پۈتمىگەي بۇ ھەسرىتىم
پۈتمىگەي بۇ ھەسرىتىم(چاغرىتىكىن)
ئۆرلىمە ئۆپكەم بۇدەم سەن پۈتمىگەي بۇ ھەسرىتىم.
كىمگە قىلسام ياخشىلىق شۇندىن كىلەر نەس قىسمىتىم.
بىلمىدىم چەرخى پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر ئايلىنار،
خۇمسىلار چاقتى ياڭاق،كەلمىدى ھېچ ئۆچرىتىم.
سۆزلىمەي ئاغزىمنى يۇمسام گاچا دەپ قىلدى مازاق،
قايدا ھەق سۆز سۆزلىسەم بولدى شۇ جايدا غەيۋىتىم.
جان بېقىش قىستار يۈزۈمنى ساختا خوش-خوش كۈلكىگە،
دىلدا دەرت قانداق كۈلەي ئاشتى غەزەپۇ نەپرىتىم.
كىم بەدەل بەردى ئاڭا بىز سانجىدۇق تىل نەشتىرى،
ئۆز ماكاندا ئۆز قېرىنداشتىن كىلەركەن كۈلپىتىم .
كىمگە دەي باشىمدىكى ئول دەردۇ غەم ھېىجراننى مەن،
كەل <<نىھال>>قوينۇڭغا ئال بول يېنىمدا ئۈلپىتىم.
2014.3.20
غەزەل ئېسىل چىقىپتۇ.
بۇرۇن مۇشائىرىلەر بەك قىزىيتتى ھە. ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ مەزمۇنى بەك يارىدى ماڭا {:112:} ئىچىمدىكى گەپلەركەن... كىچىككىنە ئۇزۇق بىرەلىگەن بولسا مەن خۇشال ئۆرلىمە ئۆپكەم بۇدەم سەن پۈتمىگەي بۇ ھەسرىتىم.
مۇشۇ مىسرادا (سەن) دىگەن سۆزگە پۇتلىشىپلا تۇرمەنغۇ؟ ۋەزىننىڭ سانى توشماي مەجبۇرى قوشۇلغانمۇ يا بۇ (سەن)
ئىككىمىز ئوشاش ئازاپقا دۇچار بۇلۇپتۇقمۇ قانداق؟
نىمانداق ئوخشاش ھىسسىيات. تىلىمىز بىر دىلىمىز بىر قىسمىتىمىز بىر ئەمەسمۇ شەخلانىڭ كۈزى خېلى ئۆتكۈركەن.ۋەزىن ئىھتىياجى بىلەن ئازراق شۇنداق بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئاشۇ « سەن» دىن كېيىن بىر پەش قويۇلمىغاچقا شۇنداق تۇيغۇ بېرىدىكەن. تۈز يولدا ماڭسام توقۇناق، چىش بىلەيدۇ بوغىناق،
گەپ تاتىلاپ سوڭدىشار، تورغا چىقسام گېپى ئاق.
يازىمەن كۆڭلۈمدىكىنى بەتنى قويماستىن ئالا،
يوللىمايلا قويىمەن گەپلىرىمنى بولدىلا.
ھەسرىتىم بار دەپتىمەن ھەسرىتىمنى دەڭسىمەي.
چاغىرتېكىننىڭ پۈتمىگەن ھەسرىتىنىڭ ئالدىدا.
ھەممىمىزنىڭ ئىچىنى ئۆرتەيدىغىنى ئوخشاش قىسمەت.
بەت:
[1]