微软Surface Pro 3قانداقراق؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! مەن يېقىندىن بۇيان بىر پەد كومپىيوتېر سېتىۋىلىش ئويىدا يۈرەتتىم. تەلىۋىم: تورغا چىقىشى ياخشى، ۋېندوۋېس سېستىمىلىق، خەت كىرگۈزۈش قولايلىق بولۇش ئېدى. بىر نەچچە قېتىم توردىن ئىزدەپ كۆرگەن بولساممۇ تاللاپ بولالمىدىم. بۈگۈن يەنە ئىزدەپ كۆرسەم 微软Surface Pro 3(i3/64GB/中国版) پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىكەن. كەسىپ ئېگىلىرى مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، بۇ پەد قانداقراق چىقار؟ رەسىمىنى كىرگۈزۈپ قوياي دىسەم ھېچ كىرگۈزەلمىدىم. http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.15.Xpdomt&id=39244282622&ns=1#detail بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-18 23:03بۈگۈن خىزمەتدىشىمنىڭ ماك بۇك ئېكران چوڭلۇقىنى سورىسام 11.6 دېدى، قاراپ باقسام، 12 سۇڭلۇق سۇرفېس پرو3 نىڭ ئېكران چوڭلۇقى كىچىك كېلىپ قالمىغۇدەك دەپ ئويلىدىم. پرو 3 نى ئالسىڭىز مەنچە پۇشايمان قىلمايسىز.
ۋىندوۋس قاچىلانغان تاختا كومپيۇتېرلار ئىچىدە، خەقنىڭ ئايپەدلىرى بىلەن گۈزەللىك تالىشالايدىغىنى پەقەت مۇشۇ سۇرفېس پرومىكىن دەپ ئويلايمەن.
بايا بىر ھازا ئىزدەپ، ئۇنىڭغا قاچىلانغان 8.1 نىڭ زادى 64 ياكى 32 ئىكەنلىكىنى ئۇقالمىدىم، ماڭا بولسا چوقۇم 32 بىتلىق سىستېما بولسا بولاتتى، بىر- ئىككى پروگرامما ماۋۇ PC دىكى ئارزۇلاپ ئالماشتۇرغان 64 تە سەل ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى. قىممەتمىكى دەيمەن سىزنىڭ تەلىپىڭىز بەك تۆۋەنكەن . قارىسام تەلىپىڭىزگە Surface Pro 3 بەك ئارتۇقچە بوپكەتكىدەك.
بۇ تىپتىكىسى كەسپىي نۇسقىسى بولۇپ ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ، كۆرسەتكۈچ كارتا، ئىچكى سىغىم ...دىگەندەك مۇھىم ئەزالىرىغا بىرقەدەر ياخشىسىنى ئىشلەتكەن. بۇ تاختا كومپيوتىر ئارقىلىق 3D يۇمشاق دىتال مەشخۇلاتلىرىنىمۇ بىمالال قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تەلىپىڭىز تورغا چىقىش، خەت بېسىش بولسا surface rt نى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. تەنەرخىمۇ ئەرزان ، سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن بىمالال چىقالايدۇ . i3،ئەي بەش دەيدىكەن زادى نىمىگە قارىتىلغان؟قاندقا رولى بار؟
تاخت اكوپيۇتىر سېتىۋالساق نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟توكى نەچىچلىك يىتىدۇ؟
قايدى ماركىسىدىكى ئوبدان؟ مىنىڭچە RT نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى ئالمىغان ياخشى(window RT نى توغرىسىدا توردىن ئىزدەپ بىقىڭلار). ئالدىنقى قىتىم لىيەنشىياڭنىڭ خاتىرە كومپىيۇتېر بىلەن تاختا كومپىيۇتېر بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تال ئۈسكىنىسى ئوچراپ قالدى. قارىسام بۇنىڭغا Windows RT قاچىلاغلىق ئىكەن. سىستىما يۈزى win8 بىلەن ئوخشاش لىكىن، بۇ خىل سىستىمىغا exe خاسلىقتىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىختىيارى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن. پەقەت ئۆزىنىڭ ئەپ بازىرىدىكى يومشاق دىتاللارنىلا قاچىلىغىلى بولىدىكەن. توردىن بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، خالىغانچە يۇمشاق دىتال قاچىلىغىلى بولىدۇ دەپ كۆردىم. لىكىن بۇنداق قىلسا سىستىمىنىڭ مۇقۇملىقى ياخشى بولمايدىكەن، يەنە كىلىپ قاتتىق دىتالللىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن. ئەگەردە تورغا چىقىپ ناخشا-موزىكا، كىنو كۆرىمەن دىسە بۇ سىستىما بولىدىكەن. ئەمما باشقا تۈردىكى ئىشلارنى قىلىمەن دىسە يەنىلا ھەقىقى windows سىستىمىلىرى قاچىلانغان تاختا كومپىيۇتېر سىتىۋالغان ياخشى. بولسا پۇلىنى قىممەت كۆرمىسە 微软Surface Pro 3، 微软بولىدىغان ئوقەت. سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ھازىر Surface Pro 2 مۇ خىلى ئەرزانلىدى. شۇمۇ بولىدۇ. يەنە 华硕 ۋە Acer نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سامسوڭ 9308 مانداق بوپ قالدى ئامال بارمىدۇ @alip@ RAUL113 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:39 static/image/common/back.gif
سامسوڭ 9308 مانداق بوپ قالدى ئامال بارمىدۇ
مۇشۇ پېتى ئودىنغا تۇنۇتۇپ سىستىما قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدىغۇ؟ گەپ دەل مۇشۇ يەردە ئودىنغا تۇنىتالمايۋاتقان گەپ قوزغاتقۇچ قاچىلاپمۇ سىناپ باقتىم تونىمىدى
بۇ رەھمەتلىك تىلفۇنۇم يۇتۇپ كىتىپ كىيىن باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ئىدىم،
مۇشۇنداق نىمجان ھالغا چۇشۇرۇپ قۇيۇپتىكەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 10:03
پرو 3 نىڭ قۇرۇقلۇق نەشىرى، بازارغا زادى 8- ئايدا چىقامدۇ، ياكى مۇشۇ ئاي ئاخىرىدىمۇ؟
http://player.youku.com/player.php/sid/XNzE3MDc3OTU2/v.swf Baqka يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 17:00 static/image/common/back.gif
پرو 3 نىڭ قۇرۇقلۇق نەشىرى، بازارغا زادى 8- ئايدا چىقامدۇ ...
6-ئاينىڭ 20-كۈنى بازارغا چىقىدۇ دەۋاتاتتى، خەۋەر بارمۇ يوقمۇ؟ مەنمۇ بۇرۇن ۋىندوۋىس سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتېر سېتىۋېلىشنى خىيال قىلىپ surface rt نى تەتقىق قىلىپ باققان ، ئەڭ ئاخىرىدا surface rt دىكى ۋىندوۋىسنىڭ بىزنىڭ كومپىيوتېرىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان ۋىندوۋىس بىلەن پۈتۈنلەي پەرىقلىنىدىغانلىغىنى پايقاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئوتتەك قىززىپ ....دەك سۇۋۇغان ئىدىم، exe شەكىلدىكى ھۆججەت ئىجرا بولمىسا ئۇنداق ۋىندوۋىسنىڭ نىمە كېرىكى؟، توردىشىمىز Shukur ئېيىتقاندەك ئالدى بىلەن سېستىمىسىنى ئوبدانراق جەزىم قىلىپ ئاندىن سېستىۋېلىڭ، بەلكىم Surface Pro 3، تە ھەقىقى پ س نەشىرىدىكى ۋىندوۋىس ئىشلەتكەندۇ، بىراق باھاسى بەكلا زەھەركەن، ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ بېقىڭ. asalam يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 09:20 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ تەلىپىڭىز بەك تۆۋەنكەن . قارىسام تەلىپىڭىزگە Sur ...
مەن ئادەتتە كومپىيوتېردا ئويۇن ئويناشنى ياقتۇرمايمەن، شۇڭا تەلىۋىم ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئەمما كومپىيوتېرنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى بولمىسا قاچىلانغان دېتال كۆپ بولۇپ كەتكەندە ۋە بەزى ئېغىرراق دېتاللارنى (مەسىلەن فوتوشوپ دىگەندەك) قوزغاتقاندا، مۇھىم پەيىتلەردە توردا مەشغۇلات قىلغاندا ياكى مۇھىم تېز مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا كومپىيوتېر ئېغىرلىشىۋىلىپ ياكى قېتىۋىلىپ ئادەمنى جىلە قىلىدىكەن. شۇڭا سەپلىمىسى يۇقىرىراق كومپىيوتېر ئىشلەتكەن بىخەتەررەك بولىدىكەن. 8- ئاي مۇقىمدەك قىلىدۇ.
ئىشقىلىپ مەن كۆيدۈم پرو 3 كە.
ماركىسىغا تەلىپى يوقلار، ئېيسىر، سامسۇڭ.. لارنىڭ تاختىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باققاي، ئائىلىدە، ئارام ۋاقىتلىرىدا، ۋىنتاختا زور يۈزلىنىش بوپ قالىدىغان چىراي.
بەت:
[1]