matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 12:57:36

پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 13:02  

پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار

بىر قىتىملىق خەلقئارا سودىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۇز بەرگەن ئىكەن : « گولۇف توپى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئامىركىلىق سودىگەر ئۆز زاۋۇدىنىڭ ياپونىيىگە ئىكىسپورت قىلىدىغان گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلىغان ، ئەمما بۇ توپلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان ، تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئايان بولغانكى ، گەپ گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلاشتا ئىكەن » .
    ياپۇنلۇقلار « تۆت » تىن پەرھىز تۇتىدۇ ، چۇنكى ياپون تىلىدا «تۆت » دېگەن سۆز نىڭ تەلەپپۇزى « ئۆلۇم » دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانلىرىدا 4- نۇمۇرلۇق ياتاقمۇ يوق ، « ئۆلۇم » كارۋىتىدا يىتىشنى كىممۇ خالىسۇن؟
    شۇنىمۇ قوشۇمچى قىلىپ قويۇش زۆزۇركى ، جۇڭگۇدىكى خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەتمۇ « تۆت » نى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . چۇنكى خەنزۇچە « تۆت » نىڭ تەلەپپۇزىمۇ « ئۆلۇم » بىلەن ئوخشاش ، بىراق ياپۇنلۇقلاردەك قاتتىق پەرىز تۇتمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا كىسەلخانىلاردا «4- نۇمۇرلۇق كارۋات » بار .ئەمما تىلىفۇن نۇمۇرى ، ماشىنا تاختا نۇمۇرىلىرىدا « 4 » نىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ .ئەكسىنچە « 8 » نىڭ تەلەپۇزى «باي بولۇش » بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ، بۇ رەقەمنى ياخشى كۆرىدۇ .لىكىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،تەيۋەنلىك خەنزۇلار « 8 » نى ياخشى كۆرمەيدۇ .چۇنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاساسلىقى « 8- ئارمىيە » دىن جىق پەشۋا يىگەن . تەيۋەن دائىرلىرى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەيۋەندە ھەتتا «8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزى » نىمۇ تەسىس قىلماي ، بىراقلا 9-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئۆتۇپ كەتكەن.چۇنكى « 8- يول » بىلەن « 8- ئارمىيە » نىڭ خەنزۇچە يىزىلىشى پۇتۇنلەي ئوخشاش.ئىگىز بىنالاردا «8-قەۋەت » دىگەننىمۇ ئىشلەتمەي «7-قەۋەتنىڭ ئۇستى » دەپ ئارقىسىدىنلا «9- قەۋەت » دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، بىراق ھازىر ئىشلار قانداق بۇنىسى ماڭا نەمەلۇم. ئەمما ماتىرىياللاردا كۆرسۇتىلىشىچە ، ھازىرقى شاڭگاڭدا  يەنىلا « 4 » تىن پەرھىز تۇتىلىدىكەن، ئۇلار مۇشۇ «4 » نى بىرەر نەرسىنىڭ بەلگىسى قىلمايدىكەن . مەسىلەن ، ساياھەتچىلەرنىڭ بايرىقىدا 4- نۇمۇر بولمايدىكەن، دوست- يارەنلەر  سوۋغا تەقدىم قىلىشتا سانى «تۆت » بولغان بۇيۇملارنى بەرمەيدىكەن ، زادى «تۆت » دىمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا « قوش ئىككى » دەيدىكەن.
       غەرىپلىكلەر «ئون ئۇچ » رەقىمىدىن كۆپرەك پەرھىز تۇتىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتى ئىئودا 13 تال كۇمۇشنى دەپ ئەيسا پەيغەمبەرنى سېتىۋەتكەنىكەن . ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام داۋىنچى مۇشۇ تېمىنى مەرگەر قىلىپ تۇرۇپ « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق » ناملىق مەشھۇر رەسىمنى ئىجاد قىلىپ ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سېتىۋىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئۆز شاگىرىتلىرى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ، كەچلىك تاماققا داخىل بولغۇچىلارنىڭ دەل 13- سى ئىئودا ئىدى.شۇڭا ئۇلار ھەتتا 13- چىسلا ( بولۇپمۇ جۇمە كۇنىگە توغرا كىلىپ قالسا ) ئادەتتە پائالىيەت ئۆتكۇزمەيدۇ . گوللاندىيىدە كىشىلەر ئىشىك نۇمۇرىدىكى «13 » رەقىمىنى  « 12A » بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئەنگىلىيە تىياتىرخانىلىرىدا 13- رەت 13- ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ بىلىتى يىرىم باھادا تەستە سىتىلىدۇ . فىرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىزدىكى تىياتىرخانىلاردا 13- رەتنىڭ ئورنىدا يول بار . دوختۇرخانىلاردا 13- نۇمۇرلۇق كارۋات بولمايدۇ . بىنالاردا 13- قەۋەت بولمايدۇ ( باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئاتايدۇ ) ،كىشىلەر 13- چىسلا ئامال بار سەپەرگە چىقمايدۇ ، 13 ئادەم ھەرگىز بىللە تاماق يىمەيدۇ . لاتىن ئامىركىسىدىمۇ « 13 » رەقىمىنى شۇملۇقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ .
        بۇنىڭدىن باشقا غەرىپلىكلەر « 3 » نىمۇ پەرھىز تۇتىدۇ . بولۇپمۇ تاماكا تۇتاشتۇردىغاندا نۆۋەت 3- ئادەمگە توغرا كىلىپ قالسا ئۆڭايسىزلىنىدۇ ، بەزىلەر ھەتتا 3- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىرىشىنى رەت قىلىدۇ ، 2- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۇرۋىتىپ قايتا ياندۇرۇپ تۇتاشتۇرۇپ بىرىدۇ . بۇنىڭدىكى سىر نىمۇ ؟ ئەسلى 1899-يىلى پارىتلىغان ئەنگىلىيە - بىرتانىيە ئۇرىشىدا ، بىر كۇنى ئاخشىمى نۇرغۇن ئەسكەرلەر تاماكا چېكىپ نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ئۇچۇن ئوق يەپ ئۆلگىنىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغانلار ئەڭ كۆپ ئىكەن.ئالدىنقى ئىككى كىشى تاماكا تۇتاشتۇرغاندا نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ھەمدە دۇشمەنگە قارىغا ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويغانلىقى ئۇچۇن ، 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغۇچى ئاسانلا ئوق تىگىپ ئۆلگەن.
....
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق سان -سىفىرلارنى پەرھىز تۇتىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.ئەمما 3، 4، 8 لەر 1 ،2 7،9 لارغا قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ قالدىم : ئۇيغۇرلاردا يەنە قانداق خاسىيەتلىك سانلار بار؟
ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە 4-يول ئاپتۇۋۇزى يوق-ئىمىش ، 4-نۇمۇرلۇق «ب رت  »مۇ يوقمىش .بۇ راسمىدۇ؟

http://www.blogbus.com/matimatik-logs/35556670.html

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 13:53:06

ئىدارىدا بىرسى بىلەن دېيىشىپ قالغان، سىلەر «ئالىمەن» دېگەن نومۇرغا بەك ئامراق، ئالامەت تويماس كېلىسىلە دېسەم، دېمەيدىغان گېپىڭ يوقكەن سېنىڭ كۈلۈپ كەتكەن.:lol

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:05:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 16:05  

مەنمۇ ئادەتتە ساننى بەك تاللايمەن.
مىسال:
يانفون نومۇرۇم 152 دىن باشلانغان بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى تۆت سان (4-، 5-، 6- ۋە 7)نىڭ ئىچىدە چوقۇم 0 بولماسلىقى كېرەك. 8-سان چوقۇم 1 دىن 5 كىچە بولغان ساننىڭ ئىچىدىن بىرسى بولۇشى كېرەك. 9- ۋە 10 سان 0 بولۇپ قالمىسىلا قانچە بولسا كارىم يوق. لېكىن ئەڭ مۇھىمى 11-سان شەرتسىز 0 بولۇشى كېرەك!
كيۇ كيۇ نومۇرۇم 10 خانىلىق. 8 ياكى 9 خانىلىق كيۇ كيۇنى ئىشلىتىشنى قەتئىي خالىمايمەن. ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم 10 خانىلىق كيۇ كيۇ. ئۇنىڭ بېشىدىكىسى 1 دىن باشلانغان. ئوتتۇرىدا 0 يوق. لېكىن ئاخىرقى خانىسىغا شەرتسىز 0 كىلىدۇ.
بانكا كارتىلىرىمنىڭمۇ ئاخىرقى خانىسىغا 0 كىلىدۇ. (ئوتتۇرىغا 0 كەلمەيدىغان كارتا بىجىرىش تەس ئىكەن!)
ئەمدى كىملىك نومۇرۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانىسى 8. مۇشۇ 8 نى 0 گە ئالماشتۇرغىلى بولسا نەچچە پۇل كەتسە چىدايتتىم، لېكىن مۇمكىن بولمايدىكەن!
مەن سانغا قىزىقىشنى بىر خىل ئەخمەقلىق ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ تاللىشى، دەپ قارايمەن!

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:22:48

مۇسۇلانلاردا مەلۇم ساننى ئۆچ كۆرىدىغان ئەھۋال يوقمىكىن، لېكىن ياقتۇرىدىغان ئىش بار، مەسلەن: 3 ، 7 ، 9 ، 40 دېگەندەك...

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:45:19

شۇمۇ قىلسا بىرئىش، ساننىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ،
ئەمدى شۇ قۇلاققا خۇش ئاڭلىنىدۇ دەپ تاللىسا قانداقكى، بولمىسا شىرىك ئىقىدە ھىساپلىنىدۇ،
قاغا قاقىلدىغانغا، قاپاق تارتقانغا، ھوقۇش ھوۋلىغاندىن گۇمان قىلىشقا ئوخشاش، ساندىن گۇمان قىلىشمۇ ئەخمەقنىڭ ئىشى،
تىخى نومۇرنى پۇلغا ئالىدىغانلا باكەن، ئىسراپچىلىق قىلغانلىق، ئاشۇنىڭمۇ بىرىدىغان ھېساۋى با،

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:07:21

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 15:45 static/image/common/back.gif
شۇمۇ قىلسا بىرئىش، ساننىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ،
ئەمدى  ...

ئۆزىمىز خالىغان ئادەتتىكى بىر ئىشنىمۇ قىلالمىساق نېمە دېگۈلۈك؟!
نومۇرنى پۇلغا ئېلىش ئەخمەقلىق ئەمەس، بەلكى، ھېچكىمگە تاقاشمايدىغان، بىرەرسىگە زىيان بولمايدىغان كاتتا ئەركىنلىك!

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:13:31

ئۇنى دىمىسە ئاشۇنىڭدىن باشقىغۇ ئەركىنلىكمۇ قالمىدى راس،

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:29:36

rock  «ئالىمەن      دىگەن قايسى نۇمۇر ئۇ ، مەن ھىچ چۈشەنمىدىم يا

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:30:02

51   我要          مۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:30:52

تەنتاۋىدا 6 نىڭ خاسىيىتى ھەققىدە بايانلار بار ئىدى

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 17:10:13

ياۋ سەن با دىكى «ياۋ» ئالىمەن دېگەن مەنىدە، ھەر قانداق بىر يانفون نومۇرىنىڭ بىرىنچى خانىسى مۇشۇ ياۋ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 20:56:59

بىز ئۇلۇغلايمىز خارلىمايمىز

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 21:46:12

4تىن قېچىش بىزگىمۇ يۇقۇۋاتقاندەك.....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 22:50:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 01:03  

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى 5454 بولسا بولىدىكەن ئانداقتا،

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 08:29:23

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 15:05 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئادەتتە ساننى بەك تاللايمەن.
مىسال:
يانفون نومۇر ...

ئېغىر دەرىجىدە Obsessive–compulsive disorder باركەن.
بۇ چىرمىلىش خاراكتىرلىك مەجبۇرلىنىش نورمالسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ كېسەلنى دەرھال داۋالاتمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:
يېنىك بولغاندا يولدا مانچىنچى نومۇرلۇق ياكى نومۇرىدا مانچە دېگەن سان بولمىسا تاكىسىغا  چىقمايمەن دەپ سائەتلەپ تاكسىي ساقلاش. ئېغىر بولغاندا كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنى ساناپ ئولتۇرۇپ مانچىنچى نومۇرلىقىنى ئۆلتۈرىمەن، دەيدىغان خام خىيال پەيدا بولىدۇ، ھەتتا قاتىللىق يۈز بېرىدۇ.
بۇ كېسەل ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا كۆپىنچە سان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ماشىنا نومۇرى، تېلىفۇن نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، ئۆچىرەت نومۇرى.
بۇنداق ئادەمنىڭ كاللىسىدا قىياس قىلىنغان بىر تەرتىپ بولىدۇ. بەلكىم بۇ تەرتىپ باشقىلار ئۈچۈن تەرتىپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ تەرتىپ ئەمەلگە ئاشمىسا نېرۋىسى ئۆرلەيدۇ. مەسىلەن: توققۇزىنچى بىنانىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئىشتا ئۆچىرەتتە تۇرغان بولسا ئۆزى چوقۇم ئالتىنچى بولۇپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى توققۇز دېگەن ساننى دۈم كۆمتۈرسە ئالتە بولىدۇ. ئۆزى ئالغان ئۆچىرەت نومۇرى ئالتە بولماي قالسا نومۇر بەرگۈچى بىلەن ئۇرىشىدۇ. ئەگەر نومۇر تارقاتماي تۇرغان بولسا ئالدى تەرەپتىكى ئادەملەرنى ساناپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇلار 4 بولغان بولسا بىر ئادەم كېلىپ 5- بولغىچە بىر چەتتە ساقلاپ تۇرۇپ، شۇ ئادەم كەلگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرىجەم بولۇپ 6- رەتتە ئۆچىرەت ساقلايدۇ. ئەگەر ئۇ كەلگەندە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بولغانلار ئالتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بىرسى بىلەن ياكى ئارتۇقلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا مەلۇم بىر باھانە تېپىپ جىدەل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئويلىغىنى ئۇلارنى رەتتىن چىقىرىۋېتىپ ئۆزى 6- رەت بولۇش.

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 09:15:30

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 16:07 static/image/common/back.gif
ئۆزىمىز خالىغان ئادەتتىكى بىر ئىشنىمۇ قىلالمىساق نېم ...

بۇنداق ئادەملەر ئۆزىگە قىلغان زوراۋانلىقنى ئەركىنلىك دەپ تۇرىۋالىدۇ. چۈنكى ئۆزىگە قىلغان زوراۋانلىقنىڭ داۋاگەرى يوق.
يۇقىرىقى كېسەل ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلىش كېسىلىدۇر.
ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلغانلار باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىشقا ۋقت چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. تۇيۇقسىز بۇنىڭغا پۇرسەت تۇغۇلۇپ قالسا كۆرۈڭ ئاندىن تاماشىنى!

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 09:18:37

function يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 15:22 static/image/common/back.gif
مۇسۇلانلاردا مەلۇم ساننى ئۆچ كۆرىدىغان ئەھۋال يوقمىكى ...

لېكىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار 99 نى ۋە 33 نى ياخشى كۆرىدۇ

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 09:24:58

مۇسۇلمانلار تۆت دېگەن ساننى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى دۇنيا تۆت ئاناسىردىن تۈزۈلگەن. دۇنيادا تۆت تەرەپ بار. رەسۇلىللاھنىڭ تۆت ۋارىسى يەنى تۆت چارىيار بار.
تۆت ئەرەب تىلىدىمۇ، پارس تىلىدىمۇ، ئېنگىلىز تىلىدىمۇ پىنگىۋىن ۋە چاشقانلارنىڭ تىلىدىمۇ ئۆلۈم دېگەن سۆزگە ئاھاڭداش كەلمەيدۇ.
دۇنيادا بارلىق جانلىقلار ئىچىدە بىرلا خەنسۇ تىلىدا ئۆلۈمگە ئاھاڭداش.
بەزىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى دەپ تۆت دېگەن ھەرىپتىن قورقۇش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلايلى.

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 09:45:44

superstar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 08:29 static/image/common/back.gif
ئېغىر دەرىجىدە Obsessive–compulsive disorder باركەن.
بۇ چىرمىلىش خ ...

مەندە ھازىرچە ھېچقانداق جىسمانىي ۋە روھىي كېسەل يوق. پەقەت نومۇرلۇق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەندە ئۆزۈم خالىغان نومۇرلارنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرىمەن.
سىز بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كېتىپسىز. مېنىڭچە باشقىلارنىڭ ئىشىغا چىرمىلىش، ئارىلىشىۋېلىش... دېگەندەك كېسەللەر سىزدە ئېغىر ئوخشايدۇ، ۋاقتىدا داۋالىنىۋېلىڭ!

superstar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 09:48:46

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 09:45 static/image/common/back.gif
مەندە ھازىرچە ھېچقانداق جىسمانىي ۋە روھىي كېسەل يوق.  ...

مەن شۇ داۋالايدىغان ئادەم.
كۆيۈنۈپ دەپ قويدۇم.
مەن بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالدىمغا كەلگەن بىمارنىڭ بىرەرسىنىڭ ئۆزىنى كېسەل دەپ قارىغىنىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
بەت: [1] 2 3
: پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار