wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 07:57:18

يىگانە ئارالدىكى ھىجران

دېڭزىنىڭ بويىدا دولقۇن ئاۋازى ،
غېرىبان ھېسلارغا بېرىدۇ ئۇدار .
ئۇزلۇقنىڭ تەڭدىشى يوق بۇ ئارالدا،
بىر ئۆزۈم ئولتۇردۇم ئۇيقۇدىن بىدار .

سىقسام ياش تۆكىدۇ قولۇمدىكى قۇم ،
مىسكىنمەن ھېلىلا يىغلايدىغاندەك .
ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە دېڭىزنىڭ سۈيى ،
تېنىمنى ھېلىلا يالمايدىغاندەك .

سېنىڭدەك يىغلاڭغۇ ئەمەس ھەرگىزمۇ ،
ئۇچالايدۇ قۇملىرى تەكلىماكاننىڭ .
يىغلىما ،يىغلىما قۇملار يىغلىما ،
مەنزىلى ئۇزۇندۇر شۇنداق ئارماننىڭ ...

يېقىنلا قىرغاقتا سانسىز كاتىرنىڭ ،
ئۆچتى شاملىرى ئەللەي  ئىلكىدە.
ئالەم ئۇشبۇ دەم كەتتى ئۇيقىغا ،
بىرلا مەن ئويغاقمەن ھىجىر دەردىدە .

چوڭ چۆمۈچ يۇلتۇزى سۇ ئىچ دېگەندەك ،
دۈم كۆرۈنىۋاتىدۇ ماڭا ئاسماندا .
ئوقۇرى ئېگىز ،شەرىتى كۆپ قىزلاردەك ،
بېشىنى ئەگمەيتىيا ماڭا ھويلامدا .

ۋەتەننى سېغىنىپ يىراق ئارالدا ،
دەردىمنى شئېرغا تۆكۈپلىۋالدىم .
گوگۇل خەرىتىسىدىن سايرامنى تېپىپ ،
يانفوننى باغرىمغا چىڭ بېسىۋالدىم .........

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىنوزىيە  لومبوك تىراۋانگان ئارىلى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 08:08:49

بەكمۇ تەسىرلىك شېئىر ئىكەن، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەگدى...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 08:12:29

بالى ئارىلىدىن  جاكارتاغا قاراپ ئۇچقان ،تور بار ئىكەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم ،ئاللاھقا ئامانەت ئەزىزلەر .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 08:17:16

ساياھەت كوپراتىپىمۇ ياكى خۇسۇسى ساياھەتمۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 08:46:10

مالايىسىيەنىڭ ئايرۇپىلانىمۇ ھىندىنوزىيەنىڭ ئايرۇپىلانىمۇ ؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 08:48:49

2-،3-مىسراسى ئېسىل يېزىلىپتۇ. كۆزدىن ياشنى تارتقۇدەك. سىز بىلەن ئويغاق ئولتۇرىمىز.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 09:06:29

بولسا رەسىملەر بولسا يوللىڭە ھۇزۇرلىنايلى!~

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 09:07:01

جاھاننى ئايلىنىشنى باشلاپلىدە

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 09:10:55

مەن شېئىر مەستانىسى {:112:}{:112:}

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:03:27

جۇدالىق، سېغىنىش ھېسىياتى شۇنداق تەسىرلىك ئىپادىلىنىپتۇ. ئىلھاملىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 16:17:31

باش سۆرىتىڭىزدىكى رەسىمنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن.

مۇنبەر ئەھلىنىڭ تەڭدىن كۆپرەكى،باش سۆرىتىڭىزدىكى ھەقىقەتنى چۈشەنمەي بىر-بىرىنى تىللىشىپ يۈرۋاتمامدۇ؟

رەخمەت سىزگە ۋاپادارىم.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 18:50:22

ياخشى چىقىپتۇ ما شېئىر...ھەي مۇشۇ مۇساپىرلىقتىكى ھېسلارنى قەلەمگە ئالالايدىغان كامالەت بولغان بولسا نەچچە توم شېئىر چىكىتەتتى جۇما مەندىن لېكىن!!..ھەي يالغۇزلۇق، غېرىبلىق...............:'(:'(

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 19:39:23

سەپەرلەر ئاق يوللۇق بولسۇن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 20:29:00

يازغان سەپەر خاتىرىسى بار ,ئاللاھ خالىسە قايىيقاندىن كىيىن رەسىم,سىن ,ئېيىتقان ناخشىلىرىم بىلەن يازىمەن تور ئەھلىگە رەھمەت
بەت: [1]
: يىگانە ئارالدىكى ھىجران