yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 22:57:54

كەمتۈك ھېكايەت 3- يەنە بىر ئانا تاپالمايمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 23:00  

ئىزاھات: مەن باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھېكايەت، تەربىيە- نەسىھەتلەردىن يادىمدا قالغان قىسمىنى تورداشلارغا سۇنغاچقا مۇشۇنداق بايانلارغا « كەمتۈك ھېكايەت » دەپ نام قويدۇم.
...
بۇنى 1988-1989- يىللىرى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنىستېتوتىنىڭ ئەخلاق- تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى( ئىسمى ئابىدەغۇ دەيمەن) دەپ بەرگەن.

بۇ، شۇ چاغدا  تەيۋەندە بولغان  ئىشكەن.  بىر يىگىت ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى بېقىپ ئاممىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپتۇ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن:
- ئانىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن نەچچە يىلىغىچە ئايالىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرماي ئانىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپسىز...
- شۇنداق، مېنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئانام بار، يەنە بىر ئانا تاپالمايمەن ئەمما ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇدىغان ئايالدىن نەچچىنى تاپالىشىم مۇمكىن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 08:44:36

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 09:04:53

ھازىر ئاتا ئانىسى رازى قىلىشنى ئويلايدىغانلار بەك ئازمىكى دەيمەن . نەگىلا بارسام يا ئانىسىنى يا دادىسىنى سىلكىشلىگەننىڭ ئۈستىگىلا بارىمەن، ئىچىم غىققىدە بوپ قالىدۇ .

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 09:10:43

ئايالىمۇ نىمىشقا قېينئانىسىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرمايدۇ؟

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 09:32:37

كەمتۇك ھىكايە، پۇتۇنلىگەندە كىلىڭلار يوليار  مۇنبەرنى كىر قىلماي

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 09:39:48

يوليار ئاكا،ئاشۇ سىز ئۇقۇغان ئالىي مەكتەپتىكى تەسىرلىك ئىشلارنى،ئۇنتۇلماس ئۈرۈمچى ،ساۋاقداشلار ئارا دوستلۇق
قاتارلىقلارنى بىر دەپ بەرسىڭىز؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 10:27:59

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 09:10 static/image/common/back.gif
ئايالىمۇ نىمىشقا قېينئانىسىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرمايدۇ ...

ئانىسى پالەچتەك كېسەلگە گېرىپتار بولغان بولسا شۇنداق قىلغاندۇ.
يەنە تىرىشىپ ئەسلەپ باقسام ؛ ئايالى شۇنداق قىلىشقا قوشۇلغاندەك...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 11:00:34

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 09:39 static/image/common/back.gif
يوليار ئاكا،ئاشۇ سىز ئۇقۇغان ئالىي مەكتەپتىكى تەسىرلى ...

ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئىش:
ئېغىر كېسەلگە بولۇپ تىببى ئۇنىۋېرىستىت دوختۇرخانىسىدا ياتاقتا يېتىپ قالغان ۋاقتىم دەپ قارايمەن.
1- شۇ چاغدا تىببى ئۇنىۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان دوستۇم ھەركۈنى چۈشتە ئاۋال ماڭا پولو ئەكىلىپ بېرىپ ئاندىن ئۆزى تاماق يېگىنى بولدى.ئۆيدىكىلەر كەلگەندىمۇ شۇنداق قىلدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بالنىستىدا ياتقاندىمۇ بىر بېكەت يولنى بېسىپ شۇنداق قىلدى.  جۇغى جەمى 15 كۈنچە يېتىپتىمەن. ئانام رەھمەتلىكنىڭ بۇ دوستۇمغا بەرگەن باھاسى « ئۆز پەرزەنتىم بولسىمۇ مۇشۇ دوستۇڭچىلىك قىلاتى» بولدى.
2- ياتاقتا ياتقان كۈننىڭ ئەتىسى باشقا بۆلۈمگە يۆتكەلگەن ئىدىم. كارىدۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدىم، ماڭا ھەمراھ بولۇدىغانغا ئۆيدىكىلەر كېلىپ بولالمىغانتى.
ئەتىگەندە ناشتا قىلىشقا ئەھۋالىم يار بەرمەيتتى. بېشىمنى كۆتۈرسەملا بېشىم قېىپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشاتتى. قوسىقىم قاتتىق ئاچقانتى.
شۇ چاغدا يېنىمدا 50 ياشتىن ئاشقانراق بىر ئادەم بىر پىيالە چاي بىلەن نان تۇتقان ھالدا پەيدا بولدى، ئۇ ئاكىمىزمۇ بالىسغا قاراۋېتىپتىكەن. ئاغزىمغا بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن نان سالدى. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلگەن ھالدا ناشتا قىلدىم، گېلىم بوغۇلۇپ « رەھمەت ئاكا» دېگەننى ئاران دېيەلىدىم.
ئاشۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، يادىمدا قالغىنى « ئۇكام ئىككىلىمىز بىر يۇرتتىنكەنمىز، بىزمۇ ئاتۇشتىن، ئارىلىقىمىز يېقىن بولغاندىكىن ساقايغاندا ئاتۇش تەرەپكە ئۆتسىلىرى ئاللاھ خالىسا ئۇچرىشىپمۇ قالىمىز» دېگەن گېپى بولدى.
3- شۇ كۈنى چۈشتە كورلا تەۋەسىدىن كەلگەن بىر ئاچىمىز ( 30 ياشلاردا بولسا كېرەك)، ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنىڭ كېسىلىگە قارىغاچ  ماڭىمۇ تاماق بەردى.
4- ئەتىسى يالغۇز كىشىلىك ياتاققا يۆتكەلدىم، ئانام رەھمەتلىك كەلگەن بولسىمۇ بۇ جەرياندا ساۋاغداشلىرىم بىر كۈندىن نۆۋەتلىشىپ ماڭا قارىدى.
5- شۇ چاغدا ئانام رەھمەتلىك ئاپتۇۋۇزدا كەلگۈچە روزى تۇتۇپ كەپتىكەن. ( ئاللاھ ئىگەم رەھمەتلىك ئۇ دۇنيالىقىنى ياخشى قىلغاي)
بۇ 1989- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرى 5- ئاينىڭ باشلىرىدا بولغان ئىش.
يۇقارقى ئىشلارنى ھەر قېتىم ئەسلىسەم ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزۈم لىققىدە ياشقا تولىدۇ.
سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز بىلەن شۇلارنى يەنە بىر ياد ئەتتىم ۋە ئىچىمدىكى ئاچچىقنى كۆز ياشلار بىلەن بىر چىقىرىۋېلىپ بىراز يىنىكلەپ قالدىم.  

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 20:52:52

oyuncu يوللىغان ۋاقتى  2014-6-15 09:32 static/image/common/back.gif
كەمتۇك ھىكايە، پۇتۇنلىگەندە كىلىڭلار يوليار  مۇنبەرنى ...

ئەقلى ھۇشى خۇدىنى يوقاتقان، تەپەككۇرى گەدىنىگە ئۆتۈپ قالغان مانىستىر.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 21:00:21

ئىككى بالىغا دادا بولغاندىن كىيىن شۇنى قىلدىمكى ، ئاتا-ئانىسغا ھۆرۆ-پۆتۆ دېگەن ياكى شىلتىڭ ئاتقاننى گەپمۇ سورىماي بىر يىل ئېغىر ئەمگەككە سېلىش كېرەك، ئەگەر ئاتائانىسىغا مۇش ئاتقان بولسا دارغا ئېسىش جاجاسى بېرىش كېرەك.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 09:03:39

3 كوي{:92:}

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 09:04:43

ئاتا ئانا تېپىلمايدۇ، خاتون دېگەن تولا، گەرچە كەمتۈك بولغاچقا ھېكايەت تەپسىلاتىنى بىلمىگەن بولساممۇ ئايالىنىڭ قېشىدا تۇرۇشقا شارائىتى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن
بەت: [1]
: كەمتۈك ھېكايەت 3- يەنە بىر ئانا تاپالمايمەن