waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 21:42:10

ئابدۇسالام شىنجاڭ كوماندىسىنى چىمپىيۇنلۇق سەھنىسىگە باشلىدى



  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 8-ئىيۇن خەۋىرى؛ 6- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە  جياڭسۇ لىشۈيدە 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ  ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.  ئۈرۈمچى ۋاختى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلىپ بىرىلغان چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە،  شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يادىرۇلۇق ئەزاسى جۇچى دۆلەت كوماندىسىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سەۋەبىدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىتنىڭ پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 20 نۇمۇر ئىلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدىكى ھالقىلىق توپنى چۈشۈرىشى بىلەن  ئاخىرى 74-72 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇست ياشلار ۋاسكىتبول كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تارىختا تۈنجى قىتىم ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قۇلغا كەلتۇردى.  بۇ شىنجاڭ ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۈنجى چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىشى ھىساپلىنىدۇ.   شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدىسالام ئابدىرىشىت بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ MVP لىق شەرىپىگە ئىرىشتى.
شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسى بۇ يىللىق مەملىكەتلىك كۇلۇپلار ياشلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، 6 مەيدان غەلبە قىلىش 1 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تىيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئابدۇسالامنىڭ ئەڭ ئاخرىقى ھالقىلىق توپنى چۈشۈرۈشىگە تايىنىپ 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  بۇ ياش ئەزمەتلەر ئۇزۇنغا قالماي cba سەھنىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ.  
  
ئابدىسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php  

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 23:06:31

نەتىجىلېرىگە  كۆز تەگمىگەي  ،    ئاللا خالىسە  يەنە  بىر ۋاسكىتبول چولپىنىمىز  يىتىشىپ چىققۇدەك ،  بىلىشىمچە   س  ب  ئا  دىكى  ماھىرلانىڭ  ياش  ئۆلچىمى  18  ياشتىن يۇقىرى   بولىدىغان ،  مۇشۇ  بويىچە  بولغاندا  بۇ  ئىنىمىز  بۇ  يىلقى  س ب ئا  مۇسابىقىسىگە  قاتنىشالامدۇ ؟

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 07:58:52

بۇ ئىنمىزنڭ تېخمۇ تىرشىپ س ب ا گە ئەمەس ن ب ا گە كىرشنى ئۈمۇد قىلمەن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:08:16

'ئابدۇسالام' نى 'ئابدۇسەمەت' دەپلا ئوقۇپتىمەن جۇمۇ {:101:} مۇنبەردىكى 'ئابدۇسەمەت' لەرنىڭ جىقلىغىدا {:92:}

كەسپى ھاياتىنى قەدىرلەپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. CBA دە ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئورنىدا ئەجنەبىيلەر كۆپرەكقۇ دەيمەن،رىقابەت قاتتىق.
بەت: [1]
: ئابدۇسالام شىنجاڭ كوماندىسىنى چىمپىيۇنلۇق سەھنىسىگە باشلىدى