ۋەتەن ھەققىدە بىر غەزەل
ۋەتەن ھەققىدە بىر غەزەلھەر كىشى بىلمەس ۋەتەنسىز كىملىكى ھەم ئەسلىنى.
ئۆتمۈشى ھەم كەلگۈسى پەسمۇ- ئىسىلمۇ نەسلىنى .
ھەر سىقىم تۇپراقتا بار مىڭلاپ شىھىدلەرنىڭ قېنى،
قان بىلەن قىلىچ كۈتۈرگەن خەلقىمىزنىڭ بەستىنى.
ئات مىنىپ قىلىچ چېپىپ ئورخۇن ئاناساي بۇيىدا،
ئەل ئۈچۈن قىلغان پىدا جان بارلىقى ھەم ۋەسلىنى.
‹‹ئەي تۈرك ئوغلانلىرى ئالغا››دىگەندە ئەل بېشى،
لەرزىگە سالغان ۋەتەن ئىشقى يىگىتلەر قەلبىنى.
بى بەدەل كەلگەن ئەمەس قەترە سۇ تىنغان ھاۋا،
چاغرى ياد ئەتكىن چۇقۇم شانلىق باھارنىڭ پەسلىنى.
2013.3.8
http://medla.muzika.cn//muzika/uyghur/mettoxti sattar/hotan kuyliri/02_gosh girde.mp3 ۋەتەننىڭ قەدرىنى ۋەتەنسىز بىلۇر ، مۇساپىر چاغلىرىمدا دايىم دەيدىغان سۇزۇم ئىدى . ۋەتەندىن ئانا يۇرتتىن ئايرىلىلمىسا ھېچكىم ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ خۇددى ‹زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىگە تەتمەس › دىگەندەك مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىسا ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلمەك بىر مەسلە، بەزىلەر بار ۋەتەندە دەسسەپ تۇرۇپمۇ ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان. UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 03:16 static/image/common/back.gif
مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىسا ۋەتەننىڭ قەدرىن ...
{:112:} ۋەتەن سېنى ئانا دەيمەن دېگەن ناخشا تېكىستى
دىلىمدىن سۆيۈنۈپ ھەر چاغ ، ۋەتەن سېنى ئانا دەيمەن ،
سېنىڭ ھەربىر گىيارىڭنى تېپىلماس تۇتىيا دەيمەن .
سېنىڭ قوينۇڭدا كۆز ئاچتىم چۆمۈلدۈم نۇرغا ئىلكىڭدە،
سىلاپ باشىمنى چوڭ قىلدىڭ ئانامدىن چارە مېھرىڭدە.
ۋەتەن سېنىڭ بۈيۈك قەرزىڭ ھامان زىممەمدە يۈكلەگلىك،
شۇڭا دەيمەن شەرەپ بەختىم سېنىڭ يولۇڭدا ئۆلمەكلىك.
ۋەتەن دەيمەن ئانام دەيمەن سېنىڭ ھۆسنۈڭنى كۈيلەيمەن،
ىۇدايىم بۇيرىسا بىركۈن سېنى گۈللەرگە پۈركەيمەن.
مۇشۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى كىم؟ بىلىدىغانلار دەۋېتىڭلا لازىم بوپقالدى.
بەت:
[1]