irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 17:36:09

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يەنە بىر شەرتى



مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يەنە بىر شەرتى
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
\
«سامسۇڭ» شىركىتى جەنۇبىي كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانا، ھازىر يەر شارىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار، 2011-يىلى ئۇنىڭ بازار قىممىتى 150 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئەسلىدە «سامسۇڭ» قۇرۇتۇلغان بېلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، 1948-يىلى «سامسۇڭ» شىركىتى «بايلىق» شىركىتىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ خەلقئارا سودىغا رەسىمىي كىرىشتى. 1951-يىلى «سامسۇڭ» بايلىق مەھسۇلاتىنىڭ ياپونچە ئۇيۇشمىسىنى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشتى.
20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ باشلىرى «سامسۇڭ» تىجارىتىنى كېڭەيتىش كويىدا ئېلېكترون ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى، ئەمما داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئىقتىسادقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەچكە، «سامسۇڭ» ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا تىز پۈكمەي، 1969-يىلى «سامسۇڭ» ئېلېكترون شىركىتىنى قۇردى. 1988-يىلى «سامسۇڭ» نىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا يېڭى ئۇيۇشما باشلىقى لى كۇن-خى شىركەتنىڭ «ئىككىلەمچى ئىگىلىك تىكلەش» پىلانىنى ئاشكارىلاپ، تەرەققىيات نىشانىنىڭ «21-ئەسىردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇنەۋۋەر دۇنياۋى كارخانا» غا ئايلىنىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 1993-يىلى شىركەت «يېڭى تىجارەت» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ھەربىر خىزمەتچىنى شىركەتنىڭ «مىقدار تىجارىتى» دىن «سۈپەت تىجارىتى» گە قاراپ بۇرۇلىشىغا يول ئاچتى.
«يېڭى تىجارەت» باشلىنىپ 10 يىلدىن كېيىن، «سامسۇڭ» نىڭ قارىمىقىدىكى ئۈچ شىركەت دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى، ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان 20 خىلچە مەھسۇلاتنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى دۇنيادا 1-ئورۇنغا ئۆتتى. «سامسۇڭ» نىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس روھى ئۇنىڭ مۈشكۈلات ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە تۈركە بولدى. ما يۈەن مۇنداق دەيدۇ:«بەزىدە ئاخىرىغىچە تىركەشكەندىلا، ئاندىن پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ». خۇۋېينىڭ لىدىرى رىن جېڭفېي مۇنداق دېگەنىدى:«مۇۋەپپەقىيەت دېگەن نېمە؟ مۇۋەپپەقىيەت دېگەن توققۇز ئۆلۈپ، بىر تىرىلىش». دېمەك، ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويۇۋەتمەسلىك، تۈرلۈك كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەبلەغ توپلاپ، كارخانىنى ئىستراتېگىيەلىك تارايتىش زۆرۈر.
        مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:23:40

سەيچىلەر ئېلېكتىر ساھەسىگە كىرىپتۇ دەيلى:lol
ئىشقىلىپ سامسۇڭ ھەقىقەتەن قالتىس شىركەت جۇمۇ، ماللىرى سۈپەت ھەم ئىقتىدار جەھەتتىن ئالاھىدە ياخشى دەپ قاراشقا بولىدۇ{:112:}

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:35:05

ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ، كارخانچىلارنىڭ ئۇلگۇسى بولغۇدەك نىشانى ۋە تىرىشچانلىقى باركەن .

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:58:51

سامسۇڭ بولمىغان بولسا نېمە ئىشلىتەر بولغىيتتۇق؟{:87:}

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 21:34:30

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 22:06:30

ھەممە ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپتۇ

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 22:11:16

قاچانغىچە جەنۇبى كورىيە، شىمالى چاۋشىيەن دەپ يۇرەرمىز. كورىيە دىسەكلا بولىدىغان تۇرسا.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 12:06:31

توردىكى مەنبەسى

http://eser.okyan.com/eser/tehlil/mulahize/2014/0521/3738.html
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يەنە بىر شەرتى