OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 17:25:45

ئوغۇز:روھ ئىستاكانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 17:34  

روھ ئىستاكانى
(نەسىر)
جۇگوپىڭ
ئوغۇزتەرجىمىسى

        روھ ئىستاكانغا ئوخشايدۇ،ئەگەر سىزئۇنىڭغا ئەرشنىڭ ئابىھايات سۈيىنى قۇيسىڭىز،ئۇنداقتا سىز  بىر ئەۋلىيا؛ئەگەر سىز ئۇنىڭغا زېمىندىكى  ئەڭ ئېسىل مەينى قۇيسىڭىز،ئۇنداقتا سىز بىرشائىر؛ ئەگەر سىز ھەر ئىككىلىسىگە قىيىماي،ئۇلارنى ئىستاكانغا قۇيۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ئېسىل شاراپقا ئايلاندۇرسىڭىز ئۇنداقتا سىز بىر پەيلاسوپ.
           ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ رۇھ ئىستاكانىغائىگە بولۇپ، ئۇنىڭ سىغىمى ئېنىق بەلگىلەنگەن.ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ رۇھ ئىستاكانىنىڭ سىغىمىمۇ ئوخشىمايدۇ،گاھىدا پەرق بەكلا چوڭ بولىدۇ. ئىستاكانىنىڭ سىغىمى بەك چوڭ ئادەملەر ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، ئۇنداقلار بۆيۈك ئەۋلىيا،كاتتا شائىر،ئۇلۇغ پەيلاسوپلاردۇر، پەرۋەردىگار ئۇلارنى روھنىڭ يىتىپ بارىدىغان كامالەت مەنزىلىنى نامايەندقىلىش ئۈچۈن ياراتقان.
              بىراق،بىز ئۆزىمىزنىڭ روھ ئىستاكانىنىڭ سېغىمىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا نۇرمىدىن ئاشۇرۇپ بىر نەرسە قاچىلىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر ئادەمگە تەقسىم قىلىنغان سىغىمنى  پەقەت شۇ ئادەم ئۆمۈرۋايەت بەدەل تۆلىگەندىلائاندىن تولدۇرالايدۇ.ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى ئىستاكانغا ئىنتايىن ئاز مىقداردا سۇياكى مەي قاچىلانغان بولىدۇ،يەنە نۇرغۇن ئىستاكان  تاكى ئاخىرغىچە قۇرۇق پېتى تۇرىدۇ.

مەنبە:خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر »ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىلى 22-سانى

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:12:49

ي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oygak2005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 18:17  

مەي ئىچسە شائىر بولدىكەن دە !
بەت: [1]
: ئوغۇز:روھ ئىستاكانى