سۆزلەيدۇ چىۋىن
يىغىن خاتىرىسى
(چاغرىتېكىن)
تىنجىق ئىسسىق سۆزلەيدۇ چىۋىن،
دەرەخلەر مۇزلىغان تۈگىمەس يىغىن.
خاتىرىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرىغا قەلبىمدىكى،
تۇخۇنىڭ قۇيرۇقىنى سىزدىم.
ئاندىن ئاستىغا،
تۈۋەندىكى سۆزلەرنى تىزدىم.
قۇملۇقنىڭ كۆكسىگە نەيزىيلەر پاتتى،
توغراقلار يالىڭاچ قۇملۇقتا ياتتى.
بىلمىدىم ئىت-ياكى بۆرىلىكىمنى،
ئىت قاۋاپ ئەتراپتا پەلسەپە ساتتى.
كۈزۈمنى ئاچسام تۆت تامنى كۆردۈم،
قۇياشقا يۇندا چاچقاننى كۆردۈم.
كۈزۈمنى يۇمسام ئاسماننى كۆردۈم،
ئۇندا چەكسىز بوستاننى كۆردۈم.
مەن ئىشخانىدا ئولتۇرغان بىلەن،
ئەجداتلىرىم ئۇستىخانلىرى ئاپتاپتا كۈيىۋاتقاندۇ.
مەن مەنىسىز يېزىقلار ئىچىگە مەھكۇم بولغاندا،
قېرىنداشلىرىم بۇ تۇپراقنى سۈيىۋاتقاندۇ.
ئۈزۈلمەس شىرلارنىڭ باتۇرلىقى ئۈچۈن،
ئانىلار پەپىلەپ سۈت بىرىۋاتقاندۇ.
كىملەر ئۇنتۇپ نەسەپ ئەسلىنى،
غۇرۇرىنى سېتىۋاتقاندۇ.
كىملەر ئۇنتۇپ پەرزەنىت،جېنىنى،
بىزلەرگە نۇر بىرىۋاتقاندۇ.
سۇ دىسەم سۇ تۇرار ئالدىمدا كۆلدەك،
ۋە لىكىن قاغجىراپ تۇرىمەن چۆلدەك.
بىر تامچە چانىقىم ئۈستىدە قاتتى.
قەلىمىم قورقانچاق دەپتەردە ياتتى.
قەلبىم بىر قۇشتەك ئىزدەپ بىر ئۇۋا،
قەپەسنىڭ ئىچىدىن بوشلۇققا باقتى.
2014.6.10
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماڭلار باللا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-19 08:11
ئامال يوق دانىشمەنلىك ئازابىغا، بىر نەرسىنى بىلمىسەك ياخشتى، بىلېىپ ،چۈشنىپلا قالدۇقمۇ يۈرەك ئارامىدا قويمايدۇ ئادەمنى ، قارىغۇ ،گاچا ،گاس ،ساراڭ بوپ قالغان بولساق ياخشى بولاتتىكەن ھە ئىسىل.............
ئوخشاش تۈيغۇدىمەن! ئايىبىن دەپ بىر ساۋقدىشىم بارتى . 2006ئالماتادا ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق . بىر چاينا شىركىتىدە ئىشلەۋىتىپتىكەن . ئشخانىسغا باردۇق . بىر ئايال ئۇياققا ئۆتىدۇ بۇياققا ئۆتىدۇ ، يا بىر ئىشنى تۇتۇپ قىلمايدۇ ، يامان تولا گەپ قىلىدۇ . كىم بۇ دىسەم بىر چىۋىن دىگەن . ئەستاغفىرۇللا،شىئىرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەك قىيىنكەن،لىكن چۈشۈنۈپ ئوقۇدۇقمۇ يۈرەكنى مۇجۇيدىكەن. بىر ئىشلارنى چۇشەنگەندەك بولدۇم
بىر ئىشلارنى چۈشەنگەن بولسىڭىز بولدى. ھېس قىلدىم ئەمما چۇشۇنۇشنى خالىمايمەن قالتىس ! قالتىس! قالتىس! بارىكاللا! ئىزىدىنىشتا تۇنجى ئەلانى مەن ئەڭ چۈشەنمەيدىغان شىئىرغا بىسىشىمنى نە بىلەي{:112:}{:112:}{:112:} قالتىس شېئىركەن بولۇپمۇ
‹‹سۇ دىسەم سۇ تۇرار ئالدىمدا كۆلدەك،
ۋە لىكىن قاغجىراپ تۇرىمەن چۆلدەك.
بىر تامچە چانىقىم ئۈستىدە قاتتى.
قەلىمىم قورقانچاق دەپتەردە ياتتى.
قەلبىم بىر قۇشتەك ئىزدەپ بىر ئۇۋا،
قەپەسنىڭ ئىچىدىن بوشلۇققا باقتى.›› مۇشۇ مسرا بەك ياخشى كەن ماڭا بەك تەسىرقىلدى قالتىسكەن
بەت:
[1]