koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 10:52:10

دۇنيا لوڭقىسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ تىللىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-15 10:59  

برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھازىر ئوت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر كېچىنى كېچە دېمەي كۆرىۋاتىدۇ. ئۆزەم تىل- يېزىققا قىزىققاچقىمىكىن، ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ قايسى تىل ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغان بولۇپ قاپتىمەن. بۇ ئويلىغانلىرىم پىنھان قالمىسۇن دەپ، كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلىنىشنى لايىق تاپتىم.
(ئەسكەرتىش: ئوخشاش يىلتىزلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشكىلى بولىدىغان ئىككى تىلنى بىر دەپ يازدىم، يەنە بەزى دۆلەتلەردە 2-3 رەسمىي تىل بار، تېخى رەسمىي تىل بىلەن ئاۋام تىلى ئوخشاپ كەتمەيدىغان دۆلەتلەرمۇ بار. شۇڭا بىر كوماندا بىر قانچە تىلغا ئورتاق بولۇپ قالىدۇ. قالغىنى تۆۋەندە كۆرىسىز)
1. ئىسپان تىللىق كوماندا: ئىسپانىيە، مىكسىكا، چىلى، كولومبىيە، ئۇراگۋاي، كوستارىكا، ئېكىۋاتور، ھوندۇراس، ئارگېنتىنا. جەمئىي 9 كوماندا بولۇپ، پۈتۈن مۇسابىقىدىكى ئەڭ كۆپ كوماندا ئىشلىتىدىغان تىل ھېساپلىنىدۇ.
2. ئېنگلىز تىللىق كوماندا: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، نېگىرىيە (ئېنگلىز تىلى نېگرىيەنىڭ رەسمىي تىلى)، كامېرون (كامېروننىڭ رەسمىي تىلى فرانسوزچە ۋە ئېنگلىزچە)
3. فرانسوز تىللىق كوماندا: فرانسىيە، شۋېتسارىيە (شۋېتسارىيەدە نېمىش، فرانسوز ۋە ئىتالىيان 3 تىل تەڭلا رەسمىي تىل)، كامېرون (كامېروننىڭ رەسمىي تىلى فرانسوزچە ۋە ئېنگلىزچە)،  كوتىدوۋىر (فرانسوز تىلى كوتىدوۋىرنىڭ رەسمىي تىلى)، ئالجىرىيە (فرانسوزچە ئالجىرىيەدە خېلى ئوموملاشقان)
4. سلاۋىيان تىللىق كوماندا: رۇسىيە، كرودىيە، مونتىنېگرو. (ئورۇس تىلى شەرقىي سلاۋىيان تىلىغا تەۋە بولۇپ، جەنۇبىي سلاۋىيان تىللىرى بولغان خورۋات (كرودىيە) ۋە مونتىنېگرو تىللىرى بىلەن ئۆز ئارا چۈشۈنۈشكىلى بولىدۇ. لېكىن غەربىي سلاۋىيان تىللىرى بولغان پولىك (پولشا)، چىخ ۋە سلوۋاك تىللىرى بىلەن چۈشۈنۈشكىلى بولمايدۇ. ئەگەر پولشا قاتنىشىپ قالغان بولسا، يەنە ئايرىم تىلغا ئايرىپ يېزىشىم مۇمكىن ئىدى)
5. پورتۇگال تىللىق كوماندا: برازىلىيە، پورتۇگالىيە.
6. نېمىس تىللىق كوماندا: گېرمانىيە، شۋىتسارىيە.
7. ئىتالىيان تىللىق كوماندا: ئىتالىيە، شۋىتسارىيە.
8. ياپون تىللىق كوماندا: ياپونىيە
9. كورىيو تىللىق كوماندا: كورىيە
10. داچ تىللىق كوماندا: گوللاندىيە
11. يونان تىللىق كوماندا: گرېتسىيە
12. ئەرەب تىللىق كوماندا: ئالجىرىيە

جەمئىي 12 تىل بۇ قېتىمقى كوماندىدىكى ئاساسلىق تىللار بولۇپ قاپتۇ!

يەنە، كوتىدوۋىردا ئاقان، ماندى قاتارلىق يەرلىك تىللار بار، نېگىرىيەدە فۇلانى، يورۇبا ۋە ئىبو قاتارلىق 3 چوڭ يەرلىك تىل بار، كامېروندا فوربى ۋە باشقا بانتو تىللىرى بار، ئالجىرىيەدە بەربەر ۋە مۇزاب قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بار، لېكىن بۇ تىللارنىڭ ھېچقايىسى شۇ دۆلەتتىكى رەسمىي تىل ئەمەس، پەقەت مەھەللىۋى تىللارغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەتتا بەزەنلىرىنىڭ يېزىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇ تىللارنى كوماندا تىلى قاتارىدا قوشمىدىم.
مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىرەر تۈركىي تىللىق دۆلەتنىڭ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، تۈركىيە ياكى ئۆزبېكىستاننىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس ئۇنداق بولماي قالدى. لېكىن تورداشلاردىنمۇ ماڭا ئوخشاش ئويلىغانلارنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلمىدىم!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-15 15:24):
يەنە ئىران بىلەن گانانى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
13. پارس تىللىق كوماندا: ئىران
گانا ئېنگلىز تىللىق كوماندا

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-15 15:25):
شۇنداق بولغاندا، جەمئىي 13 تىل بولغۇدەك.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 14:26:09

بۇ قېتىملىق رۇسسىيە پۇتبول كوماندىسىدا ئۇيغۇر بار دەيدۇ. ھەمدە تۇنجى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر دەپ ئۇ بۇ يەرلەردە ئېقىپ يۈرىدۇ. مەن قارىسام ھېچ ئۇيغۇردىن بىرسى يوقتەك. ھاياجانمىدۇ ياكى مەن تاپالماي قالدىممۇ؟
Player        Num        Position
Aleksandr Kerzhakov
11
Forward
Igor Akinfeev
1
Goalkeeper
Alan Dzagoev
10
Midfielder
Igor Denisov
7
Midfielder
Yuri Zhirkov
18
Defender
Aleksandr Kokorin
9
Midfielder
Sergei Ignashevich
4
Defender
Aleksandr Samedov
19
Midfielder
Vasili Berezutski
14
Defender
Denis Glushakov
8
Midfielder
Dmitri Kombarov
23
Defender
Oleg Shatov
17
Midfielder
Viktor Fayzulin
20
Midfielder
Andrey Yeshchenko
22
Defender
Yuri Lodigin
12
Goalkeeper
Vladimir Granat
13
Defender
Georgi Schennikov
3
Defender
Maksim Kanunnikov
6
Forward
Aleksei Ionov
21
Forward
Aleksei Anatolyevich Kozlov
2
Defender
Pavel Mogilevets
15
Midfielder
Sergey Viktorovich Ryzhikov
16
Goalkeeper
Andrei Sergeyevich Semyonov
5
Defender

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 14:44:52

تۆنۈگۈندىن بۇيان مەنمۇ «دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان تۈنجى ئۇيغۇر»نى توردىن ئىزدەۋاتىمەن. لېكىن نەتىجە يوق.
تۈركمەنىستانلىق جامالىدىن غوجامنىياز دېگەن يىگىتنى رۇسىيە كوماندىسىدا بار دەيدۇ، لېكىن ئۇمۇ تىزىملىكتە يوق بولۇپ چىقتى.
سەل سەۋر قىلايلى، چىقىپمۇ قالار!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 16:31:53

پارىس تىللىق كوماندا ئىران.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 16:51:41

بىر كۇنلەردە بىزمۇ قاتنىشىمىز دۇنيا لوڭقىسىغا

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 17:21:14

بۇ كوماندىلاردا تۈركىي تىللىق بىرەر ماھىر بار دېسەك، شۇ ئىران كوماندىسىدىن چىقىپ قالامدىكىن.
چۈنكى ئىراننىڭ شەرقىي ئەزەربەيجان ۋە غەربىي ئەزەربەيجان دەپ ئۆلكىلىرى بار، تۈركمەنلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، يەنە 5- 6 مىڭ ئۇيغۇر بار.  تۈركىي مىللەتلەر ئىران نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %30نى ئىگىلەيدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 17:36:33

توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال دەپتىكەن كونىلار

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 18:02:06

بۇگۈن دوسلار چەمبىرىكىدە  روسيە كاماندىسىدىكى ئۇيغۇر دەپ بىر تېما چۆگىلەپ يۈرىدۇ .

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 19:10:12

http://news.elkuyi.com/show.php?mid=22984 :funk:

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 19:49:23

{:92:}ئەلكۇيى يەنە كۆچۈرمىكەچلىكنى باشلاپتۇ. مەنبە : ئەلكۈيى. دەھشەت تىزدە سۈرئەت

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 21:01:34

tarim يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 18:54 static/image/common/back.gif
روسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 23 كىشلىك تىزىملىكىنى خېلى ب ...

https://vk.com/djamik180618  مۇشۇ شۇ بالىنىڭ ۋ ك سى روسچە ئۇقسىڭىز  ئوقۇپ موھىم  مەزمۇنلاردىن خەۋەردار  قىلسىڭىز

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 11:59:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 12:01  

يۈزى قېلىن گۇيلار، بىردەمدە ئوغۇلارپ بوپتۇ بۇ خەۋەرنى....
بوپتىلا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر كورسە ياخشى ئەمەسمۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئاخىرىدىكى ئۆزىمىزنىڭ تۈركىي قەۋىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان گەپنىڭ تارقالغىنى ياخشى بولدى.  
لېكىن كىمنىڭ يازغانلىقىنى دېمەي ياخشى قىپتۇ، چۈنكى مەن بىلگىيەنى قوشۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ! :lol
سەت بولدى ھە!{:90:}

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 12:17:13

RAUL113 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 19:10 static/image/common/back.gif
http://news.elkuyi.com/show.php?mid=22984

ئوكيان تورىنىڭمۇ نۇرغۇن خەۋەرلىرنى ئوغۇرلايدىكەنتۇق بۇ ئەلكۇيى ، مۇشۇ تىمىنىمۇ خەۋەر قىلىپ ئوغۇرلىغىنىنى ، نۇمۇسسىزلىقتە بۇ .

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-16 13:03:45

ئەلكۈيىدىكى ئېشەكلەرنىڭ كۆچۈرمۈكەشلىك سەۋىيەسى بەكلا تۆۋەنغۇ ؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 00:42:28

    ھاياجانلانمايلى بالىلار ، گەپ يۈزدە ياخشى دەپتىكەن .
بەت: [1]
: دۇنيا لوڭقىسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ تىللىرى