bahadirhaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 12:58:47

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى قانداقراق؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى ئاكا-ھەدىلەر،شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىنىمۇ بېرىپ بوپ ئارزۇ يېزىۋاتىمىز،1-ۋە2-تۈركۈمنى ئويلۇشۇپ بولدۇم،0-تۈركۈملا قالدى ،بۇ قېتىمقى مىللى تىل يېزىقتا (ئىجتىمائى)ئىمتاھان بەرگەن باللارغا 0-تۈركۈمدە يېزشقا بولىدىغىنى ئاساسلىقى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىرقىسىم نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان كەسىپلىرى بىلەن مەركىزى مىللەتلەت ئۇنۋېرستىتىنى بېرىپتۇ(ئەلۋەتتە ھەقسىز ئوقۇيمىز).
مەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنى يازايمىكىن دىگەن،كەسىپ پەقەت بىرلا بولۇپ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىكەن،سورىماقچى بولغان سوئالىم:
1.مەكتەپ شارائىتى،ئوقۇتۇش سۈپىتى،ئوقۇش كەيپىياتى قانداقراق؟
2. مەكتەپ ھەقىقى بىلىم بىرەلەيدىغان مەكتەپمۇ؟


bahadirhaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 13:01:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadirhaqan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-15 13:56  

ئارزۇ يېزىش ۋاقتى18-چىسىلا ئاخىرلىشىدۇ...

AbdusemetMamut يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 14:58:18

بىزدەك ئوقۇمىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا  ؛   بالامنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلمىسام خەپ{:101:}

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 15:07:41

مىنىڭچە بۇ مەكتەپ بۇلىدۇ .........
دىيارىمىزدىن چىققان ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۈلەن)،كۈڭۈلدىكى سۆز پىراگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ھەم پىلانلىغۇچىسى ئۈمۈد غەنى قاتارلىقلار مۇ   مۇشۇ  مەكتەپ نى پۈتتۈرگەن مىنىڭچە ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز بولسا مۇشۇ مەكتەپ نى تاللاش ئاقىلانىلىك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش -ئەگەر سىزنىڭ دىگىنىڭىز مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى بولماي بېيجىڭ  مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى بوپ قالسا ئۇ مەكتەپنى ھەرگىز تاللىماڭ .  بېيجىڭ  مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ئالدىڭىزنى قىلىپ سىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ.{:92:}

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 15:28:28

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرستنڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرنى بىلمەيدىكەنمەن لىكىن ياتاق، تاماق، ئەتراپتىكى مۇھىت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەدە ياخشى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ئاشقان ئاشخانىمۇ خىلى بار  لىكىن ئېزىپ تېزپ بيجڭ مىللەتلەر ئۇنۋرستغا بېرىپ قالماڭ:@
بييجڭدا ئككى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتى بار،بىرى ئەركىگى،يەنە بىرى چىشسى!

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 15:40:57

1.مەكتەپ شارائىتى،ئوقۇتۇش سۈپىتى،ئوقۇش كەيپىياتى قانداقراق؟
2. مەكتەپ ھەقىقى بىلىم بىرەلەيدىغان مەكتەپمۇ؟

بۇ ئىككى سۇئالغا بېرىدىغان جاۋاپ   ھەئە.  شۇنداق.
شارائىتى ياخشى.  گەپ سىزنىڭ شۇ شارائىتتىن قانداق پايدىلنىشىڭىزدا .
لىكىن بىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن باللار ھەرقانداق مەكتەپكە بارسا مەكتەپتىن رازى بولمايدۇ.  مەيلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى مەيلى چىڭخۇا ۋە مەيلى باشقا مەكتەپلەر بولسۇن.   
مېنىڭچە بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچلارنىڭ جۇڭگۇدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تاللشى.   ئىچكىردىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى بۇ مەكتەپتىن ئېشىپ چۈشسىمۇ شارائىت، مۇھىت جەھەتتە  بۇ مەكتەپكە يەتمەيدۇ.  

كەسىپتە ئۇتۇق قازنىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئۆزىڭىز.  


udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 16:59:53

ھىكايىدىكى پىرسۇناژلار مۇنبەرگە كىرىۋالغىلى تۇرۇپتىغۇ؟:lol:lol:lol:lol

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 17:08:14

بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار(قىزلار) جىق ، ئارىسىدىن بىرەرسى بىلەن تېپىشۋاسىڭىز چەت ئەلگە چىقمىقىڭىز ئاسانلىشىدۇ . ئەدەبىيات ئۇقۇشىڭىزغا مۇشۇ مەكتەپ ياكى غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ماس كىلىشى مۇمكىن ئىچكىردىكى مەكتەپلەر ئىچىدە .

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 17:32:21

مەكتەپنىڭ ھەرقايسى شارائىتلىرى ياخشى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركەزگە جايلاشقان ئەۋزەللىكى بىلەن يەنە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە . مەكتەپنىڭ يېنىدىلا  ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانا قاتارىدىكى پايتەخىت كۈتۈپخانىسى بار .
ئۈگۈنۈش قىلىشقا تازا ماس كىلىدۇ .   بىراق سىزگە دەيدىغىنىم ھەممىدىن مۇھىمى مەكتەپ ئەمەس . يۇرتىمىزدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردىمۇ شارائىتلار ئىنتايىن ياخشى   . ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنىلىقىڭىز   ،ئۇندىن قالسا كەسىپنى ياخشى تاللاڭ . سىزگە  ئامەت تىلەيمەن .

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 18:35:54

ئىچكىردە ئوقۇش ئۈچۈن :
1. يول مەسىلىسى ، ئايروپىلاندا بىرىپ كەلسىڭىز بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس ، پويىزدا بىرىپ كەلسىڭىز سەل جاپاراق ، بايراملاردا قايتالمايسىز .
2.تاماق مەسىلىسى ، شىنجاڭ پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىتى ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە ياخشىراق .
3.خىراجەت سەۋىيىسى  بىيجىڭنىڭ ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىدىن يۇقىرى بولىدۇ .
4. كەسىپ جەھەتتە ، ئەدەبىياتقا قىززىقسىڭىز شىنجاڭ پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىدىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەدەببىيات ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ ، ھەم ھەر خىل ئەدەبىياتچىلار سورۇنلىرى كۆپ بولىدۇ بىرىپ قاتنىشالايسىز .
ئالىي مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئوخشىمايدۇ ، بەكلا ئەركىن ، كەينىڭىزگە ھىچكىم كىرىۋالمايدۇ ،  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارتۇقچىلىقى يوقلار تۆت يىل ئوقۇپ بىر ۋاراق قەغەز ئىلىپ كىتىدۇ ، نۇرغۇن ۋاقىت ، پۇل، ياشلىقنى زىيان قىلىپ . ياخشى كۆرمەيدىغان كەسىپنى تاللاپ قىلىپ  كەسىپكە كىرىشەلمەي قالسىڭىز بىكارچى بولۇپلا ئۆتىسىز .
ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى تاللاڭ . ھەرگىزمۇ باشقىلار ئاۋۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى بار ، ماۋۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى بار دىسە ئەگىشىپ قالماڭ !
ئەمدى ئىككى مەكتەپنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىتى قايسى تەرەپتىن بولسۇن ، تاماق ، ياتاق ، شارائىت ... جەھەتتە مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتىدىن ياخشى ، مۇھىمى شىنجاڭدا تۇرسىڭىز شىنجاڭنىڭ مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالمايسىز ، كىيىن شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش نىشانىڭىز بولسا سىز ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىتنى پىششىق بىلىشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ مەكتەپ پۈتتۈرىسىز .
ئەگەر ئۈرۈمچىدىن چوڭراق  يەردە ئوقۇيمەن دىسىڭىز ، ئەدەبىياتقا قىزىقسىڭىز ئىچكىردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە مەركىزى مىللەر ئۈنۋىرسىتىتى شارائىت جەھەتتە باشقا مەكتەپلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .

سىزگە ئارزۇ توشقۇزىشتىن بۇرۇنقى كۈچلۈك تەۋسىيەرىم  ھىندىستاننىڭ 三傻大闹宝莱坞 مۇشۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئاندىن توشقۇزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 20:47:07

ئۈرمچىدە ئوقۇش ئەڭ ياخشى ئاقىلانە تاللاش، چۈنكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرنىڭ ئاجايىپ بىر شەھىرى...

Abdurehim22 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 21:05:16

مەن ئاۋۋال سىزدىن سوراپ باقسام : سىز ئۇيغۇر تىلى ( ياكى باشقا تىلدا ) يىزىلغان كىتابلاردىن قايسى_قايسىسىنى ئۇقۇپ باقتىڭىز ؟

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 21:18:46

مەركىزى مىللەتلەر ئونۈېستتى ياخشى مەكتەپ، بۇ يەردىكى  ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى، ئەتراپدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمەن،ئوقۇشنىلا بىلىمەن دىسە بۇ مەكتەپتە كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇپ چىقالايدۇ،بۇ مەكتەپ ھېلىقى 211 ۋە يەنە بىر قۇرلۇشتا بار نوقتىلىق ئالى مەكتەپ،ئەدەبىيات كەسپىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىقى بار،نەزەر دائىرىڭىزنى ئېچىش دۇنيانى چۈشىنىشتە ئالدىنقى تاللىشىڭىز  بولالايدۇ،كىيىن چەتتە ئوقۇش نىيىتىڭىز بولسا،پاسپورت بىجىرىشتە بىزگە پەرىقلىق مۇئامىلە قىلسىمۇ شىنجاڭغا قارىغاندا ئاسانراق

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 21:22:39

يەنىلا بېيجىڭ ياخشى،، يەنە كىلىپ كەسىپمۇ ياخشىكەن. بۇ مەكتەپ قاتناش تۈگنىگە جايلاشقان، 211ۋە 985 مەكتەپ،،،كەسىپتى پىشقاندا ھەقىقەتەن قىزىقسا گېرمانىيە تۈركىيەلەرگە بېرىپ تۈركشۇناسلىقتا بىلىم ئاشۇرۇش تۈرلىرى بار

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 07:46:16

مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن.
مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ئۈستىدە ئاساسەن دەپ بوپتۇ، مەنچە ھەممە شارائىتلار تولۇق ( مەنچە ئوقۇيمەن دەپ ئالىي مەكتەپ تاللىغان ئىكەن، تاماق، يول جاپاسى جاپا جاپا ئەمەس.) . مەكتەپ 211 ۋە 985 قۇرۇلۇشىغا كىرگەن نۇقتىلىق مەكتەپ، (شىنجاڭدىن 211 قۇرۇلىشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى بار. 985 قۇرۇلۇشىغا كىرگەن مەكتەپ يوق). ئۆگۈنۈش شارائىتى تامامەن تولۇق،  ئۆزىڭىزدە ئۆگۈنۈش روھى بولسىلا بۇ مەكتەپ ياخشى مەكتەپ.
چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتى ھەممەيلەنگە بارمۇ ئەمەس. دۆلەت فوندى بىلەن چىقىشقا تولۇق كۇرۇستىكىلەرگە ھەر يىلى 2-3 سان بار. ئاسپىرانىتلارغا بۇرۇن تولۇق سان بار ئىدى، ھازىر 7-8 سان بار. دوكتۇرلار چەتكە تولۇق چىقالايدۇ. ( يۇقىرىدىكىلەر مەكتەپكە بىرىلگەن سان ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغىلا بىرىلگەن سان).
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بولغان بىلەن 70% دەرىس تىل ھەققىدە (قەدىمكى ئۇيغۇرچە، چاغاتايچە، بۈگۈنكى ئۇيغۇرچە، تۈركىي تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى دېگەندەك)، 20% دەرىس ئەدەبىيات ھەققىدە (سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئەدەبىيات ئاساسلىرى، ئەدەبىي ئېقىملار دېگەندەك)، 10% دەرىس ئۇيغۇر تارىخى ۋە تەرجىمە ھەققىدە.  ئەگەر سىز يېزىقچىلىققا قىزىقسىڭىز بۇ مەكتەپ سىزگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرەلمەيدۇ. ئەگەر تىل تەتقىقاتىغا قىزىقسىڭىز، ياكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى نىيەت قىلسىڭىز بۇ مەكتەپ سىزگە ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 08:38:13

bahadirhaqan:
قالىسام تىرىشچان بالا ئوخشايسىز،بۇ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانى قاندارراق چىقىپتۇ؟نەچچە نۇمۇر مۆلچەرلىدىڭىز؟ماتىماتىكا  تەس چىقىپتىمۇ؟بالىلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئېمتىھانغا كۆزقارشى قانداقراق
بولدى؟
ئارزۇ تولدۇرۇشتا قانداق ئۆزگىرىش باركەن؟ ئەدەبىيات بىلەن خەنزۇتىلى ئېمتىھانىدا نېمە توغرۇلۇق ماقالە
چىقىپتۇ؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 08:47:03

ئوغۇل بالا بولغانكىن قۇربىڭ يەتسە ئىچىكىردە ئوقى، جىق يۇرت كۆرۈشنىڭ ئۆزى تېپلغۇسىز بىلىم

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 08:55:21

مەن باشقا ئىشلارنى بىلمىدىم، لېكىن بىلىدىغان بىر ئىشىم شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئۈرۈمچىنىڭ كازىۋەن باشقارمىسىغا جايلاشقان ئىكەن، ئۇ جاي مۇھىتى پۈتۈنلەي خ...لار بىلەن تولغان(ئەلۋەتتە سىزدەك ئوقۇشقا بارغانلاردىن باشقا)، مۇسۇلمانچە تاماقخانا يوق دىيەرلىك، مەسچىتمۇ بەك ئاز، شۇ جاينىڭ مۇھىتى دېگەندەك ماڭا ياقمىغان، ئەڭ مۇھىمى قاتناش مەسىلىسى بەك چاتاق يەركەن، مەكتىپىڭىزدىن چىقىپ 52 - يولنىڭ ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ (BRT بولمىغاندىكىن شۇنىڭغا چىقىسىزدە) دۆڭكۈۋرۈككە كەلگۈچە ئىككى ماشىنىدا بىر يېرىم سائەتتەك ۋاقىت تەلىيىڭىز بولمىسا ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ{:92:}
مۇشۇنداقكەن...لېكىن مەن سىزگە دېسەم ھازىرقى مەكتەپلەر سىز كۈتكەن بىلىمنى بېرەلمەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ روھىڭىزغا باغلىق مەسىلە:)

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 10:18:46

يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغانلار قايسى مەكتەپتە ئوقۇسا بولار ؟ ئادەتتىكى مەخسۇس كۇرۇس مەكتەپلەر ئىچىدىكى تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇسىمۇ بولامدىغاندۇ ؟

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 10:21:31

بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى يۇرتۋازلىق، ساۋادسىزلىق ۋە قارا قوساقلىققا قاراپ ئاغزىڭىزنى ئېچىپ قالىسىز.
لېكىن مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشى. سىزگە بىلىم بىرىدىغان جاي كۇتۇبخانا.
بەت: [1] 2 3
: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى قانداقراق؟