەتنىڭ چاخچىقىغا ،
ھەيران قېلىپ بىر-بىرىمزگە قارايمىز.
ئامال يۇق،
مەنىسىزلىككە ئۆزىمىزنى مەجبۇرى ئاتايمىز.

كىم ئۇ؟
ئاسماندىكى قارلارغا ھۆكىرەپ،
ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان.
يولغا قالايمىقان ئىز قالدۇرۇپ،
يولنىڭ ھەممە يېرىدە مېڭىۋاتقان.
يۈرىكى مەستلىكتە ئىرىۋاتقان،
كۆزلىرىدىن ئازاپ ئېقىۋاتقان.

مىنىڭ قارلىرىم،
يېغىڭلار.
كۆمىۋىتىڭلار ئازاپلىرىمنى.
ياق،ئىنسانىيەتنى.
قاۋاقخانىدىكى ھېلىقى يىگىتنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ،
مەنمۇ شىرىن توڭلاپلا ئۆلەي،
بالام ساقلاپ تۇرىدۇ ئۇندا.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-19 18:08:37

رۇستەم قارا سۇ دەپ بىرئەزا بارتى,داۋاملىق ئو نى ئۇ دەپلا يازىدىغان.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 09:30:24

مىنىڭ قارلىرىم،
يېغىڭلار.
كۆمىۋىتىڭلار ئازاپلىرىمنى.
..........
{:112:}
بەت: [1]
: (يەتتىنجى ھىجران)