tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 00:36:48

ياشانغان ئاتىنىڭ قومۇل ئىكىلۇگىيە تەسەۋۋۇرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 00:51  

بۇ قولۇمغا چۇشۇپ قالغان قومۇل ئىكىلۇگىيە تەسەۋۋۇرىنى يازغۇچى بىر 74 ياشقا كىرگەن قومۇللۇق تۇلۇق ئوتتۇرا سەۋيەدىكى ياشانغان ئاتىمىز بولۇپ ،مەن سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى نەۋرە ئىنىمدىن بۇ توغۇرلۇق ئاڭلىغىنىمدا ئالدى بىلەن بۇ ياشانغان ئاتىمىزنىڭ دىيارىمىز قومۇلنىڭ ئىكلۇگىيىسى ئۇچۇن باش قاتۇرغانلىقىغا چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم . نۇرغۇن ياشانغان پىنسىيونىرلىرمىز پاي ئويناپ جاھاندىن بىغەم يۇرگەن موشۇنداق بىر ۋاقىتلاردا بۇ ياشانغان ئاتىمىزنىڭ قومۇل ئىكىلۇگىيەسى ئۇچۇن باش قاتۇرغانلىقى ھەمدە كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ غېمىنى يىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا بىر تېپىلغۇسىز روھ ،
ئادەتتە كەمىنە توخوتۇر باشقىلارنىڭ  سەلبى ئىنكاسىغا بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىسەممۇ(تور دىگەن ھەر خىل ئىنكاسلارغا قۇچاق ئاچىدۇ ، تورغا چىققانلارمۇ ھەر خىل ئىنكاسلارغا قۇچاق ئېچىشى كېرەك دەپ قارىساممۇ ) بۇ تىمىدا تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى سەمىڭلارغا سالاي ئىنكاس يازغاندا سەلبى ئىنكاس يېزىشتىن ساقلانساق .ياشانغاندا ئادەمنىڭ كۆڭلى نازۇكلىىشپ كىتىدۇ . قالغىنىنى تورداشلار كۆرۇپ باقسا ........................     

                                                                   مۇقەددەس ۋەزىپە ، شەرەپلىك مۇشكىلات

                                                                          مۇھەممەت شاۋان

چىراغنىڭ يېغى تۇگىسە ئۆچۇدۇ ، تەبىئەتنىڭ سۇيى تۇگىسە كۆچىدۇ . بۇ تەبئى قانۇنىيەت ، ئىلىم -مەرىپەتچىلەرگە ئېنىق مەسەلە .
     ئەسلى يۇرتىمىز قومۇلدا شىمالدىكى ئاساسى سۇ مەنبەسى بولغان قارلىق مۇز تاغنىڭ شەرقتىن غەربى باركۆلدىن ، تاغ تىزمىسى داۋامى داۋانچىڭغىچە ئىگىز چوققىلىرى قىش -ياز ئېرىمەيدىغان قار -مۇز قاپلاپ تۇرىدىغان ، ھەتتا بەزى يىللىرى 10نەچچە كۇن قار-يامغۇر يېغىپ ، زور سۇ ئاپەتلىرى بولۇپ تۇرىدىغانلىقى   ھەققىدە ئاتا -بۇۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان . مەن ئۆزەمنى بىلسەممۇ شۇنداق قار - يامغۇرلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۇزگەن ،شۇ دەۋىرلەردە ھازىرقى قاقاس تاغ ئۇستى ئالدى ئېتىگى بولغان كەڭ تۈزلەڭ سايلاردا ياڭاق ، ئۆرۇك ، ئالما ، قارىغاي ، كۆك دەرەخ ، شونا ، قارىغىن ، قارىياغاچ ، توغراق ، يۇلغۇن ، قاتارلىق چاتقاللىق ئورمانلىىرى بىلەن ئوتلاق يايلۇلىرى بولۇپ ، تاغ جىرالىرىدا سۇلار ئېقىپ چىقىپ تۇرىدىغان ، بەزى يەرلەردىقن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان بولاقلىرى بولغان . ئۇ زىمىندا توپ -توپ يۇرۇيدىغان ياۋايى جانۋارلاردىن جەرەن ، توشقان مارال ، بۇغا ، ياۋا ئىشەك ، ئات ، تۆگىلەر يەنە يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن بۆرە ، يىلپىز ، قاپلان ، تۈلكە قاتارلىق جانىۋارلار ئەركىن ياشاپ كەلگەن .ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى تۇپەيلىدىن قالاق دىھقانچىلىق بۇ زىمىننى ھازىرقى ھالغا كەلتۇرۇپ قويغان . شۇنىڭ بىلەن تاغ جەزىرە ئۇستىدىكى بىر قانچە مېتىر تۇپراقنى بوران ئۇچۇرۇپ ، قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان . يۇرتىمىزنىڭ بۇلاق سۇيىدىن شەكىللەنگەن شەكىللەنگەن ھازىرقى شەرقى غەربىي ئۆستەڭ سۇلىرى ،قاغۇم ئېرىق ، دۆش ئېرىق ، كۆتەمە ئېرىق ، قارسۇ ئېرىق ، غول ئېرىق موشۇ دائىرە ئىچىدە كەڭ كۇشادە تەمىنلەيتتى . غەرىپ شەرق ئۆستەڭلەردىكى  قالدى ئېشنغان سۇلار راھەتباغنىڭ ئايىغىنى تەمىنلەيتتتى . بۇ سۇلار قۇدۇق كولاش تۇپەيلىدىن يوقۇرقى ئۆستەڭلەر قۇرۇپ ئۆز رولىنى يوقاتتى . لېكىن ئۆتمۇشتىن تارتىپ ، يۇرتىمىزدا "يەر ئاستى سۇيىدىن پايدىلنىش تەرغىپ قىلىنىپ كەلگۇسىدىكى كىلىدىغان تارىخى ئاپەتتىن خەۋرى يوق ،كارىز كولاپ يۇرتىمىز بىلەن مۇقەددەس تاغلىرى ئارسىدىكى غەرىپكە سوزۇلغان داۋامى داۋانچىڭغىچە ياۋايى جانۋارلارنىڭ تەبئى ئىھاتە ئورمان ئوتلاقلىرىنى بىراق قۇرۇتۇپ ، جانۋارلارنى زىمىندىن ئايرۋېتىپ ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئوتتۇرا قۇرغاق بەلۋىغىنى شەكىللەندۇرۇپ ، تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس جازاسىغا ئۇچرىغان ئىنسان ئۆتمىشىنى ئۇنتۇپ ، بۇگۇنكى يېڭى ئىلىم - پەن تېخنىكىسى بىلەن دۇنياغا تونىلۋاتقان جۇڭخۇا ئېلىدىمۇ ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ ، خاتالىقنى تەكرارلاشتىن ئارتۇق نادانلىق بولامدۇ . -دەپ قاراپ كىچىكىمدىن ئويلىنىش ئىچىدە تەپەككۇر قىلۋاتقان . لېكىن ئوتتۇرغا قويۇشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتقان شارائىتتا 2005 -يىلى 7-ئاينىڭ قايسى بىر كۇنى قومۇل ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ تېلۋۇزۇر خەۋرىدە يەنە يەر ئاستى سۇلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلنىش ، سۇنى تىجەپ ئىشلىتىش ، قارىدۆۋە ،بوغاز  سۇ ئامبارلىرىنى قايتا رىمونىت قىلىشقا نۇرغۇن ئىقتىسات ئاجراتقىنى ئىلھام بولۇپ ، ھەم دۇنياغا تونۇلغان سەنشىيا سۇ ئامبىرىغا زور ئىقتىسات ئاجراتقان بۇگۇنكى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ تەرققىياتى ، مېنى ئاخىرى بۇ "مۇقەددەس ۋەزىپە شەرەپلىك مۇشكىلات   " نى ئوتتۇرغا قويۇپ قويۇشۇمغا   بىر ئىلھام بولدى . بۇ ئىلىمى تەپەككۇرۇمنى  قومۇل ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشنى سورايمەن     .  چۇنكى تۇرىۋاتقان زىمىن ئىھتىياجىمىز سەۋەپلىك قۇدۇق كولاپ يەر سۇغۇرۇپ يەر ئاستى سۇ يۇزى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ ،، شۇ سەۋەپلىك يۇرتىمىز يىلدىن يىلغا چۆللىشىۋاتىدۇ . بۇ قومۇل رەھبەرلىرى ئالدىدىكى چوڭ مۇشكىلات ، شۇڭا ھەممىمىز موشۇ دىيارى قومۇلدا ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ، ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان پىكىرلىشىش ، باش قاتۇرۇش مەجبوريىتىمىز بار دەپ ئويلايمەن . چۇنكى ئەل يۇرتنىڭ بىزنى ئىلىم -پەن بىلەن تەربىيلىگەن ئەجرىگە بىر ئۈلۈش پىكىر قىلماسلىقتىن ئارتۇق نادانلىق بولمىسا كېرەك . چۇنكى زىمىنىمىز ئەۋلادىلىرىمىزغا يەنىلا كېرەك بولۇدۇ ئەمەسمۇ ؟ بۇ زىمىننى شۇنداق مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن قۇرۇتىۋېىتشكە قەتئى بولمايدۇ . شۇڭا ئىلمى تەپەككۇرۇمنى قويۇشىنى قارار قىلىدىم .

                                                                           مېنىڭ ئىلمى تەپەككۇرۇم
تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا توۋەن قاتلام تۇزلەڭلىكتە يىلىدىن يىلغا كىلمات ئىسىپ قاقاسلىشىش تۇپەيلىدىن ھاۋا نەملىشىش بىلەن يېغىن بولۇشتىن ئۇمۇت قالمىدى . لېكىن يېققىنقى يىللاردىن بۇيان تارىم دەريا سۇيىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قويۇپ  بىرىش بىلەن قسىمەن قار -يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئىھتىياجىمىزدىن بەك يىراق تۇرىۋاتىدۇ ، بۇ ھەممىگە ئايان . شۇڭا ئەڭ يوقۇرى ئاتمۇسفىرا غا ئەڭ يېققىن ، قىش -ياز سوغاق قارلىق تاققا نەزەر سالساق ئەتىراپىدىن چوڭ قۇرۇقلۇق شامىلى ئۇرۇپ ھاۋا ئۆزىنى نەملەش ھىسابىغا قارلىق تاغ دائىرسى تارلىشىۋاتىدۇ .پۇتۇن تاغ -تىزما يايلاۋلىرى قۇرىۋاتىدۇ ، ئەسلى ئۆستەڭلىردىن ئات بىلەن ئۆتكىلى بولمايدىغان غول دەر يا سۇيىدىن ھازىر كىچىك باللارمۇ ئۆتۇپ كىتىش خەۋرى كىشىنى چۆچىتمەي قالامدۇ ؟ قومۇل رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسەلىنى جىددى تەكشۇرشىنى ئىلتىماس قىلىمەن . چۇنكى بۇ ئەمىليەت . بۇ بىزگە تەبئەتنىڭ كايىشى ، چۇنكى پايدىلنىشنى بىلىپ ، تەبىئەتكە خىزمەت قىلىشنى بىلمىسەك ، تەييارغا ھەييار بولۇپ قالىمىز ، ئەجىرسىز مال دۇنيادىن ئايرىلغاندەك زىمىنىمىزدىن ئۆتمۇشتىكىدەك  ئايرىلىپ قالىمىز ، بۇنىسى ھەقىقەت . شۇڭا ئەڭ يوقۇرى ئاتمۇسفىراغا يېققىن كۆكسىدە بۇلۇتلار لەيلەپ يۇرۇيدىغان قارلىق مۇز تاغنى چۆرىدەپ ، زور توسما بىلەن باغلاپ ، توسمىغا زور قار يېغىن كەلكۇنلەرنى باشلاپ ، قارلىق تاغنىڭ دائىرسىنى كېڭەيتىپ ، سۇ توڭلىغاندىن كىيىن تىمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ ،قارلىق تاغنىڭ نەملىكىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ زور قار يامغۇر ياغدۇرۇپ ، بۇ زور ھۆل يېغىن كەلكۇن سۇلىرىنى تاغ ئارىسغا باشلاپ ، ئۇيقۇدا ياتقان تىيانشاننى جانلاندۇرۇپ ،ئوتلاق يايلاۋلىرىمىزنىڭ قۇرۇپ كىتىش خەۋپىنى تىزگىنلەپ ،قارلىق تاغنىڭ يەتتە ئېقىش غولدىكى نەچچە يۇزلىگەن توسمىدىن توسمىغا ئېشىنغان زور كەلكۇن بىر قانچە ئون مېتىر ھەتتا بىر قانچە يۇز مىېتىر ئېگىز شاقىراتمىدىن چۇشكەن سۇ ھاسىل قىلىپ ، شاقىراتمىلارنىڭ شاۋقۇنى بىلەن تاغ ئىچىنى جانلاندۇرۇپ ھاۋانى تىتىرىتىپ ھاۋادا قويۇق تۇمان نەملىك ھاسىل قىلغىلى بولۇدۇ ، بۇ نەملىك دېڭىز ئوكيان ، دەريا كۆللەردىن كەلگەن ئېقىپ كەلگەن زور بۇلۇتلارنى ئۆزىگە تارتىپ شەبنەم ھاسىل قىلىپ ،پەسىللىك قار يامغۇر شەكىللەندۇرۇسە بۇ تەكرارلىنىش قۇرغاق پۇتۇن تاغ تىزمىلىرىغا ھەتتاكى چەكسىز تۇزلەڭلىكلەردە ئىسسق كىلماتنى تۆۋەنلىتىپ ، زور پەسىللىك قار- يامغۇرنى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇ پەسىلىدە قار يامغۇر زور كەلكۇن سۇيىنى ھازىرلايدۇ ، بۇ كەلكۇن سۇيىنى تاغ ئىچىگە باشلىساق بۇ تەدرىجى كېڭىيىش ،ئۇيقۇدا ياتقان تىيانشان تاغ تىزمسىىنى جەزمەن جىرا جىرا سۇ قاپلايدۇ . بۇ پۇتۇن تىيانشاننى توسما بىلەن باغلاشنىڭ نەتىجىسى جەزمەن جۇڭخۇا ئېلىگە بەخىت يارىتىۋاتقان خۇاڭخى ،چاڭجىياڭ دەرياسىدەك دەريا ،بىزنىڭ تىيانشان باغرىدىمۇ جەزمەن ھاسىل بولۇدۇ . بۇ تەبئەتنىڭ بىز قىلغان ئەجىرگە بەرگەن مۇكاپاتى بولۇپ قالغۇسى . چۇنكى ئەجىر ھامان بەخىت يارىتىش يولى ، بۇ بىزنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئەۋزەللىكى .
بۇ غايەت زور توسمىلار گۇرۇپپىسىدىن ھاسىل بولىدىغان دەريا بىزدىن ئۇمۇدىنى ئۇزۇپ چۆللىشىۋاتقان كەڭ قومۇل يانتولىقىنى كۆكەرتىپ قومۇلنىڭ كىلماتىدىمۇ ھاۋا نەملىشىپ پەسىللىك قار يامغۇر مەزگىلىنى پەيدا قىلغىلى بولۇدۇ . بۇ توسمىلار گۇرۇپپىسى پىلانىم ئەمىللەشسە ، كەلگۇسىدە قومۇلغان زور كەلكۇن ئاپەتلىرىنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىلنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش ، ئىلىمىزگە ھېچقانچە گەپ ئەمەس ، چۈنكى دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى . بۇ پۇركۇپ سۇغۇرۇش ، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ سۇغۇرۇش ، سولياۋ ئاستىدا تېرىقچىلىق قىلىش مەنزىلىگە جەزمەن خاتىمە بەرگۇسى . بۇ زىمىن كۆكەرسە مىۋە چىۋە قوغۇن -تاۋۇزلىرى ئۆز تەمىنى تاپىدۇ ،بۇ قاقاسلىقتىن كاييىىپ كەتكەن ياۋايى جانۋارلار ئاستا ئاستا قايتىپ كىلىدۇ ، ھەم كۆپۇيۇشكە باشلايدۇ .
   بۇ زىمىن يەر ئاستى سۇ يۇزىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ ، تۇپراق تەركىۋىدىكى سۇغا تۇيۇلغان نەملىك تىزدىن تۇپراقتىكى مېنرال ئوغۇتلار ئېرىگىچە قالماي چوڭقۇرلىشىپ كىتىپ مېنرال ئوغۇتلار تەركىۋى قاتقانلىقتىن ، مېنرال ئوغۇتلارنى پارچىلاش ھىسابىغا ئۆزىنى تۇيۇندۇرۇپ ،ئۆزىدىن ئايرىلغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئۆسۇملۇك يىلتىزىنى بېقىش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان . مېكرونىزىملار ھاياتنى ساقلاپ قېلىش يۇزسىدىن يەر يېرىقچىلىرى بىلەن يەر ئۇستىگە يامراپ چىقىپ ، ئۆزى بىقىپ پەرۋىش قىلۋاتقان ئۆسۇملۇكلەرنى نابۇت قىلۋەتسە ئاپەت كەلدى دەپ قاراپ ، نادانلىق بىلەن ئەسلى بىز يەۋەتقان شېرىن -تاتلىق لەززەت بىرىۋاتقان ھەسەل ھەرىسىدەك مىېكرونىزىم ئىشچىلىرىنى ئەيىپلەپ زەھەرلىك دىخانچىلىق دورىلىرى بىلەن ۋەيران قىلۋاتىمىز ،بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نادانلىق بولامدۇ . لېكىن ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىمىزنى زەھەرلەۋاتىمىز ،بۇ مكىروئىزىملارنىڭ مۇھىتقا ئۆزلىشىشچانلىقىنىڭ ئىنتايىن كۇچلۇك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .چۇنكى ئۆتمۇشتىمۇ تويۇنغان نەملىكتىن ئايرىلمىغان قوغۇنلۇقتا بۇنداق ئاپەت بولغان ئەمەس ، تېخى ئۆز مۇھىتىمىزنى بۇلغاپ بۇنى تەبىئى قانۇنىيەتكە يۇكلەپ قويىۋاتىمىز ، بۇ ئىلىمى قانۇنىيەتنى ھەقىقى چۇشەنمىگەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى . تەبئى قانۇنىيەتتىن ئاغىرىنىش ۋە يۇكلەپ قويۇشلاردىن تەبئى قانۇنىيەتنىڭ پەرۋايى پەلەك ، ئۇ بىر سىرلىق ھېكمەت ،ئۇنىڭ سىرىنى پايدىلنىشنى بىلمىسەك بىر ئۆمۇر ئۆگۇنۇشنىڭ زورۇيىتى نىمە ؟ ئۇ بىزنى جازالاۋىرىدۇ ، شۇڭا ھەقىقى بىلىم ئۆگۇنۇپ ، ئەمەلىى قاۇنىيەتكە قايتىشنى بىلسەك ، بىز ئىنسانلار تەبىئى قانۇنىيەت بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز ،بۇنى ئىنكار قىلساق تەبىئەت بىزنى ئېچىنىشلىق جازالايدۇ ، ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن ! دوگماتىزىملىق بىلەن نەملىكنى ساقلاش ئۇچۇن قايتا قايتا سۇغۇرىۋەرسەك ئېرىگەن مىنرال ئوزۇقلۇقلار چوڭقۇر سۇ يۇزىگە ئېقىپ كىتىدۇ ، ،ئاخىرقى ھىساپتا مىۋە چىۋىلەر تەمسىز بولۇدۇ ، قومۇل قوغۇن ماكانى ، لېكىن يوقۇرقى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مىۋە چىۋىلەر ئۆزىنىڭ شېرىن تەمىنى يوقاتتى ، بۇ دوگماتىزىمنىڭ ئاقىۋىتى ، نوم بارىكۆل قوغۇنى نىمە ئۇچۇن تاتلىق ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى ئارىلىقى 4-5 كىلۇمىتىر كىلدىغان راھەتباغ بىلەن قارىتالنىڭ تەمىنىڭ پەرقىگە قاراڭ ، يەر ئاستى سۇيىنى تەكشۇرۇپ سېلىشتۇرغاندىلا يوقۇرقى قاراشنىڭ تولىمۇ ئىلمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز . شۇڭا جەزمەن مۇقەددەس ۋەزىپە شەرەپلىك مۇشكىلاتنى ئەمىلىلەشتۇرسەك ،ئاندىن بۇ تەبىئەت بېقىۋاتقان ئۆز پەرزەنىتلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ ، يەنە كىلىپ كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىزغا شېرىن تاتلىق ،مېھىرى شەپقەتلىك تەم مىراس قالىدۇ .
ئەمدىكى مەسىلە مەبلەغ سېلىپ ئۆزى پايدىلنىش ، يولداش دىڭشاۋپىڭ تەشەببۇسى بويىچە يوقۇرقى توسما ۋە شاقىراتمىلارغا سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسى ، سۇ ئىنشائاتلىرى ،بېلىقچىلىق ساياھەت ئارامگاھلىرى قۇرۇپ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى بايلارنى بۇ زىمىنغا جەلىپ قىلىپ دۆلىتىمىز سالغان زور مەبلىغىنى تىز ئارىدا پايدىغا ئايلاندۇرۇپ تولۇقلىۋىلىش ۋەزىيىتى يارىتىپ بەرسە بۇ بەخىت ئامەتكە دۆلتىمىز ۋە خەلقىمىز ھەمقان بولۇپ بۇ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئەۋزەللىكدىىن ھەممە ئۆز بەختىنى تاپقۇسى ، ناۋادا قارلىق تاققا غايەت زور توسمىلار گۇرۇپپىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇشكۇل ۋەزىپدىن قورۇقساق  ، بۇ زىمىن ئۆتمۇشتىكىدەك قاقاسلىىشىپ چۆل باياۋانغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا بۇ غايەت زور توسمىلار گۇرۇپپىسىى بىلەن كەلكۇننى تاغ ئىچىگە باشلاش غەلبىگە ئېرىشكەننىڭ ئەتىىسى دۇنيا مۇھىتىنىڭ ئىسىۋاتقان خەلىقئارالىق قايغۇسىغا بىر مەلھەم بولۇپ قالغۇسى ، چۇنكى بىز تەسەۋۋۇر قىلغان يوقۇرقى ئاتمۇسفىرادا قىش -ياز قاتتىق سوغاق بولۇدۇ ،  بۇ غايەت زور توسمىلار گۇرۇپپىسى قىش ياز ئېرىمەيدىغان قار مۇزلۇقلارنى شەكىللەندۇرۇدۇ ، بۇ قومۇل يانتۇلىقىنىڭ كىلماتىغا تەسىر كۆرسۇتۇپ ھاۋادىكى نەملىكنى ئاشۇرسا مەڭگۇ تۆت پەسىل قار -يامغۇرلۇق يىللارنى ھاسىل قىلىدۇ ، يەر شارى كىلماتىنىڭ ئىسىپ كىتىشىىنى تۆۋەنلىتىدۇ ، تەبئى قانۇنىيەت ئىنسانلار بىلەن سەن ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، مەن سېنى شۇنداق مۇكاپاتلايمەن دەپ ۋەدىلەشكەن ئىكەن . شۇڭا ئەجىر قىسمەتلىك بولۇپ قالغان ئىكەن . شۇڭا غايەت زور توسمىلار گۇرۇپپىسى بىلەن قارلىق تاغنى ئوراپ يۇرتىمىز تەبئىتىنى پەپىلەپ ۋە پەرۋىشلەپ ئۆز ئىھتىياجىمىزنى ئەڭ ئىلمى ئۇسۇلدا قامدىساق دەيمەن .

دەپ يازغۇچى مۇھەممەت شاۋان ، (كىملىكتە مۇھەممە قادىر دەپ يېزىلىپ  قالغان )




توخۇتۇرنىڭ  1-ئىنكاسى ئوقۇپ  چۇش كۆرىۋاتقاندەك بولدۇم
توخوتۇرنىڭ 2-ئىنكاسى مىۋىلەرنىڭ تەمىنى يوقۇتىشىنى ئەزەلدىن خىيمىيىۋى ئوغۇت سولياۋ يوپۇق ، پارنىك دىگەندەك ئامىللاردىن كۆرەتتىم ، بۇ ماقالىدىكى قاراش بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى قاراش ئىكەن .  

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-15 07:30:21

بەت: [1]
: ياشانغان ئاتىنىڭ قومۇل ئىكىلۇگىيە تەسەۋۋۇرى