bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 08:56:54

NASA: مارس ئۈچۈن ياسالغان «ئۇچار تەخسە»

مارس ئۈچۈن ياسالغان «ئۇچار تەخسە»

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى


كەلگۈسىدە مارسقا ئېغىر ئۈسكۈنىلەر ۋە ئادەم ئاپىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ناسا بىر «ئۇچار تەخسە» شەكلىدىكى مارسقا قونۇش ماشىنىسى ياساپ چىقتى .  بۇ ماشىنا ئىنگلىزچە « Low-Density Supersonic Decelerator (LDSD) » دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «شالاڭ ھاۋادا ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يەر يۈزىگە قونغۇچى» دېگەنگە يېقىن كەلىدۇ.  ئاۋاز قۇرغاق ھاۋادا ھەر بىر سېكۇنتتا 331 مېتىر، سائەتىگە 1191.6 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ماشىنا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى  تېزلىك بىلەن ئۇچىدۇ.  مارستىكى ئاتموسفرا ياكى ھاۋانىڭ مىقتارى يەر شارى ئاتموسفراسى مىقتارىنىڭ بىر پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، مەزكۇر ماشىنا ئاشۇنداق شالاڭ ھاۋادىمۇ ئۇچالايدۇ.      

بۇ «ئۇچار تەخسە» تەتقىقات تۈرىگە ناسا مەركىزى ج پ ل مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى نۇسخىسى ھازىر ياسىلىپ بولدى.  ج پ ل ئۇنى ھاۋاي شتاتىدا يەر يۈزىدىن 10 – 13 كىلومېتىر ئىگىزلىككە ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىشقا ھازىرغىچە 6 قېتىم تەمشەلگەن بولسىمۇ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ھازىرغىچە ئۇنداق سىناقلار تېخىچە بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ بېرىلمىدى.  ج پ ل ئۇ ماشىنىنى كېلەر قېتىم سىناشنى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.   


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Winds Push NASA 'Flying Saucer' Test Launch to Late June


Atmosphere of Mars


رەسىم ئادرېسى (بۇ رەسىمنى ناسا مەركىزى ج پ ل تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ بىر سىزىلغان رەسىم):
http://i.space.com/images/i/000/039/771/i02/ldsd-rocket-powered-test.jpg?1401745681


تاشقىي پلانېتا ۋە ئۇچار تەخسىگە ئائىت بۇرۇنقى تېمىلار:

كەپلېر ئالەم تېلېسكوپدىن چاتاق چىقتى: 2013-5-18


ئۇچار تەخسە ۋە ناسا


ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html

كەپلېر تېلېسكوپىنى رېمونت قىلىشنى توختاتتى.  2013-8-24

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 10:57:25

مارىسنىڭ ھەقىيقى قىياپىتىنى كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا كۆرەلەيدىكەنمىزدە.
غول ھۈجەيرىدىن ئەزا يىتىشتۈرۈلۈپ چىقسا،مۇشۇ ئارقىلىق قانچىلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە تەھتىد ئىلىپ كىلۋاتقان كىسەللەر ساقايسا.
مارىسقا چىقساق،مۇشۇنداق تىز ئۇچىدىغان جىسىملارنى ياساپ چىقساق......
ئىنسانلار تەرەققىياتىدا كەلگۈسىدە قانداق كۆرۈنۈشلەر بارلىققا كىلەر؟
ئەتە ئۆگۈن: ھە ئاداش مارىسقا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلەمدۇق؟
مارىستىكى پالانىچى ئاغىنەمنىڭ تويى بوپتۇ،بېرىپ كىلەمدۇق؟
دىگەندەك زامانلار كىلىپمۇ قالامدۇ؟قانداق...

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 11:23:28

يەرشارىدىن باشقا پىلانىتلادا ياشاشنى خىيال قىلىش ئەخمەقلىق خالاس.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 11:47:22

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 11:23 static/image/common/back.gif
يەرشارىدىن باشقا پىلانىتلادا ياشاشنى خىيال قىلىش ئەخم ...

يۈز يىل بۇرۇن جاھان كۆرۈپ كەلگەنلەر چەتئەلدە ئات قوشماي ماڭىدىغان ھارۋا بار ئىكەن دەپ كەلسە، ئۇنى ئاڭلىغانلار ئات قوشمىسا قانداق ماڭىدۇ، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەقلىق دەپتىكەنمىش...

freebird يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 11:49:27

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 11:23 static/image/common/back.gif
يەرشارىدىن باشقا پىلانىتلادا ياشاشنى خىيال قىلىش ئەخم ...

بۇنداق يەكۈن چىقىرىش ئۇنىڭدىن ئۆتە ئەخمەقلىق :lol

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 12:41:15

ئىلىم پەن قانچىلىك تەرەققى قىلسۇن، سۇ يوق، ھاۋا يوق، بوران چاپقۇنلۇق پىلانىتلاردا ياشاشنى ئويلىمىغۇلۇق. ھاياتلىق ئۈچۈن چۇقۇم بولمىسا بولمايدىغان ھاۋا، سۇ، يىتەرلىك قۇياش نۇرى، قۇياش نۇرىدىن ساقلايدىغان بىنەپشە نۇر، شۇ پىلانىتنىڭ تارتىش كۇچى قاتارلىق ھاياتلىق مۇھتاج بۇلدىغان يۇقارقى شەرتنىڭ تېپىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.. شۇ مارىستا قايسى شەرت تېپىلدۇ ھاياتلىق ئۈچۈن زۈرۈر بولغان؟

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 12:41:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tozimas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 12:44  

ئاۋۇ ئۇچار تەخسە مارىسقا 8ئايدا يىتىپ بارالامدۇ

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 12:46:17

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئۇچۇرلىرىدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى بىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ!

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 13:07:27

دەششەت كەنغۇ جاھان تەرەققە قىلسا 20~30 يىللار دىن كىيىن مارىسقا ئۇچارتەخسىنىڭ بىلىتىنى ئېلىپلا چىققۇدەكمىزدە:lol لىكىن بوخەخلەر پاسپۇرت ۋىزا قاتار لىقلار پەشقىلىپ يەنە نۇرغۇن پۇلتاپىدۇ :o

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 14:36:53

0903Galaxy يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 13:07 static/image/common/back.gif
دەششەت كەنغۇ جاھان تەرەققە قىلسا 20~30 يىللار دىن كىيىن م ...

ۋاقتى كەلگەندە پۇلىڭىز جىق بولسىمۇ پەتىۋا بولمىسا بىكا. {:170:}

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 14:46:03

نۇرغۇن جاپا-مۇشاققەت تارتىپ ، نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىپ بىر جاڭگالىققا نىمىشقا بارىدىغىنىنى چۈشىنەلمىدىم ئىنسانلارنىڭ . دىمەكچى بولغىنىم ساياھەت ئۈچۈن ياكى شۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن بارىدىغانلارنى دىمەكچى، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بارىدىغانلارنى ئەمەس ھە .  
(ئۆزەمگە خاپىلىق تېرىۋالماي يەنە ...:lol)

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 15:13:24

ئاخىرقى رەسىمدىكى ئۇچار تەخسە نېمە ئۈچۈن تىك ئۇچىدىغان قىلىپ سىزىلىدۇ؟بۇ رەسىمنى لايھىلىگۈچىدىكى سەۋەنلىكمۇ ياكى ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئۇچامدۇ؟بۇنىڭدا سۇيۇر شەكىللىك ئۇچقۇنىڭ ئۇچىرايدىغان ھاۋا بېسىمى كىچىك بولۇش ۋە چەمبەر شەكىلنىڭ خالىغان يۆنىلىشكە ئۇچالىشىدەك ئەۋزەللىكى بىكار بولمىدىمۇ؟
ئاتموسفىرا بولمىغان سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچقۇنىڭ سىرىتقى شەكلى ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۈچۈن كېتىدىغان ھەركەت ئېنىرگىيىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ئالەم ئۇچقۇلىرىنى تاشقى پىلانتلارغا قوندۇرۇش ئۈچۈن ھازىرمۇ پەقەت پاراشوتلا ئىشلىتىلەمدۇ؟تېخىمۇ قولايلىق ئۇسۇل يوقمۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 16:11:38

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 12:41 static/image/common/back.gif
ئىلىم پەن قانچىلىك تەرەققى قىلسۇن، سۇ يوق، ھاۋا يوق، ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزنى نەقىل ئېلىپ قالدىم ،  سەۋەبى :  ئىنشائاللاھ   ھەممىز پەرىز ۋە سۈننەتلەرنى ئادا قىلۋاتقان ۋە تېىخمۇ ياخشى ئادا  قىلشقا كۈچەۋاتقان مۇسۇلمان بولغاچ ! كەچۈرۈڭ !


دىمەكچى بولغۇنۇم ، سىز نىمانچىۋالا بىكىنمە  ؟   نىمىشقا  دائىم  ئىلىم پەنگە قارشى  مەيداندا  تۇرۇپ پىكىر قىلسىز ؟ :)

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 16:28:15

بۇ تىما ئۈستىدە مۇنازىرلەشكۈدەك سەۋىيە ھازىرچە بىزدە يوق، ئىنكاسلاردىن قارىغاندا ئوزون قاتلىمى بىلەن ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلارمۇ باركەن.
شۇڭا خەۋەر كۆرگەندەك كۆرۈپ قويساقلا بولدى.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 16:56:57

مىنىڭ سۇئال سورۇغۇنۇم ئىلىم-پەنگە قارشى مەيدانى پىكىر  بوپ قالدىما؟ مەن ئىلىم-پەنگە قارشى ئەمەسمەن، ئەگەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسىلا.
ھاۋا، سۇ، تارتىش كۇچى قاتارلىق شارائىت ئادەم ياشىغىدەك دەرىجىدە يوقلىغى راسقۇ مارىستا؟
ئەگەر مەن ئالەمنىڭ چىكىرسىغا سەپەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرمىگەن بولسا ئىشىنىپمۇ قالاتتىم ماۋۇ نەزىريەگە

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 17:31:03

مارىسقا ئادەم ئاپىرىپ ئەكەلگۈدەك شارائىت ھازىرلاش بىر مەسىلە. ئاندىن ئادەملەر ياشىغۇدەك مۇھىت شارئىتى ھاىسل قىلىش يەنە بىر مەسىلە. چۈنكى مارىس دىگەن ئادەمگە نىسبەتەن باشقا بىر دۇنيا. 15-35 سېلتسىيە گىرادوس تېمپىراتۇرا، ئوكسىگىن، يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ھەممىسىنى مارسنىڭ يۈزىدە تۇرۇپ ھاسىل قىلالىشى شەرت. ئاندىن ئادەم ھايات كەچۈرەلىشى مۇمكىن. خۇددى پارنىكتا ئۆسۈتۈرۈلگەن كۆكتاتلاردەك ياشاپ كېتىشىمىز مۇمكىن مارستا. ئادەم بالىلىرى  ھايات كۆچۈرۋاقتان  مۇشۇ يەر شارىنىڭ مۇھىتىدا ياشاپ شۇنىڭغا كۆنگەن. ئادەمنى 1%لىك ھاۋانى نەپەس ئېلىپ ياشىيالايدىغان  قىلىپ ئۆزگەرتىش مۇمكىنمىدۇ؟ .  ياكى بېلىققا ئوخشاش سۇنىڭ تېگىدە بېلىىقلاردەك ياشىيالايدىغان، ھېچبولمىسا تىمساقتەك سۇنىڭ تېگىدە ياشىيالايدىغان بولۇش مۇمكىنمىدۇ؟
بۇلارغا مۇمكىن بولمىسا، جۇمۇلاڭما چوقىسىدەك يەرلەردە ئاشلىق ئۆستۈرۈپ، كۆكتات تېرىپ بىرمۇنچە ئاھالىلارنى شۇنداق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغىلى بۇلارمۇ؟
يەر يۈزىدە قۇرۇقلۇقتا سۇ كەمچىل قاقاسلىق يەرلەر بەك كۆپ، شۇ يەرلەرگە يىراق دەريالاردىن سۇ باشلاپ بوستانلىققا ئايلاندۇرغىلى بۇلارمۇ؟ شۇنداق قىلالىسا ئامىركا قۇرۇقلىقىلا 5 مىليارت ئادەمنى بېقىپ كىتەلمىسىمۇ ئامىركا ئاھالىسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساندىكى ئادەمنى بېقىپ كېتەلىشى مۇمكىن.
ئاي شارىدا ئادەم ياشاش مۇھىتى ھاسىل قىلغىلى بولماسمۇ؟ بېىرپ كېلىش سەل يېقىن بولغاندىكىن.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 18:05:25

旅行到宇宙边缘

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 18:25:16

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 16:56 static/image/common/back.gif
مىنىڭ سۇئال سورۇغۇنۇم ئىلىم-پەنگە قارشى مەيدانى پىكىر  ...

3-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا باشقا پىلانىتتا ياشاشنى خىيال قىلىش ئەخمەقلىق دېدىڭىز. ئىنسانلار ھازىر تېخى قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانتلارنى تەكشۈرۋاتىدۇ. ئاران ئايغا چىقتى. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا قۇياش سېستىمىسىدىكى پەقەت يەر شارىدا سۇ، ھاۋا بار دەيدىغىنتى. ئالدىنقى قېتىم بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بىر تېمىسدا مارسىتا ھەر ئۈچ لېتىر تۇپراقتا بىر لىتىر سۇ باركەن دېگەن خەۋەرنى بەردى.
چەكسىز ئالەمگە نىسبەتەن قۇياش سېستىمىسى ۋە ئۇ تەۋە سامان يولى سېستىمىسى دېڭىزدىكى بىر تامچە خالاس. چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان باشقا بىر پىلانت يوق دەپ ھېچكىم كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلارنىڭ كاللىسىغا يۆل كېسەك چۈشۈپ كەتمىگەندۇ، مىلياردلاپ دوللارنى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 18:27:18

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 15:13 static/image/common/back.gif
ئاخىرقى رەسىمدىكى ئۇچار تەخسە نېمە ئۈچۈن تىك ئۇچىدىغا ...

باشقا پىلانىتتا ھاۋا بولمىسا پاراشوتنىڭ نېمە كېرىكى؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 19:01:22

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 18:27 static/image/common/back.gif
باشقا پىلانىتتا ھاۋا بولمىسا پاراشوتنىڭ نېمە كېرىكى؟

مارىسقا قونغاندا پاراشوت ئارقىلىق قونىدىكەن.
مەن بۇنى مارىسقا سەپەر دىگەن فىلىمدىن كۆرگەن.
بەت: [1] 2
: NASA: مارس ئۈچۈن ياسالغان «ئۇچار تەخسە»