bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 10:59:29

(bilgejan) ئۇيغۇردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 19:56  

ئۇيغۇردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ
ئاپتور: بىلگەجان

كىچىكىمدىن تارتىپ  ئايال ئالىملارنىڭ گېپى چىقسا ئالدى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ۋە خېمىيە ئالىمى مارى كىيۇرى ئىسىملىك پولشا ئالىمى يادىمغا كىلەتتى چۈنكى كىيۇرى خانىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ كىتابلىرىدا سۆزلىنەتتى. چوڭ بولۇپ بىلسەم، كىيۇرى خانىم پەقەت بىر داڭلىق ئالىملا بولۇپ قالماستىن، بەلكى 20-ئەسىر ئىلىم-پەن ئاسمىنىدىكى بىر ئۆچمەس يۇلتۇز، شۇنداقلا ئۆز نۇرىنى 21-ئەسىردىمۇ ھېلىھەم يورۇق چېچىپ تۇرغان گىگانىت چولپان ئىكەن. ئانام ئۆزى كۆپ ئوقۇيالمىغان ئىنتايىن ئاددى بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئانامنىڭ قولىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئۇ قەلبىمگە ئالىملارغا بولغان تەسۋىرىلىگۈسىز ھۆرمەت، قايىللىق ۋە شۇنداق كىشىلەردىن بولۇشقا ئېنتىلدۈردىغان بىر ئوتنى سېلىپ قويغان. شۇنداق بولغاچقا، مەن ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلىنىدىغان ھەر قانداق بىر كىتاب، گېزىت-ژورنال تاپسام تالىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. بىر قېتىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقى يازلىق تەتىلدە بىزگە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى: گېزىت ئىشلەش مۇسابىقىسى. بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن مەن شىنجاڭ گېزىتى چوڭلۇقىدىكى يوغان ئىككى بەتلىك چىرايلىق گېزىتتىن بىرنى ئىشلىۋەتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىملايىم ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا گېزىتىمنىڭ خەتلىرى دانە-دانە ئايرىپ بېسىپ چىقارغاندەكلا چىرايلىق يېزىلغان ۋە قىستۇرما قىيما رەسىم ۋە بوياقلار بىلەن قوشۇلۇپ رەڭگارەك تۈسكە كىرگەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمدە بىر يەرلىرىگە رازى ئەمەس ئىدىم. شۇ ئارىدا مەن بىلەن ئوخشاش يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاچام ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنىۋىدى، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا تارىخى شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان بىر ئاددىيراق گېزىت ئىشلەش تەكلىپىنى بەردىم ۋە ئۆيدىكى تارىخ كىتابلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ مارى كىيۇرى خانىم، ئېينىشتىيىن، ئېدىسون قاتارلىق ئۆزۈم ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئالىملارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئويۇپ ئىلىپ، يېنىغا ھەر بىرى ئۈچۈن بەش قۇردىن تونۇشتۇرۇش يېزىپ ئاددىيلا بىر گېزىت ئىشلەپ چىقتۇق. ئاخىرىدا مەن بەكمۇ كۆپ ئەجىر قىلىپ ئىشلىگەن گېزىت نەتىجىگە ئېرىشمەي، ئويلىمىغان يەردىن رەڭمۇ بېرىلمىگەن ئاچامنىڭ ئاددىيلا ئىشلەنگەن گېزىتى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاچام ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، ئىچىمدە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك خۇشال بولغىنىم ئۇ ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ قارا دوسكىسىغا ئېسىلىپ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئوقۇيدىغىنى ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا كەلگۈسىدە شۇنداق داڭلىق ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولارمۇ، دەپ خىيال قىلاتتىم. مەنمۇ چوڭ بولدۇم، نۇرغۇن داڭلىق ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشتۇم، ھەتتا ھازىرغىچە 3 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلار بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ پىكىر ئالماشتۇرۇش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمما قەلبىمدە تا ھازىرغىچە ماڭا ئەڭ زور تەسىر قالدۇرغان مارى كىيۇرى خانىمغا بولغان ھۆرمەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلدى. تا ھازىرمۇ بىراۋ مەندىن «مۇمكىن بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، سىز تارىختا ئۆتكەن قايسى مەشھۇر شەخىس بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىسىز؟» دەپ سوراپ قالسا، مەن ھېچ ئىككىلەنمەي: «كىيۇرى خانىم بىلەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.

مارى كىيۇرى تارىختا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر ئايال ئالىم بولۇپ، ئۇ تۇنجى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئالىم ۋە ئوخشىمىغان ئىككى كەسىپتە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئالىمدۇر. ئۇ يەنە فىرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۇنجى ئايال پىرافىسورى بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. كىيۇرى خانىمنىڭ ئىلىم-پەندىكى ياراتقان نەتىجىلىرى مېنىڭ قايىللىقىمنى قوزغايدىغان بىردىنبىر ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. 1903-يىلى، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىمىيىسى مارى كىيۇرىغا «رادىئاتسىيە ھادىسىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن» شۇ يىللىق «نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندا، ئۇ خىزمىتى بىلەن بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىيۇرى خانىم ئۆز كەسپىنى سۆيۈپلا قالماي، يەنە ئائىلە ۋە دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان بىر سۆيۈملۈك ئىنسان بولۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىدىن كەلگەن زور مىقداردىكى مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىۋەتكەن. كىيۇرى خانىم 1910-يىلى «ئەڭ كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىق ئېلىمېنت - رادىي»نى بايقىغان ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1911-يىللىق «نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئۇ ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىنى ئۆزىگە ئەمەس، ئۆزى ئىشلىگەن ئىنىستىتۇت - يەنى پارىژ ئۇنىۋېرستېتىغا بىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى بۈگۈنىمىزدە راك كېسىلىنى رادىئاتسىيە بىلەن داۋالاشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان بولۇپ، كىيۇرى خانىم بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، راك كېسىلى بىلەن جەڭ قىلىپ ھايات قالغان ياكى كېسىلى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىپ ھاياتى ئۇزارغان دۇنيادىكى ساناقسىز كىشىلەر ئۇنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ رادىينى بايقاپ رادىينى ئايرىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلمىغان بولسا، رادىي ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالاش ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. شۇنداق قىلىپ كىيۇرى خانىم پەقەت فىزىكا ۋە خېمىيە ساھەسىدىلا زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ قالماي، يەنە ئىنسانلار ساغلاملىقىغىمۇ سېلىشتۇرغۇسىز زور تۆھپە قوشقان. مارى خانىم شۇ قەدەر ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ نام-شۆھرەتكە قىزىقىپ باقمىغان ۋە ئېينىشتىيېن تەرىپىدىن «دۇنيادىكى بىردىنبىر پارىغا ئالدانمايدىغان ئىنسان» دەپ تەرىپلەنگەن. مارى كىيۇرى خانىمنىڭ كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئۇ گەرچە فىرانسىيە نوپۇسىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ پولەك مىللىي كىملىكىنى يوقاتمىغان ۋە بالىلىرىغىمۇ پولەك تىلىنى پىششىق ئۆگىتىپ ئۇلارنى پات-پات پولشاغا ئاپىرىپ تۇرغان. ئۇ يەنە 1898-يىلى تۇنجى بايقالغان رادىئوئاكتىپلىق ئېلىمېنتقا «پولونىي» دېگەن ئىسىمنى قويۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

بىر قىزغا دادا بولغىنىمدىن بۇيان، مەن قىزىمغا قايسى ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاۋۋال ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىغىنىمدا يادىمغا كىيۇرى خانىم كىلىدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان داڭلىق ئايال ئالىملارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەلىگەن بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايتتىم. قىززىق ئىش، ئاتا-بوۋىلىرىمىز «تۆگىگە مېنىپ تۆگە ئىزدەپتۇ» دېگەن بىر ھېكىمەتلىك تەمسىلنى قالدۇرغان ئىكەن. بىز ھەر دائىم ئۆزىمىز ئىزدەيدىغان كىشىنى يىراقلاردىن ئىزدەيدىكەنمىز-يۇ، ئەتراپىمىزدا دەل بىز ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە سەل قارايدىكەنمىز. ئامېرىكىدا تۇرۇپ داڭلىق ئايال ئالىملىرىمىزدىن رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۆزىنى بەكرەك ئېنژىنىر دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرمىغان بولسام چوقۇم ئۇنى داڭلىق ئالىمىمىز قاتارىدا سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم. چاتاق يېرى، قىزىممۇ ئۇنىڭ بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ چوڭ بولۇۋاتقان بولغاچقا، رەيھان ھەدەمنى داڭلىق ئالىم دېسەممۇ ئىشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. گەرچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدىن 10 ئەسىردىن بۇيان چىققان ئەڭ مەشھۇر تەبئىي پەن ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا قىزىمغا سۆزلەپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، قىزىم ئۈچۈن يەنىلا بىر ئايال ئالىم تېخىمۇ ماس ئىدى. تەلىيمگە يارىشا، بۇ غەمدىنمۇ قۇتۇلىدىغان ئوخشايمەن. يېقىندىن بىرى، شۇنداق بىر ئۇيغۇر ئايال ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم، قايىللىقىم كۇنسايىن ئېشىپ بارماقتا. ئۇ بىرەر قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان، بىر نەچچە كەسىپنىمۇ تەڭ ئىگىلىمىگەن. ئەمما كىيۇرى خانىم ماقالە ئېلان قىلغانغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ژورناللاردا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆز كەسپىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خۇددى كىيۇرى خانىمدەك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئېسل ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان. مېنىڭ نەزىرىمدە دوكتور مايسەم مۇتەللىپ - دەل ئۇيغۇرلاردىن چىققان كىيۇرى خانىمدۇر.



دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ بۇرۇنراق ئېسىمگە كەلمىگەنلىكى مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ئاتاقلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىر سېڭلىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئەمما ئۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىسەم تەپسىلىي ئۇچۇر تاپالمىغانلىقىم بەلكىم بۇنداق بولىشىدىكى بىر سەۋەپتۇر. رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن دوكتور مايسەم مۇتەللىپ توغرۇلۇق خىلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم چۈنكى ئۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. ئۆتكەن يىل 12-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭدىنمۇ بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋە ياخشى يازالماي قىلىشتىن ئەنسىرەپ مايسەم ھەدەم توغرۇلۇق ماقالە يېزىشقا تۇتۇش قىلالماي كەلگەن ئىدىم. ئەمما مۇشۇ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ئاڭلاپ، مەن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ۋە كىشىلەرگە بىلىنىشنىڭ ۋە مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئىلىم-پەن ساھەسىدە مايسەم مۇتەللىپتەك يىگانە بىر ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنماسلىقى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىگە قاراپ تۇرالمىدىم. ئۇ ئەسلى ھەر قانداق ئۇيغۇر ئالىمىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا تىگىشلىك، ئالىملار سورۇنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى... ئاددىيسى، مەندەك بىر ئەمدى تەتقىقات سېپىگە قەدەم قويغان ياش تەتقىقاتچىنىڭ ئەرزىمەس نەتىجىلىرىمۇ توردا تونۇشتۇرۇلۇپ ياشلارغا ئۈلگە قىلىندى. كىمدۇر بىرلىرى ئەڭ ياش دوكتور دەپ تونۇشتۇرۇلسا، يەنە بىرلىرى شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسا ئەڭ چوڭ بىئولوگىيە ئالىمى، يەنە كىملەردۇر قىلغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق تۇرسىمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپى…. دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن مۇۋاپىققىيەت ئىگىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما شۇنچە جاپالارنى چېكىپ ھەقىقىي دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇدەك تۆھپە يارىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىز مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا توغرا ئەمەس. مايسەم مۇتەللىپ ھەدەم بىلەن بىر كۆرۈشۈشنى ئىستىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپ ماڭا تېخى نېسىپ بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە مەن بىلگەن بەزى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشسامكەن دەيمەن، بەلكىم سىلەرمۇ بالىلارغا ئەمدى دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىشىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.



دوكتور مايسەم مۇتەللىپ بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سېڭلىسى بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرى ئەتراپىدىكى ئاۋات يېزىسىدا ياشايدىغان مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ۋە جەننەتخان ئانا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «مايسەم - بىزنىڭ بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان پەرزەنتىمىز» دەپ كەلگەن (مۇزەپپەر ئاكا ئاغزىدىن). شۆھرەتكام ئەينى يىللىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە، ئۇ ھەربىيلىكتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغان نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقى، سېڭلىسى مايسەمنىڭ ئوقۇشى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇپ، بىر يىلدىن كىيىن ناھايىتى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرستىتقا ئوقۇشقا كەلگەنلكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. كېىيىنچە ئۇلار بىرلىكتە روسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق تەتقىقات ئورنىغا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، ئوخشاش تەجىرىبخانىدا ئوخشاش ۋاقىتتا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئوخشاشلا ئەلا نەتىجىدە تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ، مايسەم ھەدەم بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ قالغان. ئۇ ئوقۇشىنى تاماملاپلا ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ئىنژىنىرلىقى كەسپىدە 11-ئورۇندا تۇرىدىغان، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قەدىمىي (1785-يىلى قۇرۇلغان)، مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىرى بولغان جورجىيە ئۇنىۋېرستېتىغا دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە كىلىپ ئامېرىكىدىكى ئىلمىي ھاياتىنى باشلىغان.



دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە خەلقىئارادىكى ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشنى ئەڭ بالدۇر باشلىغان ئالىم بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاكىسى شۆھرەت مۇتەللىپتىن بۇرۇنلا «تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى» ناملىق تەسىر كۆرسەتكۈچىسى 31.9 دىن ئاشىدىغان دۇنياغا داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، 2005-يىللىرى شۇ ماقالىسىدىن كىيىن ئامېرىكا CNN تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئامېرىكىدا تونۇلۇشقا باشلىغان.  ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتە ئۇلار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپتى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل قىلىنىش سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قانچىكى يۇقىرى تەسىرگە ئىگە ژورنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلسا، شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ۋە پايدىلىنىش قېتىم سانىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بىر ئالىم ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساس بولىدۇ ۋە ماقالىلىرىدا نەقىل ئېلىنىدۇ. خەلىقئارادا ئىلمىي ژورناللارنىڭ سۈپىتى ئۇلارنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، مەلۇم تەتقىقات يۆنىلىشىدە شۇ كەسپتىكى قايسى ژورنالنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولسا شۇ ژورنال ئەڭ ياخشى ژورنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىلمىي ژورناللار ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلى ۋە «ھۈجەيرە» ژورنىلى، ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان «تەبىئەت» ژورنىلى ۋە «تەبىئەت» نىڭ يانداشما ژورناللىرى بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ھازىرمۇ بۇ دۇنياۋى داڭلىق ژورناللارنىڭ ھەممىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ باققان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ 2005-يىلى «تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدا تونۇلغاندىن كىيىن، تەبئىي پەنلەردە دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستىت بولۇپ سانىلىدىغان ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئىنىستىتۇتى (MIT) تارمىقىدىكى ۋايىتھەد ئىنىستىتۇتى ئىنسان غول ھۈجەيرە ھۈجەيرە تەتقىقاتى تەجرىبخانىسىنىڭ دېرىكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنىغان. ۋايتھەد ئىنىستىتۇتى بىئولوگىيە ساھەسىدىكى 15 ئەڭ داڭلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىچىدە تەسىرى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرىستىتى، يالى ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ دوكتور مايسەم مۇتەللىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان MIT دا تەجىرىبخانا دېرىكـتورى بولۇپ ئىشلىگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ قالغان.







بىئولوگىيە ساھەسىدە ئەگەر بىر ئالىمنىڭ بارلىق ماقالىلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 1290 قېتىمدىن ئاشسا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 1% بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قاتارىغا تىزىلىدىغان بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ 2009-يىلى ھۈجەيرە ژورنىلىدا ئېلان قىلغان پاركىنسون كېىسلى ئۈستىدىكى بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىلا 999 قېتىم نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ قانچىلىك زور ئەمەلىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكى مانا شۇنىڭدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ نەقىل ئىلىنىش قېتىم سانى ئاللىقاچان ئەڭ داڭلىق 1% بىئولوگىيە ئالىملىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھەتتا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭمۇ ئالدىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ تۇنجى بولۇپ «ھۈجەيرە» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى، تۇنجى ۋە بىردىنبىر «ئىلىم-پەن» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى، شۇنداقلا تەسىر كۆرسەتكۈچى 30 دىن يۇقىرى ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان (5 پارچە) تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئايال ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ئويلىساق، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنى ھەقىقەتەنمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ كىيۇرى خانىمى» دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.

دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاساسلىقى ئىنسان غول ھۈجەيرىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسان غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ پاركىنسون كېسىلى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان ۋە 10-يىلدىن بىرى ئۆزى بوستوندا بېقىۋاتقان ئانىسى جەننەتخان ئانىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن پات ئارىدا ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى خۇددى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرغاندەكلا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى ئۇنىڭ قانچىلىك زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ ئۆزى يالغۇز ئانىسىنى 10 يىلدىن بېرى ئانچە-مۇنچە ئالمۇتاغا ئاپىرىپ ئەكەلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىزچىل بوستوندا ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئىلىشىدۇر. كەسىپتە شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئالىمنىڭ شۇنچە مۇھىم خىزمىتىنى قايرىپ قويۇپ، كۆپلەپ ئانىسىغا ۋاقىت ئاجرىتىشى ئۇنىڭ كەسىپتە ئىلگىرىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مايسەم مۇتەللىپ قىلچە تەۋرەنمەي، ۋايسىماي، بېقىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان پاركىنسون (مېڭە يىگىلەش) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىسىغا شۇنچە يىلدىن بىرى ئۆزى قاراپ كىلىۋىتىپتۇ. ئۇ دوستلۇقنىمۇ ناھايىتى قەدىرلەيدىغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا ئانىسىغا قاراش بىلەن خىزمىتى ئوتتۇرىسىدا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا دوستلىرى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن. ئۇنىڭمۇ ۋاقتى يار بەرگەندە دىيارىمىزدا زىيارەتتە بولغۇسى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سۆزلەپ بەرگۈسى بار ئىكەن.

يەنە بىر يېرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ شۇنچە زور نەتىجىلەرنى قازانغان بولسىمۇ، ئۇ ئىزچىل ئامېرىكىدىكى گېزىت-ژورناللارنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىزچىل ھالدا «مەن تەتقىقاتىمنى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن قىلىمەن، نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس» دەپ كەلگەن. ئۇنىڭ خىزمەت بېسىمىمۇ بەكلا ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى بېقىش بىلەن ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىدىغان بولغاچقا يېقىندى بىرى ئۆزىنىڭمۇ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەردە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ باقمىغان. بۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ… ئەمەلىيەتتە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسىلا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھەممىدىن بەكرەك تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى دەل دوكتور مايسەم مۇتەللىپتۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ قەيرىگە بارسا ئۇنىڭ بىر دۇنياۋى زور ئالىم ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ شۇنچە كەمتەرلىك بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ چوڭقۇر ئوكياندەك تىنچ يۈرۈشى ھازىرقى زاماندا ئاز تېپىلىدۇ.  ئۇ كەسىپ جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە كۆيۈمچانلىق، دوستانىلىك، ۋاپادارلىق ۋە كەمتەرلىك قاتارلىق ئېسل ئەخلاق-پەزىلەتلەردىمۇ ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىر مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر قىزىدۇر. ئۇ  داۋاملىق ھاياتلىق سىرلىرىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەتكە بەخىت ئىلىپ كىلىدىغان، بىۋاستە ئىنسانلارنى داۋالاشتا قوللانغىلى بولىدىغان تېخنىكىلارنى ياراتماقتا. بۇ جەھەتتىمۇ ئۇ كىيۇرى خانىمغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرى بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە، ياش ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىپ  سۆزلەپ بېرىشىمىزگە ۋە پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. مەن بۇندىن كىين قىزىمغا دوكتور مايسەم مۇتەللىپ توغرۇلۇق دائىم سۆزلەپ بېرىمەن، سىزچۇ؟

بىلگەجان (2014-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 17-كۈنى)

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى دوكتور رەيھان بەكتۇر بىلەن بىرلىكتە تەييارلاۋاتىمىز، پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ ماقالىنى ھېچقانداق رۇخسەتسىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ بارلىق مۇناسىپ ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. رەھمەت!





niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 11:40:56

قەيسەر مىجىتمۇ مايسەم مۇتەللىپ توغرىلىق بىر تېما يازغاندەك قىلغان باغداشتا.
بىر ئائىلىدىن ئاكا-سىڭىل ئىككى ئادەمنىڭ تەڭلا مۇشۇنداق چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسان ئەمەس جۇمۇ. قىلغان ئىشلىرى داۋاملىق ئۇتۇقلۇق بولغاي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 11:44:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 11:45  

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 11:40 static/image/common/back.gif
قەيسەر مىجىتمۇ مايسەم مۇتەللىپ توغرىلىق بىر تېما يازغ ...

شۇنداق، قەيسەر مىجىت ئاكا بىر ماقالىسدە مايسەم ھەدەمنى ئازراق تونۇشتۇرغان، ئەمما مەخسۇس ماقالە يېزىلىپ باقمىدى. قەيسەر ئاكا تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ كىيۇرى خانىمى دەپ ئاتىغان، مەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. :)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 11:58:30

ياخشىلارنى تونۇشتۇرۇشمۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشىسى. {:112:}{:112:}{:112:}

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 12:21:04

ئېسىل تېما، پەخىرلىك كىشىمىزدىن يەنە بىرنى تونۇۋېلىشقا مۇۋەىپپق بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن:)

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 12:27:56

مەنمۇ قىزىم، ئايالىم ۋە ئايالىم ۋە قېرىنداشلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن.
تېخىمۇ تەپسىلى، كۆپرەك تونۇشتۇرىشىڭىزنى ئۆمد قىلىمەن.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 12:42:58

مۇشۇنداق ئىسىل ماقالىلەر بىۋاستە توردا ئېلان قىلىنغاچقا بىر قىسىم كىشلەر تەرپىدىن مونوپول قىلىنغان ژورناللارغا قارماسلا بولدۇم .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 13:41:52

ئېسىل تىما، تارقىتىشقا باشلىدىم.

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 14:02:49

راس زادى

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 14:59:28

مايسەم ھەدىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ، كەمتەرلىكى، ۋاپادارلىقى مىنى تولىمۇ قايىل قىلدى......
‏بىزمۇ توختىماي تىرىشىدىغانلا بولساق ،كۆزلىگەن نىشانىمىزغا چوقۇم يىتەلەيمىز، بىزگە( بولۇپمۇ قىزلارغا)  ھايات يولىمىزدا ئۆرنەك بولالايدىغان ئالىمە ھەدىمىزنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
‏مۇمكىن بولسا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ئىش-ئىزلىرىدىن بەھرىمان بولساق........

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 15:19:07

مۇنداقراق بىر گەپنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە.
يا باشقىلار يازغىدەك ئىشلارنى قىلغىن، يا باشقىلار قىلغاننى يازغىن.
بىلگەجان ھەر ئىككىلىسىنى قىلىۋاتىسىز.ئاپىرىن!

ئانا تىلغا پىششىق بولۇش،يېزىقچە ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇش قانداقتۇر يازغۇچىلارنىڭلا ئىشى ئەمەس.چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى(مەيلى ماقالە ياكى ساياھەت خاتىرىسى بولسۇن) قانداق مەزمۇندا يېزىلسۇن،چۈشەنسەم چۈشەنمىسەم ئوقۇپ چىقىمەن ، تىلغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن ، دەۋاتقان كەسپىي گەپلەرنى چۈشەنمىسەممۇ تىلدىكى چىنلىق ۋە پاساھەتتىن ھوزۇرلىنىمەن.بۇ ھوزۇر ئەدەبىي ژۇرنال ئوقۇۋېتىپ ئالغان ھوزۇرغا زىنھار ئوخشىمايدۇ.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 15:58:59

چىن كۆڭلۈمدىن خوش بولدۇم، ئاللا ھەممىمىزگە شۇنداق يېڭىلمەس ئىرادە نېسىپ قىلغاي.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:21:29

ئالىمەنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن
مانا مەن قىزىمغا سۆزلەپ بېرىمەن، سايىپجامال دۆلەت خانىمنىمۇ قوشۇپ سۆزلەپ بېرىمەن

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:23:15

مايسەم ھەدىمىزنىڭ ئالىيجاناب روھىمۇ، بىلگەجان ئاكىمىزنىڭ ماۋۇ ئېسىل ماقالىسىمۇ بەكلا تەسىرلەندۈردى مېنى! شۇنداقلا مېنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، كەسىپداشداردىنكەنمىز ھەم. مەنمۇ تىرىشىمەن ئاخىرغىچە! رەھمەت بىلگەجان ئاكا!

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:37:25

    ئىسىل تېما !
يوللىغۇچى بېلگەجانغا كۆپ تەشەككۈر .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:45:32

كىيۇرى خانىمنىڭ كىچىگىدىن باشلاپلا تۇرمۇشنىڭ ھەر قانداق قيىنچىلىقى ئالدىدا باش ئەگمەي ، ئىنتايىن قەيسەر ئىرادە بىلەن بىلىم ئېلىش يولىدا تىرىشقانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
مايسەم مۇتەللىپ، شۆھرەت مۇتەللىپ ، بىلگەجانلارنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 17:29:55

ھەر قېتىم مۇشۇنداق خەۋەرنى .اڭلىسا، ئادەمنىڭ ئالغا ئىنتىلگۈسى بەك كىلىدىكەن،  غەيرەت قىلايلى دوسلا:)

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 17:36:52

مىللەتنىڭ بىئولوگىيە ئىشلىرى ھەقاسىڭلاغا قالدى بىلگەجان، بىز خاتىرجەم بولدۇق.:lol

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 17:37:27

ئۈچۈنچى ييىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا ئىككى يىلدىن بۇيان  ئوبدان ئوقۇپ ئالىم بولغۇن ئاللاھ خالىسا سىنى چەتئەللەرگىچەڭ ئوقۇتىمەن دەپ ئىلھام بېرىپ كىلىۋاتىمەن

ئوغلۇمغا ئالىملارنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەرگىنىم مىڭ قېتىم ئالىم بول دىگىنىمدىن ياخشاراق بولغۇدەك

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 19:03:55

ھازىرقى بالىلاردا ئەڭ كامچىل نەرسە دەل غايە .
بىر نىشان  بولمىسا ئادەم تېڭىرقاپ قالىدۇ .
بەت: [1] 2 3
: (bilgejan) ئۇيغۇردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ