bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 10:52:16

قېرىندىشىمىز ئىمىن ئىبراھىم نىڭ مۇراجەتنامىسى

بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تۇنۇشلىرى ماڭا ئالاھىدە تېلفون قىلىپ ، مېنىڭ ئۇلارغا ۋاكالەتەن بۇ مۇراجەتنامىنى تورغا يوللاپ بېرىشىمنى ئۈتۈندى

مۇراجەتنامە
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار:
   مەنكى ئىمىن.ئىبراھىم ئۇيغۇر، 65ياش. سانجى ئوبلاستلىق جىمسار ناھىيە لوتەي يېزا ياڭبا كەنىتىدىن.بىزنىڭ ئائىلىدە ئۈچ جان بولۇپ مەن، ئايالىم ۋە ئوغلۇم . ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئۇزۇندىن بۇيان يۇقۇرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىۋاتىمىز.پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يىگىرمە مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمىز. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئوغلىمىز ئەلىجان.ئىمىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ئارزۇسىدىن قەتئىي بوشاشماي تىرىشىپ ئوقۇش نەتىجىسىدە 2008-يىل 9-ئايدا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىغا ئۆتتى.ئوغىلىمىز يەتتە ياش مەزگىلىدە بىر قېتىملىق تاسادىپىلىقتا ئومۇرتقا زەخمىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. بۇ يىل 5-ئايدا بۇ كونا كېسىلى قايتا قوزغۇلۇپ بېيجىڭ ئونۋېرستىتىنىڭ 4-تارماق دوختۇخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە «سۆڭەككە قان يېتىشمەسلىكتىن سېسىش ۋە ئىككى پۇتى تەڭ بولماسلىق» كېسىلى دەپ دياگىنوز قويغان. بىرىنچى قېتىملىق ئوپىراتسىيىگە 80مىڭ يۇەن خىراجەت قىلدۇق. بۇپەقەت ئوغىلىمىزنىڭ ئاغىرىق ئازابىنى ئازراق پەسەيتكەن بولسىمۇ لېكىن مۇتەخەسىسلەر ئوغىلىمىزغا سۈنئىي بوغۇم ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.سۈنئىي بوغۇم ئوپىراتسىيىسى ئۈچۈن 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت كېتىدىكەن. بۇسۆزنى ئاڭلاپ، ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ بېشىمىزنىڭ ئىچى-تېشى قاتتى.بىزدەك بىر تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېتىۋاتقان ئائىلىنىڭ نەدىمۇ ئۇنچىلىك ئىقتىسادى بولسۇن. تېخى يېقىندىلا 80مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ بىرىنچى قېتىملىق ئوپىراتسىيىنى تۈگەتسەك......
ئوغلىمىزنىڭ ئەمدىلا جەمىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇدىغان پەيتى كەلگەندە بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ھەممىمىزنى غەمگە سالدى. ئوغىلىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن جەمىيىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ قويىشىنى ئۆتۈنىمەن.
ئوغلۇمنىڭ تېلىفون نومۇرى(بېيجىڭنىڭ):13716045733
يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتىسى نومۇرى:
爱木拉·马木提
9559983010518616319



ئەگەر پۇل تۆلەش گۇھىرىدە پۇل ئەۋەتىشنى خالايدىغانلار بولسا adembol@163.com غا ئەۋەتسە مەن بىمارنىڭ كارتىسىغا يۈتكەپ بېرەي.

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:17:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyuncu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 13:18  

=================== تەھرىرلەندى

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:48:49

ئىسىت.... بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرەتتىكەنتۇق دە.

مەكتەپ بىر نەرسە دېمىدۇ؟ ئادەتتە مەكتەپ قاتناشتۇرغان سۇغۇرتا بىلەنمۇ خېلى بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولاتتى.

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 23:52:40

‏بىمارنىڭ ئىسمى بىلەن بانكا كارتىسىنىڭ ئىسمى ئوخشىمايدىغۇ؟خاتا ئەمەستۇ؟
بەت: [1]
: قېرىندىشىمىز ئىمىن ئىبراھىم نىڭ مۇراجەتنامىسى