matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 15:18:57

كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى

كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى



كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەڭ تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان پەنلەرنىڭ بىرى. بۇ پەننى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى قوللىنىلىشىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ماقالە يوللاندى.
بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىلى 2-سانىغا بېسىلغان، ماقلە يېزىلغىلى خېلى بولغانلىقتىن بەزى تەتقىقات ئەھۋاللىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ۋە باھا-تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى
计算语言学与维吾尔语研究
سەمەت مەمىتىمىن تىلىچىن

قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ ماقالىدە كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسى، تەتقىقات مەزمۇنلىرى ۋە ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىق بىلەن بولغان پەرقى سۆزلەنگەن، ئاندىن مۇشۇ ئاساستا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا قوللىنىلىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر خۇلاسىلانغان ھەم كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى؛ ئۇيغۇر تىلى؛ تەتقىقات ئەھۋالى.

كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى نۇرغۇن ساھەلەردە يېڭى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى، كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئىلىم- پەن تەتقىقاتىدىكى رولىمۇ كۈنسېرى كۈچەيدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن پەنلەر كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن گىرەلەشتى ۋە بەزى يېڭى ئارىلىق پەنلەر (边缘学科) شەكىللىنىشكە باشلىدى. جۈملىدىن، بىر تەرەپتىن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى كەڭ قوللىنىلدى، بۇ تىل تەتقىقاتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن تىل تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيە ۋە بايقاشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىشلىتىلىپ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇردى ھەم ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. تەبىئىي تىلىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى (自然语言自动处理技术) بارلىققا كېلىپ راۋاجلاندى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تىل تەتقىقاتىغا نۇرغۇن تەلەپلەرنى قويدى، بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ھەقىقىي گىرەلىشىشى ئىشقا ئېشىپ يېڭى بىر ئارىلىق پەن كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى (计算语言学) بارلىققا كەلدى. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى پەن بولۇپ شەكىللەنگەندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار قىزغىن تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى، ھازىرمۇ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ناھايىتى قىزىق پەنلەرنىڭ بېرى بولۇۋاتماقتا. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى يەنە يېڭى بىر تەتقىقات ئۇسۇلى سۈپىتىدە ھەر قايسى تىللار تەتقىقاتدا قوللىنىلىپ نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى ۋە كومپيۇتېر تەتقىقاتچىلىرىمۇ بۇ يېڭى پەنگە دىققەت قىلىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى، شۇنداقلا بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ يېڭى پەنگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش، باشقا مىللەتلەردىكىگە ئوخشاش تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ تىل تەتقىقاتىدىمۇ يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ ماقالىدە دەل مۇشۇ مەقسەت چىقىش قىلىنغان. يەنى ماقالىدە كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ئاساسىدا، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا قوللىنىلىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر خۇلاسىلاندى ھەم كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1.        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدا
1)        ئېنىقلىمىسى
كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق، تىلشۇناسلار ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتنىڭ تەبىئىي تىل ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى تىلشۇناسلىقنىڭ تارمىقى دەپ قارىسا، كومپيۇتېر تەتقىقاتچىلىرى قوللىنىلغان تەتقىقات ۋاسىتىسىنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۇنى كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ تارمىقى دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزى ماتېماتىكا ئالىملىرى ئۇنى ئەمەلىي ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تارمىقى دەپ قارايدۇ. لېكىن خۇلاسىلەپ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى (Computational Linguistics) فورمۇلالاشتۇرۇلغان ھېسابلاش قېلىپى قورۇش ئاساسىدا تىلنى تەھلىل قىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان پەن. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بىر ئارىلىق پەن بولۇپ، ئۇ تىلشۇناسلىق، لوگىكا، پسىخىك تىلشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى، پەلسەپە، سۈنئىي ئىقتىدار ئىلمى، ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق تىلنى تەھلىل قىلىدۇ .
2)        تەتقىقات مەزمۇنى
ئادەتتە تىل تەتقىقاتىدا تىل فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا، سېمانتىكا ۋە پراگماتىكىدىن ئىبارەت بىر قانچە قاتلامغا بۆلىنىدۇ. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىمۇ مۇشۇ ئاساستا بىر قانچە تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك:
(1)        كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تىل تاۋۇشلىرى ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تىلنى ئاپتوماتىك سىنتىزلەش ۋە تونۇتۇشنى تەتقىق قىلىدۇ.
(2)        تىلدىكى سۆزلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، سۆزلۈك ئامبىرى، ئاتالغۇلار ئامبىرى قاتارلىق ماشىنىلاشقان لۇغەتلەرنى قۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
(3)        كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تىلنىڭ گرامماتىكىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدۇ.
(4)        تەبىئىي تىل ئىپادىلىگەن مەنىنى كومپيۇتېردا قانداق تەھلىل قىلىشنى تەتقىق قىلىدۇ.
(5)        كۆپ مىقداردىكى تەبىئىي تىل ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېردا توپلاش، ساقلاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش ئۇسۇلىنى، شۇنداقلا تىل ماتېرىياللىرى ئامبىرى تىلشۇناسلىقى ئۇسۇلىنىڭ تىلغا قارىتا مىقدار ئانالىزى ئېلىپ بېرىش، لۇغەت تۈزۈش، ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى تەھلىل قىلىش، تەبىئىي تىلنى چۈشىنىش، ماشىنا تەرجىمىسى قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.
كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى مانا مۇشۇنداق ناھايىتى كەڭ بولۇپ، تەتقىقات دائىرىسى تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر تىلشۇناسلىقتا قوللىنىلىشتىن سىرت ماشىنا تەرجىمىسى (ئاپتوماتىك ھالدا بىر تىلنى ئىككىنچى بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش)، تاۋۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش (ئاۋازنى تونۇتۇش ۋە ئاۋاز ھاسىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق قىلىش (ئالاھىدە ياسالغان يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئەسەر، كىتابلارنىڭ كوررېكتورلۇقىنى قىلىش)، ئاپتوماتىك ئۇچۇر ئىزدەش (كومپيۇتېر ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش)، سۆز-ئاتالغۇلار ئامبىرى قۇرۇش (ھەر خىل تىپتىكى بىر تىللىق ياكى كۆپ تىللىق ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى تۈزۈش)، تەبىئىي تىلنى چۈشىنىش (كومپيۇتېر بىلەن ئادەمنىڭ سۆزلىشىشى، تەبىئىي تىل بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى)، ھەر خىل ئوقۇتۇش ياردەمچى دېتاللىرىنى ياساش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.
3)        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقنىڭ پەرقى
كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئوخشاشلا ئىنسان تىلىدىن ئىبارەت بولسىمۇ تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە پەرقلەر بولغاچقا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت.
(1)        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى كومپيۇتېرنىڭ تىلدىكى ئومۇمىيلىققا ۋە پۈتۈنلۈككە ئىگە ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى تەتقىق قىلسا، ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقتا كۆپرەك تىلدىكى ئالاھىدە مەسىلىلەر، ھادىسىلەر تەتقىق قىلىنىدۇ.
(2)        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تىل تەتقىقاتىدا ئاۋۋال تەھلىل قىلىپ ئاندىن چۈشىنىدۇ، چۈشىنىش تەھلىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقتا ئاۋۋال چۈشىنىلىپ ئاندىن تەھلىل قىلىنىدۇ، چۈشىنىش تەھلىل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.  
(3)        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى چوقۇم كومپيۇتېر تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا سىنىلىدۇ. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان بولۇشى كېرەك، يەنى نەزەرىيىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقتا قائىدە-داۋلى سۆزلەش مۇھىم، كۈچلۈك لوگىكىلىققا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
(4)        ئەنئەنىۋى تىلشۇناسلىقتا تەسۋىرلەش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ؛ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىدا تىل نەزەرىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇڭا ھەر بىر جۈملىدىكى گرامماتىكىلىق ئۇچۇر ۋە مەنە ئۇچۇرلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە فورمۇلالاشتۇرۇلغان بولۇشى، كومپيۇتېر چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە قائىدىلەشتۈرۈلگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
2.        كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا قوللىنىلىشى
كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ئارىلىق پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن كومپيۇتېر تەتقىقاتى ۋە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى؛ جۈملىدىن تىلشۇناسلارمۇ بۇ ساھەگە دىققەت قىلدى. ئىنگلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدا مەخسۇس كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى شەكىللەندى ۋە نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەر بىر تەرەپتىن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ تىل-يېزىقنىڭ كومپيۇتېردا قوللىنىلىشىنى ۋە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكا، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە كومپيۇتېر تەتقىقاتچىلىرىمۇ بۇ پەنگە دىققىتىنى قاراتتى، شۇنداقلا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن تەتقىقاتتا بەزى مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن مەسىلىلەر بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ. تۆۋەندە بۇ جەھەتتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1)        ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالى
ئۇيغۇرلاردا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىنى تېخى ئەمدىلا باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بەزى تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ھازىرچە بۇ خىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاساسلىقى كومپيۇتېر تەتقىقاتچىلىرى ۋە بەزى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بىلەن چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا كومپيۇتېر قىسمى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يوق دېيەرلىك. تۆۋەندە تىلغا ئالماقچى بولغانلىرىمىزنىمۇ ساپ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى دەپ ئېيتالمايمىز، لېكىن بۇلار تىل بىلەن كومپيۇتېرنىڭ مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئىبارەت.
(1)        ئۇيغۇرچە يېزىقنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرى ياسالدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىلىنىڭ بېشىدا DOSمۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسى «بۇغدا» مۇۋاپىقىيەتلىك ياسالغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، ھەر خىل يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش، بىر قىسىم مىللىي يېزىقتىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.
ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، ئۇيغۇر سوفت كومپيۇتېر شىركىتى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى كېيىنچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە باشقا تارماق ۋە شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسىدا ھازىر ئۇيغۇرچە يېزىقنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، تونۇتۇش ۋە ئاددىي بىر تەرەپ قىلىشلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.
(2)        ئاددىي كوررېكتورلۇق قۇراللىرى ياسالدى.
بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، ھازىرچە ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «ئەل كوررېكتور» يۇمشاق دېتالى (بازارغا سېلىنغان)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىپ ياسىغان «كۆپ تىللىق مۇھىتتىكى ئۇيغۇرچە يېزىق كوررېكتورلۇق سىستېمىسى» (تېخى تارقىتىلمىغان)  ۋە غەيرەت توختى ئەپەندى ياسىغان كوررېكتورلۇق ئىقتىدارى بار «ئۇيغۇر ئېدىت UyghurEdit» قورالى (ھەقسىز تارقىتىلغان) قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇلار بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولغاچقا تېخى ئىقتىدارى تازا مۇكەممەل، توغرىلىق دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
(3)        ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەر ياسالدى.
ئېلېكترونلۇق لۇغەت گەرچە كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ بىۋاسىتە تەتقىقات نەتىجىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر خىل ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەر (كومپيۇتېر لۇغىتى ۋە مەخسۇس ئېلېكترونلۇق ئۈسكىنە ھالىتىدىكى لۇغەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەتقىق قىلىپ ياساشتا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقاتى كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت»، ئېرپان شىركىتىنىڭ «ئېرپان ئېلېكترونلۇق لۇغىتى» ۋە باشقىلار.
(4)        ماشىنا تەرجىمە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ بەلگىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.
ھازىرغىچە تېخى كەڭ ئومۇملاشقان ئۇيغۇرچە تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ياساپ چىقىلمىدى، بۇنىڭغا كېرەكلىك تەتقىقات، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى يېتەرلىك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بۇ جەھەتتە تەتقىقاتلار قىلىنىۋاتىدۇ.
(5)        تاۋۇش، بوغۇم، سۆز چاستوتا تەتقىقاتى قىلىندى.
كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ كۆپ مىقداردىكى تىل ماتېرىيالىغا قارىتا تاۋۇش، بوغۇم ۋە سۆزلۈكلەرنىڭ چاستوتىسى جەھەتتىن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەتقىقاتلار داۋاملىشىۋاتىدۇ؛ مەسىلەن، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا 10 مىليون سۆزلۈك تىل ماتېرىيالىغا تاۋۇش، بوغۇم ۋە سۆزلۈك جەھەتتىن ستاتىستىكا ئېلىپ بېرىپ نەتىجىسىنى تور بېتىدە ئېلان قىلدى؛ بىلىشىمىزچە ئۇنىڭدىن سىرت شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ستاتىستىكىلاردا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان. يىغىپ ئېيتقاندا تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر نەتىجە چىققىنى يوق.
(6)        سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى پارچىلاش ۋە ئاپتوماتىك بەلگە قويۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى.
سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىگە ئاپتوماتىك ھالدا گرامماتىكىلىق بەلگە قويۇش ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىدىكى مۇھىم ئاساس خاراكتېرلىق خىزمەت بولۇپ، باشقا تەتقىقاتلار مۇشۇ ئاساستا راۋاجلىنىدۇ. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور يۈسۈپ ئەبەيدۇللا باشتىن- ئاخىرى بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىزدەنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى، ئۇندىن سىرت باشقا يولداشلارمۇ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن كۆپىنچە تەتقىقات نەتىجىسى تېخى ئاشكارىلانمىغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان يۇمشاق دېتاللارمۇ ئېلان قىلىنمىدى.
(7)        يېزىق تونۇتۇش سىستېمىسى ياسالدى.
يېزىق تونۇتۇش سىستېمىسى دېگەندە قوليازما ياكى باسما ماتېرىياللاردىكى خەتلەرنى كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك تونۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇراللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار دەسلەپكى قەدەمدە يېزىق تونۇتۇش سىستېمىسىنى ياساپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان، بۇ سىستېما پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قولدا يېزىپ كومپيۇتېرغا خەت كىرگۈزۈش قورالى ئاللىقاچان ياسىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ قۇرال قوشۇمچە ئۈسكىنىنىڭ ياردىمىدە ئىشلەيدۇ، تېخى كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ بولالمىدى.
2)        تەتقىقاتتا ساقلانغان مەسىلىلەر
گەرچە ئۇيغۇر تىلى كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىغا دائىر يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، باشقا مىللەتلەردىكىگە ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىلغار سەۋىيىگە سېلىشتۇرغىنىمىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان:
(1)        تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن.
بىلىشىمىزچە، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار مەيلى كومپيۇتېر تەتقىقاتچىسى ياكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى بولسۇن خېلى ساننى ئىگىلىسىمۇ، نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى پەقەت شەخسلەرنىڭ قولىدىلا ساقلىنىپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىنمايۋاتىدۇ. بەزى تەتقىقاتلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئاياغلاشقانلىقىنى ئاڭلىساقمۇ، بىر نەچچە يىلغىچە بۇنىڭغا ئائىت ماقالە ياكى ئېلان قىلىنغان باشقا يۇمشاق دېتاللارنى كۆرەلمەيمىز. بەلكىم شۇ تەتقىقاتچى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىغان بولۇشى، يېرىم يولدا توختاپ قالغان بولۇشى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياكى باشقا ئامىللارنى ئويلاپ نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشمۇ توغرا، لېكىن بىرەر تەتقىقاتنىڭ پۈتۈنلەي مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەھەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشنىلا كۆزلەش ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. شۇڭا تەتقىقات بولغانىكەن، نەتىجىسى ئېلان قىلىنسا، باشقىلار ئۇنىڭدىن پايدىلانسا ھەم شۇ ئاساستا يەنىمۇ تەتقىقات چوڭقۇرلاشسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
(2)        تەتقىقاتتا ھەمكارلىق كەمچىل، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى تۆۋەن بولماقتا.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىدا كەمچىل بولۇۋاتقىنى ھەمكارلىق بولۇپ، تەتقىقاتلىرىمىز تارقاق ھەم تەكرار بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رايونىمىزدا بۇ جەھەتتە تەتقىقاتقا ئۇيۇشتۇرىدىغان نوپۇزلۇق ئورگانلار بولمىغاچقا ھەمكارلاشماق ناھايىتى تەس. كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى بىر ئارىلىق پەن بولغاچقا تەتقىقاتچىدىن كومپيۇتېر بىلىمى ھەم تىلشۇناسلىق بىلىمى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئادەمدە تەڭ بولۇشى ناتايىن، بۇ خىل ئەھۋالدا تىل تەتقىقاتچىلىرى بىلەن كومپيۇتېر تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلاشقاندىلا بىر بىرىنى تولۇقلاپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلەيدۇ.
بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن بولىۋاتىدۇ. تەتقىقات ئۈچۈن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈنلا تەتقىقات قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بىر قىسىم چوڭ-چوڭ تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى تېما تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ ئەمەلىي ئىشلىتىلمەي مەخپىي ساقلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. دۆلەت مەبلەغ ئاجراتقان بۇ تەتقىقاتلار نېمە ئۈچۈن ئومۇمنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنمايدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
(3)        ساپ تىل تەتقىقاتىدا قوللىنىش يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.
ھازىرغىچە كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقات دېيىلگەندە ئاساسلىقى كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەبىئىي تىل بىر تەرەپ قىلىش (自然语言处理)قا ئائىت تەتقىقاتى كۆپرەك نەزەردە تۇتۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ساپ تىل تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تىل ساھەسىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى قىلىش ۋە بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن تىل تەتقىقاتچىلىرى بۇ ساھەگە نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى، يېڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىشى ھەم بىر تۈركۈم كومپيۇتېرغا پىششىق بولغان تىل تەتقىقاتچىلىرى يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.
(4)         تەتقىقاتقا سېلىنغان مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەس.
سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئامىل شۇكى، ھازىر ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىغا كېتەرلىك مەبلەغ كەمچىل. بۇمۇ تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامال قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ، مۇمكىن بولسا شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە تەتقىقات تارماقلىرىمۇ كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
3)        بۇندىن كېيىن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر
(1)        ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپيۇتېرغا ماسلاشقان بەزى ئىملا قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىش، توغرا ئىملانى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
يېقىندىكى بىر تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نەشر ماتېرىياللىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى مەۋجۇت ئىكەن. مەسىلەن، خېلى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرنالدىن ئېلىنغان 200 مىڭ سۆزلۈك تېكىستنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئىملاسىدا مەسىلە بار سۆز 1.5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ كىچىك ساندەك كۆرۈلسىمۇ 200مىڭ سۆزگە نىسبەتەن 3 مىڭ سۆزدە ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆرۈلىشى ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. گەرچە بۇ ئىملا خاتالىقلىرى ئوقۇرمەنلەرگە سىزىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن كومپيۇتېر بىر ماشىنا بولغاچقا بىر سۆزدە بىرەر ھەرپ خاتا ياكى ئارتۇق-كەم بولسا ئۇنى توغرا تونىيالمايدۇ.
بۇ ئىملا خاتالىقلىرىدىن سىرت، كومپيۇتېردىكى تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىدا بەزى قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت. يېزىقتىكى ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا ئېنىق قائىدىلەر تۈزۈلگەن، گەپ شۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتا. لېكىن كومپيۇتېردىكى ئىملاغا نىسبەتەن بەزى قائىدىلەرنى بېكىتىش زۆرۈر. مەسىلەن، سۆزلەرنى ئايرىشتا قوللىنىلىدىغان بوشلۇق بەلگىسىنىڭ قوللىنىلىشى بەكلا قالايمىقان بولىۋاتىدۇ، خەتلەر بېسىپ چىقىرىلغاندا بوشلۇق گەرچە مۇھىم بولمىسىمۇ، كومپيۇتېردا سۆزلەرنى پارچىلاش، سۆزلەرنى تەھلىل قىلىش جەھەتلەردە ئۇنىڭ رولى بەك چوڭ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە پەش (،)، چېكىت (.)، ئۈندەش (!)، سوراق (؟)، چېكىتلىك پەش (؛) ۋە قوش چېكىت ( : ) بەلگىسىنىڭ ئالدىغا ئەمەس، كەينىگە بىر بوشلۇق بەلگىسى قويۇلىشى؛ ئىككى تىنىش بەلگىسى بىللە كەلسە بىرلا بوشلۇق بەلگىسى قويۇلۇشى كېرەك؛ ھەر خىل تىرناقلارنىڭ تېشىغا بوشلۇق بەلگىسى قويۇلىشى كېرەك. ئۇندىن سىرت سىزىقچە (-) بىلەن سىزىق (_) پەرقلەندۈرۈلىشى؛ ئۇيغۇر تىلىدا بولمىغان "”‘’、 قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى ئىشلىتىلمەسلىكى، مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كومپيۇتېردىكى ئىملا توغرىسىدا ئىنچىكىرەك بەزى قائىدىلەرنى بېكىتىشى كېرەك. چۈنكى بۇ جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تىلىمىزنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ.
(2)        ئۆلچەملىك كوررېكتورلۇق قوراللىرىنى ياساپ چىقىش كېرەك.
توغرا ئىملانىڭ ئومۇملاشماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۆلچەملىك كوررېكتورلۇق قوراللىرىنىڭ بولماسلىقىدا. بەزى ئىملا خاتالىقلىرىنى بايقاش خېلىلا قىيىن، ئەگەر توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتاللىرى ياسالسا كوررېكتورلۇق خىزمىتى تېزلەشكەن ھەم سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولغان بولاتتى. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ خەت كىرگۈزۈش داۋامىدا كوررېكتورلۇق قورالىنىڭ ياردىمىدە ئىملادىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىۋالغان بولاتتى.
(3)        ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكا ئۇچۇر ئامبىرى (لۇغىتى) قۇرۇش كېرەك.
خەنزۇ تىلىدا ئاللىقاچان “现代汉语语法信息词典” تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلدى. «تىلنىڭ گرامماتىكا ئۇچۇرلىرى لۇغىتى» تىل تەتقىقاتى ۋە تىل ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇنداق لۇغەتتە تىلدىكى ھەر بىر سۆزگە قەدەر ئۇنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن تەپسىلىي بېرىلىدۇ. بۇنداق چوڭ لۇغەت نۇرغۇن تەتقىقاتچىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىنىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەگەر بۇ لۇغەت ياساپ چىقىلسا كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى تەتقىقاتى ۋە باشقا تەتقىقاتلار زور دەرىجىدە ئالغا باسىدۇ.
(4)        ئۇيغۇر تىلنىڭ سۆز چاستوتىسى تەتقىقاتىنى قىلىش كېرەك.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر ئىشلىتىلىش چاستوتىسىغا ئاساسەن دەرىجىگە تۇرغۇزۇلمىدى. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى باشقا تىللاردىن نەچچە يىل كېيىن قالدى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە تېخى كەڭ كۆلەمدىكى سۆز چاستوتىسىنى ستاتىستىكىلاش خىزمىتى ئىشلەنمىدى ياكى ئىشلەنسىمۇ نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى.
سۆز چاستوتىسىنى ستاتىستىكىلاشتا ھەر خىل ژانىر، ھەر خىل تېمىدىكى ۋەكىللىككە ئىگە بولغان تىل ماتېرىياللىرىدىن كۆپ مىقداردا توپلاپ كومپيۇتېر ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە تارقىلىش چاستوتىسىنى ستاتىستىكا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار ئاللىقاچان باشلاندى، يېقىن كەلگۈسىدە نەتىجە چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىزمەت تاماملانسا، تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

پايدىلانمىلار:
ۋېڭ فۇلياڭ، ۋاڭ يېيى قاتارلىقلار تۈزگەن: «كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى توغرىسىدا بايان»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى، 1998
فېڭ جىۋېي: «كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقىدىن ئاساس»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 2001
ليۇ يىڭ: «كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى»، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2002
خۇاڭ چاڭنېڭ، لى جۈەنزى قاتارلىقلار: «تىل ماتېرىيال ئامبىرى تىلشۇناسلىقى»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 2002

مەنبە: نۇرقۇت تورى

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 15:44:23

ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىق ماتېرىياللىرى تورى: www.uycl.net

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 15:55:09

يېقىندا، كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگىراممىسى بېيجىڭدىكى لىتىپ توختى ئاكىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ ئاكىمىز 现代维吾尔语参考语法 دىگەن گەپنى تىلغا ئالدى ،
گىرامماتىكا جەھەتتە ، بۇ ئىلىم تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر ساھەسىدە  ئۆز -ئارا تەرجىمە قىلىش  تېخنىكىسىغا تۆھپىسى زور بولسا كىرەك :


http://bbs.alkuyi.com/thread-46517-1-1.html

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 16:00:07


    ماتېماتىكا تىلشۇناسلىق _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى .
        19- ئەسىردە كىشىلەر : تىلشۇناسلىق پەقەت تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا پەن ساھالىرى ئوتتۇرسىدا ، جۇملىدىن ماتېماتىكا بىلەن ھىچقانداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق - دەپ قاراپ كەلگنىدى . « تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارلىقى قارىماققا شۇنچە يىراق ، ئۇلار گويا ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنىڭ بىر - بىرىگە نىسپىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇبىنى ھاسىل قىلغاندەك تۇرىدۇ » ، ئەمەلىيەتتىمۇ ، « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى چەك - چېگرىسى شۇنداق ئىنىق ئايرىلىپ كەتكەنكى ، تەبىئى پەن ، سانائەت پەنلىرى ئوقۇيدىغانلار تىل - يېزىق جەھەتتە ئانچە كۇچ سەرىپ قىلمايتتى ؛ ئىجتىمائى پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىغا قاراپمۇ قويمايتتى . مەدەنىيەت تارىخىنى ئاقتۇردىغان بولساق ، ھەم ماتېماتىك ھەم تىلشۇناس بولغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ ئىككى پەننى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ بىر يېڭى ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇستىدە باش قاتۇرغانلار بولسا تىخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ » . 20   - ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەەىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئۆستى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلمۇ ھاياتلىق ئىلمى ، ئىنتۇگراپىيە پەنلىرى ساھەلىرىگە بارا- بار ا سىڭىپ كىردى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئالدى بىلەن بىئولۇگىيەگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناشلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئارقا - ئارقىدىن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى . « ماتىماتىكا ھازىرقى زامان ئىلىم - پىنىنىڭ تىلى » بولۇپ قالدى . شۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكلارنىڭ دېققەت نەزىرى بارغانسىرى تىل ھادىسلىرىگە چۇشۇشكە باشلىدى . ئالايلۇق ، روسسىيىلىك بۇيۇك ماتېماتىك ماركوۋ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، پوشكىننىڭ « ئېۋگىنى ئۇنىگىن » داستانىنىدىكى روسچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىبىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، ماركوۋچە تاسادىبىي جەريان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا كەلگەندە ، تىلشۇناسلارمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقى يۇسۇندا تونۇشقا باشلىدى . شىۋېتسىيىلىك ئاتاقلىق تىلشۇناس سوشۇر تىلنى بىر خىل مۇكەممەل بەلگىلەر سىستېمىسى - دەپ قاراپ ، « تۇپ ئالاھىدىلىكتىن ئېيىتقاندا ، تىلدىكى سانلىق مىقدار بىلەن سانلىق مىقدار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى ماتېماتىكىلىق شەكىل بىلەن قائىدىلىك تۇردە تەسۋېرلەشكە بولىدۇ » غانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . تىلشۇناس چومىسكىي ئوتتۇرغا قويغان تىلنىڭ سېنتىتىك مودېلى ماتېماتىكىدىكى ماس چۇشەنچىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە « تىل __ تىلنىڭ سېنتېىك مودېلىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە تەرتىپلەنگەن توپلىمىدىن ئىبارەت » ئىكەن . چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ » دەپ ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بايان قىلسا ، ئامىركىلىق ئالىم بىلۇمفېلىد : « ماتېماتىكا تىل ئىرىشكەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدۇر ، خالاس » دەپ - جاكارلىدى . كونتۇرۇل ئىلمىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم ۋيېنىېر : « تىلشۇناسلىق ھازىرقى زامان ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى » دەپ كۆرسەتتى . ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شېننان تىل - يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سىناق تەجىربە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس بايان قىلدى . بۇ بايانلار ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ھۈلىنى قۇردى . تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ بىرلىشىشى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەرلىكى بولۇپ قالدى . يەنە بىر جەھەتتىن ، كومپېيوتىر ئىلمى تېز تەرەققىي قىلىپ كوردلاشقان تېز ھېسابلاش نى ئەمەلگە ئاشۇردى ، سانلىق قىممەت بولمىغان بەلگىلەرنى يەنى تەبىئى تىلنى بىر ياقلىق قىلالايدىغان بولدى . ئالىملار كومپېيوتىردا « سۇنئى ئەقىل » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ماشىنا تەرجىمان » لارنى لايىھىلەپ چىقتى . شۇ ئارقىلىق ئوىشاش بولمىغان تىللار ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇئىتىنى تېزلەشتۇردى . بارا - بارا « ئادەم - ماشىنا سۆزلىشىشى » نى ئەمەلگە ئاشۇردى .بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر يېڭى پەن تارمىقى « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى » نى بارلىققا كەلتۇردى .
            ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەسلى نىشانى _ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ، فورمىلالاشتۇرۇپ تەسۋېرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات مەزمۇنى مۇنداق ئۇچ نوقتىغا يىغىنچاقلانغان .(1) ئىستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، ھەر خىل تىل بىرلىكلىرىنىڭ تىلدىكى كۆرۇلۇش تەكرارلىقىنى ياكى ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش . (2) ماتېماتىكىلىق لوگىكا قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، كومپېيوتىر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سېستىمىسىنىڭ « شىفېرلىق تىل » ۋە « ۋاستە تىل » ئىنى لايىھەلەش ھەمدە مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېنىقلاشنىڭ سىېفىر سېستىمىسىنى تۇزۇش . (3) ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەبىئى تىلنى مۇۋاپىق تىل مودېللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى نازۇك فورلىلالاشقان سېستىمىغا ئايلاندۇرۇش .   ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى مۇشۇ ئۇچ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ، قىسقىغىنە 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.
___________________________________________________________

بۇ ماقالە شىنجاڭ پېدا گوگىكا ئۇنۋېرسىتتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1999- يىلى 1- سانىغا بىسىلغان « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا » دېگەن ئىلمىي ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 18:50:19

ماتىماتىكا توغرۇلۇق جىقراق بىر نەرسە بىلىۋالاي دېسەم http://matimatik.blogbus.com/بۇ بلوگىڭىزنىڭ
خەت نۇسخىسى پەقەت ئوبدان ئەمەس،ياكى بۇ تور كۆرگۈچتىكى مەسلىمۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 18:53:42

بولسا ماتىماتىكا توغرۇلۇق تىمىلىرىڭىزنى مۇنبەرگە كۆپرەك يوللىسىڭىز؟
ھازىر ماتىماتىكا قانچە تارماققا بۆلىنىدۇ؟ئەڭ تەس تارمىقى قايسى؟ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ياكى باشقا ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  ئۆزى تۈزگەن ،بايقىغان فورمۇلالىرى بارمۇ؟
مۇشۇ فورمۇلا قانداق تۈزۈلىدۇ؟دېمەكچى بىر فورمۇلانىڭ ئىجاد قىلىنىىش يولى قانداق؟
ماتىماتىكا ئەپەندى سىزنىڭمۇ ئۆىڭىز بايقىغان ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغان يېڭى فورمۇلا ،كۆزقاراشلىرڭىز
بولسا ئاڭلاپ باقساق؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 18:55:04

ماتىماتىكا پېنىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ۋە زىرىكىشلىك نوقتىسى نېمە؟
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكا ئېمتىھانىدا قانداق ئۆزگىچە مەزمۇنلار بار؟
قىيىنلق دەرىجىسى قانداق بوپتۇ؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 19:05:07

تىما ئىگىسىگە رەھمەت. ماقالە دېگەننى بۆلۈپ يوللانسا ياخشى دەپ قارىدىم. ئوقۇپ بولغۇچە باشتىكى مەزمۇنى ئۇنتۇلۇپ قېلىنىدىكەن.
بۇ مۇھاكىمە تىمىسىمۇ ياكى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنامدۇ ؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 08:58:51

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 15:44 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر كومپيۇتېر تىلشۇناسلىق ماتېرىياللىرى تورى: www.uycl ...


مەن بۇ توربەتنى كۆرمەپتىكەنمەن، سىز قالدۇرغان ئادېرىستىن بەك خۇرسەن بولدۇم !

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:02:26

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 18:50 static/image/common/back.gif
ماتىماتىكا توغرۇلۇق جىقراق بىر نەرسە بىلىۋالاي دېسەم h ...

ئوڭ تەرەپ ئۇستىدىكى خەت سىلىقلىغۇچنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىڭ.
ئاساسەن ياخشى ئوقۇغىلى بولىدۇ.
توربەتتە ئەسلىدىنلا ئازراق مەسىلە بار، بلوگنى يېڭىلاۋاتقان ئىدىم.كېيىنچە ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 09:08:27

Destur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 19:05 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسىگە رەھمەت. ماقالە دېگەننى بۆلۈپ يوللانسا يا ...

بۇ كوپپېيوتىر تىلشۇناسلىقىنىڭ تەرققىيات ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش ھالىتىنى تونۇشتۇرۇش ماقالىسىكەن.
بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر بىزدە راستىنلا يوق دېيەرلىك، يىقىندىن بۇيان ئالىم ئەھەت باشچىلىقىدىكى بىر تۇركۇم سەرخىللىرىمىز دەل مۇشۇ پەن ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ تېما بۇرۇن تەييارلانغان بولغاچقا ئاپتۇر ئۆزى ئىيىتقاندەك ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر تىلغا ئىلىنماي قالغان جايلارمۇ بارىكەن .
بەت: [1]
: كومپيۇتېر تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى