QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 18:17:50

ئاندروئىدتا ئېلان قوشۇلغان ئەپنى تېپىش ۋە توختىتىش

ئاندروئىدتا بەزى ئەپلەرنى قاچىلىغاندا تۇيۇقىسزلا يانفۇننىڭ ئۇقتۇرۇش ئاۋازى چىقىرىپ ئېلان يوللايدىغانلىقىنى بىلىمىز. چاتاق يېرى ئېلانغا قولىمىز تېگىپلا كەتسە توردىن قالايمىقان ھۆججەت چۈشۈپ ئېقىمنى خورىتىدۇ. ياكى يەنە بىر ناچارئەپنى قاچىلاپ قويىدۇ.

ئادەتتە يانفۇنغا نۇرغۇن ئەپلەر قاچىلانغان بولغاچقا ئېلان قايسى ئەپتىن ئېچلغانلىقىنى بىلىش كېرەك.

بۇنىڭمۇ ئامالى بار. (يانفۇنىڭىزنىڭ سېستىمىسى 4.1.2ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.)

ئالدى بىلەن ئېلاننىڭ ئۈستىگە قولىمزىنى بېسىپ قويۇۋەتمەي تۇرساق ئەپ ئۇچۇرى دىگەن خەت چىقىدۇ.





ئەپ ئۇچۇرىنى باسساق يانفۇنغا قاچىلىغان ئەپلەر تىزىملىكىدىن ئاشۇ ئەپنى تېپىپ بېرىدۇ. ئاستىدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىش دىگەن توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسەك سېستىما مۇشۇ ئەپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇقتۇرۇشنى توختىتىدۇ.





ئەسكەرتىش: بۇنىڭلىق بىلەن شۇ ئەپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇقتۇرۇش توختىغاچقا ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ۋېيشىن دىگەندەك ئەپلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى توختاتساق شۇ ئەپتىن ئۇچۇر كەلمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ.

Sewr99 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 19:06:00

ھىمم بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى بىلىم ئىكەن .
تولا تېلفۇنۇمدا مۇشۇنداق ئاقماس ئېلانلار چىقىۋالىتى . تاكى ئۇ ئېلاننى ئاچمىغۇچە يوقاپ كەتمەي ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ .....
ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن {:112:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 20:24:55

مىنىڭكى 4.0.4 سونىينىڭ Lt18i  بۇنىڭ 2.3 تى ھازىر 4.0.4 كە كۈتۈردۈم ،سىز دىگەن بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بۇلامۇ

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 20:38:52

4.04 تە بۇ ئىقتىدار يوققۇ دەيمەن. 4.1.2گە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سېستىمىغا كۆتۈرۈڭ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 23:26:09

LBE安全大师 نى ئىشلىتىڭلار بەك ياخشى ، ئىلان تازىلاش ، تورغا چەك قويۇش ، روتلىماي تۇرۇپمۇ روتنىڭ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش …… سىخىمىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس ، بولسا مۇشۇنى بىر تەرجىمە قىلىپ تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپكە تەمىنلەپ ئۇيغۇرچە قاتقۇزساق بولاتتى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 07:05:28

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 23:26 static/image/common/back.gif
LBE安全大师 نى ئىشلىتىڭلار بەك ياخشى ، ئىلان تازىلاش ، تورغا ...

ماۋۇ LBE دىگىنى راسلا بولىدىغان ئوقەت، 360   ئاۋۇ تىڭشۇننىڭ چوماقچىللىردەك ئىغىرلاشتۇرۇپ قويمايدۇ تېلفۇننى..

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:20:02

LBE安全大师نى چۈشۈرگەن ئىدىم،ھەقىقەتەن ياخشىدەك قىلىدۇ،بىراق روت ھۇقۇقى ئالغىلى بولمايۋاتىدۇ.:funk:
:funk:

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:28:55

三星galaxy s5غا روت ھۇقۇقى ئېلىشنىڭ خەتىرى بارمۇ ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 10:13:04

JERIKO يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 09:28 static/image/common/back.gif
三星galaxy s5غا روت ھۇقۇقى ئېلىشنىڭ خەتىرى بارمۇ ؟

ھەر قانداق تېلفۇنغا روت ھوقوقى ئېلىشنىڭ خەتىرى بار. بۇ دىگەنلىك ئىشىك دېرىزلەرنى ئېچىپ قويۇش بىلەن ئوخشاش.
بەت: [1]
: ئاندروئىدتا ئېلان قوشۇلغان ئەپنى تېپىش ۋە توختىتىش