biparwa0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-19 11:20:16

تىنىقىمدا ئالەمچە ئاتەش

تىنىقىمدا ئالەمچە ئاتەش

تۇرسۇن ئىدىرىس

تىنىقىمغا ئاتەش مۇجەسسەم،
ئۇچقۇنىغا چاچما يەنە ياغ.
سىنى ئەسلەپ قالغان شۇ مەھەل،
ئىرادەمگە يېقىلىدۇ تاغ...

تىنىقىمغا يىقىلىدۇ تاغ،
پىغانىمدىن تۆكۈلگەندە ياش.
سەنسىز تەنھا يۈرگەن دەقىقە،
ماڭا ھەمراھ بولغىن باغرى تاش!

تىنىقىمدا سېغىنىش ئوتى،
يېراقلارغا باغلانغان رىشتەم.
شەيتانلارنى داغدا قالدۇرۇپ،
نىم بولاتتى كەلسەڭ پەرىشتەم؟!....



يامغۇر ياغسا بولاتتى ئەسلى

تۇرسۇن ئىدىرىس

كۆڭۈل خانەم قالدى مېھمانسىز،
تورۇسىنى باستى توپا-چاڭ.
تىۋىشلارغا زارىقتىم بۇدەم،
سۈكۈت ئىچرە قۇلاقلىرىم پاڭ!

يالغۇز تېرەك گويا ئارمىنىم،
جىن ياماشتى خىياللىرىمغا.
نەدىكىن-تاڭ شىرىن ۋىساللار؟
جاۋاپ يوقتۇر سوئاللىرىمغا......

توپا-چاڭلىق غەملەر دەستىدىن،
خازان بولدى سۆيگۈمنىڭ پەسلى.
ھېجرانىمنىڭ دەشتىگە ئاتاپ،
يامغۇر ياغسا بولاتتى ئەسلى.........
بەت: [1]
: تىنىقىمدا ئالەمچە ئاتەش