OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 14:34:44

ئوغۇز:شەيتاننىڭ كونا مال سېتىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 14:46  

شەيتاننىڭ كونا مال سېتىشى
(مەسەل)
پاۋلوكوئېلخو Paulo Coelho  [برازىلىيە]
ئوغۇز تەرجىمىسى
شەيتان يېڭى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ئېزىقتۇرۇشقا ئىشلتىدىغان  زاپاس ماللىرىدىن كەڭ كۆلەمدە ۋاز كەچمەكچى بوپتۇ. ئۇ گېزىتكە ئېلان بېرىپتۇ ھەمدە كۈن بويى زاۋۇتىدا خېرىدار قوبۇل قىپتۇ.
ئۇنىڭ زاپاس ماللىرى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاش،ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەينەك،شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغان ئەينەك قاتارلىق ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر ئىكەن.تامغا بىر نەچچە خىل بويۇم ئېسىلغان بولۇپ،باشقىلارنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتىدىكەن.ئۇلار باشقىلارنىڭ كەينى تەرپىدىن ھوجۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئەگرى قىلىچ،پالچىلىق ۋە پىتنە پاسات تارقىتىدىغان ئۈنئالغۇ قاتارلىقلار ئىكەن.
ــ باھاسىدىن غەم قىلماڭلار،ــ قېرى شەيتان خېرىدارلارغا يۇقىرى ئاۋازدا شۇنداق دەپتۇ:ــ بۆگۈن ئۇ نەرسىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كىتىۋىرىڭلار،پۇلىنى تاپقاندا بەرسەڭلار بولىدۇ.
بىر خېرىدار تامنىڭ بولۇڭىدا كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن 3سايماننى كۆرۈپتۇ.بۇ سايمانلار ئانچىۋالا كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىكەن.بىراق ئۇلارنىڭ باھاسى بەكلا ئۆرە ئىكەن.ئۇ بۇ ئۈچ سايماننىڭ نېمىشقا مۇنداق قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ شەيتاندىن سوراپتۇ.
ــ مەن ئۇ نەرسىلەرنى ھەردائىم ئىشلىتىمەن،شۇڭا ئۇلار مۇشۇنداق كونىراپ كەتكەن،ئەگەر ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە بەك ئاشكارا چېلىقسا ، ئادەملەر ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىۋالىدۇ.بىراق ئۇلار مېنىڭ يۇقىرى باھا قويىشىمغا ئەرزىيدۇ،بۇ ئۈچ مالنىڭ بىرسى گۇمان،يەنە بىرسى ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۈچىنجىسى بولسا نەپرەت،قالغان بارىلىق ئېزىقتۇرۇشلار كارغا كەلمىسىمۇ،بۇ ئۈچى ھەر ۋاقىت كارغا كىلىدۇ، ــ دەپتۇ شەيتان قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ.


مەنبە:«ساتىرا ۋە يومۇر讽刺与幽默»گېزىتىنىڭ 2012 –يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانى

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:27:42

شەيتاننىڭ مېلىنى ئالمىغان تۈزۈك{:92:}

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:42:50

گۇمان ئىماننى قاچۇردۇ ، كەمسىتىش ئادەمنى چىكىندۇردۇ ، نەپرەت ئەقىلنى كىسىدۇ . شەيتان شۇڭا بۇ ئۇچ قۇرالىنى كوپ ئىشلىتىدىكەندە . بىلىۋالدىم ئەمدى پاكىتسىز گۇمانلانمايمەن ئوزۇمنى ۋە باشقىلارنى كەمسىتمەيمەن ، باشقىلارنىڭ ئازارىغا ئارتۇقچە نەپرەتلەنمەيمەن ، بەلكى ھەر زامان ئەقلىمنى ۋە ۋىجدانىمنى يول باشچى قىلىمەن .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:55:11

ئىمانسىز ئادەمگە شەيتان يول باشچى بۇلىدۇ،
ئىمانلىق ئادەمگە ئەقىل يول باشچى بۇلىدۇ.

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 22:20:23

شەيتان ئادەمگە ئۇچۇق دۈشمەن ئادەم بۇ سۆزگە ئىشىنىپ تۇرۇپ يەنە شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرشىغا سەل قارايدۇ

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 07:34:37

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئوغۇز :)  2-قەۋەتتكى   كەمسىتىش ئادەمنى چىكىندۈرىدۈ دېگەن سۆزگە قوشلالمايمەن .   بىلىشىمچە: داڭلىق راسسام ۋانگوك، پەيلاسوپ نىتىزى قاتارلىقلار داۋاملىق ئۆزىنى كەمستىش تۇريغۇسىدا بولدىكەنتۇق  ئۇلارنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇسىڭىز بۇ نوقتىنى ئېنىق ھىس قىلسىز .   ئنىق قىلىپ ئىيتىشقا بولدۇ ئۇلار پەقەت كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن چىكىندى ، مەسلەن نىتىزىنى ئلىپ ئيتساق ئۆز-ئۆزنى ئازاپلاپ  شۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقان ئادەم  ئەلۋەتتە ئۆزنى ئازاپلاش ئۆزنى كەمسىتىشنى ئۆزئىچىگە ئالدۇ.  
بەت: [1]
: ئوغۇز:شەيتاننىڭ كونا مال سېتىشى