izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 19:34:42

بەيئەتنىڭ مەنىسى نىمە....؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izlen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 19:41  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،، مۇنبەردىكى ئىلمىلىك قېرىنداشلار،، ماڭا مۇنداق مەسىللەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان
بولسىلىرى..
1-بەزى بىر  ھەدىسلەردە   پالانىچى،  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەيئەت قىلدى.   رەسۇلۇللاھ  ئۇنىڭ بەيئىتىنى
قۇبۇل قىلدى  دىيىلىدۇ..
يەنە بەزىبىر رىۋايەتلەردىمۇ  پالانىچى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا  بەيئەي قىلدى.  ئۈمەر ئۇنىڭ بەيئىتىنى قۇبۇل قىلدى
دىگەن رىۋايەتلەرنى ئۇچۇرتىمىز..مىنىڭ چۈشۈنەلمىگىنىم ،،مۇشۇ( بەيئەت) دىگەن گەپنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى
قانداق چۈشىنىمىز....؟

2-ئەر   ئاياللارنىڭ .  نامازنىڭ  تەشەھھۇتىدا   قانداق شەكىلدە   ئولتۇرىشىنى  بايان قىلغان ھەدىسلەردە  ،مۇنداق
مەزمونلارنى ئۇچرىتىمىز....
نافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئاياللىرى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى
.(ئىبنى رەجەب-فەتھۇل بارى 7/299)
تابىئىلاردىن خالىد ئىبنى لەجلاج مۇنداق دېگەن: ئاياللار نامازدا ئولتۇرغىنىدا ئەرلەرگە ئوخشاش پەللىكىدە ئولتۇرماي،
چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرىلاتتى.
بۇ ئايالنىڭ بىرەر يېرى كۆزگە چېلىقىپ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. (ئىبنى رەجەب-فەتھۇل بارى 7/299)
مانا مۇشۇ يۇقارقى ھەدىستىكى (چازاقۇرۇپ ئولتۇرۇش)دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز....؟
مىنىڭ چۈشۈنەلمىگىنىم
1-بەيئەت قىلىش دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز...؟
2-چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش دىگەن قانداق ئولتۇرۇش....؟
مەنبە .....ئۆزۈم.....



kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:16:30

‹‹بەيئەت›› مەنىسى قەسەمياد قىلىش ؛ تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ؛ ئەل بولۇش دىگەن مەنىلەردە چۈشىنىمەن قالغىنىغا ئۇستازلار بىر نەرسە دىسۇن
چازا  قۇرۇپ ئولتۇرۇشنى مەن تەسۋېرلىيەلمىدىم ، تەسۋېرلىگەن تەقدىردىمۇ مەندىن باشقا كىشى چۈشۈنەلمەيدۇ{:90:} گوگول تورىدا رەسىمى بار ئىدى بىز تەرەپتە گوگول ئېچىلماس بوپ قالدى بولمىسا مەن يوللاپ قوياتتىم ؛ بۇنىڭغىمۇ ئۇستازلار بىر نىمە دىسۇن  .  ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش ئەمەس جۇمۇ!

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:10:29

راست ' تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر. مۇشۇ بەيئەتنىڭ لوغەت ۋە  دىنىمىزدىكى قوللۇنۇش مەنىسىنى  چۇقۇم چۈشىنىۋالساق بولىدۇ. بىزمۇ مۇسۇلمان بولغاچقا بەيئەت قىلىشىمىز  زۆرۈرمۇ ؟ ئەگەر زۆرۈر  بولسا كىمگە  ياكى نىمىگە  قىلشنى مۇراجىئەت قىلىسىلەر ؟
مېنىڭچە ئاۋۇ چازاق قۇرۇشمۇ ياكى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشمۇ  تەرجىمە ئىزاھاتتىكى مەسلىدەك قىلىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:14:20

بۇ سۆز ئەرەبچە بولۇپ، ۋەدە بېرىش؛ بويسۇنۇش دېگەن مەنىلەردە. ئۇ يەنە بىراۋغا ئۆز ئەركىنى تاپشۇرماق، قول بېرىپ مۇرىت بولماق، توختامغا ماقۇل بولۇپ قول ئېلىشماق؛ بىر پادىشاھ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە قول بەرمەك دېگەن مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:24:54

موللامۈشۈك ئوبدان تەپسىر قىپتۇ.
چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا كەلسەك،رەسىم بولمىسا يېزىق بىلەن ئىپادىلىسەك ئۆزىمىز بېرىپ ئوقۇپ بەرسەك بولغىدەك:lol

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:58:23

بەيئەت قىلىش--بويسۇنۇش
تۇڭگان ئىماملار سۆزلىگەندە «ئاللاھقا بەيئەت قىلىش»دېگەننى خەنزۇچە «服从安拉»دەپ سۆزلەيدۇ . نەچچە يىل بۇرۇن تۇنجى ئاڭلىغاندا «خەنزۇچىدە پاساھەتلىكرەك سۆز يوقمىدۇ 服从دىن باشقا»دەپ ئويلاپ قالغانىدىم

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:02:45

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:02:52

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:04:06

بەيئەت خۇددى Mollamushuk ئەپەندى دىگەندەك ، ئۇ يەنە ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي تۈزۈم .

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 08:37:39

ئىتراپ قىلىش

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:11:41

چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش :

بۇ يەردىكى چازا دىگىنى دەل ئىككى پاقالچەكنى كېرىشتۈرۈپ، خۇددى يوللاردا چازا قۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان XX شەكىللىك ھالەتنى بىلدۈرسە كېرەك .
---
بەيئەت دىگەننى باش قوشۇپ ئەگىشىش دەپ چۈشەنسە بولار .

izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 10:06:21

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 09:11 static/image/common/back.gif
چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش :

بۇ يەردىكى چازا دىگىنى دەل ئىككى ...

سىز چىقىرىپ قويغان سۆرەتتىكى ئولتۇرۇشنى بىز تەرەپلەردە باداشقان قۇرۇپ ئۇلدۇرۇش دىيىلىدۇ.
مىنىڭ دىگىنىم نامازنىڭ  تەشەھھۇتىدا  ئولتۇرۇشتىكى  چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇش  دىگەن ئىبارنىڭ گىپى.
سىزنىڭكىنى توغرا دەينى دىسەك . نامازنىڭ ئىچىدىكى  تەشەھھۇتىدا   نەدە ئۇنداق ئولتارغان بار،
پىس پاس ئەپەندى..

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 10:15:21

izlen يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 10:06 static/image/common/back.gif
سىز چىقىرىپ قويغان سۆرەتتىكى ئولتۇرۇشنى بىز تەرەپلەر ...

نامازنىڭ  تەشەھھۇتىدا  ئولتۇرۇشتىكى
بۇ ئولتۇرۇشنى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش دەيدىغاندۇ . :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 11:00:35

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 10:15 static/image/common/back.gif
بۇ ئولتۇرۇشنى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش دەيدىغاندۇ .

:lol

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 21:16:58

ئا لەقۋا گۇينىڭ ئولتۇرۇشىنى بەدەشقاننى يېرىم قۇرۇپ ئولتۇرۇش دەيمىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 23:17:16

چازا ئەمەس  چاسا
   چاسا  ئۇيغۇرچە گەپ ، تۆت تەرەپلىك ……دىگەن مەنىدە
بەت: [1]
: بەيئەتنىڭ مەنىسى نىمە....؟