uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 13:20:51

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 20:21:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 20:26  

ئەجەپ چىرايلىق يۇرتكەنا .
بىر قانچە سۇئال سورىسام بولامدۇ ؟
بىرىنچى سۇرئەتتىكى مەسچىدنىڭ تارىخى ئۇزۇنمىكەن ؟ ئىسمى چوڭ رەستە مەسچىتىمۇ؟
كەينىدىن سانىغاندا توتىنچى پارچە سۇرئەت مولجەر تاغ راۋىقى شۇمۇ؟
مولجەر تاغ راۋىقىنىڭ تارىخى ئەھمىيتى بارمىكەن ؟مەنزىرە قۇرلۇشى ئەمەستۇ ؟
ئاخىرقى ئىككى پارچە سۇرئەتىكى قۇرلۇش تاغنىڭ چوقىسىغا سىلىنغاندەك تۇرىدۇ چۇشەندۇرلىشى بارمىكەن ؟
مۇشۇ ئۇچتۇرپانغا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن، خەپ خۇدايىم بۇيرىسا بىر بىرىپ كەلمىسەم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 20:31:54

رەسىملەر ھەققىدە بىرەر ئېغىزدىن گەپ بولار بولغىيدى.
بۇنداق كۆرىدىغان ئىش بولسا، بەيدۇدىن ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولىدۇ بۇنداق رەسىملەرنى.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 20:42:34

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 15:21 static/image/common/back.gif
ئەجەپ چىرايلىق يۇرتكەنا .
بىر قانچە سۇئال سورىسام بولا ...

يۇرتۇمغا مۇناسىۋەتلىك سوئالكەن، جاۋاپ بېرەي. ئۇ مەسچىت رەستە مەسچىت جامەسى دەپ ئاتىلىدۇ، ناھىيمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت شۇ. ئاۋۇ تاغ تۆپىسىدىكى راۋاقلار بولسا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن سېلىنغان بولىشى مۇمكىن بولۇپ شۇ دەۋىردىكى ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ شىەھەرنى چارلاشتا ئىشلەتكەن راۋاقلىرىمىش.  ئاۋۇ كۆرۈنگەن تاغ مەشھۇر يەتتە قىز مانجۇ چىرىكلىرىگە قارشى تاش دومىلىتىپ قۇربان بولغان مۆلجەر تېغىدۇر. مۆلجەر تاغ باتۇر يەتتە قىزلىرىمنىڭ قېنى تۆكۈلگەن گىگانىت تاغدۇر. ئۇيغارى ئاكىمىز يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى تېخى يوللىماپتۇ، يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ھازىر بەك خاراپ بولۇپ قالدى، چۈنكى سەۋەبىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. يەتتە قىز روھى ئۇچتۇرپانلىقنى ئويغىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ بۇنى باشقىلار ياقتۇرمايدۇ. يەنە مەشھۇر سوۋۇتقۇ بۇلاق دەپ بىر يەر بولۇپ موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنىمۇ شۇيەردىن تاغ باغرىغا يۆتكىۋەتكەن، چۈنكى....مانا مۇشۇنداق، قىسقىسى ناھىيمىز نامرات بولغان بىلەن تالاي قانلىق تارىخقا ئىگە قەدىمى بىر يۇرتتۇر.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 20:47:25

يۇرتۇمغا بېرىپسىز خۇش بولدۇم ئۇيغارى ئاكا، كەمىنە ھازىر چەتئەلدە بولۇپ قالدىم بولمىسا ئىزدىنىشلىقتىن كىم يۇرتۇمغا كەلسە قولۇم كۆكسۈمدە پەگادا ھۆرمەتتىمەن. ئىزدىنىشلىق ئەزىزلەردىن قايسىڭلار بولساڭلار بېرىشتىن بۇرۇن ھايت دەۋەتسەڭلار مەن يۇرتتا بولساملا ئالدىڭلىغا چىقىمەن جۇمۇ!

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 20:49:24

موللا شاكىرنىڭ زەپەرنامە داستانى ئۇچتۇرپاندا يېزىلغانكەن، يەنە ئىبراھىم قۇرباننىڭ يەتتە قىزلىرىم ناملىق شېئىرى داستانى بار يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدا.

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 21:16:27

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 21:22:44

uyghari يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 21:39:30

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 22:18:08

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 22:21:52

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 22:25:04

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 22:40:11

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 20:42 static/image/common/back.gif
يۇرتۇمغا مۇناسىۋەتلىك سوئالكەن، جاۋاپ بېرەي. ئۇ مەسچ ...

موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى ھازىر سوۋۇتقۇدا ئەمەسما؟ مەن ئون يىل ئىلگىرى بارغاندا شۇ يەردىكەنتۇق. سوۋۇتقۇنىڭ سۈيى 7-ئايدىمۇ مۇزدەك سوغۇق تۇردىكەنتۇق.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 23:26:27

مۆلجەرنىڭ مەنىسى نىمە ؟ مۆلچەرمۇ يا

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 00:52:15

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 17:40 static/image/common/back.gif
موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى ھازىر سوۋۇتقۇدا ئەمەسما؟ مەن  ...

ياق ھازىر سوۋۇتقۇدا ئەمەس، سوۋۇتقۇنىڭ يېنىدىكى تاغنىڭ قاپتىلىغا يۆتكىۋېتىپتۇ ھۆكۈمەت، كىشىلەر بەك جىق كېلىپ كېتىپ شۇڭىمىكىن ئىشقىلىپ سەۋەبى چۈشىنىشلىك.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 01:00:00

توققۇز بۇلاقنى شۇ خەن خوجايىنلارغا سېتىۋېتىپ ئۇلار بۇزۇپ بۇلاقلارنى قۇرۇتۇپ بارغىدەك ھالىنى قويمىغاندا ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ۋىلايەتتىن تەكشۈرۈپ كېلىپ ناھىيگە تۆت مىليون جەرمانە قويۇپ ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ ئېلىپ قايتا رېمونىت قىلىپ بۇلاقلارنى كۆزىنى ئېچىپ يەنە توققۇز بۇلاق بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان ھالىتىگە ئەكىلىۋاتقانتى نەچچە يىل بۇرۇن. ئۇندىن كېيىن مەنمۇ كىرىپ باقمىدىم، ھازىر ياخشى بولۇپ كەتكەندۇ بەلكىم.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 09:10:56

ماڭىمۇ ئوننەچچە يىل بولدىمىكى ئۈچتۇرپانغا بارغان مەزگىلىم، تازا پىژغىرىم ئاپتاپتا مۆلجەر تاققا چىقىۋاپتىكەنمىز، چۈشتىن كىيىن كۈن ئولتۇراغا يېقىن سوۋۇتقۇ دىگەن يەرگە بارغانتۇق، تاغ ئۈستىدە چارچىغان-قاغجىغان دىللار ئۇ يەرنى كۆرۈپ بەك يايراپكەتكەنتى، كۈن ئوتتۇراغا يېقىن بارغاچقىمۇ ياكى ئۇ يەرنىڭ مەنزىرسى راسلا بىرخىل سىرلىق گۈزەلمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ مەن تۇنجى كۆرگەندە سوۋۇتقۇ نىڭ مەنزىرسى باشقىچە سىرلىق ھەم گۈزەل تۇيۇلغان، خۇددى رىۋايەتلەردىكى خىلۋەت ئورمانلاردەك. ھېلىقى سۇنىڭ تىگىدىكى تاشلارنى سانىۋالغىدەك دەرىجىدە سۈزۈك ھەم بىرخىل ........  ئىشقىلىپ شۇ زامانلاردا ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇنداق ئۇنتۇلغۇسىز.
ھازىر ئۇ يەرلەر يولداشلارنىڭ ئاياغ ئاستىللىرىدا نىم بولاپكەتتىكىن تاڭ، گۈمبەزلىك راۋاقلارنىڭ ئورنىغا شىپاڭلىق راۋاقلار چۈشمىگەندۇر .  تەسەۋۋۇر قىلغىممۇ يوق

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 01:27:47

ئەسلى ئىسمى ئۇچكەن. بۇرۇن دەرىجىسى چوڭ يەر بولسا كېرەك. ئاقسۇغا قارىغاندا ئۇچ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ تارىخىي كىتابلاردا. تارىخىي رەشىدىدە مەنسۇرخان زامانىدا تۇرپاندىن ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇچتۇرپان دەپ ئاتالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. جىگدە يېغىلىقىدە ئاھالە تامام قىرىپ تاشلىنىپ يەنە باشقا يۇرتلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈلگەن شۇنىڭدىن كېيىن دەرىجىسى تۆۋەنلەپتىكەن. بىراق شۇنداقتىمۇ ياقۇپبەگنىڭ زامانىدا يەنىلا ئالتەشەھەرنىڭ بىرسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 14:00:32

tarim يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 02:19 static/image/common/back.gif
ئۈستىدە يېزىپ قويغان ئىنكاسمنىڭ بىرسى چىقماپتۇ.
36 بە ...

«تارىخىي ھەمىدى» 656-بەت.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 16:31:21

مەن ئۇچتۇرپان دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خاتىرىلىگەن بەتنى كۆرسەتكەنتىم.
بەت: [1]
: ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى (1)