tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 17:07:46

ھورداق ھەققىدە

ھورداق ھەققىدە .

مۇنبەردىكى تىۋىب ، تىۋىبەلەر ھەم ھورداق ئىشلەتكەن تورداشلاردىن ياردەم سورايمەن ، مەن ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ھورداق ( بىردانە سۇ ئىسسىتىدىغان قازان ، ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرىدىغان يەل بىرىدىغان ئۆي ، تىزگىنەك ،ئوت-چۆپ دورا قۇتىسى ، قازىنىنى  توكقا چىتىپ  سۇ قىزىغاندا سۇنىڭ ھورى نەيچە ئارقىلىق ئۆيگە كىرىدىغىنى )  سىتىۋالغان ئىدىم ، ھازىرچە ئايدا بىرە – ئىككى قىتىم ئىشلىتىۋاتىمەن ( بىر ئائىلىگە چوقۇم ئەپ قويسا بولىدىغان نەرسىكەن ) خىلى رازى بوپ قالدىم  .  مۇشۇ نەرسىگە كۆپ چۈشسە زىيىنى بارمۇ ، يەنە قانداق دورىلىق ئوت – چۆپلەرنى ئىشلەتسەك تەنگە داۋا بولىدۇ ، دىققەت  قىلىدىغان ئىشلار ......... دىگەندەك ...

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:16:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 20:57  

‏مەن ھورداقنىڭ بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش، قىزلارنىڭ تىرىسىنى ياخشىلاش، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە مەنپەئەتى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:29:39

ھا ھا ھا ھا. . . ئەر كىشى ئىكەنغۇ بۇ :lol    ھورداق-مورداق دەپ يۈرمەي تىرىگە ئېلىڭلا ئاشۇ بەك پايدا قىلامىش{:136:}

ھە راس  سالامنى ئۇنۇتماڭلار

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:30:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 20:34  

بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر ، ھەرخىل سوغۇقتىن بولغان بەل، پۇت، مۈرە، رېماتىزم، سوغۇق تەرلەيدىغانلار، ھەرخىل سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەر  قاتارلىقلارغا ھورداپ داۋالاشتا ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت ھازىرلايدۇ. ئائىلىۋى زامانىۋى ھورداقتا دائىم ھوردانسىڭز بەدەننى راھەتلەندۈرۈپ، ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، نېرۋا تومۇرلىرىنى ئېچىپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. بەدەندىكى ئارتۇقچە ماينى پارچىلاپ ئورۇقلىتىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ ئورگانىزملارنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ھورداقغانىلارغا بېرىپ ۋاقىت ۋە ئارتۇقچە پۇل ئىسراپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆيىڭىزدە خالىغانچە ئەركىن ئازادە ھوردۇنالايسىز. ئائىلىۋى زامانىۋى ھورداقنىڭ شەكلى خىلمۇ - خىل، رەڭگارەڭ بولۇپ ئىشلىتىش ئاسان قۇلايلىق. توكلۇق كورىنىڭ ئىچىگە بىر يېرىم كىلوگرام سۇ پاتىدۇ. توكلۇق كورىنىڭ ئىچىگە سۇ قويۇپ بولۇپ، ئېھتىياجىمىزغا قارتا ئۆزىمىز ياقتۇرغان جۇڭيىچە ياكى مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى سالساق، قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۇ قايناپ ھوردىنىش ساندۇقى ئىچىگە ئاپتوماتىك ھالدا ھور پۈركۈپ بېرىدۇ. ۋاقىتنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ. قانچىلىك ۋاقىت ھوردانغۇڭىز كەلسە شۇنچىلىك ھوردانسىڭىز بولىدۇ.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:03:07

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 20:30 static/image/common/back.gif
بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر ، ھەرخىل سوغۇقتىن بولغا ...

ھورداقنىڭ ئېلانچىسدەك قىلامسىز نېمە؟!:D    :lol
چاقچاق ھە، يامان ئەمەس چۈشەنچە بېرىپسىز

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:07:04

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 07:19:39

تاڭسىڭ نى دۈملىگەن قاسقاندا دۈملىنىپ باقامسىز يا

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 10:26:51

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 20:29 static/image/common/back.gif
ھا ھا ھا ھا. . . ئەر كىشى ئىكەنغۇ بۇ     ھورداق-مورداق دە ...

ئەرلەر ئىشلەتسىمۇ بولىۋىرىدۇ ،  ئەسلى ساڭنا دىسەم بوپتىكەن ، ئۇيغۇرچە ھورداق دەپ ئالسام خاتا چۈشۈنۈپ  قاپسىز سىڭلىم  .

بىرزاتكا ، تادۇبەگ قىرىندىشىم ، يەنە ساڭنا ئىشلىتىپ باققان قىرىنداشلار بىر پىكىر قاتناشتۇرغان بولساڭلار .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 15:44:43

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 10:26 static/image/common/back.gif
ئەرلەر ئىشلەتسىمۇ بولىۋىرىدۇ ،  ئەسلى ساڭنا دىسەم بو ...

خاتىرجەم ئاكا دەۋەۋەرگىن ھە!~

janijanim يوللانغان ۋاقتى 2014-7-3 19:18:51

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 15:44 static/image/common/back.gif
خاتىرجەم ئاكا دەۋەۋەرگىن ھە!~

بۇ تىمىنىمۇ بۇلغاپتۇ  بۇ ئۇستام .
بەت: [1]
: ھورداق ھەققىدە