calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 16:35:52

كۆزنەك 8 سىستىمىسىنى سىتىۋىلىشتىن ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار،
  شۇنداق قىلىپ مىكروسوفت شىركىتى windows XPنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتكەندىن بىرى كومپىيوتۇرۇم كالا ھارۋىسىغا،مۇنداقچە ئىيتقاندا 360 دىگەندەكلەرنىڭ خىيالىغا كەلگەنچە پىتىقداپ،ئىغىناقلايدىغان ئىغىلىغا،قوتۇنىغا ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن بەشبەتەر بىنىمىلەرگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتۇ. شۇڭا قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ۋىندوۋس 8 سىستىمىسىنى قاچىلىۋىتەي دەپ تاوباۋدىكى پىت بازارلىرىنى ئارىلاپ باقتىم. باھاسى خىلخ مۇۋاپىق تۇرىدۇ(12-150ئەتراپىدا).لىكىن ئالدىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ تۇرىمەن  شۇڭا ئىزدنىشتىكى دوستلارغا مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپتىمەن.ھەقىقى ەشىردىكى ۋىندوۋس 8سىستىمىسىنى سىتىۋىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ تورداشلار بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلا. بولسا تاۋباۋدىن سىتىۋىلىپ باققانلار بولسا ئادىرىسلىرىنى تەمىنلىۋەتكەن بولساڭلار.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 16:53:41

http://item.shop.edu.cn/item?id=411 ما توردىن ئېلىڭ، ئامال قىلىپ، قۇيۇلۇپ كەتمەيسىز، باھاسىمۇ مۇۋپىق. يەنە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بېكەت ئىدى.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 16:58:38

360.QQ ئەزەلدىن كالىدەك كومپيۇتېرنى پىتىقلاپ تۇردىغان تۇرسا. شۇڭا مەنمۇ ئامال يوق QQ نى ئىشىلتىۋاتىمەن. لېكىن سىسېتما كۆنەك 8 نىڭ نەشىرى.

Harunbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 17:09:19

لازىم بولسا مەن سىزگە بىرنى سېتىپ بېرەي ، بۇ مەن كۆزنەك 8 ئېلان قىلىنغان چاغدىلا سېتىۋالغىنىم ئىدى...

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 20:39:00

مەندىمۇ نەچچە تال بار سەككىزدىن، دەسلەپ چىققاندا ئېتىبار ساتقاندا ئېلىپ قويۇپتىكەنمەن 248 سومدىن نەچچىنى، بىرنىمۇ ئىشلەتمىدىم ، لازىملار بولسا مەن بەرسەممۇ بولىدۇ.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 21:03:06

QQبىلەن 360نى، ئالتۇتاغنى قاچىلىسڭىز Windows8ئەمەس Windows18 نى قاچىلىسڭىزمۇ بىكار. قەتئى نىيەتكە كېلىپ بۇ ئۈچ ئەخلەتتىن ۋاز كېچىڭ. ئاندىن Windows8.1نى ئىشلىتىڭ. Windows8دە خاتالىق جىق.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 10:25:24

ۋىن8 گە ماس كىلىدىغان ئىلغارراق كومپىيۇتىر ئىلىڭ.
بەت: [1]
: كۆزنەك 8 سىستىمىسىنى سىتىۋىلىشتىن ياردەم