nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:20:00

Nijat: بۇغداي پىشتى (سۈرەتلەر)

    بۈگۈن ،6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەن چۈشكەن كەنتتىكى دېھقانلار بۇغدايلىرىنى ئورۇپ، خاماننىمۇ تېپىپ بولغىلى تۇردى، بەزى دېھقانلار تېخى قوناقنىمۇ تېرىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مۇشۇ ئون كۈن ئىچىدە كەنتىمىزدىكى ئورما ئەھۋالىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ، تورداشلارغا سۇندۇم.

































































yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 06:44:36

1،2- رەسىملەرنىڭ ئەسلى چوڭ رەسىمىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز:) ساقلىۋالىمەن ئەمما.
سەھرانى ئەجەپ سېغىندۇردى ... بۇغدايلىقنىڭ مەنزىرسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گۇچۇڭدىكى جانبۇلاققا بارغاندا كۆرۈپتىكەنمەن، گىلەمدەكلا ... سىزدە شۇ يەردە تارتقان سۈرەتلەرمۇ بارغۇ -دەيمەن.

ئېتىزلىقتا بالىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئوينىتىۋاتقان ئاۋۇ كۆرۈنۈشنى ئالاھىدە تارتىدىغان ئىشكەنتۇق {:112:}

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 07:37:14

دادۈيدىن بۇيرۇق چۈشكەندەك كۆپكۆك بۇغداينى ئورۇۋىتىپتۇ ھە ، يەنە ھەپتىلىك ھايىلى باركەن بولمىسا .

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 08:57:56

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

پىشمىغان بۇغدايمۇ ، بۇيرۇق سەۋەبىدىن ئورۇۋىتىلگەن ئوخشىمامدۇ ؟ كۆك پىتى ئورىۋىتىپتۇ ، بۇ قانداق گەپ ؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:04:58


http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201406/12/221240caude6sev6bses7s.jpg.thumb.jpg


ما رەسىم ياخشى چىقىپتۇ، خۇشچىراي ئەمگەكچان دادا، ۋاپادار مېھىبان ئانا، بىغۇبار ساغلام پەرزەنت، بۈشۈك، جەيناماز، دوپپا، ياغلىق، ئورغاق ھەم چىرايلىق باغۋارانلار…
ساقلىۋالدىم، بىرەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرپ باقسىڭىزمۇ بولغىدەك.


لىكىن رەمەتلىك دادام قۇيۇق ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇخلىسا بولمايدۇ دەيتى، چۈنكى ياڭاق دەرىخى تەتۈر فۇتۇنتىز ئېلىپ بارامىش.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:11:05

دادۈيدىن بۇيرۇق چۈشكەندە تولمىغان قوناق، پىشمىغان بۇغداينىمۇ ئورىماي ئامال يوق....
بىرنەچچە يىل ئېلگىرى دادۈيدىن بىزنىڭ پىشمىغان قوناق(تېخى سۈت) ئورۇشقا بۇيرۇق كەلگەن، (بىزنىڭ يەر سەل سايىدە بولغاچقا كۈن نۇرى تولۇق چۈشمەيىتتى...) بىز ئورىغىلى ئۇنمىدۇق، دادۈيجاڭ ھەيۋە قىلسىمۇ پەرۋا قىلماپتىمەن.... ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندە بىركۈنى قوناقلىقنى يوقلاپ كىلەي دەپ بارسام ھەممە قوناق يەردە ياتىدۇ... (بەزىسى بەلدىن، بەزىسى گەلدىن ئورۇلغان..... تېخى رەتسىز قوياشلىرى.......) نىم بولغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالماپتىمەن...
بىرەر ئايدەك بولغاندا ئالۋاڭ-ياساق ژىغىدىغان كادىر دەپتەر كۆتىرىپ كىلىپ ھەممە ئالۋاڭلارنىڭ ھېسابىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن «بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۈچ مو قوناقنى ئىككىنچى شودى بىلەن بىرىنچى شودىنىڭ ئەزالىرىنى ئەكىلىپ ئوراتتۇق، ھەربىر ئەزاغا 20 كويدىن پول تۆلەيسىلە....» دەپ بىرمۇنچە پۇلنى گەدەنگە ئارتىپ قويدى... تۆلىمەي قۇتۇلغىلى بولامتى؟ ئەممە نەچچە ئايدىن كىيىن كىم-كىمنىڭ بىزنىڭ قوناقنى ھۆل پىتى ئورىغانلىقىنى بىلدىم، ئەمما دادۈيدىن ئۇلارغا موچە ئىش ھەققى بەمەپتۇ....:'(

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:13:33

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 08:57 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

پىشمىغان بۇغدايمۇ ، بۇيرۇق سەۋەبى ...

بۇنىڭ قانداق گەپ ئىكەنلىكىنى ئاۋۇ بەشىنچى رەسىمدىكى، (موتو مېنىپ كىتىۋاتقان) دىن سورىسڭىز چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان چىراي...{:92:}

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:22:45

سۇرەتلەرنى كارامەت ياخشى تارتىپسىز، باش تېمىسىمۇ ، فوكۇس نوقتىلارنى تاللاشمۇ شۇنداق ياخشى.
بەزى سۇرەتلەرنىڭ ئىستېتىك قىممىتى بەك يۇقۇرىكەن.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:23:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 09:25  

كەنت رەھبەرلىگى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەجبۇرىي ھالدا بۇغداي تېرىيمىز دەپ قۇناقنى خام چاپقۇزاتتى، قۇناق تېرىيمىز دەپ بۇغداينى خام ئورغۇزاتتى. بۇنىىڭدىن كەنت رەھبەرلىگى مەخسۇس دىخاننىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئىشلەمدىكى دىگۈسى كېلەتتى ئادەمنىڭ.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:57:00

ھەرۋاقت ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۈچۈن قوناق-بۇغداي ئورۇش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئارلىشامدىكىن دەيمەن.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 10:14:11

ئىسىت بۇغداي مۇرادىغا يەتمەيلا ئورلۇپ كىتىپتۇدە!

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 11:11:37

نىجات ئەپەندى:
قەشقەرنىڭ قايسى يېزىسى بۇ؟
بولسا قەشقەرنىڭ بارلىق يېزا-بازار ناملىرنى يېزىپ بەرسىڭىز؟ھەممە يېزىنىڭ تېرىلغۇ ،تۇپراق ۋە سۇ شارائىتى
ئوخشاشمۇ؟بىر ئادەمگە نەچچە مو يەر توغرا كىلىىدۇ.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 12:11:41

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 09:13 static/image/common/back.gif
بۇنىڭ قانداق گەپ ئىكەنلىكىنى ئاۋۇ بەشىنچى رەسىمدىكى، ...

خە خە خە  كەنت كادىرلىرى   ئېتىز قىر باشلىرىدا  موتو مىنىشكە ئۇستا   ئوخشىمامدۇ ؟ :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 12:18:32

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 07:37 static/image/common/back.gif
دادۈيدىن بۇيرۇق چۈشكەندەك كۆپكۆك بۇغداينى ئورۇۋىتىپت ...

ئۆستەڭگە سۇ كىلىپ قوناق تىكىپ بۇلالمىغان بولغاچ مەنمۇ تۈنۈگۈن ئورىۋەتتىم . سۇ سېلىۋېتىپ ئوراي دىسەم بۇغداي غولى قۇرىماي خامانلاش ۋاقتى سۇزۇلۇپ كەتكۈدەك .
ئەمما بۇغدايلار كۆپكۆك :(

مۇشۇ سۇنىمۇ قىستاپ بەرمەي يا كىيىنرەك يا بۇرۇنراق بەرسە بەلەن بۇلاتتى دە

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 12:48:15

جەنۇپ شىمالنىڭ پەرقى ئاسمان زىمىن ھە

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:38:34

شۇڭا جەنۇبى شىنجاڭدا ئىش تۈگۈمەيدۇ .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:58:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 15:59  

كۈنلەنىڭ بىرىدە ئاشۇ رىيازەت چەككەن دىھقان سىكىتار بوپ قالسا، چوڭچىلىق قىلغان سىكىتار بىلەن ماڭقا دادۈيجاڭ دىھقان بوپ قالسا، ئاچچىق دىگەننى شۇندا چىقارسا ئاي ـ ھاي…، … بۈگۈن بۇغداي تىرىيسە دەپ، يەردىن بىخلىنىپ چىقىشى، تىرناق ئالغۇچ بىلەن ئورۇغىلى سالسا، ئاندىن قوناق تىرىغۇزۇپ، ئون كۈندىن كىيىن قوناقنى ئورۇتۇپ، كىپەز تىرىغۇزۇپ……… يىلىغا ئوتتۇز قېتىم ھوسۇل ئالغۇزۇپ، يامان تىز باي بولاتتى ئۇ چاغدا، ئالدىن بىيىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن، باشلامچى دىھقان بولۇپ،

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:14:15

ناھىيەدىن بۇغداينى 6.10 ئورۇڭلار، دېسە، يېزىدىن 6.5 ئورۇڭلار دەيدۇ. كەنتتىن 6.1 دېگەن...
شۇنىڭ بىلەن بۇغداي كۆك ئورۇلۇپ كېتىدۇ...
ئادەملەرنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا مەن بۇ يۇرتنى ئاقسۇ تەۋەلىكىمىكىن دەپ قارىدىم...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 19:10:52

يانفۇنغا كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ بىر تەۋسىيىسى بار ئىكەن، بۆگۈننى ئەكىس ئەتتۈرۈش، تارىخنى ئىپادىلەش، كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش يۈزىسىدىن، شەخىسلەرنى ئائىلىۋى ئارخىپ قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىپتۇ.

بىزمۇ مۇشۇنداق رەسىملەرنى قالدۇرغاندا، ۋاقىت، ئورۇن- جاي ناملىرى بىلەن، تونۇش چىرايلارنى كۆپرەك خاتىرلەپ ماڭساق بولىدىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 19:30:10

yanwar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 16:14 static/image/common/back.gif
ناھىيەدىن بۇغداينى 6.10 ئورۇڭلار، دېسە، يېزىدىن 6.5 ئورۇڭ ...

مەن يەكەنمىكىن دەپ قارىدىم.
يەكەنگە بارغاندا مۇشۇنداق ئېلىۋېتىپتىكەن خاماننى.
خوتەن تەرەپلەرگە ئوخشىمايدۇ.
بەت: [1] 2
: Nijat: بۇغداي پىشتى (سۈرەتلەر)